سوئال-جاۋابلىق 100 ھېكمەت
سوئال-جاۋابلىق 100 ھېكمەت
«تۈرلۈك - تۈمەن تەربىيىۋى ھېكايەتلەر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى جەملەش تەڭداشسىز بايلىقتۇر» دېگەنىدى گېرمانىيەلىك مەشھۇر شائىر ۋە مۇتەپەككۇر گيوتې. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ھېكمەتلىك سۆزلەر باركى، ئۇلارنى مۇتالىئە قىلىش ئادەمنى ھاياتقا تېخىمۇ چوڭقۇر نەزەر سېلىشقا ئۆگىتىدۇ، ئۆتمۈشتە ياشىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ پائالىيىتى بىلەن ھەمنەپەس قىلىدۇ، چەكسىز زوق بېغىشلايدۇ.
تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىر كۈنى ئەنۇشىرۋان بۇزۇرگمېھرنى ھۇزۇرىغا چاقىرىپ، شۇنداق دەپتۇ: «ھاياتىي تەجرىبىلەردىن يەكۈنلەنگەن ھېكمەتلەرنى جەملىگىن. سۆزلەر ئىلاجنىڭ بارىچە ئاز، لېكىن مەنىسى كۆپ بولسۇن، دۇنيادىكى ئىنسانلارغا پايدىسى تەگسۇن!»
بۇزۇرگمېھر بىر يىل مۆھلەت سوراپ، بۇ سۆزلەرنى جەملەپتۇ. ئۇنىڭغا «زەپەرنامە» دەپ نام قويۇپتۇ ۋە ئەنۇشىرۋاننىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. شاھقا كىتاب ناھايىتى ئەرزىپتۇ. بۇزۇرگمېھرنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكلىرىگە يەنە بىر شەھەرنى قوشۇپ بېرىپتۇ. كىتابتىكى ھېكمەتلەرنى بولسا تىللا سۈيى بىلەن كۆچۈرۈشنى بۇيرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھېكمەتلەر بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەپتۇ...
ئۇستازىمدىن سورىدىم:
− ئەي ئۇستاز، نېمىنى ئۈمىد قىلسام، بارچە ياخشىلىقلارنى ئۈمىد قىلغان بولىمەن؟
دېدى:
− ئۈچ نەرسىنى: ساقلىق، خاتىرجەملىك ۋە بايلىقنى.
دېدىم:
− ئىشلىرىمنى كىمگە ئىشىنىپ تاپشۇراي؟
دېدى:
− ھەر تەرەپلىمە مۇناسىپ بولغان كىشىگە.
دېدىم:
− كىمدىن ئېھتىيات قىلاي؟
دېدى:
− ھەسەت قىلىدىغان دوستتىن.
دېدىم:
− ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدىغان ئىش نېمە؟
دېدى:
− ئىلىم ئۆگەنمەك ۋە ياشلىقتىلا توغرا ئىش بىلەن مەشغۇل بولماق.
دېدىم:
− ئادەملەر نەزىرىدە مۆتىۋەر بولۇپ كۆرۈنىدىغان ئەيىب قايسى؟
دېدى:
− ئۆز ھۈنىرىنى تەرىپلىمەك.
دېدىم:
− ئەگەر نالايىق دوست پەيدا بولسا، ئۇنىڭدىن قانداق ئايرىلماق كېرەك؟
دېدى:
− ئۈچ يول بىلەن، يەنى كۆرگىلى ھۇزۇرىغا ئاز بېرىش، ھال - ئەھۋال سورىماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم كۈتمەسلىك بىلەن.
دېدىم:
− ئىشلار ئىش - ھەرىكەتكە باغلىقمۇ ياكى تەقدىرىي ئەزەلگىمۇ؟
دېدى:
− ئىش -ھەرىكەت تەقدىرگە سەۋەب بولىدۇ.
دېدىم:
− ياشلاردىكى قايسى پەزىلەت ياخشى ۋە ياشانغانلاردىكى قايسى خىسلەت ئەلا؟
دېدى:
− ياشلاردىكى شەرم - ھايا ۋە شىجائەت، ياشانغانلاردىكى دانالىق ۋە ۋەزمىنلىك.
دېدىم:
− كىملەردىن ئېھتىيات قىلاي؟
دېدى:
− غەرەزلىك خۇشامەتچى ۋە خەسىستىن.
دېدىم:
− سېخىي كىم؟
دېدى:
− ئۆز ساخاۋىتىدىن مەمنۇن كىشى.
دېدىم:
− ئادەملەر ھەمىشە ئىزدەيدىغان، ئەمما ھېچكىم تولۇق تاپالمايدىغان نەرسە نېمە؟
دېدى:
− ئۈچ نەرسە: سالامەتلىك، شادلىق ۋە سادىق دوست.
دېدىم:
− ياخشىلىق ياخشىمۇ ياكى يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشمۇ؟
دېدى:
− يامانلىقتىن يىراق بولۇش بارچە ياخشىلىقلارنىڭ باشلانمىسىدۇر.
دېدىم:
− ئەيىب سانىلىدىغان بىرەر پەزىلەت بارمۇ؟
دېدى:
− مىننەتلىك ساخاۋەت.
دېدىم:
− قايسى خىسلەت ئىلىمنى يۈكسەلدۈرىدۇ؟
دېدى:
− توغرىلىق.
دېدىم:
− مەردلىكتىن دالالەت بېرىدىغان نەرسە نېمە؟
دېدى:
− ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەپۇ قىلىش.
دېدىم:
− ئاقىللارنىڭ قايسى ئىشى ياخشىراق؟
دېدى:
− ياماننى يامان يولدىن قايتۇرۇش.
دېدىم:
− ئادەملەرنىڭ قايسى ئىشى كۆپرەك زىيان كەلتۈرىدۇ؟
دېدى:
− خەلق كۆزىدىن يوشۇرۇن ئەيىبلىرى.
دېدىم:
− ئۆمۈرنىڭ قايسى سائىتىنى زايە كەتكەن دەپ ھېسابلىماق كېرەك؟
دېدى:
− بىراۋغا ياخشىلىق قىلىشى مۇمكىن بولغان، ئەمما قىلمىغان سائەتنى.
دېدىم:
دېدىم:
− ئىنساننىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر نەرسە نېمە؟
دېدى:
− پاراغەت ۋە خاتىرجەملىك.
دېدىم:
− ئۆلۈمدىن يامانراق نەرسە نېمە؟
دېدى:
− پېقىرلىق
دېدىم:
− دوستلۇققا زىيان سالىدىغان ئىللەتلەر قايسى؟
دېدى:
− تۆت ئىش: ئۇلۇغلاردىكى بېخىللىق، دانىشمەنلەردىكى تەكەببۇرلۇق، ئاياللاردىكى ھاياسىزلىق ۋە ئەرلەردىكى يالغانچىلىق.
دېدىم:
− ئادەملەرنىڭ ئىشىنى بەربات قىلىدىغان نەرسە نېمە؟
دېدى:
− نامەرتلەرنى ئۇلۇغلاش.
دېدىم:
− قايسى يول بىلەن بايلىق تېپىش مۇمكىن؟
دېدى:
− ئىلىم - ھېكمەتكە ئېھتىرام يولى بىلەن.
دېدىم:
− تېۋىپلارغا ھاجەتمەن بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلىشىم لازىم؟
دېدى:
− ئاز يە، ئاز ئۇخلا، ئاز سۆزلە.
دېدىم:
− ئادەملەرنىڭ قاندىقى ئەقىللىقراق؟
دېدى:
− ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلايدىغان ۋە كۆپ بىلىدىغىنى.
دېدىم:
− خارلىققا نېمە سەۋەب بولىدۇ؟
دېدى:
− ھۇرۇنلۇق ۋە ئەخلاقسىزلىق.
دېدىم:
− غەمگە نېمە سەۋەب بولىدۇ؟
دېدى:
− يالغۇزلۇق.
دېدىم:
− ئار - نومۇسنى نېمە بەربات قىلىدۇ؟
دېدى:
− تەمە.
دېدىم:
− جاھاندا قايسى پەزىلەت ياخشىراق؟
دېدى:
− كەمتەرلىك ۋە مىننەتسىز ساخاۋەت.
دېدىم:
− جاھاندا قايسى مىجەز يامان سانىلىدۇ؟
دېدى:
− ئىككى مىجەز: ھۆكۈمدارلاردىكى يەڭگىلتەكلىك ۋە بايلاردىكى بېخىللىق.
دېدىم:
− كەمتەرلىكنىڭ ئاساسى نېمىدە؟
دېدى:
− سەمىمى بولۇش ۋە ئاقىۋەتتە ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇشتا.
دېدىم:
− كىمدىن مەسلىھەت سوراي؟
دېدى:
− ئۈچ پەزىلەتكە، يەنى سەمىيمىلىك، ياخشىلارغا مۇھەببەت ۋە چوڭقۇر بىلىمگە ئېگە بولغان كىشىدىن.
دېدىم:
− ئادەملەر قايسى پەزىلەتلەرنى بەكرەك قەدىرلەيدۇ؟
دېدى:
− ئۈچ پەزىلەتنى: بىراۋنى ئانىي تاپماسلىقنى، يالغان سۆزلىمەسلىكنى، گەپ بىلەن بىراۋنى خاپا قىلماسلىقنى.
دېدىم:
− ئەگەر ئىلىم ئۆگەنسەم، نېمە تاپىمەن؟
دېدى:
− ئەگەر ئادەتتىكى ئادەم بولساڭ، ئۇلۇغ ۋە مەشھۇر بولىسەن، كەمبەغەل بولساڭ، بايلىق تاپىسەن، مەشھۇر بولساڭ، تېخىمۇ مەشھۇرراق بولىسەن.
دېدىم:
− مال - دۇنيا يىغىشتىن مەقسەت نېمە؟
دېدى:
− زىممىدىكى قەرزلەرنى ئۈزۈش، ئاتا-ئانىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرۇش، دوست - دۈشمەن بىلەن مۇرەسسە قىلىش.
دېدىم:
− يېيىلمىسىمۇ تەنگە پايدا كەلتۈرىدىغان بىرەر نەرسە بارمۇ؟
دېدى:
− بار. ئۇلار: ياخشىلارنىڭ سۆھبىتى، يارى - دوستنىڭ دىدارى، پاكىز كىيىم، مۆتىدىل مۇنچا ۋە يېقىملىق پۇراق.
دېدىم:
− بەدۆلەت ئادەم كىم؟
دېدى:
− ئەقىل بايلىقىغا ئېگە بولغان كىشى.
دېدىم:
-شەرەپ نېمە؟
دېدى:
− ئۆز ۋەزىپىسىنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىمەسلىك.
دېدىم:
− ئادەملەر ئىزدەيدىغان، ئەمما ھېچكىم بىلەلمەيدىغان نەرسە نېمە؟
دېدى:
− ئىشلارنىڭ نەتىجىسى.
سورىدىم:
− ئۆزى تاتلىق، ئەمما تېتىپ كۆرگەن كىشىنى ئۆلتۈرىدىغان نەرسە نېمە؟
دېدى:
− ھەسەت.
سورىدىم:
− ئەسلا خاراب بولمايدىغان بىنا قايسى؟
دېدى:
− ئادالەت بىناسى.
سورىدىم:
− ئاخىرى تاتلىق بولغان ئاچچىقلىق قايسى؟
دېدى:
− سەۋر.
سورىدىم:
− ئاخىرى ئاچچىق بولغان شېرىنلىك قايسى؟
دېدى:
− ئالدىراقسانلىق.
سورىدىم:
− ئەسلا كونىرىمايدىغان كىيىم قايسى؟
دېدى:
− ياخشى نام.
سورىدىم:
− قايسى دۈشمەن بارچە دوستلاردىن ئەزىز تۇيۇلىدۇ؟
دېدى:
− نەپس.
سورىدىم:
− ئادەملەر قانداق كېسەللىكنىڭ دەۋاسىغا چارە تاپالمايدۇ؟
دېدى:
− ئەبلەخلىكنىڭ.
سورىدىم:
− ئادەملەر قايسى بالادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ؟
دېدى:
− ئىشق بالاسىدىن.
سورىدىم:
− قايسى يۇقىرىلىق بارچە پەسلىكلەردىنمۇ پەسرەك؟
دېدى:
− تەكەببۇرلۇق.
سورىدىم:
− قايسى پەزىلەت ئەر – ئايال ئۈچۈن زىننەت سانىلىدۇ؟
دېدى:
− توغرىلىق ۋە پاكلىق.
سورىدىم:
− ئۇيقۇ نېمە؟
دېدى:
− يەڭگىل ئۆلۈم.
سورىدىم:
− ئۆلۈم نېمە؟
دېدى:
− ئېغىر ئۇيقۇ.
سورىدىم:
− ئادەمگە زوق ۋە شادلىق بېغىشلايدىغان نەرسە نېمە؟
دېدى:
− بۈيۈكلەرنىڭ سۆزى.