سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك
سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك
تۈنۈگۈنكى پىدائىيلار ئېكرانى سۆھبەت پىروگراممىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن قىزىق نۇقتىلىق سۆھبەت ئېلان قىلىنىشى بىلەن مەزكۇر سىياسىي ئانسامبىلچىلىققا مەپتۇن تائىپە ھەققىدىكى تونۇشتا بىر قەدەر كونكرېتلىق ۋە ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلدى، يىللاردىن يېزىلىپ كەلگەن ۋە يېزىلىۋاتقان ئوبزورلارنىڭ بىسەۋەب، بىھېكمەت ئەمەسلىكىمۇ روشەنلەشتى، دېيىشكە بولىدۇ. دەرۋەقە، يىللاردىن بېرى ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەسلىكنى خاراكتېرىغا ئايلاندۇرۇۋالغان مەزكۇر سىياسىي ئانسامبىلچىلارنىڭ مىللەتنىڭ سىياسىي پىرىنسىپلىرىغا، سىياسىي مەۋقەسىگە لايىقىدا ئىگە چىقالمىغاننى ئاز دەپ، ساڭا ۋە مىللىتىڭنىڭ سىياسىي تاللىشىغا قىلچىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىغانلارنىڭ تۇتۇمىنى ساڭا ۋە مىللىتىڭگە لايىق كۆرۈۋاتقان، مۇستەملىكىچىنىڭ ئاتىغان ئاتىقىدا، سۆزلەيدىغان تىلىدا سېنى ۋە سەپداشلىرىڭنى مىللىتىڭنىڭ ۋەكىللىرى ساناپ ئانىي تاپسىمۇ، ھۆرمەتسىزلىك قىلسىمۇ بۇنى سەزمەي يۈرۈۋاتقان، سائەتلەپ ئېگىلىپ ئولتۇرۇپ شۇلارنىڭ تىلىدا سۆھبەت قىلىشنى راۋا كۆرگەن بۇ زېھنىيەتنىڭ بۇنداق بىر سىياسىي سەتچىلىكنى «مۇۋەپپەقىيەت» دەپ ئاتىشى ئەمەلىيەتتە، خىتاي بىلەن لەپەرداشلىق سەتچىلىكىدىن كېيىنكى يەنە بىر سىياسىي سەتچىلىك، دېيشكە بولىدۇ. بۇنى ئۆزى ئاڭقىرىپ يەتمىگەندىن سىرت مىللەتكە ۋەز ئوقۇپ يۇتقۇزماقچى بولغانلىقلىرى بولسا، ئالىجوقىلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇلارنىڭ سىياسىي ھارامزادەلىك ۋە مۇغەمبەرلىكنى خىتاي بىلەن ئۈستەلدە سۆھبەت قىلغاندا ئىشلىتەلمەي، ئۆز خەلقىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا ئىشلىتىشى، شۇنداقلا بۇ زېھنىيەتتىكىلەرنىڭ دۈشمىنى ئالدىدىكى ئولتۇرۇپ - قوپۇش ھەمدە سۆھبەت تىلىدىكى كالامپايلىقلىرىنى تەپتارتماستىن «تېخنىكىلىق» خاتالىق ياكى ئادەتتىكى ئىشلارغا جورىشى ئانسامبىللىق زېھنىيەتنىڭ نەقەدەر بەغەرەزچە ۋە خۇپسەنچە تۈس ئېلىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. مەزكۇر تىپلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسەت تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلىرىدىن بىرىنىڭ، شۇنداقلا ساناپ تۈگەتكۈسىز قېتىملاپ يۈز بەرگەن سىياسىي خاتالىق ۋە مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ ھەمدە خىيانەت خاراكتېرلىك تۇتۇملارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە جەڭ مەيدانىدا مەغلۇپ بولۇشتىن ئەمەس، دەل سىياسىي ئۈستەلدە ئوۋسەيگە كەتكەنلىكتىن، مەغلۇپ بولۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنىڭ ئەنە شۇ ئۈستەلدىكى سۆھبەتتە «تېخنىكىلىق» ئىشلاردا كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ۋە بۇ تۈرتكىدە دۈشمەنگە تومۇرىنى تۇتقۇزۇپ قويغانلىقتىن ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتىن بۇنداق تارىخىي خاتالىقلارغا چوقۇم سەزگۈر بولۇش كېرەكلىكىنى تېخىچە ئۆگىنەلمىگەنلىكى بىر پاجىئە. بۇ خىل زېھنىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆزلىرى پەش قىلىپ كېلىۋاتقان 30-40 يىللىق سىياسىي تەجرىبىلىرىدە بۇ نۇقتىلارنى ئاڭقىرغۇدەك دىتنىمۇ ھازىرلىيالماي كەلگەنلىكى دەرۋەقە، مەزكۇر زېھنىيەت ئىگىلىرىنىڭ سەھنىلەردە قويۇۋاتقان سىياسىي تىياتىرلىرىنىڭ، مەغلۇبىيەت ۋە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك تامغىسىنى پەخىرلىنىپ كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ، شۇنداقلا بۇنى ئاقلاش يولىدا تەشۋىقات سەھنىلىرى ھەمدە ئېكرانلارغا چىقىپ قىلىۋاتقان ۋەزلىرىنىڭ قانداق مەپكۇرە ۋە زېھنىيەتنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە كېرەك.
سىياسىي ئۈستەلدە قىلىنغان سۆھبەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياكى مۇۋەپپەقىيەتسىز بولۇشىدا، شۇنداقلا مەسىلىلەرنىڭ تەڭسىز ياكى ئادىل بىر قارارغا ياكى سۈلھى - پۈتۈشۈشكە ماقۇل كېلىشكە بېرىپ توختىشىدا، خۇلاسە خاراكتېرلىك يەكۈننىڭ خاراكتېرى بويىچە ھەر تەرەپ ئۆزلىرىگە مۇئەييەن غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەتتىن نېسىۋە پىچىشى مۇقەررەر. ئەمما بۇ غەلىبە ياكى نېسىۋىنىڭ كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋە قانچە ئۈلۈش بولۇشىنى بەلگىلەشتە بىر قاتار ئامىللار ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئامىللار نېمە؟ ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى ئامىللار ئۈستەلدىكى تۇتۇم، مەۋقە، مەيدان، سەزگۈرلۈك، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىياسىي ئانسامبىلچىلارنىڭ تىلىدا ئاددىيلاشتۇرۇشقا تىرىشىلغان «تېخنىكىلىق» ئىشلاردۇر. ئۈستەلگە كېلىش زۆرۈرىيىتىنىڭ ھەقىقەتەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە تۇغۇلغان ياكى تۇغۇلمىغانلىقى ئايرىم مەسىلە. ئەگەر تۇغۇلدى دېگەن تەقدىردىمۇ سىياسىي ئۈستەلدىكى «تېخنىكىلىق» ئىشلار سىياسىي ئوبراز ۋە مىللەتنى تەمسىل قىلىش جەھەتلەردىن قارشى تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسىگە، تۇتۇمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىيلىقتىكى ئۈستەل سۆھبەتلىرىدە «تېخنىكىلىق» خاتالارنىڭ، ئۇقۇشماي قويۇپ قالغان ئىمزالارنىڭ بەدىلى ئىجتىمائىي ساھەدىن ھالقىمايدۇ. لېكىن سىياسىيلىقتىكى «تېخنىكىلىق» خاتالىق ياكى يەڭگىلتەكلىكلەر يۇقىرىسى ئۇرۇش - جەڭگە سۆرىسە، تۆۋىنى ئوبراز، سىياسىي تۇتۇم ۋە مەۋقە جەھەتتىن تەمسىل قىلىۋاتقان تەرەپنى قارشى تەرەپنىڭ نەزىرىدە ئېغىر زېدىلەيدۇ. ئانسامبىلچىلارنىڭ خەلقئارالىق نوپۇزغا ئىگە لەپەرداشلىرىدىن بولغان بىرىنىڭ سۆھبەتتىن چىقىپلا ئەتىسى قوپۇپ بىر مىللەتنىڭ سىياسىي، تارىخىي، ئىرقىي ۋە مەدەنىيىتىدىن تارتىپ جىمىي ئىززەت - نومۇسىغا، شەرەپ - غۇرۇرىغا ھۇجۇم قىلىشى بۇنىڭ رېئال پاكىتلىرىدىن بىرى. سىياسىي ئۈستەلدە ھالىڭ نېمە بولسا، سەن ۋەكىل بولۇۋاتقان مىللەتنىڭ ئۇچرايدىغان ئاھانىتىمۇ، سەتچىلىكىمۇ شۇنىڭغا بېقىپ بولىدۇ. ھالبۇكى مەزكۇر بەغەرەز ئانسامىبلچىلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىلەرگە سەۋەبچى بولغانلىقلىرىنى بىلمەستىن ياكى ئەتەي بىلمەسكە سېلىۋالغاندەك تەرزدە گويا «غەرب ئىستىخباراتى بىزنىڭ خىتايچە سۆھبىتىمىزنى ئۆز تىلىغا ئۆرۈپ بىزنى بۇ خىتاي بىلەن ياشىيالمايدىكەن دەيدۇ» دەيدىغان سىياسىي كەمپۈتنى شۈمۈپ ياتقانلىقى ۋە بۇنى باھانە قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى خۇنۈكلەشكەن ئوبرازىنى ئاتالمىش «مۇۋەپپەقىيەت» ئېمىزگۈسى بىلەن بەزلەۋاتقانلىقى تولىمۇ كۈلكىلىك. شۇنداقلا بۇ ئانسامبىلچىلارنىڭ ئوچۇقتىن ئوچۇق ئۈستەلدە كۆرسەتكەن لەپەرداشلىق تۇتۇمىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خىتاينىڭ دېموكراتچىسى نەزىرىدىمۇ سەھنىنىڭ پەگاسىغا تېگىشلىك بولغان «كۇلۇب ئۇسسۇلچىسى» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنغانلىقى، نەزىرىگە تېخىمۇ ئېلىنماسلىققا سەۋەب بولغانلىقىنى تونۇپ يېتەلمىگەنلىكىمۇ بىر مۇسىبەت. يەنى ئاتالمىش دېموكراتچى خىتاي نەزىرىدىمۇ لەپەرداشلىقتەك پەردە ئارقىسىدا چېلىنىۋاتقان داپقا ئۇسۇل ئويناشتىمۇ تەڭ مۇئامىلە كۆرۈشكە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتمەستىن، خىتاي بىلەن ئولتۇرغان ئۈستەل سۆھبىتىمىز دەۋا تارىخىمىزدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئىش، دەپ كۆزى تېڭىقلىق قوڭغۇراق ئوغرىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىشى، بولۇۋېلىشىدىنلا مەزكۇر زېھنىيەت ئىگىلىرىنىڭ مۇغەمبەرلىكتە نەقەدەر چوققىدا ئىكەنلىكلىرىنى كۆرۈپ يېتىش مۇمكىن. بۇنىڭدىمۇ پاجىئەلىك مەسىلە شۇكى، مەزكۇر سىياسىي ئۆمەكنىڭ پۈتۈن سەتچىلىكلىرىنى مۇغەمبەرلىك، گەپ ئوينىتىش، قارىسىغا گەپ يورغىلىتىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىياسىي ئۈستەلدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنى «سۆھبەت» ئاتاشقىمۇ قارشى چىقىپ كېتىشى، سىياسىي سۆھبەت ئۇقۇمىنى يىللاردىن كۆنۈكۈپ كەتكەن داستىخانچىلىق مەنتىقىسى بويىچە ئويلاپ «سۆھبەت، چاي ئىچىش» دېگەندەك مەزمۇنغا سۆرەپ بۇنداق ئاتىماسلىقنى ئۇرغۇلىشى ئاتالمىش 30 نەچچە يىللىق سىياسىي ھاياتىنىڭ ئۆزى دەۋا قىلىۋاتقاندەك قانداقتۇر تەجرىبە ئىگىسى بولۇش ئەمەس، ئەكسىچە سىياسىي ساپاسىزلىق ۋە سىياسىي قارا قورساقلىقتا قايسى دەرىجىدە پىشىپ قاقباش بولۇشتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىش مۇمكىن. چۈنكى سىياسەت تىلىدا ئۈستەل سۆھبىتى ئىنتايىن كەڭ ئىشلىتىلىدىغان مەۋجۇت بىر ئۇقۇم. سىياسەت سەھنىسىدىكىلەرنى سۆھبەت قىلغانلىق بىلەن تەبىرلىسە، بۇنى «سۆھبەت» دەپ ئاتاشقىمۇ تە بولۇپ ئولتۇرۇش ئۆزىنى «سىياسىي تەشكىلات قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى» دەپ بىر تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن سۆزلەۋاتقان تىپلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر سىياسىي قارا قورساقلىقىنى، مۇغەمبەرلىكىنى چاندۇرغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس. چۈنكى، سۆھبەت قىلغانلىق تەبىرىگە تە بولۇپ ئۆزىنى قاچۇرۇش بىلىپ تۇرۇپ قىلىنىۋاتقان بولسا، مۇغەمبەرلىك، ھارامزادەلىك، بىلمەي تۇرۇپ قىلىنىۋاتقان بولسا، ئوپئوچۇق قارا قورساقلىق ۋە كالامپايلىقتۇر. سىياسىي ئۈستەلگە كېلىشتەك سەتچىلىكنى ئاقلاڭ، ئۇ يەتمىگەندەك ئوپئوچۇق رەزالەتنى «ئەڭ چوڭ مۇۋۋەپپەقىيەت» دەپ بولىۋېلىڭ، ئۇنىمۇ قاملاشتۇرۇپ بولغان كۆرۈنۈپ سىياسىي ئۈستەلدە سۆھبەتلىشىشنىمۇ «سۆھبەت» دەپ ئاتاشقا تە بولۇڭ... ئەجەبا بۇ دەرىجىدە مۇغەمبەر زېھنىيەتتە ساغلام سىياسىي ئەخلاق، سىياسىي تۇتۇم، سىياسىي تەجرىبە بار، دېگىلى بولسۇنمۇ؟!
دېموكراتىيەنى شوئار قىلغان بىر تەشكىلات ئۆزى ھەققىدە بېرىلگەن سوئالغا، مەيلى سورىغۇچىنىڭ نىيىتى قانداق بولۇپ كەتسۇن، مېدىياغا جاۋاب بېرىشكە چىققان ئىكەن، گەپ ئويناتماستىن چوقۇم تەمكىنلىك بىلەن ۋە قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىشى زۆرۈر. دېموكراتىكلىقنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر سەھنىدە سوئالغا جاۋاب بېرىشتە نىيەت كوچىلانمايدۇ. ئەكسىچە سوئالغا سىياسىي لوگىكا بىلەن قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىشكە تىرىشىلىدۇ. قايىل قىلالمىغاندا دىيالوگ قۇرۇلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ قايىل بولمىسا ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قالىدۇ ياكى قايىل بولغان تەرەپ جاۋابىنى ئالغان بولۇپ توختايدۇ. ھالبۇكى سوئالغا جاۋاب بېرىشلەردىمۇ سورالغان سوئالغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلمىگەندىن سىرت، قايىل بولمىغان تەرەپنى كىچىك كۆرگەننى قىلىپ ئۇنىڭغا ئىش ئۆگەتكەن، ھۈنەرۋەن شاگىرتقا گەپ سوققاندەك، گەپتە سوقۇۋېلىپ جاۋاب قايتۇرۇش، ئۈستىلەپ جاۋابتا خۇپسەنلىك قىلىش، ئۆزىنى «خورىكى يوغانلىق» بىلەن ھەيۋە ئىشلىتىپ ئۆز گېپىنى گەپ ئېتىش رەڭۋازلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بولۇپمۇ جاۋابلار ئىچىدە سىياسىي سۆھبەتكە خىتاي بىلەن ئولتۇرالايدىغان، ئەمما ئۆزى بىلەن مۇخالىپەت شەكلىدە ئىلگىرىلەۋاتقان تەشكىلاتلار بىلەن دىيالوگ ۋە سۆھبەت قۇرالماسلىق ھەققىدىكى سوئالغا بېرىلگەن جاۋابقا ۋايىغا يەتكەن رەڭۋاز جاۋاب، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بىر ئاپتوبۇسقا تەڭ مىنىپ ئويۇن قويىدىغان ۋە ئوخشاش پەدىگە چالىدىغان بىر ئۆمەك توپىنىڭ پەرقلىق كۇلۇبلاردا ئويۇن قويۇشقا بۆلۈنۈپ ئايرىم ئىسىم قويۇۋېلىشى بۇ كۇلۇب ئانسامبىلچىلىرىنىڭ ئەسلىي خاراكتېرىدە بىر ئاپتوبۇستا ئويۇن قويىدىغان بىر ئۆمەكنىڭ توپى ئىكەنلىكلىرىنى رەت قىلالمايدۇ. ئوخشاش بىر توپ گۇرۇپپا ئىچىدە بۆلۈنسە، ۋىۋىسكىسىنى (قۇرۇلتاي)، (تەشكىلاتلار بىرلىكى) دەپ قويۇۋېلىپ ئوخشاش نەغمىنى تەڭ ئوقۇپ، ئوخشاش لەپەرنى ئوينايدىغان ياكى شۇنداق ئويناشنى راۋا كۆرىدىغان توپلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ۋە يىغىنلارنى ئاتالمىش «باشقا تەشكىلاتلار بىلەن دىيالوگ قۇرۇش»، «مۇخالىپەت شەكلىدىكى باشقا تەشكىلاتلار بىلەنمۇ سۆھبەت» قىلىدىغانلىق، بىرلىشىش تەرەپدارى ئىكەنلىك شوئارىغا دەلىل قىلىپ كۆرسىتىش ھېكايە توقۇشتىن، رەڭۋازلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەلۋەتتە يىللاردىن بۇنداق نەغمىلەرگە ياخشى گۇمان قىلىپ كەلگەن خەلقنى ئالدىغىلى بولغان بىلەن، سىياسىي سەزگۈرلۈكى كۈندىن كۈنگە ئۆتكۈرلىشىۋاتقان، داستىخاندارچىلىق بىرلىشىشلەرنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە كېلەچىكى يوق، قۇرۇق ئېمىزگۈدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتقانلار ئالدىدا، بولۇپمۇ يېڭى ئەۋلاد سىياسەت قوشۇنىدىكى ساپالىق تەشكىلات ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئالدىدا چەك باسمايدۇ. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ بېرىۋاتقان جاۋابى ئۆزىگىمۇ تېتىمىغانلىقىنى پەملىگىنىدە ئىجتىمائىي ياكى سىياسىي تۇتۇملىرىدا پەرۋاسىغا ئېلىپ كەتمەيدىغان دىنىي ۋە مىللىي قىممەتلەردىن دەرس ئۆتۈپ كېتىشى، دىندىن، ئاللاھ ۋە رەسۇلىدىن گەپ ئىچىپ ۋائىزلىق قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھېسسىيات سۇيئىستېمالچىلىقىغا تۇتۇنۇشى، ھېلىھەم مىللەتنى ئەخمەق چاغلاپ ئۆز گېپىنى يورغىلىتىشلىرىنى ئاقىدۇ، دەپ قېلىشلىرى ماھىيەتتە دەۋاتقانلىرىغا ئۆزلىرىمۇ دېگەندەك قايىل ئەمەسلىكلىرىنى، سەمىمىيەتتە ۋە سىياسىي دىيالوگدا نۆل ئىكەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك مەزكۇر سىياسىي ئانسامبىلچىلار ئۆزىگە قارشى قويۇلغان سوئاللارغا ئۆزلىرى تەكىتلەۋاتقان سىياسەتنىڭ تىلىدا جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئاجىز بولغاندەك، چوڭلۇقىنى پەش قىلىپ قارشىسىدىكىنى كۆزگە ئىلماسلىق، خىتاي ئالدىدا ئىلمىي، سىلىق سىپايە، توغرا چۈشىنىشىپ بېرىشتە ئوڭلۇق بولۇپ بېرەلەيدىغان، ھەر تۈرلۈك سىياسىي «تېخنىكلىق» ئىشلارنى ئاددىي چاغلاپ بىر ئۈستەلگە كېلەلەيدىغان، ئەمما بارچە خۇپسەنلىك ۋە مۇغەمبەرلىكلىرىنى، رەڭۋازلىقلىرىنى ئاممىدىن ياكى قارشىسىدىكى مۇخالىپەت پىكىر ۋە تەشكىلاتلاردىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارشى ئىشلىتىشتىن ئايانمايدىغان تىپلار ئىكەنلىكى ئاشكارا.
يېغىپ ئېيتقاندا، سىياسىي ئانسامبىلىچىلىق زېھنىيەتلەردە كۆرۈلۈپ كەلگەن قوش يۈزلۈك سەتچىلىك نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئاتالمىش خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنى پۇسكايتىش ۋە سىياسىي غايىسىنى پىسەنتىگە ئالماسلىق بىلەن تۈگەللەنگەن بولسا، ئىچكى جەھەتتىن مەزكۇر سەتچىلىك ئاكتىيورلىرىنىڭ ماھىيىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشكارا بولۇشى بىلەن، ئاممىنىڭ ۋە ئۆز خەلقىنىڭ ئويغاق كۆزەتكۈچىلىرى ئالدىدىكى مۇغەمبەرانە تۇتۇمى، سىياسىي قارا قورساقلىقى، نەيرەڭۋاز خۇپسەن پوزىتسىيەلىرى بىلەن ھەق دادىغا يەتكۈدەك ئاشكارا بولۇش بىلەن تۈگەللەنگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنى تۈزەشنىڭ يولىمۇ قانداقتۇر مۇغەمبەرلىك، سىياسىي ھارامزادەلىك ۋە ئۆز گېپىنى يورغىلىتىش بىلەن بولمايدۇ، شۇنداقلا بۇنداق ئۇسۇلمۇ ساغلام نەتىجە بەرمەيدۇ. ساغلام نەتىجە ئېلىشنىڭ يولى يەنىلا ئالدى بىلەن كۆز ئالدىدىكى خەلقىگە سەمىمىي بولۇش، مۇخالىپەتلىك دىيالوگلاردا سەمىمىي بولۇشتۇر. شۇنداقلا يۈز بېرىۋاتقان سەتچىلىكلەر قانداقتۇر بوي تارتىپ باشقۇرالماي قېلىۋاتقان خورىكى ئۈستۈنلۈكنى ئۆز مىللىتىنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە، تەشكىلاتلارغا ئىشلىتىش بىلەن، ھەمدە ئىشىغا كەلگەندە ۋەز ئېيتىپ دىننى سۇيئىستېمال قىلىش بىلەن يۇيۇلمايدۇ. ئەگەر ئەگرىلىك توغرىلىققا، ئالىقاناتلىق سەمىمىيلىككە يۈزلەنمەيدىكەن، بولغان ۋە بولۇۋاتقان سەتچىلىكلەر تارىخ بەتلىرىگە ساۋاق سۈپىتىدە پۈتۈلگۈسى ۋە مىللەت كۈنى كېلىپ بۇنىڭ ھېسابىنى چوقۇم سورىغۇسىدۇر.
−بۇرھان مۇھەممەد
2021-05-23
----------------------
Bahadir Harun
يىقىندىن بىرى سەل ئاشۇرۋىتىپ بارغانلىقىڭىزنى ھىس قىلمىدىڭىزمۇ بورھان ئەپەندىم!
بۇمۇ يارىمىسا ئۇمۇ يارىمىسا قانداق قىلاي دەيسىز، بۇلارنى خىتايدىنمۇ بەكەرەك ئەيىپلەپ كىتىۋاتىسىز، پايدىنى يەنىلا دۆشمەن ئالىدۇ ، بۇلار بۇ داۋانى كىنۇ قىلىپ ئويناۋاتقانلاردىن مىڭ ياخشى، مۇكەممەللىكنى قاقشاپ تۇرۇپ، دائىم ئەيىپلەپ تۇرۇپ تەلەپ قىلىش تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ، ۋەكىل خارەكتىرلىك تەشكىلات، مەركەز بولۇش ئۆچۈن مۇشۇنداق ئۆزىگە ئىشىنىشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ھەر ئىشنىڭ لايىقىدا بولغىنى ياخشى، كەمچىللىكلەرنى تۈزەتكىلى بولىدۇ، ئەمما ئۆز قىرىنداشلىرىنى دائىم دۆشمەندىنمۇ بەكەرەك زەھەرخەندىلەچە ئەيىپلەۋىرىش ياخشى ئاقىۋەت ئىلىپ كەلمەيدۇ، قىسقىچە قىلىپ ئىيتسام بۇ يازمىڭىزنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ ھازىر بىزگە! چۈنكى نوقسانلارنى تۈزىتىش يەنىلا ھەمكارلىق بىلەن، قىرىنداشلىق بىلەن، تەسىرلەندۈرۈش بىلەن بولغىنى ياخشى، ئەتىدىن كەچكىچە ئەيىپلەپ، خەلىققە ئۆچ كۆرسىتىپ ئاندىن ئۇلاردىن خەلىقتىن كۈچ ئىلىۋاتامسىلە دەپ سوراش كۈلكىلىك بىر ئىش ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ غەلبىلىرىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇش نامەرتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس مەنچە! "ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ئوتتۇرھال بولغىنى " دەپ ناھايتىمۇ قىممەتلىك بىر سۆز بار! يىغىپ ئىيتقاندا بەكلا ئاشۇرۋەتتىڭىز! ئىنساپ، ئىنساپ، ئىنساپ ...
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Bahadir Harun
باھادىر ھارۇنغا:
1. ئەسلى سىز دىن ئوقۇغان، سەھىپىسىدە ھېكمەت - ئەقلىيەلەر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈۋاتقان بولغانكىن، مەسىلىگە سىز ئۆزىڭىز قاراۋاتقان نۇقتىنىڭ سىز تەكىتلەۋاتقان ئوتتۇراھاللىققا قانچىلىك چۈشىدۇ، دەڭسىسىڭىز ئىنساپتىن سۆز ئىچىشنىڭ ماڭا ئەمەس، سەتچىلىكنى قىلىپ ئارقىدىن كۆزنى يۇمۇپ قارىسىغا گەپ يورغىلاتقانلارغا قارىتاتتىڭىز، ھەمدە بۇ ئاقىللىق، ھەم ھېكمەتلىك ئىش بولغان بولاتتى. مېنىڭمۇ تەكىتلەۋاتقىنىم سىزگە ئوخشاش ھەر ئىشنىڭ لايىقىدا بولۇشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت. لايىقىدا بولمىغان ئىشنى ئاشۇ ئىشنىڭ خاتالىق جەھەتتىكى ۋەزنىگە توغرا كەلتۈرۈپ لايىقىدا تەنقىدلەشنى تەقەززا قىلىپ قالىدۇ. تەنقىدنى قېرىنداشلىق بىلمىگەن زېھنىيەتتىن ئىنساپ كۈتۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىنساپسىزلىق. دۈشمەن يىللاردىن پايدا ئېلىپلا كېلىگلىك. ھېچ زىيان تارتقىنى كۆرۈلمىدى. ئانسامبىلچىلارنىڭ تۆكۈۋاتقان مىللىي ئوبرازى ئۇلارنىڭ تەشكىلاتى بىلەنلا توختاپ قالىدىغان ئوبراز ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوبرازى. دېموكراتىك سۆھبەتلەشكىنى، داستىخان تارتىشىپ دوست تارتىشقىنى ئانسامبىلچىلار، ئەمما ھۇجۇم ئۇچرىغىنى ئۇيغۇر خەلقى. بۇنداق سەتچىلىكنى مۇۋەپپەقىيەت دەپ جار سېلىۋاتقىنى بولسا، سىز ئىچ ئاغرىتىۋاتقان ياكى تەنقىد ئېغىر كېتىپ ھېسداشلىق قىلىۋاتقان ئاشۇ ئانسامبىلچىلار. شۇڭا ئىشنىڭ ۋەزنىنى دەڭسىمەي تۇرۇپ ئىنساپتىن سۆز ئېچىشىڭىز سىز ئاشىنا بولۇپ تارقىتىۋاتقان ئەقلىيەلىككە، ھېكمەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
2. ئىشلارنىڭ ئوتتۇراھال بولغىنى ياخشى دەپ قىممەتلىك سۆز بار دەپسىز. تارتىنماي پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسى بار، دەۋېرىڭ. سىز ھەدىسنى تۇتقا قىلىپ سۆزلىگەنكەنسىز، مەسىلىگە سىزنىڭ چىقىش نۇقتىڭىزدىن جاۋاب قىلاي: دەرۋەقە بۇ سۆز ھەقىقەتەن قىممەتلىك. لېكىن بۇ يەردىكى ئوتتۇراھاللىق ئۇنداقمۇ، بۇنداقمۇ ئەمەس، ئوتتۇرىدىنراق يول تۇتۇش، ئىسسىقمۇ، سوغۇقمۇ ئەمەس، لەۋلىمىجان بولۇش، دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ھەدىستىكى «ئەۋسەت» يەنى ئەڭ لىللاسىدا بولۇش دېگەنلىكتۇر. يەنە بىر ھەدىستە «ۋەسەت» دېگەن سۆز «ئەدل»، يەنى ئادىللىق مەنىسى بىلەن ئىزاھلانغان. ئۇنداق بولغاندا «ئەۋسەت» دېگەنلىك ئۆز نۆۋىتىدە «ئەئدەل» دېگەنلىك بولۇپ، يەنى ئادىل بولۇش، بولغاندىمۇ ئادىللىقنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئەۋسەت دېمەكلىك «ئەئدەل» دەپ ئىزاھلانغان ئىكەن، بۇ يەردىكى ئەڭ ئادىل مەنىسىدە كېلىدىغان ئەفئەلۇ ۋەزنىنى، يەنى ئاشۇرما سۈپەت دەرىجىسىنى دىققەتكە ئالساق، ئىشنىڭ ماھىيىتى ۋە ۋەزنىگە باب كەلتۈرۈپ ھەققىنى ئاداققا يەتكۈزۈپ بېرىش، ھەقدادىغا يەتكۈزۈش، ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇنداقتا، مەن تەنقىد قىلىۋاتقان نۇقتىلار مەسىلىنىڭ ۋەزنى ۋە سۈپىتى جەھەتتىن ھېسسىيات ئارىلاشتۇرۇپ تەسىرلەندۈرۈش تىپىدىكى رومانتىكىلىق ئاقىدىغان مەسىلىلەردىن ئەمەسلىكى ئېنىق. شۇنداقلا بۇ تەنقىدنىڭ ۋەزنىنىڭ بۇ دەرىجىگە بېرىشى بۈگۈننىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، بۈگۈننى خۇلاسە قىلغان يىللار داۋامىدا جەريان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلارنىڭ يەكۈنلىرىگە چېتىلىدىغان مەسىلە. مەسىلىنىڭ نەقەدەر يولسىز ۋە خۇپسەنلەرچە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرغان بىلەن ئاڭقىرمىغان ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. شۇڭا ئىنساپنى تىلەشتە ئىگىسىنى تېپىشىڭىزنى، مەسىلىنى ھېسسىيلىققا باغلىماي ئەقلى بولۇشىڭىزنى، يۈزەكىلا ھېسداشلىققا تۇتۇنماي ھېكمەتلىكراق بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ھېچ بولمىسا ئاۋۇ تەرجىمە قىلىپ تارقىتىۋاتقان ئەقلىيەلىرىڭىزدىن ئازراق بولسىمۇ يۇققانلىقى يازمىلىرىڭىزنىڭ چىرايىغا چىقسۇن! بولمىسا دېيىلىۋاتقان گەپلەرنىڭ تۆرەلمە سالاچىلىقتىن پەرقى قالمايدۇ.
Bahadir Harun
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان 1- پىتنە -پاسات تارقاتقاندىن ئەقىليە سۆزلىرى تارقاتقان ئەۋزەل بورھان ئەپەندىم! ئۇنى چىشلەپ تارتىشىڭىزنىڭ مەنچە ھاجىتى يوق!
2- ئوتتۇرھاللىق توغرۇسىدىكى بىز ھەدىس دەپ بىلىپ كەلگەن سۆزنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى شۇڭا بىۋاستە ھەدىس دەپ ئالمىدىم، ئەمما ئۈلىمالار تەرىپىدىن قۇرئان ھەدىسكە مەناسى ئۇيغۇن دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا ئىسىل سۆز دەپ ئالدىم.
سەھىپىڭىزگە قاراپ بىقىڭە ئۆز قىرىنداشلىرىڭىز بولغان مۇشۇ كىشىلەرگە قارشى نەپرەت،مەسخىرە، دۆشمەنلىك يازمىلىرى بىلەن توشۇپ كىتىپتۇ، "مۈمىن مۈمىننىڭ ئەينىكى" قىرىندىشىم، ئۇنچىۋالا قىپكەتمەڭ سىزمۇ!
ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتىنىمۇ تونۇشتۇرىمىز دەپ باشلىغان ھەركىتى " ئانسامبىلچىلىقى" شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خاتالىق ئىدى ئەمما ئۇ ئىشقىمۇ خىلى ۋاقىت بوپكەتتى، بۇنى تەگەۋىرىشنىڭ يەنە ھاجىتى بارمۇ! ئەمدىكى دىمۇكراتچىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا بەزى مەسئىلىلەر بار ئەمما ئۇلاردىمۇ سىياسەت پەنلىرىدە كەسىپ ئىگىلىرى توپلانغان ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىدىن ئىبارەت ئەقىل ئامبىرى بار ۋە شۇنداقلا ھەر كەسىپتىن بىلىم ئىگىلىرى توپلانغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ھەمكارلىقتا ئىش ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ، ئۇلارمۇ بۇ مەسئىلىلەرنى ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپتىن قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئىيتقاندا مەنچە بۇ داۋانىڭ "يەڭ ئىچىدىن سىتىۋەتمىسۇن" دىگەن گۇماننى قىلىدىغان يەرگە تىخى كەلگىنى يوق، ۋە ئۇنداق ئىشلارغا يوقۇردىكى مەزكۇر ئىلىم ئىگىلىرىمۇ قاراپ تۇرمايدۇ ۋاقتى كەلگەندە، ھەمدە گۇمان ھىچقاچان ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ، قىرىنداشلار ئارا ئىشەنچ بولىشى كىرەك دۆشمەننى مەغلۇپ قىلىش ئۆچۈن! ئەمما بۇلار ئۆزىمۇ چۈشەنچە بىرىۋاتقان بىر ئىككى مەسئىلىنى تۇتىۋىلىپ دۆشمەندىنمۇ بەتەر غەزەپ نەپرەت ياغدۇرۇشنىڭ سىزچە قانچىلىك پايدىسى باردۇ! مانا مۇشۇنداق نەپرەتنىڭ،ئەيىپلەشلەرنىڭ قىرىنداشلىقنى بۇزۇشتىن، ھەمكارلىقنى تۇسۇشتىن باشقا يىللاردىن بىرى بىرەر پايدىسى بولدىمۇ ! ئىلمى تەنقىد باشقا گەپ، ئىللەت زادى نەپرەت بىلەن مەسخىرە بىلەن دۆشمەنلىك بىلەن تۈزىلەمدۇ !
ھەمدە ئۆز قىرىندىشىڭلارغا بۇ قەدەر نەپرەت زادى قەيەردىن كىلىۋاتىدۇ ھەيرانمەن، بولۇپمۇ ھەمكارلىققا، قىرىنداشلىققا تارىختىكى ئەڭ تەقەززالىق ۋاقىتتا ياشاۋاتقان كۈنلىرىمىزدە !
توغرا مىنىڭ راستىنلا ئىچىم ئاغىردى! چۈنكى ئۇلارنى دائىم دۆشمەن بىر تەرەپتىن ۋە ئىچكى جەھەتتىن دوستلار بىر تەرەپتىن ئەيىپلەۋاتقىنىنى، مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى كۆرىۋاتىمەن، تۆۋەن كۆرىۋاتقىنىنى كۆرىۋاتىمەن، بىز تەقەززا بولىۋاتقان مۇكەممەل، ئىشەنچلىك رەھبەرلىك ئاپاراتى ھىچقاچان بىزگە سىرىتتىن كەلمەيدۇ! ئىچىمىزدىن چىقىدۇ، خاتالىقلىرى،كەمچىللىكلىرى بىلەن ئىچىمىزدىن چىقىدۇ، ئەيىپلەشكە تۇتقا قىلىۋاتقان مەسئىلىلەردە ئۇلارنىڭ ئەقىل ئامبىرىدىكى ئادەملەر بىلەنمۇ سۆزلىشىپ بىقىش كىرەكقۇ مەنچە، ئۇلارمۇ بىكار يىتىۋاتمايدۇ، ئۇلارمۇ بوش ئادەملەر ئەمەس مىنىڭ نەزىرىمدە ، ئەمما بەزى خاتالىقلارنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ئۆز قىرىنداشلىرىڭىزنى دۆشمىنىڭىزگىمۇ قىلىپ باقمىغان كەمسىتىش، مەسخىرە مۇئامىلىسى بىلەن ھەمكارلىققا تەخىرسىز مۇھتاج بولىۋاتقان خەلىققە يامان كۆرسىتىش قىلمىشىڭىز ئىلمى تەنقىد جۈملىسىدىن سانىلامدۇ!
خىلىدىن بىرى سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ پايدىلىنىپ ياقتۇرۇپ كەلگەن ئىدىم، ئەمما ئومۇمەن ئىيتقاندا بۇ قىلمىشىڭىزنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ، مانا بۇمۇ مىنىڭ سىزگە سەمىمى تەنقىدىم! تەنقىد سەمىمى بولغان تەقدىردىمۇ ئەنە شۇنداق ئاچچىق بولىدۇ بورھان ئەپەندىم !
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Bahadir Harun غا:
1. پىتنە - پاساتنى تارقىتىشنىمۇ ئىگىسىنى تېپىپ دېگەيسىز. ھەق گەپنىمۇ ئىزاھسىز، ئورۇنسىز كەلسە - كەلمەس تارقىتىشمۇ پىتنە - پاساتلىققا يول ئاچىدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى. يەنە كېلىپ سىزدەك مەشىق سەۋىيەسىدىكى سۈپەتسىز تەرجىمىلەر بىلەن تارقاتقانچە ئەقلىيە سۆزلەرنىڭمۇ سۈپىتى پاخاللىشىپ تاققا - تۇققا تەتبىقلايدىغانلارنىڭ ئاۋۇشىغا خىزمەت قىلىشى يىراق ئەمەس. مەن سىزنى چىشلەپ تارتىپ سىزنىڭ ئەقلىيە تارقىتىشىڭىزنى بىر نەرسە دېمىدىم، نوقۇل تارقاتقۇچى بولۇپلا قالماي ئۆزلەشتۈرگۈچى بولۇشقا، يۈزەكىلەشكۈچى ئەمەس، چوڭقۇرلىغۇچى بولۇشقا رىغبەت قىلدىم.
2. ھەمكارلىق سەپسەتە ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان ياكى پۈت تىرەپ تۇرالايدىغان نەرسە ئەمەس. سەمىمىي دىيالوگقا ياناشمىغان مۇغەمبەرلىكتىن سەمىمىي ھەمكارلىقمۇ كۈتۈلمەيدۇ. بۇ توغرىدىمۇ ۋەز - نەسىھەتنى ئىگىسىنى تېپىپ قىلغىنىڭىز ياخشى. سىياسىيلىققا دائىر تەنقىدلەردە كۆڭۈلچەكلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋېلىپ سىياسىي تۇتۇم ۋە پىكىرلەر ئۈستىدە بەھس مۇنازىرە قىلىش ئەقلىيلىككە ئورۇن قويمايدۇ. بۇ قانداقتۇر فىقھىي ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىجتىمائىيلىققا ياتىدىغان ساھەلەردىكى تەنقىد ئەمەس. سىز نۇرغۇن پەرەزلەرنى ئالدىن قويۇۋېلىپ تۇرۇپ تەنقىدنى ئەيىپلەۋاتىسىز، مەن ئۇ پەرەزلەرنى نەچچە باسقۇچ بۆسۈپ بولۇپ، مەلۇم ئاساس ۋە رېئاللىقنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىۋاتىمەن. پەرەزلىرىڭىزنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى قانائىتىڭىز ۋە تونۇشىڭىزغا باغلىق مەسىلىلەر. لېكىن مېنىڭ ئۇنداق ئەمەس. تەنقىد ئوبيېكتلىرىغا نېمىنى ۋە نېمىگە ئاساسەن تەنقىد قىلىۋاتقىنىمنى مەسىلىنى تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى ۋە بۈگۈنكى رېئاللىقلار بىلەن باغلاشتۇرۇپ چۈشىنىدىغانلار ھەزىم قىلالايدۇ. ھەم تەنقىدمۇ ئۆز ئىگىلىرىگە تېگىشلىك بولغانلىقى جەھەتتىن ئۆزلىرى بىلەلەيدۇ. سىز پەرەزلىرىڭىزگە تايىنىپ ئۆز قارىشىڭىزدا كېتىۋەرسىڭىز ۋە ھېسداشلىقنى داۋاملاشتۇرىۋەرسىڭىز كېرەك يوق. سىزمۇ چۈشىنىپ قالغاندا ئىنساپ بىلەن ئەقلىي تەھلىل قىلىدىغان كۈنىڭىز يەنە قانداق تەنقىدىي پىكىرلەردە بولىسىز، شۇ چاغدا كۆرىمىز. خەير، ئامان بولغايسىز!
Kasim Azad
يازما دېگەننى ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك ئۇزۇن،چۇۋالچاق يازماي،ئانچە ـمۇنچە يىغىنچاقراق يازارسىلەر.مەقسەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇنچىۋالا سۆز ئويۇنى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Kasim Azad
ئازاد قاسىمغا:
بۇنداق ئىنكاسنى ھۇرۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدا زاكىلىنىپ چوڭ بولغان تىپلار دېسىمۇ بىرنۆرى . سىلىدەك بىر ئۆمۈر «يازغۇچى» قالپىقىنى كىيىپ ئۆتكەن ئادەم دېسە، بىر بولسا تېجىمەللىكتىن، يەنە بىر بولسا دۇمباقچىلىقتىن دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. خەق قىلىۋاتقان سەتچىلىك ۋە ئاڭسىزلىقلىرىنى گەپ ئوينىتىپ يېپىشقا ئۇرۇنسا، كۆرۈرمەننى چۆرگۈلىتىپ ئايلاندۇرۇپ ئۈچ سائەت ۋاتىلدىسا گەپ يوق، مېنىڭ يازمام پېشانىلىرىگە قادالغىنى غەلىتە. يازغۇچى قالپىقى كىيىپ ياشاۋاتقان قەلەمكەش بولغانكىن بولۇۋاتقان سەتچىلىكلەرگە، سائەتلەرچە گەپ سېتىشلارغا لىللا قىلىپ ئىككىلىك تەنقىدىي پىكىر بەرمەكتە يوق، مېنىڭ تۆت بەتلىك تەنقىدىي يازمامغا جۈملىسى، ئۇزۇن - قىسقىلىقى ۋە چېكىت پەشلىرىدىن تېرىق چىقارغىلى كېلىپ كەتكىنى تېخىمۇ قىزىقارلىق. سىلىدەك مىللىي غايىنى ئۇتوپىيە مازارلىقىغا كۆمۈۋېتىپ «يازغۇچىلىق» قالپىقىنى كىيىپ ھېچكىمگە يامان بولماي قۇلاق تىنچ ياشاشنى راۋا كۆرگەندىن، پىكىر - ئىدىيەلەرنى ئەقىل ۋە ئىلىم سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزۈپ، تەنقىدىي نەزەرلەر بىلەن ئاڭ - تەپەككۇرنى سەگەكلەشتۈرۈش، ئاۋام كۆرەلمىگەننى ئىلىم ۋە پىكىر ئەربابى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆرسىتىپ ساختىلىقنى پاش قىلىش ۋە توغرىنى سۆزلەش نەچچە ھەسسە ئەلا. باشتىكى ئاقارغان چاچنىڭمۇ بولسا ھەققىنى بېرىپ گەپ قىلايلۇق.
Abdurehim Koktugh
بىر سەمىمى تەۋسىيەم. ئالدى بىلەن يازمىنى سەل ئىخچامراق يازسىڭىز. بىر جۈملە بىلەنلا ئىپادىلىگىلى بولىدىغان ئۇقۇمنى دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن سوزۇپ ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك قىلىۋېتىدىكەنسىز. مەندەك كىتاپ ئوقۇشتىن ھوزۇر ئالىدىغان ئادەممۇ يازمىڭىزنىڭ يېرىمىنىمى تەستە ئوقۇپ تۈگەتتىم. مېنى يازمىڭىزنى ئوقۇشتىن بەزدۈرگەن يەنە بىر نەرسە سىزنىڭ ئىملا قائىدىسى دېگەننى قىلچە ئۇقماسلىقىڭىز. پەش دېگەننى ئايىماي قويىدىكەنسىزكى، بىر ئۇقۇمنى نەچچىگە بۆلۈۋېتىپ، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشنىش ئۈچۈن قايتىلاپ نەچچە ئوقۇشقا مەجبۇر بولىدىكەنمىز. بولسا يازما يېزىشىنى سەل توختىتىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى ئازراق ئۆگەنسىڭىز، ۋەتەندە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇپ، شۇلاردىن تىنىش بەلگىلەرنى قانداق قويۇشنى ئۆگىنىپ ئاندىن قەلەمنى قايتىدىن قولغا ئالسىڭىز بوپتىكەن.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Abdurehim Koktugh قا:
نەزەرگە ئېلىنغۇدەك پىكىر قاتناشتۇرالمىسىڭىزمۇ ئاتىكاچىلىقىڭىزغا ھاي بېرىشنى ئۈگىنىۋېلىپ ئاندىن سۆز قىلسىڭىز «سەمىمىي» دەپ سۈپەتلەۋاتقان تەۋسىيەرىڭىز بىرئاز تۇتارلىق بولاركەن. سىزگىمۇ ئوخشاش گەپ: سىزمۇ ھېلىقىدەك ھۇرۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدا زاكالانغانلار تائىپىسىدىن بولمىسىڭىز شاتۇتىدەك بىرى دېگەن گەپنى ئوخشاش قىلىپ تەكرارلاپ يازمىغا بولالمىغاندا يېزىقتىن قۇسۇر تېپىشىشنى مەشىق قىلىپ بەرمىسىڭىزمۇ بىرى سىزنى بىلەرمەن ئەمەسكەن دېمەيدۇ. يازما ئۇزۇن كۆرۈنۈپ كەتكەن بولسا، كۈرمىڭ فېيسبۇك سەھىپىلىرى تۇرۇپتۇ. بىرىنچى تېنىقنى ئېلىپ ئىككىنچىسىنى تارتىپ بولغۇچە ئوقۇپ بولغۇدەك قىسقا يازمىلارغا توشۇق. شۇ سەھىپىلەردە سېغىز چاينىشىپ تۇرسىڭىزمۇ، سەھىپەم سىزنىڭ ئاتىكارچىلىقىڭىزنى سېغىنىپ قالغىنى يوق.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى