سانجى ئابىدە يىمەكلىك تەرەققىىيات چەكلىك شىركىتى

ئورنى Wikipedia

سانجى ئابىدە يىمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2015-يىلى سانجى شەھرى  يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات رايۇنى بىلەن شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخىنكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىش كىلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭ ئابىدە شىركىتى200مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىشى ئاساسىدا قۇرۇلغان، سانجى ئابىدە يىمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئومۇمىي كۆلۈمى 200مو،زاۋۇتتا جەمئي 100دىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىم ئىشلەيدۇ.  تۈز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش سېخ كۆلۈمى 12مىڭ 600كۇۋادىرات مېتىر . زاۋۇتقا ئاسيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردىكى كاربۇناتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىشلەش ئۈسكىنىللىرى سەپلىنىپ پۈتۈن ئاپتۇماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنيىسى، خام ئەشيا ساقلاش ئىسكىلاتى،   تەييار مەھسۇلات ساقلاش ئىسكىلاتى ، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى ، مەمەۇرىي خىزمەت بىناسى قاتارلىق مۇكەممەل بولغان يۈرۈشلەشكەن ئول- ئەسلىھەلەردىن تەكىب تاپقان زامانىۋىيلاشقان زاۋۇت.

سانجى ئابىدە يىمەكلىك تەرققىيات چەكلىك شىركىتى ئىككى ئىشلەپچىقىرىش لىنيەسى پىلانلانغان بولۇپ، بىرنچى قارارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنيىسى ئاساسلىقى ئابىدە شىركىتىنىڭ  پىلانى ئاساسلىقى كاربوناتلىق سودا سۈيى ۋە قىززىق قۇتىلىق ئىچىملىكلەر، ئىككىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش پىلانىدا بوتۇلكا ئېغىزى ۋە بوتۇلكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بولىدۇ. بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش 2016- يىل 12- ئاينىڭ 1- كۈنى پۈتتۈرۈلۈپ، ئەسلىھە قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش خىزمەتلىرى تاماملاندى. 2017-يىلى 1-ئايدا زاۋۇت پۈتۈنلەي ئىشقا كىرىشىپ ئابىدە سودا سۈيى ۋە كاربۇناتلىق ئىچىملىكلەرنى  ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.  شىركەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش تاماملاپ  ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن دىيارىمىز مىللىي كارخانىچىلىقتا كاربوناتلىق ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بولماسلىققا خاتىمە بېرىلىدى. سانجى ئابىدە يىمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئابىدە يىمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تەققىيات تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتىرلىك ئابىدە.

[1]