ساقلاش توختامى

ئورنى Wikipedia
 19- باب ساقلاش توختامى
  365- ماددا ساقلاش توختامى ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچى تاپشۇرغان ساقلانمىنى ساقلاپ بېرىدىغان ھەمدە قايتۇرۇپ بېرىدىغان توختامدۇر.
  366- ماددا ساقلاتقۇچى ساقلىغۇچىغا پۈتۈشكىنى بويىچە ساقلاش ھەققى تۆلىشى كېرەك.
  ئالاقىدارلار ساقلاش ھەققىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 16- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ساقلاش ھەقسىز بولىدۇ.
  367- ماددا ساقلاش توختامى ساقلانما تاپشۇرۇلغان چاغدىن باشلاپ پۈتكەن بولىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  368- ماددا ساقلاتقۇچى ساقلانمىنى ساقلىغۇچىغا تاپشۇرغاندا، ساقلىغۇچى ساقلاش ئىسپاتى بېرىشى كېرەك، لېكىن ئايرىم سودىلىشىش ئادىتى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  369- ماددا ساقلىغۇچى ساقلانمىنى ئوبدان ساقلىشى لازىم.
  ئالاقىدارلار ساقلاپ بېرىدىغان ئورۇن ياكى ئۇسۇلنى پۈتۈشسە بولىدۇ. جىددىي ئەھۋالنى ياكى ساقلاتقۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش كۆزدە تۇتۇلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ساقلاش ئورنى ياكى ئۇسۇلىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
  370- ماددا ساقلاتقۇچى تاپشۇرغان ساقلانمىدا نۇقسان بولسا ياكى ساقلانمىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ئالاھىدە ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، ساقلاتقۇچى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ساقلىغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ساقلاتقۇچى ئۇقتۇرۇپ قويمىغانلىقتىن ساقلانما زىيانغا ئۇچرىسا، ساقلىغۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ ساقلىغۇچى شۇ سەۋەبتىن زىيان تارتسا، ساقلىغۇچى بىلگەن ياكى بلىشكە تېگىشلىك بولغان ھەمدە تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىلمىغانلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ساقلاتقۇچى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  371- ماددا ساقلىغۇچىنىڭ ساقلانمىنى ئۈچىنچى كىشىنىڭ ساقلىشىغا بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  ساقلىغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساقلانمىنى ئۈچىنچى كىشىنىڭ ساقلىشىغا بېرىپ زىيانغا ئۇچراتقانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋبكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  372- ماددا ساقلىغۇچىنىڭ ساقلانمىنى ئىشلىتىشىگە ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  373- ماددا ئۈچىنچى كىشى ساقلانمىدا ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلسا، ساقلانمىنى قانۇن بويىچە ئامان ساقلىغان ياكى ئىجرا قىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ساقلىغۇچى ساقلانمىنى ساقلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
  ئۈچىنچى كىشى ساقلىغۇچى ئۈستىدىن دەۋا قىلسا ياكى ساقلانمىنى تۇتۇپ قېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى لازىم.
  374- ماددا ساقلاش سۈرۈكىدە ساقلىغۇچىنىڭ ئوبدان ساقلىماسلىقى تۈپەيلىدىن ساقلانما بۇزۇلسا، يىتۈپ كەتسە، ساقلىغۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ساقلاش ھەقسىز بولۇپ، ساقلىغۇچى ئۆزىنىڭ زور سەۋەنلىكى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
  375- ماددا ساقلاتقۇچى پۇل، ئاكسىيە ياكى باشقا قىممەتلىك بۇيۇملارنى ساقلىتىشتا، ساقلىغۇچىغا ئېيتىپ قويۇشى، ئۇنى ساقلىغۇچى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى ياكى پېچەتلىشى كېرەك. ساقلاتقۇچى ئېيتىپ قويمىغان بولسا، بۇ نەرسە بۇزۇلغان ياكى يوقالغاندىن كېيىن، ساقلىغۇچى ئادەتتىكى نەرسە قاتارىدا تۆلەپ بەرسە بولىدۇ.
  376- ماددا ساقلاتقۇچى ساقلانمىنى خالىغان چاغدا ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.
  ئالاقىدارلار ساقلاش سۈرۈكىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ساقلىغۇچى ساقلاتقۇچىدىن ساقلانمىنى ئېلىپ كېتىشنى ھەر ۋاقىت تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ساقلاش سۈرۈكىنى پۈتۈشكەندە، ساقلىغۇچىنىڭ ئالاھىدە سەۋەبى بولمىسا، ساقلاتقۇچىدىن ساقلانمىنى مۇدەتتىن بۇرۇن ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
  377- ماددا ساقلاش سۈرۈكى توشسا ياكى ساقلاتقۇچى ساقلانمىنى مۇدەتتىن بۇرۇن ئالماقچى بولسا، ساقلىغۇچى ئەسلىي نەرسە ۋە ئۇنىڭ ھاسىلاتىنى ساقلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
  378- ماددا ساقلىغۇچىلاردىن پۇل ساقلاپ بەرگەنلىرى شۇ تۈر، شۇ ساندىكى پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. باشقا سەپلىمە ساقلاپ بەرگەنلىرى پۈتۈشكىنى بويىچە شۇ تۈر، شۇ سۈپەت، شۇ ساندىكى نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.
  379- ماددا ھەقلىق ساقلاش توختامىدا، ساقلاتقۇچى پۈتۈشكەن مۆھلەت بويىچە ساقلىغۇچىغا ساقلاش ھەققى تۆلىشى كېرەك.
  ئالاقىدارلار تۆلەش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ساقلانمىنى ئالغان چاغدىلا تۆلىشى كېرەك.
  380- ماددا ساقلاتقۇچى ساقلاش ھەققى ۋە باشقا خىراجەتلەرنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، ساقلىغۇچىدا ساقلانمىنى قالدۇرۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.