سال ھەيدەش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

سال ھەيدەش ئويۇنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن، چېنىقىشچانلىقى كۈچلۈك، كىشىلەرنى ئىرادىلىك، چەبدەس، تېتىك ۋە قورقماس قىلىپ تەربىيىلەيدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. سال چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ياغاچلارنى بىر - بىرىگە چېتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. كېمىچىلەر بىر - بىرىگە چېتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. كېمىچىلەر بۇ خىل ساللار بىلەن ياغاچ ۋە باشقا يۈكلەرنى توشۇيدۇ. سال كۆپىنچە دەريانىڭ ئېقىشىغا قاراپ ھەيدىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىلى دەرياسى، قارا شەھەر دەرياسى، ئالتاي دەرياسى قاتارلىق دەريالىرىدا ئازادلىقتىن بۇرۇن تا ھازىرغىچە ئۆمۈر بويى سال ھەيدەپ ئۆتكەنلەر كۆپ بولغان. سال ھەيدەش يۈكسەك ماھارەت، جاسارەت، چەبدەسلىك ۋە ئەقىل - پاراسەتنى ھەمدە كۆپ مەشىقنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق بولمىغاندا، ئاسانلا خەۋپ - خەتەرگە ئۇچرايدۇ. ھازىر بەزى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلەردە سال ھەيدەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلماقتا. بىزدە ئەسلىدە بار بولغان بۇ خىل ئەنئەنىۋى ماھارەتنى يوقىتىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شارائىتى بار جايلاردا سال ھەيدەشتە ئويۇن كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ئومۇملاشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى". Archived from the original on 2021-11-27. Retrieved 2021-08-08.