Jump to content

سىز توغرا بولسىڭىز، دۇنيامۇ توغرا بولىدۇ

ئورنى Wikipedia

سىز توغرا بولسىڭىز، دۇنيامۇ توغرا بولىدۇ

بىر ئىشنى قىلالايمەن دەپ قارىسىڭىز، چوقۇم قىلالايسىز.

ناپولېئون خېئول مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن: يامغۇر يېغىۋاتقان بىر شەنبە كۈنى سەھەردە بىر پوپ ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئولتۇرسا، كىچىك ئوغلى قىلغىلى ئىش تاپالماي زېرىكىپ ئولتۇرغان ئىكەن، ئۇ قولىغا بىر كونا ژۇرنالنى ئېلىپ، ئۇنى ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ، ناھايىتى چىرايلىق رەڭلىك خەرىتىگە كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇ دۇنيا خەرىتىسى ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن پوپ بۇ خەرىتىنى ژۇرنالدىن يىرتىۋېلىپ پارچە - پارچە قىلىپ يىرتىپ يەرگە تاشلاپ:

_ يوھان، سەن بۇ خەرىتىنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقساڭ، ساڭا 25 سىنت بېرىمەن، _ دەپتۇ.

پوپ ئوغلىنى بۇ ئىش ئۈچۈن يېرىم كۈن ھەلەك بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغان ئىكەن. ئويلىمىغان يەردە ئون مىنۇت ئۆتمەيلا، ئۇ ئولتۇرغان كىتابخانا ئۆينىڭ ئىشىكى چېكىلىپتۇ، ئۇنىڭ ئوغلى خەرىتىنى قۇراشتۇرۇپ بولغانىكەن، پوپ بۇنىڭدىن بەكلا ھەيران بولۇپتۇ. ئۇ ئوغلىنىڭ خەرىتىنى بۇنچە تېز قۇراشتۇرۇپ بولۇشىنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىكەن. ئەمما پارچە قەغەزلەر ناھايىتى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ پۈتكۈل خەرىتە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەنىدى.

_ ئوغلۇم، قانداق قىلىپ بۇنچە تېز قۇراشتۇرۇپ بولدۇڭ، _ دەپ سوراپتۇ پوپ.

_ ناھايىتى ئاددىيغۇ: _ دەپتۇ يوھان، _ بۇ خەرىتىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىر كىشىنىڭ سۈرىتى بار ئىكەن. مەن ئالدى بىلەن پارچە قەغەزلەرنى يەرگە قويۇپ، ئادەمنىڭ سۈرىتىنى قۇراشتۇردۇم، ئارقىدىن بىر ۋاراق قەغەزنى قۇراشتۇرۇلغان قەغەزنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئۇنى ئۆرىدىم. مېنىڭچە، ئادەمنىڭ سۈرىتى توغرا قوراشتۇرۇلسا، خەرىتىنىڭ قوراشتۇرۇلۇشىمۇ خاتا بولمايدۇ.

پوپ ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتكەن ۋە 25 سىنت پۇلىنى ئوغلىغا بېرىپ: _ سەن ئەتە سۆزلەيدىغان ۋەزىمنىڭ تېمىسىنى تېپىپ بەردىڭ. بىر ئادەم توغرا بولسىلا، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيامۇ توغرا بولىدۇ، دېگەن.

بۇ ھېكايىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر: ئەگەر سىز مۇھىتىڭىزدىن نارازى بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. يەنى «ئەگەر سىز توغرا بولسىڭىز، سىزنىڭ دۇنيايىڭىزمۇ توغرا بولىدۇ.» ئەگەر سىزدە ئاكتىپ روھىي ھالەت بولسا، ئەتراپىڭىزدىكى بارلىق مەسىلە ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ.

ئارى بان كۇپېر ئامېرىكىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر سوتچىلارنىڭ بىرى، بىراق ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى جانسىز بالا ئىدى.

كۇپېر مىسسۇرى شتاتىنىڭ سان - جوس شەھىرىدىكى نامراتلار مەھەللىسىدە چوڭ بولغان. ئۇنىڭ دادىسى كۆچمەن بولۇپ، تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى، كىرىمى ناھايىتى ئاز ئىدى، ئۆينى ئىسسىتىش ئۈچۈن، كۇپېر دائىم تۆمۈر يول بويىدا كۆمۈر تېرەتتى. كۇپېر بۇ ئىشنى مەكتەپتىن قايتقان بالىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ، دائىم ئارقا يولدىن ماڭاتتى. بىراق، بالىلار ئۇنى كۆرۈپ قالاتتى. بولۇپمۇ بىر توپ كەپسىز بالىلار كۇپېرنىڭ تۆمۈر يولدىن ئۆيىگە قايتىدىغان يولىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، ئۇنىڭغا قورشاپ ھۇجۇم قىلاتتى، ئۇلار دائىم كۇپېر تېرىغان شاخارلارنى كوچىغا چېچىۋېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن كۇپېر يىغلىغان پېتى قايتىپ كېتەتتى. مۇشۇنداق قىلىپ كۇپېر ھەمىشە قۇرقۇنچ ۋە ئۆزىنى پەس كۆرۈش ھالىتىدە ياشايتتى.

بىر كۈنى كۇپېر ھېراشۇئالگېرنىڭ «روبېرتنىڭ كۈرىشى» دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدى. كۇپېر بۇ كىتابتىن ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئۆسمۈرنىڭ كۈرەش قىلغانلىقىغا ئائىت ۋەقەلىكنى ئوقۇغان. ئۇ ئۆسمۈر غايەت زور بەختسىزلىككە ئۇچرىغان، لېكىن ئۇ جاسارەت، ئەخلاق كۈچىگە تايىنىپ، بەختسىزلىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. كۇپېرمۇ مۇشۇنداق جاسارەت ۋە كۈچكە ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىپ قىش چىققۇچە سوغۇق ئۆيدە ئولتۇرۇپ قەھرىمانلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئائىت ھېكايىلەرنى ئوقۇپ، بىلىپ - بىلمەي ئاكتىپ روھىي ھالەت ھاسىل قىلغان.

كۇپېر ھىراشۇنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، يەنە تۆمۈر يول بويىغا شاخار تەرگىلى بارغان، يىراقتا ئۈچ بالىنىڭ بىر ئۆينىڭ كەينىگە قاراپ يۈگرەۋاتقانلىقىنى بايقىغان، ئۇ دەسلەپتە ئارقىغا بۇرۇلۇپلا قاچماقچى بولغان، بىراق ئۆزى ئوقۇغان كىتابتىكى باش قەھرىماننىڭ باتۇرلۇقىنى ئەسكە ئېلىپ، چېلەكنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا قاراپ چوڭ قەدەم تاشلاپ ماڭغان، ئۆزىنى ھېراشۇنىڭ كىتابىدىكى قەھرىماندەك چاغلىغان.

شۇ كۈنى بىر مەيدان قاتتىق ئېلىشىش بولغان. ئۈچ بالا كۇپېرغا قاراپ ئېتىلغان، كۇپېر قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان بۇ ئۈچ بالا بەكمۇ چۆچۈپ كەتكەن. كۇپېر بىر بالىنىڭ بۇرنىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇرغان، سول مۇشتى بىلەن قورسىقىغا بىرنى قويغان، بۇ بالا دەرھال مۇشت ئېتىشتىن توختاپ، ئارقىغا قاچقان، بۇ كۇپېرنىمۇ چۆچۈتۈۋەتكەن، بۇ چاغدا قالغان ئىككى بالا ئارقىغا بۇرۇلۇپلا قېچىپ كەتكەن. بۇ كۈن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم بىر كۈن بولغان، شۇ كۈنى ئۇ قورقۇنچ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان.

كۇپېر بۇلتۇرقىغا قارىغاندا بەك كۈچلىنىپ كەتكەن ئەمەس، ھېلىقى جېدەلچى بالىلار يامانلىقىنى يۇغۇشتۇرۇۋالغانمۇ ئەمەس، ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ئۆزگەرگەن، ئۇ قورقۇنچنى يېڭىشنى، خەتەردىن قورقماسلىقنى، يامان كىشىلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا يول قويماسلىقنى ئۆگىنىۋالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئۆز مۇھىتىنى ئۆزى ئۆزگەرتمەكچى بولغان، دەرۋەقە شۇنداق قىلالىغان.

كۇپېر ئاكتىپ روھىي ھالەتتىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئاجىزلىق، قورقۇنچ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكا بويىچە ھۆرمەتكە ھەممىدىن سازاۋەر سوتچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. كۇپېر ھېلىقى كۆرۈنمەس تۇمارنىڭ ئاكتىپ روھىي ھالەت يۈزىنى ئۆرىگەن، ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرىنى ئاچقان.

«مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.