سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا لەپەرداشلىق ھېرىسمەنلىكى
سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا لەپەرداشلىق ھېرىسمەنلىكى
سىياسىي ئىتتىپاقنى ئۇرۇشقاق ئەر - خوتۇنلارنىڭ جېدىلىگە ئايلاندۇرۇشتەك بىمەنىلىك ئېھتىمال ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتتە ئالدىراپ كۆرۈلمىسە كېرەك. بولۇپمۇ خىتاي جىنستىن ئىتتىپاقداش تاپقاندا ياكى چەتئەل ھاكىمىيەتلىرىدىن بىرەرسىدىن باش سىلاشقا ئېرىشكەندە ئۇنىڭغا دىپلوماتىك تىل ۋە سىياسىي تۇتۇمدا مۇئامىلە قىلماستىن، دەرھال ئۇنىڭغا دوستلۇق سۇنۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتىن ھالقىتىپ مىللەت نامىدا مەخسۇس خاتىرە كۈن بېكىتىشكە زورۇقۇش، ئارىدىكى مۇناسىۋەتكە ياراشمىغان ياكى قويۇشقا بالدۇرلۇق قىلىدىغان ئىسىملارنى قويغۇسى كەپكېتىش، مۇناسىۋەت ئىجىل چاغنى پۇرسەت بىلىپ لوزۇنكا ياساپ ئىسىم قويۇۋېلىشقا تىرىشىش، شۇنداق بولغىنىدا كېيىن يامانلىشىشنىڭ يولى ئېتىلىدىغاندەك، سەت تۇرار دەپ بولسىمۇ قارشى تەرەپ مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىدىغاندەك بىر ئاتموسفېرا يارىتىشقا ئۇرۇنۇش ئىستەكلىرى ۋە بەزى ئەمەلىي ئۆرنەكلىرى كۆزىمىزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ھېسسىيلىق ۋە بىمەنە پىسخىكىنىڭ يېتىلىپ قېلىشى، بولۇپمۇ سىياسىي ئانسامبىلچىلاردا كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان خىتايدىن لەپەرداش ئىزدەش قىزغىنلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى كىشىنى قىزىقتۇرىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە خاراكتېرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كەلسە مەسىلىنى مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن كۆزىتىشكە بولىدۇ:
1. ياشلىقتا يېتىلىپ قالغان تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى سىياسىي تەجرىبىلەرگە سۆرەپ كىرىش.
كونا تۇرمۇش تەجرىبىسى دېگەن ۋاقىتتا، بۇنىڭغا ئاسارەتتىن كېيىنكى دەۋرلەردە، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋردە ئەخلەت ۋە مودا كۈلتۈرگە ئايلانغان قىز ۋە يىگىت ئوتتۇرىسىدا نامەھرەملىك پەردىسىنى قايرىپ تۇرۇپ يۈرۈشكە پۈتۈشۈش، ياكى ئارىغا نىكاھ سېلىۋالغاندىن كېيىن «ئەمدى مەندىن ئالدىراپ ئاجرىشالمايدۇ» چۈشەنچىسىدە قارشى تەرەپتىن ئۆزىگە قارشى خاتىرجەم بولۇش تەجرىبىسىنى مىسال قىلىش مۇمكىن. بۇ خىل تۇرمۇش تەجرىبىسىدە قىز ۋە يىگىت پەقەتلا بىر - بىرىگە بولغان مايىللىقىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، مۇناسىۋەت دائىرىسىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلەرگە كېڭىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن «يۈرۈۋاتىمىز» ناملىق ئويدۇرما ئاتتىن بىرنى قويۇپ ھەر ئىككى تەرەپ تەسەللى تاپىدۇ. ئىچ قويۇن بولۇش، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچىنچى بىر تەرەپكە قېيىپ كەتمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەت چەمبىرىكىگە مەزكۇر ئويدۇرما ئىسىم ئارقىلىق قۇلۇپ سالغان بولۇۋېلىشىدۇ.
ئەر - خوتۇنچىلىقتىمۇ ئارىغا نىكاھ ئىسىملىك بىر مۇقەددەس تۇتقىنىڭ كىرىشى بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنى بىر - بىرىدىن ساداقەت كۈتۈش ۋە ئىشىنىشتىن ئىبارەت توختامغا ئىگە بولغان تۇيغۇ قاپلايدۇ. شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىۋى يولداشلىقىنىڭ ھەققىنى قوغداپ، تاشقى جەھەتتىن بۇزغۇنچىلىققا قارشى سەگەك تۇرۇپ ئارىنى ھىم تۇتۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
سىياسىي ئانسامبىلچى توپنىڭ ھە دېگەندە سىياسەت ئۈستىلىدىن ئىتتىپاقداش ئورنىغا «دوستلىشىش» ئىسىمدا لەپەرداش ئىزدەشلىرىنى مۇشۇلارغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ھالبۇكى ھەر كۈلتۈرنىڭ دوستلۇق چۈشەنچىسى باشقا، دوستلىشىش ئۇسۇلى باشقا بولۇپ، سىياسەتتە بۇنىڭ ئۇسۇلى تېخىمۇ باشقا. سىياسەتتە گويا مېھمان چاقىرىپ توي ئۆتكۈزگەندەك ياكى بىرەر پائالىيەت ئۆتكۈزۈپلا داۋاملىشىۋاتقان مۇناسىۋەتكە ئىسىم قويۇۋەتسە قايتا ئاجرىماسلىقنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغان تەرزدە ئىتتىپاقداشلىق تۈزۈش مەۋجۇت ئەمەس. ھەم بۇنداق سىياسىي دوسلۇقنىمۇ ئۆزىنى خوجايىن، قارشىسىدىكى بېسىۋالغان خەلقنى چاكىرى نەزىرىدە كۆرىدىغان خىتاينىڭ زېھنىيىتى ۋە سىياسىي كۈلتۈرىدىن باشقىدا تېپىش تەس. سىياسەتتە مەنپەئەت ئاساس بولغان ئىكەن، ئىتتىپاقداشلىقنىڭ بۇزۇلۇش ياكى تۈزۈلۈشى سىياسىي ھاۋا كىلىماتقا، مەنپەئەت ئېغىرلىقىنىڭ قايسى تەرەپنىڭ بەكرەك بېسىپ كېتىشىگە قارىلىدۇ. شۇڭا، سىياسىي مۇناسىۋەتتە مەنپەئەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ياكى پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىش قىز - ئوغۇل ئارىلىشىش مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش «يۈرۈۋالغان بولۇش» ياكى ئەر - خوتونلۇق مۇناسىۋەتتەك «نىكاھ ئوقۇتۇۋېلىش»قا ئوخشاش مەخسۇس پائالىيەت تەرتىپلەپ لوزونكىلىق دوستلۇق جاكارلاش ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەنپەئەتتە پايدا تارازىسىنىڭ ئۆزى تەرىپىدە بولۇشىغا كۈچەشنى توختىتىپ قويماسلىق ۋە قارشى تەرەپنىڭ تارازىنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا ئېغىپ كەتمەسلىكىگە خىزمەت ئىشلەپ تۇرۇشتۇر. ئىشنىڭ يولى بۇ ئىكەن، ئۇنداقتا ئىككىدە بىر سىياسىي لەپەرداشلىق ئويۇنى ئويناشنىڭ، سىياسىي مۇناسىۋەتكە ياسالما ئات قويۇپ «دوستلۇق»، «ئىتتىپاقداشلىق» ئۇقۇملىرىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ يۈرۈشنىڭ ئورۇنسىز ۋە تېتىقسىز بىر ئىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
2. ئاسارەت دەۋرىدە كۆنۈكتۈرۈلگەن «سىياسىي بىشەملىك» تەلقىنلىرىدىن ھالقىيالماسلىق.
مانا بۇ نۇقتا مەسىلىنىڭ سىياسىي لەپەرداش ئىزدەش خاھىشىنىڭ زېھنىيەت ۋە ئاڭ - سەۋىيەگە چېتىلىدىغان قىسمىدۇر. مەلۇم بولغاندەك، 70 يىلدىن ھالقىغان ئاسارەتلىك دەۋرنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان ۋە تومۇر تومۇرلارغا قەدەر سىڭدۈرۈۋېتىلگەن ھەمدە ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ساختا مۇناسىۋەت شەكىللىرىدىن بىرى «دوستلۇق تېڭىش» ھەرىكەتلىرىدۇر. ھەر مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇر ۋە خىتايلارنىڭ «قېرىنداش» مىللەت ئىكەنلىكى، قېرىنداش بولغاچ «مىللەتلەر ئىتتىپاق» ئىكەنلىكى ئۇرغۇلانغان بۇنداق سىياسىي بىشەملىك يۇغۇرۇلغان پائالىيەتلەرنىڭ يىلتىزىنى تا مىللىي ئارمىيە بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپ قىزىل ئارمىيە بىلەن دوستلاشقان ۋاقىتلارغا تۇتاشتۇرۇش مۇمكىن. خۇددى ئادەم ئاتىنىڭ چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىش خاتالىقىنى ئەستە تۇتۇپ، تەۋبە قىلغانلىق مىراسىنى ئۇنتۇپ ماڭغاندەك، خىتاي باشلىغان بۇ ھارامزادە «دوستلۇق»نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە نەتىجىلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇنتۇلۇپ ماڭدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەجبۇرى دوستلۇققا ئايلانغان بۇ تۈر پائالىيەت، قەيەردە خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يىرىكلىشىش ياكى مەلۇم يۇرتتا خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇنۇشلىرى، خىتاينىڭ تىلى بويىچە ئاتالمىش «ۋەقە» سادىر بولغان بولسا، شۇ يەردە كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ باش لوزۇنكىسى: «قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش»، مۇقىملىق ئۈچۈن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نى ھىمايە قىلىش بولدى. بۇ ئەلۋەتتە زورلۇق شەكلىدە بولغان ياكى مېڭە يۇيۇلغانلار تەرىپىدىن ئىختىيارى بولغان بولسۇن، ئۇرغۇلىنىۋاتقانلار، تېلېۋىزورلاردا سازايى قىلىنىۋاتقان پائالىيەتلەر گويا ئىككى مىللەت ئارىسىدا «دوستلۇق» ئورناپ بولغانلىقتەك بىر كۆرۈنۈشنى خەلق ئېڭىغا سىڭدۈرۈپ كەلدى. مىللىي ئەخلاق ئەنئەنىسىدە ئىجتىمائىي دوستلۇقتا ۋاپا كۆرسىتىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ۋاپادارلىق ئېڭىدىن پايدىلانغان خىتاي بۇ خىلدىكى ساختا تىياتىرلارنى كۈچەيتىش ئارقىلىق «بىز دوستلىشىپ بولدۇق، ئەمدى مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىساڭ دوستلۇقنى بۇزغان بولىسەن»، دېگەن تەڭسىز شەرت ۋە كۆكەرمىلىك سىڭگەن قاپقارا تۆھمەتنى ئۇيغۇرنىڭ پىسخىكىسىغا كىرگۈزۈۋەتمەكچى، خىتايغا قارشى ھەرقانداق جۈرئەتكارلىقتا گويا ۋاپاسىزلىق ئېڭى قىزىل چىراغ يېقىپ تۇرۇشى كېرەكلىكتەك سۈنئىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ياساپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن مىللەت ئىچىدە چىقىۋاتقان ھەرقانداق قارشىلىقلارنى باستۇرۇشقا «بىز دوستلىشىپ تۇرساق، دوستلۇقىمىزنى بۇزدۇڭ» دېگەن مەنتىقىنى باھانە قىلىپ، قىلىپ كەلگەن ۋە قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى يوللۇقتەك بىر كۆرۈنۈشنى ياساپ چىقىشتى. مىللەتنىڭ ئادالەت ئىزدەش ئىسيانىنى باستۇرۇپ گۇناھنىڭ تاجاۋۇزچى خىتايدا ئەمەس، ئەكسىچە تېڭىلغان دوستلۇق كېلىشىمىنى بۇزغۇچى بولغان ئۇيغۇردا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا لوزونكا ئاستىدا تۈزۈلۈپ خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان (ئەمەلىيەتتە زورلاپ تېڭىلغان) دوستلۇقنى بۇزغانلارغا ھەر تۈرلۈك جازانىڭ لايىقلىقىنى، «دوستلۇق»قا ۋاپا قىلماي خەلقنىڭ تىنچ ئامان تۇرمۇشىنى بۇزغانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي بىلەن دوست ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغانلار، خىتايغا قارشىلىق بىلدۈرگەنلەر ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلدى.
بۇ يەردە ئاتالمىش «دوستلۇق» ۋە ئاتالمىش «ئىتتىپاق» ئىسىملىرىنى لوزۇنكا ئاستىغا ئېلىپ كۆپچىلىككە جاكارلاپ قويۇش، ئېلان قىلىۋېتىش شەكلىدە پۈتۈشۈلگەن دوستلۇقلارنىڭ بىر تۈرلۈك ساختىلىق ئىكەنلىكىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى خىتايمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئۇيغۇرمۇ بىلىدۇ. ئەمما خىتاي ئۇنى ھاكىم كۈچ نۇقتىسىدىن قىلىۋاتقانلىرىنىڭ سىياسىي ئويۇن ئىكەنلىكىنىڭ پەرقىدە. لېكىن بۇنى قوبۇل قىلىۋاتقان تەرەپ بولسا بۇنىڭ ساختا ئويۇنلىقىنىڭ ھەم پەرقىدە، ھەم پەرقىدە ئەمەس. پەرقىدە دېيىشىمىز، ساختىلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ خىتاينى بۇ تېڭىلغان دوستلۇققا ۋاپا قىلىپ قالار، دەپ تەمە قىلىشىدۇر. پەرقىدە ئەمەس دېيىشىمىز، قوبۇل قىلغانلار مۇشۇنىڭغا ئىشىنىپ قىلىپ خىتاي بىلەن تەلتۆكۈس يول ئايرىش تەرەپدارى بولغان مىللەتداش ۋە قوۋمداشلىرىنى يا ساتىدۇ، ياكى ئۇلارنى «بىزنى خاتىرجەم ياشىغىلى قويماي بىكاردىن بىكار ئىش تېرىدى» دېگەن تەرزدە خىتايغا قوشۇلۇپ پىپەن قىلىشىپ بېرىدۇ.
قارايدىغان بولساق، كۈنىمىزدىكى خىتاينىڭ مەيلى گومىنداڭ ياكى كومپارتىيە نۇسخىلىرى، لىبېرال ياكى دېموكرات نۇسخىلىرى بولسۇن، خىتاي جىنسى بىلەن ئۈستەلگە كېلىپ قالغان تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن مەلۇم بولماقتىكى، ئاتالمىش «يولداشلىق»، «ئىتتىپاقداشلىق»، «دوستلۇق» لوزونكىلىرىغا ھېرىسمەن يۈرۈۋاتقانلاردىكى زېھنىيەت يۇقىرىقى ئاسارەت دەۋرىدە قارشى تەرەپ بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا «دوستلۇق جاكارلىۋەتسەك، سەت تۇرماسلىقى ئۈچۈن بىزگە قارشى چىقمايدۇ» پىسخىكىسىنى دوراپ بېقىش ياكى پەرقلىق شەكىلدە تەكرارلاپ بېقىشىنىڭ نەتىجىسى، ياكى نەشر يۆتكىگەن ھالىتى، دېيىشكە بولىدۇ. گويا لوزونكا ئاستىدا ئىتتىپاقلىق، دوستلۇشۇش ئېلان قىلىنغاندا، ھەتتا ئاتالمىش «دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نامىدا تەشكىلات ياكى ئورگان قۇرۇۋەتكەندە گويا چوڭ بىر سىياسىي مەسىلە ھەل بولۇشقا قاراپ ماڭىدىغاندەك، خۇددى كومپارتىيەگە قارشى بىرەر چوڭ ئىش قىلىۋەتكەندەك ھال كىرىپ چوڭ سۆزلەشلەر ئەتراپتا ئۇچۇپ يۈرمەكتە.
ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۆتكۈنچى سىياسىي ساختىپەزلىكلەر پەقەتلا مەزكۇر زېھنىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىشىدىن باشقىغا يارىمايدىغان بىمەنە ئىتتىپاقداشلىق بولۇپ، مۇناسىۋەت شەكلىگە قارىغان ۋاقىتتا خۇددى كومپارتىيەچى يولداشنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش ئۈچۈن گومىنداڭچى تەتەي بىلەن تاڭسا ئويناشتىن، كومپارتىيەچى خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇقنى بۇزغانلىقنى ئىپادىلىگەن كۆرۈنۈش ئۈچۈن دېموكراتچى خىتاي بىلەن لەپەر ئويناشتەك لاۋزىلىق سەۋىيەسىگە چۈشۈپ بېرىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
دېمەك سىياسىي ئانسامبىلچى توپلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلەرنى «يۈرۈۋاتقان ئاشىق - مەشۇقلار»نىڭ مۇناسىۋىتىگە ياكى بولمىسا «زورىغا نىكاھ ئوقۇتۇپ ئەر - خوتۇن بولۇۋالغانلار»نىڭ مۇناسىۋەت ئەندىزىسىگە چۈشىدىغان زېھنىيەت ۋە تەرزدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ بۈگۈننىڭ سىياسەت سەھنىسىدە سىياسىي ئىتتىپاقداشلىقنىڭ قانداق تۇتۇم، قانداق مەۋقە بىلەن تۈزۈلىدىغانلىقى ياكى قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقداشلىقنىڭ كىم باشنى سىلىسا لوزونكا ياساپ دوستلۇق كۈنى بېكىتىشتەك ئەرزان سىياسەتچىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى، قىسقىسى سىياسەتنىڭ ئانسامبىلچىلىق ئەمەسلىكىنى، ئىتتىپاقداشلىقنىڭ قانداقتۇر لەپەرداشلىق ئەمەسلىكىنى تېخىچە ئاڭقىرىپ بولالمىغان نەيرەڭۋازلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشكە بولىدۇ.
ئاگاھ بولۇش كېرەككى، ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي مەسىلىسى بۇخىل خىتاي جىنستىكى تىپلار بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىش دەرىجىسىدىكى لەپەرداشلىق يوللىرى بىلەن ئەسلا ئالغا سىلجىمايدۇ، بەلكى پۇچەكلىشىدۇ. بۈگۈن ئىتتىپاقداش لوزۇنكىسى بىلەن دوستلىشىپ، ئەتىسىگە ئۇيغۇرنىڭ زىيىنىغا ئەتەي سۆزلەپ سىياسىي ئاتموسفېرانى بۇلغاش ئويۇنلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىنى كۆرۈپ يېتىش بىلەن بىرگە، ئىشنىڭ تەگ ماھىيىتىىدە ۋاي «پالانچى ۋى ئەپەندىم،»، «پوكونچى دىڭ ئەپەندىم»، دەپ خۇشامەتگۈيلارچە زاكون ۋە رەددىيەلەر بىلەن سوكولداپ يۈرۈشتەك بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلار ئارقىسىدا سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا يىلتىز تارتىپ كەتكەن يالاقچى زېھنىيەت ۋە ئەرزان سىياسەتۋازلىقنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك. شۇنداقلا سىياسىي ئۈستەلدە مۇئەييەن ئارىلىق قويۇشنى بىلمەستىن خۇشامەتگۇيلارچە قول بېرىپ تاڭسىغا چۈشۈپ كېتىشنىڭ «جىم تۇرغان تامغا ئۈسسۋېلىش»تىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يېتىش زۆرۈر.
ئەگەر بۈگۈننىڭ سىياسەت دۇنياسىدا ئىتتىپاقلىق مۇۋازىنىتىنىڭ قانداق قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلمەستىن، بۈگۈنى دوستلۇق لوزۇنكىسى قاداپ لەپەر ئويناپ، ئەتىسى يامانلىشىپ قالغان ئەر - خوتۇنلاردەك ئۆزئارا زاكونلىشىپ، ئىككى تەرەپ بولۇپ بىر - بىرىنىڭ يېغىرىنى كولاپ يۈرۈشنىڭ سېرىك ئويىنىغا ئوخشاش باشقىلارغا تاماشا كۆرسىتىش بولىدىغانلىقىنى پەملەش كېرەك. بۇنىمۇ ئاڭقىرمىغاندا، سىياسىي ئانسامبىلچىلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ خاراكتېر جەھەتتىن ۋەتەندە كومپارتىيەگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن گومىنداڭنى پىپەن قىلىش تاكتىكىسىنىڭ تام ئەكسىنى سادىر قىلىشتىن پەرقسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقنى بولسىمۇ تونۇپ يېتىش كېرەك.
مىللەتنىڭ سىياسىي تارىخىدىن ئالغان تەجىربىلىرىنى دىققەتكە ئالماي تۇرۇپ قىلىنغان سىياسەت ھامان مەغلۇبىيەتكە، پۈچەكلىشىش ۋە نەزەردىن چۈشۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. «ئاق ئىت، قارا ئىت، نەتىجىدە ھەممىسى ئىت» پەلسەپىسىنى قانداق تەتبىقلاشنى بىلمەستىن، شۇنداقلا ئاق ئىتقا قانداق سۆڭەك تاشلاپ بېرىشنى، قارا ئىتقا قانداق يەم ئېتىشنى بىلمەستىن، ئىتنىڭ سەۋىيەسىگە چۈشۈپ ئاققا قارشى قارا، قارىغا قارشى ئاق بولىۋېلىش بىلەن سىياسەت ئوينىغان كۆرۈنۈشلەرنى سازايە قىلىپ يۈرۈش ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك، تەخسىكەشلىك ۋە سىياسىي دۆتلۈكتۈر.
−بۇرھان مۇھەممەد
2021-05-11
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى