ساندۇقچىلىق

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
ساندۇق كۆرۈۋاتقان ئادەملەر

      ئۇيغۇر ھۈنەر – كەسىپلىرى ئىچىدە ساندۇقچىلىق، تارىخى ئۇزۇن، تۈرى كۆپ، سەنئىتى كۆركەم، بازىرى ئىتتىك كەسىپ. ئۇيغۇرلارنىڭ ساندۇقىنىڭ تۈرى خىلمۇ خىل بولىدۇ. مەسىلەن، خاپان ساندۇق، كات ساندۇق، ھەر خىل سىرلانغان سىرلىنىپ خىلمۇ خىل گۈل نۇسخىلار چۈشۈرۈلگەن ساندۇقلار ۋە تۈنىكە مىخلاپ بېزەلگەن پالاس ساندۇق (بۇ خىل ساندۇق رۇس ساندۇق، ئەشتەرخان ساندۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قاتارلىقلار. بۇ خىل ساندۇقلار ھەر قايسى ئائىلىلەردىن ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئالىدۇ.

     ئۇيغۇر ساندۇقلىرىنىڭ بىزەكلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبى ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ساندۇق مەخسۇس ساندۇقچىلار تەرىپىدىن ياسىلىدۇ. كاسىپلار ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى، يالغۇز ساندۇق ياسايدۇ. يەنە بىر خى0لى، ھەم ساندۇق ياسايدۇ، ھەم سىرلاپ گۈل نەقىش قىلىدۇ، ساندۇققا تۈنىكە مىخلايدۇ.

    ساندۇقنىڭ ماتېرىيالى تېرەك ۋە قارىغاي ياغىچى، يارا يېلىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. سايمانلىرى: چوڭ – كىچىك چوت (كەكە)، ھەرە، ئىسكىنە، رەندە، سىزىق تارتىش تانىسى، مېتر ۋە ئۈچ بۇلۇڭلۇق سانتىمېتردىن ئىبارەت.

    ياساش ئۇسۇلى: ياغاچنى تىلىپ تاختاي قىلىدۇ. ساندۇق ئۆلچىمى بويىچە كېسىپ تاختاينىڭ بىر تەرىپى سىلىقلىنىدۇ. ئاندىن ئىككى بېشىغا ئەركەك – چىشى ئويۇق ئاچىدۇ ۋە ھەر بىر تەرتەپنىڭ تاختايلىرىنى يارا يېلىم بىلەن چاپلاپ پۈتۈنلەشتۈرۈپ، ئەركەك – چىشى ئويۇقلىرىنى كىرىشتۈرۈپ يارا يېلىم بىلەن تۇتتۇرۇپ ساندۇق رامكىسىنى قۇراشتۇرىدۇ. ئاندىن ئاستىنى ياغاچ مىخ بىلەن مىخلاپ چەپچەك قويۇپ، ئاغزىنى گىرەچە بىلەن تۇتتۇرۇپ ئېچىلىپ – يېپىلىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىككى يانغا تۇتقا، ئالدىغا قاغىتۇمشۇق بېكىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سىرلاش، سىر ئۈستىدىن نەقىشلەش ياكى تۈنىكە مىخلاش ئىشىنى ئېلىپ بارىدۇ.

    ئۇيغۇر ساندۇقلىرى ئىچىدە تۈنىكە مىخلانغان ساندۇق ئالاھىدە كۆركەم بولىدۇ. ساندۇققا مىس تۈنىكە، ئاق، سېرىق، يېشىل دېگەندەك خىلمۇ خىل دەڭدىكى تۈنىكە قايچا بىلەن ئۆلچەملىك كېسىلىپ مىخلىنىدۇ.

    مىخلاش ئۇسۇلى: تۈنىكە ئۈچ مىللىمېترلىق قىلىپ تاسما تىلىنىدۇ. ئۇنى تۈزلەپ، بېلىق سىرتى قىلىپ، ساندۇققا چۈشۈرمەك بولغان نۇسخىلارغا كىرىشتۈرۈپ، تۈنىكىنى كاتەك مەنچىر، كاتەك، توقۇلما، كەكلىك قېشى، جۈپ كاتەك، يالاڭ كاتەك قىلىپ مىخلايدۇ. ئۇلارنىڭ چېۋەر قولىدىن خىلمۇ خىل كۆرۈنۈشلەر ھاسىل بولۇپ، ساندۇق يۈزىگە تاغ – دەريالار، قۇياش، ئاي – يۇلتۇز شەكىللىرى، گۈل – گىياھ، مېۋە – چېۋە، ھايۋانلار، ئۇچار قۇشلار شەكلى چۈشۈرۈلىدۇ.

     بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرىكى ئاتاقلىق ئۇستىلار ساندۇققا چەككەن ھەر بىر نۇسخىلار، ئاق، قىزىل، يېشىل ياقۇت، ئوغىلاردىن كۆز قويۇپ، نەقىشلەرگە جان كىرگۈزگەن. بۇ خىل بېزەلگەن ساندۇقلار ناھايىتى جۇلالىق بولۇپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.

    ساندۇق مىخلىغۇچى ئۇستىلار سەندەل، ياغاچ بولقا، تۈنىكە كېسىدىغان تۈز قايچا، جادۇ قايچا، سۈنبە، مىخ، ياپىلاق تۇمشۇقلۇق بولقىلارنى سايمان قىلىدۇ. ساندۇقنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە شەكلى بىر – بىرىگە ئوخشاشمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئاشلىق ساقلاش ۋە نان قويۇش ئۈچۈنمۇ ساندۇق ( كات ) ئىشلىتىدۇ. ئاشلىق كات لىرى ناھايىتى چوڭ ۋە كۆركەم ياسىلىپ، ئالدىغا قاپارتما شەكلىدە تىلىنغان ياغاچ بىلەن ھەر خىل كۈنگۈرىلىك نەقىشلەر چاپلىنىدۇ. بەزى چوڭ كاتلارغا بىرەر توننا ئاشلىق سىغىدۇ. كاتتا ساقلانغان ئاشلىق ئاسان بۇزۇلمايدۇ.