ساھىپجامال دۆلەت

ئورنى Wikipedia

ساھىپجامال دۆلەت، ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتى پىروفىسسورى، 70يىللارنىىڭ بېشىدا توغۇلغان، ھازىر 34-35 لەر ئەتراپىدا باردۇر. مەن خىزمەتكە چۇشكەن ۋاختىمدا ئۇ تېخى يېنىپ كەلمەپتىكەن. بىرەر يىللاردىن كىين كەلدىغۇ دەيمەن، كەلگەندىن كىيىنمۇ ئۇزاق تۇرماي يەنە ئۇ دۇلەت بۇ دۇلەتتە ئايلىنىپلا يۇردى، رەسمى بېسىپ ئىشلىگەن ۋاقىتلىرى 2003 -يىللارنىڭ ئاخىرىغۇ دەيمەن. ساھىپجامال مۇئەللىم توغرىلىق مەتبۇئاتلاردا خېلى جىق تۇنۇشتۇرۇشلار بۇلغان، . شىنجاڭ مەدىنىيتى ژۇرنىلىمۇ مەخسۇس تۇنۇشتۇرغان. شۇڭا مەن بۇ يەردە تەپسىلى توختالماي. توختىلىدىغىنىم، ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ تەتقىقات نەتىجىسنىڭ سەۋىيسىنىڭ يۇقۇرلىقى. ئىككىمىزنىڭ ئىشخانىسى قوشنا، كۇندە مانچە قېتىم ئۇچرىشىپ، پاراڭلىشىپ تۇرىمىز، لېكىن كەسپى جەھەتتە بەك بىر بىرىمىزنى بىلىشپ كەتمەيمىز. ئۇمۇ بىزنىڭ كەسپى جەھەتتە نىمە قىلىۋاتقىنىمىز نى بەك چۇشىنىپ كەتمەيدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭ تەتقىقاتىنى ئىنچىكە چۇشىنىپ كەتمەيمەن. بىلىشىمچە، ئۇنىڭ تەتقىقات يۇنۇلۇشى ئاساسەن، زەررىچىلەر فىزىكىسى، مەيدان نەزەريىسى دىگەنلەردىن ئىبارەت. ماددىلار زەررىچىدىن تۇزۇلىدۇ. ھازىر بىزگە مەلۇم بۇلغان ئاساسى زەررىچە 47 خىل، ئۇلاردىن بىرىككەنلىرىنى قوشقاندا 100 نەچچە خىلغا بارىدۇ. لېكىن نۇرغۇنلىغان زەررىچىلەر تەبئەتتىكى نورمال شارائىتتا مەۋجۇت بۇلالمايدۇ ياكى يەككە ھالەتتە ھاسىل بۇلمايدۇ. شۇڭلاشقا بىز زەررىچە تىزلىتىش ئۇسكۇنىسى ئارقىلىق ئىنتايىن يۇقىرى ئىنىرگىيە ھالىتىدە زەررىچىلەرنى سۇقۇشتۇرۇپ ئاندىن ئۇلارنى تەتقىق قىلالايمىز. شۇڭا بۇ يۇقىرى ئىنىرگىيە فىزىكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىنسانلار ھازىر بىلگەن زەررىچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلچەملىك مودىل دەيدىغان بىر ئۇسۇل بۇيىچە تەسۋىرلەيمىز. ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ تەتقىقاتى ئاساسەن مۇشۇ مودىل ئۈستىدە بۇلىدۇ. . بو توغرىلىق شۇنچىلىق توختىلاي. بىلىشىمچە ساھىپجامال مۇئەللىم مۇشۇنداق مۇھىم مۇدىللارنىڭ بىرىنى ھەل قىلغان ھەم شۇ ئاساستا مەلۇم زەررىچە مەۋجۇت ئىكەنلىگىگە ئالدىن ھۇكۇم قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى دۇنيادىكى مۇشۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ زور دىققىتىنى تارتقان، نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئالىملارنى ئۇز ئىچىگە ئالغان ئەرباپلار ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئۇزىنىڭ ماقالىسدا ئىشلەتكەن ياكى شۇ تۇغرىلىق توختالغان. دۇنيادا تەسىرى ئەڭ چوڭ بۇلغان فىزىكا ژۇرنىلىنىڭ بىرى ئامرىكىدا چىقىدىغان ”physics review letters“بۇلۇپ، ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ ماقالىلىرى شۇنىڭدا ئىلان قىلىنغان. بۇ ژورناللارنىڭ SCIتەسىر كۇرسەتكۇچى ئىندىكىسى 8. 6 دىن ئاشىدىغۇ دەيمەن. ھازىر جۇڭگۇدا SCIتەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىدىغان فىزىكىغا ئائىت ژورناللار 6-7 ئەتراپىدا، ئۇنىڭ ئىچىدە SCIتەسىر كۇرسەتكۇچى ئىندىكسى ئەڭ يۇقىرىسى 0. 69 ئەتراپىدا. مۇشۇ پەرىقتىنلا ھىس قىلسىڭىز بۇلىدۇ. ئۇنى شىنجاڭدا، جوڭگۇدا جىق ئادەم بىلمەيدۇ، چەت’ئەلدە كەسىپداشلىرى چوڭ بىلىدۇ. ئۇ ئىتالىيەدىكى ”ئابدۇسالام نەزىيرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئۇرنى“نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، ھەر يىلى شۇ يەرگە بىرىپ تەتقىقات ئېلىپ بىرىش ۋەزىپىسىمۇ بار تېخى. مەن بۇ قېتىم ئامرىكىغا كىلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن ساھپجامال مۇئەللىم ئىتالىيگە كىتىپ قالغان، بۇرۇن خوشلاشتىم، كىلىپ ئىككى ئايلار ئۇتكەندە ئاندىن كىيىن توردا ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ يېرىم يېلى ش ج ئۇ دا ئۇتسە، يېرىم يىلى ئىتالىيە، گىرمان، ياپۇنىيەدىكى نەزىرىيە تەتقىقات ئۇرۇنلىرى ۋە تەجرىبىخانىلاردا ئۇتىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى نەتىجىسى بىلەن دۇنيادىكى خېلى خېلى چوڭ تەتقىقات ئۇرۇنلىرى ۋە ئۇنۋىرسىتىتلاردا ئىشلىيەلەيدۇ، لېكىن ئۇ مىللىتىم ئۇچۇن دەپ ھىچنىمىگە قارىماي يېنىپ كەلدى. شۇنداق ئىسىمدە، ئۇنىڭ يىڭى ئىشخانىىسىنى رەتلەۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. قارىسام، شۇنداق جىق ئىنگىلىسچە كىتاپلارنى يەششكلەپ ئەكەپتۇ، بۇنى كىملەر كۇرەر دىسەم، ”ئۇنداق دىمەڭ، ئەمدى مەن ئۇقۇغۇچى تەربىيلەيمەن، دەرىس ئۇتىمەن، ئۇقۇغۇچىلىرىم كۇرىدۇ“ دەيدۇ. ئۇقۇغۇچىلىرىم كۇرسۇن دەپ شۇنچە جق ماتىرىياللارنى ئاتايىن ھەممىسىنى گىرمانىيەدىن ئېلىپ كەپتۇ. كىتاپ دىگەن شۇنداق ئېغىر بىر نىمە، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ چەتئەلنىڭ كىتاپلىرى كىسەكتەك توم ھەم چوڭ بۇلىدىكەن. ئاشۇ كىتاپلارنى بىر نىمە قىلىپ گىرمانىيەدىن ئۇرۇمچىگە ئەكىلىپ بۇلماقنىڭ ئۇزى بىر مۇشكۇل ئىش. ئۇرۇمچى ئايريۇدۇرۇمىدا يۇك تاقىڭىز 20كىلۇدىن بىر كىلو ئىشىپ كەتسە كىلوسىغا 34 كوي تۆلەيدىكەنسىز. سىز ھىساپلاپ بېقىڭ، ساھىپجامال مۇئەللىم شۇ كىتاپلارنى گېرمانىيەدىن ئەكىلىپ بۇلغىچە مانچە يەردە ئايرۇپىلان ئالمىشىپ نەچچە دوللار تۇلىگەندۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇ كىتاپلارنى بىزدىكى ئۇقۇغۇچىلار ئەمەس ئۇقۇتقۇچىلار ئىچىدىنمۇ پايدىلىنالايدىغانلار ساناقلىقلا. لېكىن ئۇنىڭ ئۇمىدى بەك چوڭ. قۇلۇمغا، تىرىشچان، ئەقىللىق ئۇقۇغۇچى ئالالىساملا بىرىنچى يىلى ش ج ئۇ دا كەسپى دەرىس ئۇقۇتىمەن، ئىككىنچى يىلى بېيجىڭدا، ئۇچىنچى يىلى ئىتالىيەگە ئەۋەتىپ ئۇقۇتىمەن، ئۇز ۋاختىدا مەن مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنى بەكمۇ تەستە ئالغان دەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ھازىر بۇنىڭغا تامامەن كۇچى يىتىدۇ، قولىدا 2-3 خىل تەتقىقات فۇندىنىڭ بەرگەن پۇلى 300مىڭدىن ئاشىدۇ، ئىتالىيە، گىرمانىيەدىكى كەسىپداشلىرى ئۇ تۇنۇشتۇرغان ئادەمگە شەكسىز ئىشىنىدۇ. بۇ توغرىلىق مەن ئاخىرىدا يەنە ئايرىم توختىلىشىم مۇمكىن.

بۇ يەردە يەنە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ يولدىشى. ئۇ ساھىپجامال مۇئەللىم بىلەن بىر يورتتىن، ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن بىللە ئۇرۇمچىدە قېىلىپ خىزمەت قىلىپ، كىيىن توي قىلغان. ساھىپجامال مۇئەللىم بالىسنى تۇغۇپ مانچە ئايلىق بۇلمايلا ئىرىگە تاشلاپ قۇيۇپ چەتكە چىقىپ كەتكەن. بارلىق بالا جاپاسىنى ئىرى تارتقان. ئۇ سانجىدىكى بىر ھۇكۇمەت ئۇرگىنىدا باشقارما دەرىجىلىك، ئىشىكتىن چىقسا ماشىنىسى بار كادىر بۇلۇپ، ساھىپجامال مۇئەللىم تولا ئۇيدە بۇلماي، ئۆي، بالا بېىقىشتا زور قىينچىلىىق تۇغۇلۇپ تۇرغاچقا، ئۇ ئۇتكەن يىلى خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ، ش ج ئۇ دا ئادەتتىكى بىر كىشىلىك خىزمەتچى بۇلۇپ ئۇرۇنلاشتى. ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ يەنە مەكتەپ ئىچىدە ماتىرىيال يۇتكەيدىغان، رەسمىيەت بىجىرىدىغان، پول تەستىقلىتىدىغان دىگەندەك پارچە پۇرات ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھازىر شۇ قىلىدۇ.

ساھىپجامال مۇئەللىم ئۇزى كىچىك پىئېىل، چىقىشقاق، قەتئى تەكەببۇرى يوق ئايال. باشقىلارغا بەك كۇيىنىدۇ، بۇلۇپمۇ ياشلارنىڭ مائارىپىغا بەك كۆڭۈل بۈلىدۇ. مىنىڭ ئۇقۇيدىغان ئىشىمغىمۇ جىق كۇچىدى، مەن بىلەن تۇنۇشقان كۇندىن باشلاپ ئۇقۇش توغرىلىق نەسىھەت قىلىدۇ، يول كۇرسىتىدۇ، بۇ بۇلمىسا ئۇنى قىلىڭ، ئۇ بۇلمىسا ماۋۇ نى قىلىڭ دەپ توختىماي كۇرسىتىپ تۇرىدۇ. بىكار قالغان ئادەمگە بەك ئۆچ. ھەر قېتىم چەتكە ماڭغاندا مىنىڭ ئۇقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ماتىريالىمنى ئېلىپ ماڭدى. مەن پالاكەت ئۇلگۇرتۇپ بۇلالمىسام تېخى ئۇزى مىنى ئىزدەپ، تەق قىلغۇزۇپ ئېلىپ ماڭىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا مەن يەنىلا ئۇزەمنىڭ كەسپىنى تاللاپ ئامرىكىغا كەلدىم. شۇنداقتىمۇ ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ بۇ چىن كۆڭلىدىن قىلغان ياردەملىرىنى مەن ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.

ش ج ئۇ فىزىكا فاكۇلتىتى مەن كەلگەندە دەۋىر ئالمىشىۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەن. مەن كىلىپ يىل ئۇتمەيلا نەچچە تەجرىبىلىك ئۇيغۇر پىروفىىسسور بىراقلا پىنسىيگە چىقتى. ساھىپجامال دوكتۇر دەۋىر ئالماشقاندىن كىيىنكى فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىكى ھازىرچە بىردىنبىررەسمى پىروفىسسور. ئۇزىنىڭ خەنزۇلىرىنىڭ گىپىنىمۇ تاشلىۋەتكەن سېسىق پايپىقىغا تەڭ قىلمايدىغان فاكۇلتىت مۇدىرىمىزمۇ ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ گىپىنى يىرمايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئادەملەر پىنسىيگە چىققىچە ئاران بۇلالايدىغان پىروفىسسورلۇقنى ئۇ 30 نەچچە يېشىدىلا ئالدى.


مەنبە: http://www.jeckblog.com