سىياسىي ئانسامبىلچىلىق ۋە تىياتىرلاشقان «سوت» نەغمىسى
سىياسىي ئانسامبىلچىلىق ۋە تىياتىرلاشقان «سوت» نەغمىسى
ئۈچ يىل مۇقەددەم مىللەت تۈركۈملەپ لاگېرغا تۇتقۇن بولۇۋاتقان، لاگېرلارغا سىغىشمىغاندا ئويدۇرما جىنايەت قالپاقلىرى كەيدۈرۈلۈپ تۈرمىلەرگە پېتىشتۇرۇپ يۆتكەش، ئۇمۇ سىغىشمىغاندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ياكى ئۆلۈكىنى چىقىرىپ بېرىپ يېڭىۋاشتىن تۇتقۇن كۆپەيتىشكە ئوخشاش قانخورلۇق داۋام قىلىۋاتقان دەھشەتلىك كۈنلەردە كوللېكتىپ دېۋەڭلىشىشنىڭ يۇقىرى چېكى بولغان «سەنئەت كېچىلىكى» ئاتالمىش «ھەسرەتلىك نورۇز» نامىدا ئۆتكۈزۈلدى. ۋەتەن ئوت بولۇپ كۆيۈۋاتقان، مەسۇم جانلار چەيلىنىۋاتقان، ئار - نۇمۇسلار دەپسەندە بولۇۋاتقان، پەريادلار كۆككە كۆتۈرۈلۈۋاتقان شۇ ئېغىر كۈنلەردە ئىنتايىن پۈچەك ۋە بىمەنە سەۋەبلەرنى ئاساس قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كېچىلىك بىر توپ ئاڭقاۋ ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ چاۋاكلىرى، سىياسەت كوچىسىنىڭ بىر توپ لالمىلىرىدىن كاتتىۋاشلىرىغىچە بولغان كوللېكتىپنىڭ ئىشتىراكچىلىقىدا ئەبجەش روھىي ھالەتلەر ئىچىدە تامام بولغان بولدى. كىشىنى تەئەججۈپكە سالىدىغان مەسىلە شۇكى، مانا مۇشۇنداق بىر ئاخشاملىق خۇمارنى بېسىقتۇرۇش شەكلىدە تاماملانغان بىر پائالىيەت گويا بىر سىياسىي ھەرىكەت قىلىپ تونۇشتۇرۇلدى. ئېزىلىۋاتقان، قىرىلىۋاتقان قوۋمنىڭ ئاھۇزارلىرىغا ئىگە چىققانلار بولۇپ كۆرۈنگەن ۋە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئانسامبىل باشلىقىنىڭ پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلىشى ھەققىدىكى ئوچۇقلىمىسىمۇ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ۋەتەندە بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىكى بىر ئۆرنەك، مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتكە ئۇنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى قايتۇرۇلغان ئىنكاس بولغانلىقى بىلەن خۇلاسىلەندى. ھەم خىتاي يوقىتىۋېتىمەن، دېگەنچە مەزكۇر كېچىلىككە ئوخشاش پائالىيەتنى كۈچەيتىپ جاۋاب قايتۇرۇش كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلەشنى ئۇنتۇمىدى. جاللات كاللا كېسىپ تەھدىت سالسا، ناز كەرەشمە بىلەن بەل تولغاپ جاۋاب قايتۇرۇش تىپىدىكى بۇ پائالىيەت ئەنە شۇنداق ئىنتايىن يۈزەكى، كالانپاي ۋە غىلجىڭ مەنتىقىگە ئاساسلانغان بولۇشىغا قارىماي گويا يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ جامالىنى كۆرۈپ قولنى كېسىۋالسىمۇ سەزمەي سەۋزە توغراۋاتقان ئىشرەتۋاز خوتۇنلاردەك مەستخۇشلۇق روھىي ھالەت ئىچىدە ئالقىشلاندى.
توينى تويدەك، نەزىرنى نەزىردەك ئۆتكۈزىدىغان ئۇيغۇرلۇق سۇيىئىستېمال قىلىنغان بۇ سورۇندا يا نەزىرلىكى، ياكى تويلىقى ئېنىق بولمىغان، ئەكسىچە شالغۇتلاشقان شىنجاڭچە ئۇسلۇب ئۈلگە قىلىنغان بۇ پائالىيەت مەيلى زىيالىي ياكى ئۆلىما تائىپىسىدىن بولسۇن، بىرەر مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ياكى ئوبزوردىن نېسىۋە ئالمىدى. گويا نورمال ھادىسىدەك، قىرغىنچىلىق كۈچىيىۋاتقان ۋاقىتتا زۇلۇمغا قارشىلىق شەكىللىرىنىڭ نەغمە - ناۋا ئارقىلىق بولۇشى زۆرۈردەك بىر تۈستە قوبۇللىنىپ ئۆتۈپ كەتتى.
مەلۇم بولغىنىدەك، شىنجاڭچە سەنئەت كېچىلىكلەر، ئانسامبىللار ئومۇمەن مۇستەملىكچىلەرنىڭ مىللەتنى مەستخۇش قىلغۇچى ئەپيۈن ئورنىدىكى ۋاكسىنالىرىدىن بىرى. سەنئەتنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا يېقىلغان يېشىل چىراغلار تەسىرىدە بىر قەدەر ئىچكى قۇرۇلمىسى ۋە زامانىۋىلىشىش ئاتلىق مودىغا ماسلاشتۇرۇش جەھەتلەردىن مۇئەييەن ئىچكى تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئاساسەن ۋەتەن ئىچىدە مېڭە يۇيۇش ۋە مەۋجۇت رېجىمدىن كېلىۋاتقان پىسخىكىلىق بېسىملارنى يەڭگىللىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە پىروجىلىرىگە تەدرىجىي مايىل تىپلارنى خەلق ئىچىدە ئاۋۇتۇشقا خىزمەت قىلدۇرۇلدى. ۋەتەن سىرتىدا بولسا مۇتلەق ھالدا مىللەتنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ئەمەس، بەلكى خۇشال - خۇرام، بەختلىك ۋە ئىناق بىر جەمئىيەتتە ئاسايىشلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقنى، ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت چوڭ گەۋدىنى يارىتىشتا خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا يېيىشقا، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا چۈشى»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا خىتاي مۇستەملىكچىلىرىنىڭ دۇنياغا ئۆرنەك دۆلەت بولۇشقا ئەرزىيدىغانلىق ئۇچۇرىنى كەڭرى يېيىشقا خىزمەت قىلدۇرۇلۇپ كەلدى. ئەلۋەتتە سەنئەتنىڭ بىر مىللەتنىڭ مىللىي كىملىك قۇرۇلمىسىدىكى رولى ۋە كەم بولسا بولمايدىغان ئەھمىيىتى تارتىشىشقا ئورۇن يوق بىر مەسىلە. لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ ھالقىلىق تەرىپى سەنئەتنىڭ شالغۇتلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ھاكىم كۈچنىڭ نېمىگە خىزمەت قىلدۇرۇشىدا. بولۇپمۇ خىتايغا ئوخشىغان مۇستەبىت دۆلەتلەردە پۈتۈنلەي ھاكىمىيەت ئىدېئولوگىيەسى ۋە ئۇنىڭ كونتروللۇقىدا ئىلگىرىلەيدىغان ۋە پۈتۈنلەي نەغمە - ناۋالىق پىروپاگاندالار ئارقىلىق خىتاينىڭ پىروجىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلدىغان سەنئەت پائالىيەتلىرى مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلق ئۈچۈن مېڭە يۇيۇش ۋە ئەپيۈنلۇق رولىنى ئۆتەشكە خىزمەت قىلدۇرۇلىدىغانلىقى، تەرەققىيات يۆنىلىشىنىڭ بۇ مەقسەتنى مەركەز قىلىپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقى بىر ئەمەلىيەت. شۇڭا سەنئەتنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە خىزمەت قىلدۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇشتۇرۇش ئەھمىيىتىنى ئۆز ئورنىدا ئىشلىتىش ۋە ئۇنى زەربە سۈپىتىدە قوللانغاندىمۇ «زەربە» ياكى «جاۋاب» بولۇشقا يارايدىغان تەڭپۇڭلۇقتا ئىشلىتىش مۇناسىپ بولىدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئاپئاشكارا قەتلىئاملار ۋە قىرغىنچىلىقلار مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇنقى سىياسىي ھەرىكەتلەردە خىتاينىڭ يېپىق ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئاسسىمىلياتسىيە پىروجىلىرىگە قارشى ئىشلىتىلسە، ياكى پىروپاگاندالارغا قارشى خىزمەت قىلدۇرۇلسا ئۇنىڭ يولى باشقا، ئەلۋەتتە. ئەمما مۇسىبەت ئۈستىگە مۇسىبەت بولۇۋاتقاندا نەغمە - ناۋانى يېقىن كەلتۈرۈش مۇسىبەتنىڭ چىنلىقىغا دەز كەتكۈزۈپ قويىدىغان ئەھۋالدىچۇ؟ ئەجەبلىنەرلىكى، بۇ سەنئەتنىڭ، يەنە كېلىپ ئاتالمىش شىنجاڭدا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان، چەتئەلدە بولسا، ئىزچىل تەقلىدىنى، كۆچۈرۈلمە نۇسخىلىرىنى توپ ۋە پارچە شەكىلدە تارقىتىدىغان سەۋىيەدىكى سەنئەتۋازلىقنىڭ قىرغىنچىلىق ئوپېراتسىيەلىرى باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئاساسەن مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك خىزمەت قىلدۇرۇلغانلىقىدەك ئەھۋاللار يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلدى. ئەمما قارىغۇدەك بولساق، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن چېگرا پۈتۈنلەي تاقىلىپ ۋەتەننىڭ يولى ئېتىلىشىگە ئىككى يىل ئاشار - ئاشماي تۇتۇپ كەتكەن ھەسرەت خۇمارىنى سىياسىي ئانسامبىلنىڭ سازەندىلىرى باشچىلىقىدا بېسىقتۇرۇش ۋە بۇنى ئاتالمىش «خىتاينىڭ قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقلىرىغا قارىتا جاۋاب» بولۇشتەك غىلجىڭ نىقاب ئاستىدا پەردازلاشتەك سىياسىي ھەرىكەت شەكلى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۈلگۈردى. مانا شۇنداق تۇتۇرۇقسىز باھانە ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان نەغمىچىلىك پائالىيىتى تا بۈگۈنگە قەدەر سىياسىي ئانسامبىلچىلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ھەرىكەت ياكى پائالىيەتلىرىدە قىلىۋالمىسا بولمايدىغان «خەتمە دۇئاسى»غا ئايلىنىپ كەلمەكتە. غەرب ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكىلەر ئېنىقلاپ بەرمىگۈچە ۋەتەن ئىچىدە ئېزىلىۋاتقان ۋە قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرنىڭ سانىنى تىلغا ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇ تاسمىلىق بايقۇشلار يەنە شۇ غەرب سىستېمىسىدىكى سىياسىي كۈچلەر ۋەتەندىكى زۇلۇملارنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىپ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ بەرسىمۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ناننى چايناپ ئاغزىغا سەپ بەرسىمۇ، جايلاپ يۇتۇشنى بىلمەي يەنە شۇ ئانسامبىلچە زېھنىيەت بويىچە نەغمە - ناۋاسىنى مەشرۇئلاشتۇرغۇچى ئاتالمىش «مەدەنىيەت فېستىۋالى»يىلىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خەلقئاراۋى ئىنكاسقا ئايلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىددىئالىرىغا قارشى زۇلۇمنى كىچىكلىتىپ ئاڭلىتىش ۋاكسىنىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ھەتتا نومۇسمۇ قىلماستىن بىر ئۇچۇم سازەندە ۋە ئۆمەكلىرىنى داقا - دۇمباق ئىچىدە يوللاردا سازايە بولۇپ مېڭىشتەك سەپەرۋەرلىكلىرىنىمۇ باشلىۋەتتى. مىللەتنىڭ سىياسىي ئىرادىسى ۋە مىللىي غايىسى ئالدىدا ھەر تۈرلۈك قىزىل سىزىققا يول قويماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن تەشكىلات ساھىبلىرى ئەقەللىي تەقدىردە خىتاينى رەسۋا قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان كۈنلەردىمۇ «فېستىۋالسەۋداچىلىقى» توختاپ قالمىدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەلقئارا سەھنىلەردە جاكارلىنىۋاتقان كۈنلەردە قالپاقلىق چاپارمەنلىرىنى سەپەرۋەر قىلدۇرۇپ نورۇز قۇتلاش باھانىسىدە ناخشا - ئۇسسۇل سەپەرۋەرلىكلىرىمۇ بېسىقماي كەلدى. ھەتتا بىلىندىكى، ئاتالمىش دېموكرات خىتايلار بىلەن بولغان سىياسىي لەپەرداشلىق، ماھىيەتتە يالاقچىلىق شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي سەتچىلىكىدىن كېيىنمۇ، مەزكۇر ئانسامبىل كاتتىبېشى ئۆمەكلىرى بىلەن قوشۇپ يەنە شۇ خىتاينىڭ دېمۇكراتلىشىشىغا ئاتاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان كونسېرتلارغا ھەم مېھمان، ھەمدە سەھنىدە نومۇر ئورۇنلىغۇچىلار قاتارىدا ئىشتىراك قىلغان. يەنى خىتاي لەپەرداشلىرى بىلەن ئوينىلىۋاتقان سىياسىي تاڭسىكەشلىك كۈچەيسە كۈچەيگەنكى، مىللەتنىڭ سىياسىي قىزىل سىزىقلىرىغا ھەرخىل نام ئاتاق - ئاستىدا خالىغانچە دەسسەپ ئويناشتەك مەسخىرىۋازلىق توختىمىغان.
بۇ دەرىجىدىكى نەغمە-ناۋاپەرەستلىك خىتاينى سوتقا بېرىشتەك جىددى ۋە ھەزىلگە ئورۇن يوق بىر ئىشتىمۇ نامايەن بولماي تۇرالمىدى. مۇستەملىكچىلەرنىڭ خاراكتېرىدىن نېسىۋە ئالغان تۇتۇم بويىچە، يەنى «ئىشلەپ چىقىرىلغان ھەر تەبىئىي نەرسىنىڭ ساختا ياكى سۈپەتسىز بولغىنىنى ئىشلەپ چىقىرىپ ۋاشاڭغا ئايلاندۇرۇپ بازارنى قاپلاش» تاكتىكىسى بويىچە بىردىنلا ئەقىل تاپقاندەك كۆرۈنگەن مەزكۇر سىياسىي ئانسامبىلچىلار ۋە ئۇلارغا تەڭكەشچى ئۆمەكلەرمۇ ئەرز قىلىش تېمىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشقان بولدى. سوتقا سەپەرۋەرلىك قىلىش ئۇسۇللىرىدىن مەلۇم بولدىكى، تۇتاملىق ياكى ئىناۋەتلىك بىرەر سوت مەيدانغا كېلىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئانسامبىلچىلار باشچىلىقىدىكى سوتنىڭ پاتراق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى تەلەپتەك كۆرۈندى. نەتىجىدە بۇ ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرىمۇ گويا «خىتاي سوتقا ئەرز قىلىنسىمۇ پايدىسى تايىنلىق ئىكەنلىكى، خىتاي بەرىبىر پەرۋايىغا ئېلىپ قويمايدىغانلىقى» ئۇچۇرىنى خەلققە يۇتقۇزۇش يولىدا ئانسامبىل مېدىيالىرىمۇ بوش تۇرمىدى ۋە «بىز ئەرز قىلغان سوت خىتاينى چىچاڭشىتتى» دېگەن تەشۋىقلەرگە كۈچىگەنمۇ بولدى. ھالبۇكى، خىتاي بۇنداق بىر تىياتىرلاشقان ۋە نەتىجىسى ئالدىن مەلۇملۇق بىر «سوت»نى ئۆزىنىڭ مېدىيالىرىدا خەۋەر بېرىدىغان دەرىجىدە، ۋەتەن ئىچىدىكىلەر بىلسىمۇ ئۈمىتلەنمەستىن ئىگە چاقىسىزلىقىغا تېخىمۇ چىن پۈتىشىگە يارايدىغان شەكىلدە تەشۋىق قىلدى، مەسىلىنى ئۆز مېدىيالىرىغا ئوچۇق قويۇپ خىتاي ئىچىدە كەڭ تارقاتتى. شۇنداقلا بۇنداق بىر سوتنى ئىناۋەتسىز بىلىپ پېتىغىمۇ ئېلىپ قويمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان پىروپاگاندالارنى قىلدى. ئىشنىڭ ئۈنۈمى بۇ دەرىجىدە تۇرسا، بۇنى قانداقمۇ «سوت خىتاينى چىچاڭشىتتى»، دېگىلى بولىدۇ؟ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇمۇ سىياسىي ئانسامبىلچى زېھنىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئاتالمىش فېستىۋال پىلانى سۇغا چىلاشقاندىن كېيىنكى يەنە بىر سىياسىي تىياتىرسى. سوتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدىكى خۇسۇسلارنى كېيىنگە قالدۇرۇپ ئانسامبىلچىلىق مەسىلىسىگە قايتساق، تىياتىرلاشقان سوتنىڭ «خەتمە دۇئاسى»نىڭ يەنە شۇ نەغمىچىلىكتىن ئايرىلمىغانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرماي تۇرالمايدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، خۇمار چىقىرىش تىپىدىكى سەنئەت كېچىلىكنى «خىتاينىڭ قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى ئىنكاس» دېيىشتەك سىياسىي پەردە بىلەن نىقابلاۋاتقان ۋە بۇ تۈردىكى غىلجىڭلاشقان شالغۇت مەنتىقىنى گەپ دەپ قىلالىغان بىر زېھنىيەتنىڭ مىللەتنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىنى ۋە نۆۋەتتە تارتىۋاتقان ئەزىيەتلىرىنى زار - زار يىغلاپ تۇرۇپ ئاڭلاتقان بىر سەھنىدە، يەنە كېلىپ بىر بۆلۈك قەھرىمان شاھىتلارنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا گۇۋاھلىق بېرىشى سايىسىدە زۇلۇمنىڭ ۋەھشىيلىكى نامايان بولۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە «قۇرۇق نەشە كۆرسە چېكىۋالىدىغان، ھۆل شېشە كۆرسە ئىچىۋالىدىغان» خاراكتېرنى نامايان قىلىپ سوت بولۇۋاتقان سەھنىدىلا ساز چېلىپ ناخشا ئوقۇۋېلىشلىرى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالماي تۇرالمايدۇ. زۇلۇم بارمۇ، بار. قىرغىنچىلىق بارمۇ بار. شاھىتلار بارمۇ، بار. ئۇنداقتا سوتنى دۇتار چېلىپ ناخشا ئوقۇپ خەتمە قىلىشقا نېمە زۆرۈرىيەت؟ قانداق بىر تارىختا، قانداق بىر مەھكىمىدە، قانداق بىر سوت سەھنىسىدە قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنى ئاڭلىتىپ، يەنە كېلىپ جاھانغا قول شىلتىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە جىنايەتلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ بولۇپ كەينىدىن سازەندە، نەغمىچىلەر بىلەن «خەتمە»قىلىدىغان قائىدە ياكى يوسۇن ۋە ياكى مەنتىقە بار؟ ئەگەر بىز سىياسىي ئانسامبىلچىلارنىڭ بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقنى چوڭ بىلمەي شۈكۈر قىلىش ھەققىدىكى تەۋسىيەلىرىنى دىققەتكە ئالغان ھالدا خىتايغا بەرگەن ئاتالمىش ناخشا - ئۇسسۇللۇق جاۋابىدىن تارتىپ، تىياتىرلاشتۇرۇۋېتىلگەن سوت كوللېگىيەسىدىكى نەغمىچىلىك ئىشلىرىغا قەدەر قارىغىنىمىزدا، سەنئەتنىڭ رولىنى قانداقتۇر ئۆز ئورنىدا ۋە يولىدا ئىشلىتىشتىن چەتنىگەن ھالدا، ئىزچىل زۇلۇمغا ۋە قىرغىنچىلىقلارغا قارشى شىددەتلىك كەيپىياتنى بوشاشتۇرۇش، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى ھەرىكەتلەردە كۆرۈلۈۋاتقان جىددىيلىككە قارىتا مەيىن شامال ئەستۈرۈش ئارقىلىق خامۇشلاشتۇرۇشقا، قىرغىنچىلىققا قارشى ئەۋجىگە چىقىشى كېرەك بولغان كەيپىياتنى بوشاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلدۇرۇش بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر مىللەتنىڭ سىياسىي يولباشچىلىرى دېيىلىۋاتقان ياكى شۇنداق كۆرۈنگەنلەرنىڭ ئاڭ - ساپاسى ۋە مەدەنىيەت ئېڭى، شۇنداقلا مىللىي ئاڭ - ئىدراكى پۈچەكلەشكەن، شاكاللاشقان ۋە ئەخلەتلىشىپ ماڭقۇرتلىشىپ كەتكەن چاغدا ئۇنىڭدىن چىقىدىغان ھوسۇلنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغان پاجىئەلىك رېئاللىقلاردىندۇر.
خەلقنىڭ سەۋىيە تەلىپىنىڭ قانداق بولۇشى سىياسەتچىنىڭ قانداق قەدەم ئېلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر خەلقنى گەۋدە، يولباشچىلارنى خەلقنىڭ ئەقلى دېسەك، گەۋدىنى سۆرەۋاتقان قاپاق باراڭدىن پەرقسىز بۇ «باش»لارغا گەۋدە بولغىدەك بۇ خەلق بۇنچە مەسخىرىلەرگە قالغۇدەك نېمە گۇناھ قىلغان بولغىيدى، دېگەن سوئال تۇغۇلمىقى زۆرۈر. ھارۋىنى مۈشۈككە قاتسا كاتقا سۆرەيدىغانلىقىدەك ئۆگۈتلەردىن دەرس چىقىرىشنى بىلمىگەن توپ ئىززىتىنى قىلغانغىمۇ چاۋاك، ئەخمەق قىلىۋاتقانغىمۇ چاۋاك، مەدھىيەلىگەنگىمۇ، كىنايىلىك قاغاۋاتقانلارغىمۇ ئوخشاش چاۋاك چالىدىغان، ئۆزىنىڭ نېمىنى قوللاپ ۋە نېمىگە مەستخۇش بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايدىغان، قايسى ئۆمەكنىڭ نەغمىسى قۇلاققا شوخ ئاڭلانسا، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىلەنمەي مەيدانغا سەكرەپ ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان بولۇپ قېلىش قىسمىتىدىن قاچالمايدۇ. بۇنداق پىسخىكىغا مۇپتىلا بولغۇچىلار رېئاللىققا يۈزلەنگەندىن ئالدىنىپ ئۆتۈشنى، تەسەللىلەرگە مەست بولۇپ ياشاشنى ئەلا بىلىدىغان تەسلىمىيەتچى توپقا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. لېكىن شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، قەھرىمان شاھىتلاردەك شىجائەتلىك كىشىلەر ئۈزۈلمىگەن، لاگېرلاردا ۋە قاراڭغۇ تۈرمىلەردە جان تالىشىپ تۇرۇپمۇ يەنە بىر - بىرىگە (قەددىڭنى پۈكمىگىن، بىز ئۆلسەك ئاللاھ ھۇزۇرىغا شېھىت كېتىمىز) دېيىش ئارقىلىق بىر - بىرىگە چىدامچانلىقنى، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشىدىغان روھ بىلەن زۇلۇمغا تېز پۈكمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلىۋاتقان ئەزىمەت ئىنسانلىرىمىزنىڭ، ئانىلىرىمىز، ئاتىلىرىمىز ۋە قوۋمداشلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاۋاتقان ۋە كۆرۈۋاتقان بولساق، بۇ خەلقنىڭ ئانسامبىلچىلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان دەرىجىدە ئەخمەقلەردىن بولۇشقا ئەسلا لايىق ئەمەسلىكىنى، مىللىتىگە ھەقىقىي مەنىدە كۆيۈنىدىغان، بىر قېرىندىشىنىڭ زۇلمىنى پۈتكۈل قوۋمداشلىرىنىڭ زۇلۇم كۆرگىنىگە تەڭ بىلىدىغان، ئەل - ۋەتەننىڭ ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشىغا توسقۇنلۇق بولغۇچى ھەرقانداق ئىمتىيازنى رەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرالايدىغان، ئېغىزىغا تەڭلەنگەن سىياسىي كەمپۈتلەرنى تەرەددۇتسىز تۈكۈرۈپ تاشلىيالايدىغان سىياسەتچىلىرىنى تونۇپ يېتىشى زۆرۈر. چۈنكى ئورنى قايتا تولدۇرغۇسىز بۇ قىسقىغىنا ھاياتتا قانداقتۇر سىياسىي سازەندىلەرنىڭ كەمپۈتلىرىگە بارماق يالاپ ياشاش، سۈنئىي ئەپيۈنلارغا مۇستەغرەق بولۇپ كۈن ئۆتكۈزۈش ئۆمۈر ئىسراپى، ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇنى ئاڭقىرىپ يېتەلمەسلىك، كۆزىنى يۇمۇۋالسىمۇ، ئىشەنمەسلىككە تىرىشقان تەقدىردىمۇ، يېپىپ يوشۇرغىدەك يېرى قالمىغان ۋەزىيەتتىمۇ ئەقىل كۆزىنى ئاچماسلىق، ئىشلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ماھىيىتىگە نەزەر ئاغدۇرماستىن تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا قاراپ ھۇرراچى بوپ كېتىش، ھەر تۈرلۈك پىروپاگاندالارغا ئەل بولۇپ تەرەپبازلىققا چۆمۈپ ياشاشنى، بولۇپمۇ بۇ قەدەر مېزى چۇۋۇق، روھىيىتى ئەبجەقلەشكەن سىياسىي ئانسامبىلچىلارنىڭ دۇمبىقىنى چېلىشىپ بېرىشنى ئەل - ۋەتەن يولىدا خىزمەت قىلىشنىڭ يولى قىلىپ تاللاش ماھىيەتتە ئۇچىغا چىققان گالۋاڭلىق، كۆزى ئوچۇق قارىغۇلۇق، زېھنىي ئاسارەتكە ئېغىر پاتقانلىق، بەلكى ۋاسىتىلىك ھالدا زۇلۇمنى ئۆزىگە ۋە قوۋمىگە خالاپ تۇرۇپ راۋا كۆرگەنلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس.
—بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى