Jump to content

سىياسىي تارىخىمىزنىڭ تۈنۈگۈنلىرىگە نەزەر...

ئورنى Wikipedia

سىياسىي تارىخىمىزنىڭ تۈنۈگۈنلىرىگە نەزەر...


ھەر ئۈممەت ئۆز دەۋرىنىڭ شاھىتلىرى بولغىنىدەك، بۇ مىللەتنىڭ سەركىلىرىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئاتلانغان يولىنىڭ شاھىتلىرىدۇر. شاھىتلىق مەسئۇللۇق دېمەكتۇر. شاھىتلىق ھەم مەسئۇلىيەتنى ئورۇنداشنى، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتلىك ئىزباسارلار ئۈچۈن ئۇل سېلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇڭىمۇ شېھىتلىك شاھىتلارسىز تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ. مىللەت ئۈچۈن شاھىتلىق بۇرچىنى ئادا قىلغۇچىلار ئۆز نۆۋىتىدە كېيىنكى ئىزباسارلارنىڭ شاھىتلىق ئۈلگىلىرىدۇر. ئۇلار ھەرقاچان كېيىنكىلەرنى ئۆز تەجرىبىلىرى، كەچۈرمىشلىرى ھەمدە ئىدېئاللىرى بىلەن ۋاقىپلاندۇرۇش ئارقىلىق كېيىنكىلەرنىڭ گاڭگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۇنتۇغان ئەمەس. شۇڭىمۇ ئۇلار ئويغاقلىقنى بىردەممۇ قولدىن بېرىپ قويمايدۇ. غالىبىيەتلىرىگە مەستخۇش بولمىغىنىدەك، مەغلۇبىيەتلىرىدىنمۇ دەرس چىقىرىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئۆز مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن كېيىنكىلەرنىڭ نېمىدىن ئاگاھ بولۇشى ۋە قانداق مەۋقە ئاساسىدا مەزمۇت تۇرۇشى كېرەكلىكى خۇسۇسىدا چوقۇم بىر بېشارەت، بىر يىپ ئۇچى، بىر نۇقتىئىينەزەرنى قالدۇرماي قالمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقى كەچمىش تارىخىدا ئەنە شۇ شاھىتلىقنى، مەسئۇلىيەتنى تونۇپ ئىز قالدۇرغان ۋە ئىز بەرپا قىلغان تالاي قەھرىمانلارغا شاھىت بولغان. شۇنداق شاھىتلار ئۆتكەنكى، ئۇلار مىللەت ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەر تۈرلۈك سالاچىلىقلارغا، مەنسەپ، شۆھرەت، مال - دۇنيا قاتارلىق سودىلىشىش تەكلىپلىرىگە قىلچە پىسەنت قىلمىغان، پانىيلىققا ئائىت ھېچنەرسە بەدىلىگە مىللىي دەۋانى تېگەشمىگەن، مۇرەسسە قىلمىغان، خاراكتېرى ۋە ئەمەلىي ئىش - ئىزلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىززەت - شەرىپى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ئۆتكەن. گېنېرال مەھمۇد مۇھىيتى ئەنە شۇلاردىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ماقالىسى بىزگە سىياسىي دەۋانىڭ ئاسارەتتىن كېيىنكى بۈگۈنگە قەدەر نەچچە ئەۋلاد مابەينىدە قانداق يېتىپ كەلگەنلىكىگە بەزى بىشارەتلەرنى بەرسە، يەنە كۆنۈكتۈرۈلگەنلىرىگە ئەمەس، ئاچچىق بولسىمۇ ھەقىقەتنى بىلىشكە ئىنتىلىدىغانلار ئۈچۈن بەزى تارىخىي تۈگۈنلەرگە يېشىم، بەزى جاۋابسىز سوئاللىرىغا ئېنىقلىما بېرىشى مۇمكىن. يۇيۇلغان خاتىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاسان ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن يادىغا ئالالىغانچە ئەسلەپ تۇرۇش ئىمانىنى تاۋلاپ تۇرۇشنى بىلگەن، ئىشەنچىسىنى تىرىك تۇتۇپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەنلەر ئۈچۈن ھامان ئەسقاتقۇسى. «ئەسلەتكىن، چۈنكى ئەسلىتىش مۇئمىنلەرگە چوقۇم ئەسقاتىدۇ».  سۈرە زارىيات، 55 – ئايەت.

−بۇرھان مۇھەممەد

..................................................................


ئۆلۈشكە بولىدۇ، قايتىشقا بولمايدۇ

(شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى رەھبىرى، گېنېرال مەھمۇد مۇھىتى ئەپەندى)


مۇقەددەس ۋەتىنىمىز، سۆيۈملۈك تۈركىستانىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان غەرب تەرىپى رۇس قولىدا مەھكۇملۇق ۋە ئەسىرلىككە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرق قىسمى خىتاينىڭ رەزىل سىياسەتلىرى ئاستىدا زۇلۇم ۋە جەبىر - جاپا كۆرمەكتە ئىدى. شانلىق تۈرك تارىخىمىزنىڭ قارا سەھىپىلىرىنى تەشكىل قىلغان بۇ دەھشەتلىك كۈنلەر ھېچقاچان تىنچ ئۆتمىگەن، تەقدىرنىڭ جىلۋە قىلىشىنىمۇ كۈتۈپ يېتىپ باقمىغانىدى. تۈركىستان تۈركلىرى ھەر ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ ئىشغالچى كۈچلەرگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ تۇردى. ئەزىز ۋە شانۇشەۋكەتلىك مىللىتىمىزنىڭ ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسى قەدىمدىن تارتىپ قان - قېنىغا سېڭىپ كەتكەن ھۆكۈمرانلىق خاراكتېرىدىن مەنبەلەنگەن يۈكسەك ئارزۇ - ئارمانى ئىدى. نە ئامال بولسۇنكى، دۈشمەن كۈچلۈك ۋە زامانىۋى تۈستە تەييارلىقى بار ئىدى. بىز بولساق، مەھكۇملۇقنىڭ ناقولاي ۋە قىس بولغان شەرت - شارائىتلىرى تۈپەيلى ھەر تەرەپلىمە يېتىشىپ چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەنىدۇق. ئەھۋالىمىز شۇنداق تۇرۇپمۇ بىز يەنىلا زۇلۇمغا قارشى قانلىق كۈرەشكە ئاتلاندۇق...

شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېيىنكى مەزگىللەردىكى ئىنقىلابلىرى ئۇندىن ئاۋۋالقى ئىنقىلابلارغا سېلىشتۇرغاندا غايىسى ۋە تۇتقان يولى ئېتىبارى بىلەن ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولۇشىغا قارىماي، دۈشمەننىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى ھەمدە خىتاي ۋە رۇسنىڭ ئورتاق نۇقتىسىنىڭ كوممۇنىست مەركەزلىك بولۇشى جەھەتتىن ھەر ئىككىسىنىڭ سەپنى بىر قىلىشى ئۇشبۇ كۈرەشنىڭ شەكلىنى پۈتۈنلەي باشقا بىر تۈسكە ئېلىپ كىردى. بۇ سەۋەبتىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئىنقىلابى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەھقىقلانمىقى زۆرۈر. چۈنكى مەزكۇر جەڭدە دۈشمىنىمىز خىتاينىڭ تەرىپىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن رۇسلارنىڭ نۆۋەتتىكىدەك ئارىغا قىسىلىۋېلىشى ۋە بۇ ئىككى ئەزەلىي تۈرك دۈشمىنىنىڭ كېيىنكى جەڭلەردە قولنى قولغا تۇتاشتۇرغانلىقى ئالاھىدە بىر ئىش ۋە ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ۋەزىيەتتىن بېشارەت.

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى يېقىندىن كۆزەتمىگەن، خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىنى، زۇلۇمنىڭ، ۋەھشىيلىكنىڭ ئازاب - ئۇقۇبەتلىرىنى بىزچىلىك قىينىلىپ ھېس قىلمىغان ياكى بۇلارنى بىلىشنىمۇ خالىمىغانلار ئىنقىلابىمىزنى «بىھۇدە جەڭ» ياكى بولمىسا «بىھۇدە قان تۆكۈش» دەپ ئويلىدى ۋە بىزگە «ئاپتونومىيە ۋە قانۇنىي باراۋەرلىك» تەلەپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشتى. ئەلۋەتتە بىز «ئاپتونومىيە ۋە قانۇنىي باراۋەرلىك» تەلەپ قىلىشنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ئەمەلىيلىشىدىغان تەرىپىنى بۇ كۈرەشنى دەسلەپ باشلىغاندىلا بىلىپ يەتكەن ئىدۇق. ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ بىزگە بەرگەن ئاپتونومىيەسى ۋە ئۆز مىللىتىگىمۇ پايدا ئېلىپ كېلەلمىگەن جۇمھۇرىيەت ھەق - ھوقۇقلىرى تۈركىستانىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەنە شۇ ئاسارەت، يەنە شۇ زۇلۇم، يەنە شۇ ئىزىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بىز بۇ كۈرەشنى بىراۋدىن تىلەپ ئېلىش ئۈچۈن قىلمىدۇق ۋە قىلمايمىز. تىلەپ ئالىدىغان ئىش بولسا، ئۇنى ئۇرۇشسىزمۇ قولغا كەلتۈرگىلى بولاتتى. ئەمما بىز بىر دەۋانى باشلىدۇق. دەۋايىمىز مۇتلەق ھالدا مىللىي قۇرتۇلۇشتۇر. دەۋا دېگەن ئىكەنمىز قان تۆكمەي، قۇربانلىق بەرمەي بولمايتتى. دەرۋەقە، ئىنتايىن ھەققانىي رەۋىشتە قان تۆكتۇق، سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئىككىلەنمەي خۇشاللىق بىلەن جان بەردۇق ۋە بۇ يولدا يەنە ئوخشاش غەيرەت بىلەن قان تۆكۈشكە تەييارمىز!

بىز مىللىي كۈرەش ھەرىكىتىمىزنى باشلىغان كۈنلەردە بىزگە «ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش»نى تەۋسىيە قىلغان ۋە خىتايلارنى ئۇچۇرۇپ كۆككە كۆتۈرگەن، ئۇلار بىلەن يىرىكلىشىش ئەمەس، ئەكسىچە بىرلىشىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مەسلىھەت بەرگەن غاپىللارمۇ بولدى. بىز بۇنداقلارنىڭ ئارىمىزدىن، يەنە كېلىپ شەرقىي تۈركىستانلىقلىرىمىز ئارىسىدىن چىقىپ قېلىشىنى ئەسلا خالىمىغان ۋە ھەتتا ئۇنداقلارنىڭ چىقىشىنى تەخمىنمۇ قىلمىغان ئىدۇق... بىراق، مىڭ ئەپسۇسكى شۇ بەدبەخت تاسادىپىيلىققا دۇچ كەلگىنىمىزدىن ئېچىندۇق.

ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ يۈرگەن ئىيسا بەگ ئوغلى يۈسۈپ (كېينكى تونۇلغان ئىسمى: ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن-ت) دېگەن بىرىنىڭ «چىن تۈركىستانى ئاۋازى» دېگەن ئىسىمدا چىقارغان مەجمۇئەسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىكى قوپال گەپلەرنى، ھەمدە بىزنىڭ غايىمىز ۋە دەۋايىمىزغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پىكىرلەر بىلەن «خىتاي مەدداھلىقى» قىلغانلىقىنى ئوقۇغىنىمىزدا ھەيران قالغان ئىدۇق. ئەمما ئۇنىڭ بولشېۋىكلەرنىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرى، ئادىمىيلىككە يات قىلغان - ئەتكەنلىرىگە دائىر بايانلىرىدىن بىر ئاز توغرا چۈشىنىپ ئۇنىڭ خىتاينى مەدھىيەلىشىنى بىرخىل ھال ئېيتىش ۋە تەسەللى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىغانىدۇق. بىراق ئارىلىقتا ئۇ «ئۇرۇش خەۋىرى» ناملىق مەجمۇئەسىنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئەپت - بەشىرەسىنى مەيدانغا ئاشكارا قىلدى. ئىيسا ئىسىملىك يولدىن چىققان بۇ ساتقۇن شەرقىي تۈركىستانلىقلار نامىدا سۆزلەپ بىزنى بەكمۇ نومۇسقا قويدى. دادىسىنىڭ خىتاي كادىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك «بىك» ئاتىقىنى قوللىنىپ يۈرگەن بۇ خىتايپەرەسنىڭ يالغۇز خىتاي بىلەنلا ئەمەس، داھىيسى بولغان جىياڭ جېشىدىن كېيىن رۇس بولشېۋىكلىرى بىلەنمۇ بىرلىشىپ كەتكەنلىكى شۈبھىسىز ئىدى.

بىز بۇ نومۇسسىز «خىتاي ۋەتەنپەرۋىرى»نىڭ مىللىي دەۋايىمىزغا جىددىي مەنىدە خەتەرلىك ئۇنسۇر ئىكەنلىكىنى ئويلاپ تۇرغىنىمىزدا (بۇ مەزگىل 1938.03.11/ كۈنلىرى ئىدى) نەسىل - نەسەبى ئۆزىگە ئوخشاش گۇمانلىق بىرسى بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا كەلدى. مەتبۇئاتتا قىلىپ كەلگەن پروپاگانداسىنى ۋە «خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىكى»نى ئۆزى بىر قوللۇق يۈرۈتۈشنى ۋە بۇنى شەھەرمۇشەھەر كېزىپ ئاڭلىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تا خىتايدىن ھىندىستانغىچە يېتىپ كەلگەن بۇ ئىيسا تەپتارتماستىن ماڭا خىتايغا قايتىشنى ئېيتىپ ئۇ يەردە ماڭا بېرىلىدىغان بۈيۈك مەنسەپ - مەۋقەلەرنى سالا قىلىپ تۇردى. ئۇنىڭ بۇنداق قىزىقتۇرۇشلىرىمۇ ئەسلىدە ئۇنىڭ چاكىنا بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.

سۆيۈملۈك ۋەتىنىمدە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىمگە، ھەمدە ئەزىز يۇرتداشلىرىمنىڭ سەمىمىي تىلەك ۋە ئارزۇ - ئارمانلىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان مىللىي يولۇمغا توغرا كەلمەيدىغان ۋە تامامەن زىت بولغان بۇ تەكلىپكە مېنىڭ بېرىدىغان جاۋابىممۇ ئېنىق ئىدى. ئەزىز ۋەتەن ئەۋلادلىرىنىڭ مۇبارەك قانلىرىغا بىھۆرمەتلىك قىلىش ئەقلىمدىن كەچكەن ئەمەس. شۇنداقلا بۇ يولدا يۈرگەنلەرنىڭ ئوخشاش سەمىمىيەت ۋە ئارزۇ  -  ئارمان بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ماڭا ئايان، ھەمدە شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋەتەندىن چەتئەلگە چىققانلىقىم ھەرگىزمۇ كۈرەش قىلىشتىن قاچقانلىقىمدىن، قانداقتۇر كېيىنچە يەنە خىتايغا قايتىپ مەنسەپ ۋە ماقام ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس. كۈرەش ھاياتىمدا مەن بىلەن يانمۇيان سەپ تۇتقان دوستلىرىمغا مەلۇمكى، مەن ھېچقاچان ماقام ئۈچۈن «مىللىي غورۇرۇم»نى ساتمىدىم. مەنسەپ تۇتقىنىمدىمۇ سەمىمىي ھالدا «مىللىي مەپكۇرەم»دە چىڭ تۇردۇم. ۋەتەن ۋە مىللىتىمگە قارشى بۇرچۇم ھەمدە كۈرەشكە ئاتلانغان ۋاقتىمدا ئىچكەن قەسەميادىم ئەبەدىي ۋە ئىزچىلدۇر. ئىيسا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان پەسەندىلەر ياخشى بىلسۇنكى، بۇ ئىنقىلاب ئەمدى ئۆزىنىڭ تېگىشلىك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرمىگۈچە توختاپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ قەھرىمان ئەركەكلىرى مەپكۇرەۋى ساھەدىن ئورۇن ئېلىپ بولغان. ئەمدى ئۇلار بۇ جەڭدىن تاكى مەقسەتكە يەتمىگۈچە توختاپ قالمايدۇ، ماڭغان يولىدىن ئەسلا قايتمايدۇ.

ئىيسا ھەقىقەتەن خاتا ئادرېسقا كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئەمدى ئۇ باشقا يولنى سىناپ كۆرۈشكە باشلىغانىدى. ئۇ خوجايىنى بولغان بومبايدىكى خىتاي كونسۇلى بىلەن بىرلىشىپ تەھدىت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندى ۋە بىرىتانىيە - ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە چېقىشتۇرۇپ بىزنى ھەپسىگە ئالدۇردى...

بىزنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغان ئىشلاردىن بىرى دەل مۇشۇ ئىش بولغان ئىدى. ئۆلۈمدىن قورقمىغان، ئەڭ نازۇك ۋە سەزگۈر ئىشلاردىمۇ تەمكىن تۇرغان بىز كەبى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ سەمىمىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى كۈتۈلۈۋاتقان ئاتالمىش «جەنتىلمەن بىرىتانىيە» تۈرلۈك مۇراجىئەتلىرىمىز تۇرسىمۇ، سەۋەب ۋە باھانە كۆرسىتىشتە پۈتۈنلەي چېقىمچىلىققا ئاساسلانغان ھالدا بىزنى يىگىرمە سەككىز كۈن قاماپ قويدى ۋە بىزنى ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىش شەرتى بىلەن قويۇپ بەردى.  ئەگەر بىزنى قاماققا ئالغانلار بىز قارشى تۇرۇۋاتقان خىتاي ياكى رۇس ھۆكۈمەتلىرى بولغان بولسا ئىدى، ئانچە ھەيران قېلىپ كەتمەس ئىدۇق. سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشىمىزمۇ بىزگە مېھمان سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشىدىن، چىرايلىق رەۋىشتە كۈتۈۋېلىشىدىن باشقا تەلەپ كۈتۈلمىگەن بىرىتانىيە - ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى رۇسنىڭ يۈزىنى قىلغانلىقىدىنمۇ ياكى خىتايغا خۇشامەت ئىپادىسى بىلدۈرۈشتىن بولغانمۇ، بىلەلمەي قالدۇق...

ھەقىقەتەن تەرەپسىز دەپ بىلگەن ئىنسانلىرىمىزنىڭ تەرەپبازچە بىر تۈستە ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئېچىندۇق. بولمىسا بىز ئۇنداق ھادىسىلەردىن قورقۇپ يولىدىن ۋاز كېچىدىغانلاردىن ئەمەس. تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقان قان بىزنىڭ ئاڭ - تۇيغۇلىرىمىز، ئىرادىمىزدۇر. دوست - دۈشمەنلىرىمىز شۇنى بىلىپ قېلىشسۇنكى، بىز بەلگىلىك نىشان ۋە مۇئەييەن غايە بىلەن كېتىۋاتىمىز. شۇڭا بىزنىڭ بۇ تەبىئىي غايىمىزگە قارشى تۇرغانلارنى دۈشمەن دەپ بىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. شۇنى ئېنىق قىلماي بولمايدۇكى، دۈشمەنگە دوست بولغانلار بىزگە دوست بولالمايدۇ. بىز ئىشغالچى ئەمەس، ئەكسىچە ئىشغالچىلارغا قارشى مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىماقچى بولغان بۈيۈك بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرىمىز. كاشكى، ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغانلارغا قارشى كۈرەشلىرىمىزگە ئارىلىشىۋالغانلار، توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلار ۋىجدانلىق مىللەتلەردىن چىقمىغان بولسا...

بىزنىڭ بۇ كۈرىشىمىز ئىمانىمىزنىڭ تىمسالىدۇر. قورقاقلىق بىزگە يات بىر ئۇقۇمدۇر. يولىمىز ئېنىق، غايىمىزمۇ ھەم ئېنىق ۋە ئوچۇق. مىللىي غايىمىزدىن ۋاز كەچكىنىمىز دۈشمەن بىلەن بىرلەشكىنىمىزگە باراۋەر!

ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇرتداشلار ۋە كۈرەش يولىدىكى قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغان ئاخىرقى سۆزۈم: مۇقەددەس غايىمىز ئۈچۈن ھارماي - تالماي ئاخىرىغىچە خىزمەت قىلىش، قەيتسىز ۋە شەرتسىز ھالدا ۋەتەن - مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك قۇتلۇق بىر شەكىلدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئاتلىنىشتۇر.

شەرقىي تۈركىستان تۈرك ۋەتىنىدۇر. ئۇنىڭ ئىسمىغا لايىق بىر دۆلەت بولۇشى ئۈچۈن ئەستايىدىل خىزمەت قىلماق بارچىمىزنىڭ زىممىسىدىكى بۇرچتۇر.

(1939 – يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى، شەھرى بومباي)

مەنبە: «ياش تۈركىستان» مەجمۇئەسى، 1939 – يىل (ھىجرىيە 1358 – يىلى)، 112 – سان.

«ئۇيغۇرچە»دىن «ئۇيغۇرچە»گە ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد


---

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

ئىلمىي ئامانەتنى بۇلغاش، يوقنى بار قىلىپ توقۇش شالغۇت زېھنىيەتلىك قەلەمكەشلەردىن ئېشىنغان ئەمەس. شەرقىي تۈركىستان مىللىي رەھبەرلىرىنىڭ ئەسىرلەپ ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۇلاپ كەلگەن تۈركلۈك روھىنى ئۇرغۇلىغانلىقىنى مىللىيلىك ئېڭىغا ئىمپورت خېمىرتۇرۇچ سۈركىۋېتىلگەن زېھنىيەتتىكىلەرنىڭ ياتسىرىشى، ئاسارەت دەۋرىدە شەكىللىنىپ قالغان ياتلاشقان زېھنىيەت بويىچە 70 يىل ئاۋۋالقى ئەجدادىنىڭ تىلىنىڭ، مەپكۇرىسىنىڭ غەلىتە تۇيۇلۇشى، تۈركلۈكنى نوقۇل ئانادولو تۈركچىلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈۋېلىپ، تار رامكىسىغا سىغدۇرالماي قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. مەنبە بېرىلگەن تۇرسىمۇ ئىزدەنمەكتە يوق شالغۇت تارىختىن ئەستە قالغان ئۈزۈندە چۈشەنچىسى بويىچە «ناتايىن» ئىبارىسىنى ئىشلىتىش ھەقىقەتكىمۇ ۋەسۋەسە ئارىلاشتۇرۇش خاھىشىنى ئەكىس ئەتتۈرگۈسى. مەنبە تاپالمىغان بولغانكىن، ئەگرى - بۈگرى گەپلەر ئورنىغا ئەسلىي مەنبەسىنى ئەدەپ بىلەن سوراش ئەۋلا بولۇر ئىدى.


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

ئابدۇۋىلى ئايۇپقا:

بىرىنچى: گەپ قوليازما ئۈستىدە كېتىۋاتمايدۇ، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ماقالە ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ.

ئىككىنچى: مەھمۇد مۇھىتىنى «ئەپەندى» دېيىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئەپەندى دەپ بېرىشى كېرەك ئەمەس. ھەم مەھمۇد مۇھىتىمۇ ماقالىدا ئۆزىنى ئەپەندى دېگەننى قوشۇپ ئىمزا قويغان ئەمەس. لېكىن مۇشۇ ژۇرنال ھەيئىتى تونۇشتۇرۇشتا «ئەپەندى» دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان. مەھمۇد مۇھىتىدا مەن ئۆزۈمنى ئەپەندى دېمىسەم، سەن مېنى ئەپەندى دەۋالدىڭ، دەيدىغان ئۇششۇقلۇق، كۆكەمىلىك يوقلۇقى سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىزدەك ئۇنىڭ كەڭ قورساق روھىدا بار ئەھۋال. شۇڭا باشقا بىر ئىقلىمنىڭ مۇنەۋۋەرلىرىنىڭ ئۇنى ئەپەندى، دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشى نورمال ئىش.

ئۈچىنچى: مەھمۇد مۇھىتى گەپ قىلمىغان، سۆز قىلمىغان، دېگەن سۆز پۇت تىرەپ تۇرمايدۇ، دېگەنگە ھە، دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، رەددىيەدە تىلغا ئېلىنغان ۋە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان باشقا ئېھتىماللىقلار پۈت تىرەيدۇ ۋە ئېھتىماللىقلار بىرلىشىپ بۇ ئېھتىماللىقنىمۇ كۈچلەندۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

تۆتىنچى: قەشقەردە ھۆكۈم سۈرگەن بىر ئادەمنىڭ تىل ئۇسلۇبىنى شۇ يەردە يازغان ۋە نەشر قىلغان نەرسىلىرىدىن ئىزدەيمىز. باشقا جۇغراپىيەدىكى ئەھۋالنىڭ شۇ يەرچە بولىدىغانلىقى ئەقەللىي ئەھۋال. كاشغەر تۈركچىسىدە ئەسەر يازىدىغان ئابدۇقادىر داموللام شۇرا ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلسا، شۇرا ژۇرنىلى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ماقالىسىنى شۇرا ژۇرنىلىنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، لازىملىق سۆزلەرنى ئۆز تۈركچىسىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلان قىلسا، ياق، بۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەمەس، كاشغەر تۈركچىسىدە قوليازمىسى بولسا، يازما ئابدۇقادىر داموللامنىڭ، بولمىسا ناتايىن، دەيدىغان توقۇناقنى تاتار تۈركلىرىدە چىقىدىغان ژۇرنالغا دىيەسلىتىۋالمايمىز. زامان - ماكان ۋە شۇ دەۋر ئەپكارىسىغا ۋاقىپ بولمىساق، مۇشۇنداق تەييار ئىلمىي قائىدىنىمۇ ئەمەس يېرىگە تەتبىقلىۋېلىپ كۈلكىگە قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.

بەشىنچى: 30 - يىللارنىڭ تىل ئۇسلۇبى ئەمەس، دېگەن قۇرۇق گەپ. ئۇنى مېنىڭ بۈگۈنكى ئەدەبىي تىلدىكى تەرجىمەمنى، شۇ دەۋر تىلىدىكى مەتبۇئات تىلى بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئەخمەقلىق. شۇ ژۇرنالنىڭ شۇ زاماننىڭ تىل ئۇسلۇبىدا چىققىنىنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.

ئالتىنچى: مەھمۇت مۇھىتى ماقالىسىدە ئىيسا بەگنى بولشىۋېككە چېتىشتۇرۇشىدا غالچا تەبىئەتلىك بىرىدىن ھەر ئىشنىڭ كۈتۈلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق. بۇ ئۇنىڭ ئېھتىماللىققا ئىگە قانائىتى. لېكىن خىتايغا غالچا بولغانلىقى ئۆز گۇۋاھلىقى ۋە روبىرو بىۋاسىتە مۇئامىلىسى بىلەن جەزمىيلەشكەن بىر ئىش. ئىيسا بەگ ھىندىستاندا ئىز قوغلاپ يۈرۈپ خىتاي غالچىلىقى قىلسا، ئۇنىڭ غەربى تۈركىستاندىكى پائالىيەتلەردىمۇ غالچىلىق قىلىپ قايمۇقتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىدىن قېرىنداشلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، جاڭ جېشىغا غالچىلىق قىلغان بولشىۋېكلارغىمۇ قىلماي قالمايدىغانلىق مەنىسىدە غەربى تۈركىستان مەتبۇئاتىدا سىگنال بېرىپ قويۇشىنىڭ نەرى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولماي قالسۇن؟!

يەتتىنچى: ئۆزلىرىنى بىر مىللەتنىڭ داۋامى دەپ ئويلايدىغان ئىلىم ئىگىسى ئاۋۋال شۇ دەۋرنى چۈشىنىدىغان ساغلام روھقا، شالغۇتلاشمىغان مېتودولوگىيەلىك ئانالىز قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشى، ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە بېقىندۇرۇپ تۇرۇپ تارىختىن ئىشتان - كۇسار پىچىشقا ئۇرۇنماي، ئاۋۋال شۇ دەۋر رېئاللىقى ۋە كىشىلىرىنىڭ مەپكۇرىسىنى توغرا شەكىلدە ھەزىم قىلىپ ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا زىددىيەت تېرىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىش ئىلىم ۋە پىكىر ئەھلىگە قارىتىلىپ ئەمەس، چالا بىلەرمەن ئاتالمىش «شۇناس»لارغا قارىتىلىپ ئېيتىلىش توغرا بولىدۇ.

سەككىزىنچى: ئاخىرىدا تېكىشىڭىزنى توختىتالماي تولا تەھرىرلەپ ئولتۇرالماي كەتكەن مەزكۇر ئىنكاسىڭىزدىكى بىر تالاي قىستۇرما ۋەزلىرىڭىز ئادىتىڭىز بويىچە پاكىتقا بولالمىغاندا خۇدا - رەسۇل ۋە ئاخىرەتنى شىپى كەلتۈرۈپ ھېسسىيات سۇيىئىستېمالچىلىقى قىلىدىغان ھۈنىرىڭىزنىڭ مەھسۇللىرىكەن. ئىلىمگە ھېسسىيات ئارىلاشتۇرۇش سۈتكە سۇ ئارىلاشتۇرۇشتەك ساختىلىققا ياتىدىغان بىر ئىش. ۋەزىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدە قالسۇن. دېگىنىمدەك، ھەرنېمە ئويلاش ۋە دەۋېلىش سىز باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىۋاتقانغا ئوخشاش سىزنىڭمۇ ئەركىنلىكىڭىز. بولسا، سىز تەسەللى تاپىدىغان سۆزلەرنى ئۆزىڭىزگە ياخشىراق ئۇدۇملاشتۇرۇپ نەچچە يىللاردىكىگە ئوخشاش زىددىيەت تېرىيدىغان، قىتىغۇرلۇق ۋە پىتنە ئاۋۇتىدىغان تېمىلاردا قەلەم تەۋرەتكەندە ئۆزىڭىزگە تەتبىقلىسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى بولغىدەك.


ئابدۇۋىلى ئايۇپ:

ئۇستاز ھەزرىتىم، گەپنى ئادەم تىللىمايمۇ، زەھەر سانجىمايمۇ. ئىلمىي مۇنازىرە شەكلىدە دېگىلى بولىدۇ، مەن ئۆزلىرىنى تونىمايمەن، ئۆزلىرى ئادەممۇ جىنمۇ، ئىسىملىرى بۇرھانمۇ، بۇرغانمۇ، بۇزغانمۇ بىلمەيمەن. ياش تۈركىستان دېگەن غەربى تۈركىستانچىلارنىڭ ژورنىلى، بۇ بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن چىقارغان ژوزنال ئەمەس، ئىچىدىن ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى تاپىقىلى بولمايدىغان بىر ژورنال. مەن تىلشۇناس، ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈركچەنى ياخشى بىلىمەن، ئوسمانلىچىنىمۇ بىلىمەن، بۇ ماقالىدە ئىشلىتىلگەن نۇرغۇن سۆزلەر 30-يىللاردىكى ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلغان ئەمەس، مەن ماقالىنىڭ ئەسلىنى سىلىدىن بۇرۇن 2009-يىلى ئوقۇغان ۋە ماقالەم ئۈچۈن پايدىلانغان. مەن 1930-يىللاردا قوللىنىلغان ئۇيغۇرچە بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرچىنىڭ پەرقى ھەققىدە ماگىستىرلىق ماقالەم بار، ئېنگىلىز تىلىدا. ماڭا تىلدىن دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن سىلىنىڭ كەسپى ساھەلىرىنى بىلىپ باقساق. ھەتتا ئابدۇقادىر داموللاممۇ شۇ چاغدىكى ئورتاق تۈركچە بىلەن بىزنىڭ ۋەتەندە قوللىنىلىدىغان قەشقەر تۈركچەسىنىڭ پەرقلىق بولغانلىقىنى ئىتىراپ قىلغان ۋە «تەجىۋىدى تۈركى» دېگەن كىتابىدا بۇنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. مەخمۇت موھىدى ئۆمرىدە قولىغا قەلەم ئالغان ئادەم ئەمەس، بىرەر پارچە ماقالىسىمۇ يوق بىرى كىشى. مەخمۇت موھىدى تۆھمەتخور كىشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئەيسا ئالپيتېكىننى بولشىۋىكلار بىلەن ئىشلەۋېتىپتۇ دەپ تۆھمەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەيسا ئالپتېكىن بولشىۋېىكلارغا ئىنتايىن ئۆچ ئادەم، ئۇنى بولشىۋىكلار بىلەن ئىشلىدى دېگەن تۆھمەتنى مەخمۇت موھىدى قىلمايدۇ. سىلىنىڭ ئەلى ئەكبەر داموللامغا قىلغان تۆھمەتلىردىن خەۋىرىم بار، شۇڭا تۆھمەتنى ئادەت قىلغان كىشىگە دەيدىغان سۆزۈم سۈكۈت، ھۆرمەتلىرى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.

تۈركىستانىمىز، دېگەن باشلىنىشتىنلا ئوقۇپ باقسىلا بۇنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى بىلىلا، مەخمۇت موھىتى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ئادەم، «ئۇيغۇرنامە» دېگەن كىتاپنى ئوقۇپ باقسىلا، خوجانىياز ھاجىمنىڭ قۇرماقچى بولغىنى ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى بولغان. مەخمۇت موھىتى خوجانىياز ھاجىنىڭ ئادىمى، قەشقەردە ئۇيغۇرىستان نامىدا پۇل قۇيدۇرغان ئادەم، بۇ ئادەم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ دوستى، قوللىغۇچىسى، ئەمدى قوپۇپ شۇنچىلا پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئۆزىنى ھىچ قاچان ئەپەندى دەپ باقمىغان، ئۆمرىدە بىرەر پارچە خېتىمۇ قالمىغان ئادەمنى مۇشۇنداق تۈركىستانىمىز بىلەن باشلانغان، تۈركچىلىك ھېسلىرى بىلەن يېزىلغان ماقالىنى يازدى دېسە قانداق ئىشىنىمىز؟


بۇرھان مۇھەممەد:

بىرىنچىدىن، شۈبھىسىزكى، زالالەت قارىغۇسىنى ھىدايەت نۇرىغا مۇشەررەپ قىلىش ئاللاھنىڭ ئىشى. ئەكسىچە ئاينى ئىككى پارچىغا يېرىپ كۆزىگە تىقىپ بەرسىمۇ ھامان ئۆز گېپىنى ئەزۋەيلەشكە باھانە تېپىلىپ تۇرىدۇ. پاكىتنى رەت قىلىشنىڭمۇ تۇتاملىق ئاساسى بولۇشى كېرەك. ئىلمىيلىكتىن زۇۋان سۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا گەپنىڭ ئەركەك چىشىسىنى پەرق ئېتىپ، ئالدى - ئارقىسىنى ئويلاپ، پارادوكستىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش لازىم. بىر ژۇرنالدا ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ تىلغا ئېلىنمىغىنى بۈگۈن بىز ئۇيغۇر بىلگەن توپ ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە مەلۇماتنى يالغانغا چىقىرالمايدۇ. ئابدۇقادىر داموللام كاشغەرنىڭ قاق كىندىكىدە تۇرۇپ ئۇيغۇر دېگەن بىر سۆزنى كىتابىغا قاتماي، ھەتتا كىتابىنىڭ ئىسمىنى «تەجۋىد تۈركى» قويغاندىن سىرت، «أوز مملكتمزده مأنوس تركي ايله تحرير قيلندي» دەپ كىتابىنى تۈگەللىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى سابىت داموللاممۇ كىتابىنىڭ ئىسمىنى «روشەن بايان- تۈركىي تەفسىرۇل قۇرئان» دەپ قويغان. ئۇيغۇر دەپ بىر كەلىمىمۇ ئىشلەتمىگەن. شۇنداقلا ئابدۇقادىر داموللاممۇ قانداقتۇر سىز دەۋاتقاندەك «ئورتاق تۈركچە» ۋە قەشقەر تۈركچىسى دەپ ئىشلەتمىگەن. بەلكى ئابدۇقادىر داموللام ئىستانبۇل تۈركچىسىنىمۇ، تاتار تۈركچىسىنىمۇ «شيوه  (شېۋە)» دەپ ئالغان. شۇنداق تۇرسىمۇ، ئىلمىي ئامانەتنىمۇ جايلاپ نەقىل قىلماقتا يوق،  «بۇ ژۇرنالدا ئۇيغۇر دېگەن بىر جۈملە سۆز يوق» دەپلا باتناپ ئولتۇرۇش قەيەرچە مەنتىقە؟ «تۈركىستان ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىراتىدا مەھمۇد مۇھىتى تەرىپىدىن يېزىلغان بىر پارچە ماقالىنى شۇ ژۇرنالنىڭ شۇ دەۋر زېھنىيىتىدىكى شېۋىسى، ئىملالىرىغا ئۇدۇل كەلتۈرۈپ، خۇددى تۈركىستان، ئانادولو ۋە تاتار ئۆلىمالىرى ھەمدە يازغۇچىلىرى ئۆز قەلەملىرىدە تۈرلۈك تۈركىي لەھجىلەر بويىچە يېزىپ ئەۋەتكەن يازمىلارنى نەشر قىلىپ چىققان «شۇرا» ژۇرنىلىغا ئوخشاش شەكىلدە مۇھەررىرلەر ئارقىلىق مەزكۇر ماقالىنىڭ يازما ئۆلچىمى بىرخىللاشتۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنىشى شۇ دەۋر شارائىتىدا ناھايىتىمۇ نورمال بىر ئىش. ئاشۇنداق تۈركىي قەۋملەر پارچىلىنىش ۋە يېڭىدىن ئىسىم بېكىتىلىشكە مەجبۇر قالغان دەۋرلەردە مەھمۇد مۇھىتىنىڭ شۇنداق بىر تارىخىي دەۋردە ئەسكەرتىش زۆرۈر بولغان بىر تېمىنى بومبايدا تەييارلىشى ۋە ئۇنى مەزكۇر ژۇرنالغا ئەۋەتىشى، ژۇرنالنىڭ مەھمۇد مۇھىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە مەپكۇرىسى ھەققىدە مول خەۋەر ۋە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ يازمىسىنى ژۇرنال تىل قېلىپىغا چۈشۈرۈپ تۇرۇپ ئېلان قىلىشى تامامەن نورمال ئەھۋال. ئەگەر شالغۇت زېھنىيەت بويىچە مەھمۇد مۇھىتى يازماي، ژۇرنال ئويدۇرغان دەپ قارالسا، 1939 دا مەھمۇد مۇھىتى ھايات ۋاقتىدا چىققان ژۇرنالنىڭ شۇ سان ۋە ماقالىدىن كېيىن ئالاھەزەل 4 - 5 يىلغا قەدەر ئۆمۈر كۆرگەن، چەتئەلدىكى ھەر تۈرلۈك نەشرى ئەپكار ۋە سىياسىي پائالىيەتلەردىن ئىستىخبارات توپلاپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرغان ۋە پائالىيەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان مەھمۇد مۇھىتىنىڭ بىرەر ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى، بۇنداق ئىشنىڭ ۋەقە ھېسابلانماسلىقى، مۇھىتىنىڭ ئۆزىدەك بىر مىللەتنىڭ گېنېرالى ئۈستىدىن قىلىنىۋاتقان تۆھمەتكە جاۋاب قايتۇرماسلىقىدەك بىر بىمەنىلىكنى نەتىجىلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىر جۈملە تۆھمەتمۇ دىققەتتىن قاچمايدىغان، ئەكسىچە ھەر تۈرلۈك ئوبزورلار يېزىلىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىنىپ تۇرىدىغان ئاشۇنداق بىر زاماندا ژۇرنال چىقارغۇچى مۇئەسسەسەنىڭ بىر ساننى ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن ۋە ئۆزى ھەققىدە ئۇچۇر مەلۇمات بىلەن تەمىنلىشى نەتىجىسىدە مەھمۇد گېنېرال نامىغا ئاتاپ بىر سان ژۇرنالنى شەرقىي تۈركىستان كۈنتەرتىپى ۋە مەھمۇد مۇھىتىغا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن كۆمۈۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭغا قاتماللارچە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ئاساسسىزلا تۇتۇرۇقسىز پەرەزلەرگە تايىنىپ مەھمۇت مۇھىتىنى ئاقلايمەن دەپ ژۇرنالنى قارىلاش بىمەنىلىك، خالاس. شۇنداقلا بۇنى ئىنگلىزچە ماگىستىرلىق ماقالىسىنى پەش قىلىپ سۆزلەۋاتقان بىر زىيالىيچاق ئۈچۈن ياراشتۇرغىلى بولىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس. شۇنداقلا ئىلمىيلىك ھېچ ئەمەس.

ئىككىنچىدىن، ماقالىنىڭ «تۈركىستانىمىز» دەپ باشلىنىشىغا كەلسەك، بۇ سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى مەھمۇد گېنېرالدەك بىر رەھبەر ئۈچۈن ئىنتايىن ئاقىلانە ۋە دىپلوماتىك بىر تىل، دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر ژۇرنال ساھىبلىرى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولغىنىدا، شۇنداق سۆز ئىشلەتسە گۇمانلىنىشقا بولاتتى. لېكىن بۇ ژۇرنال دەل غەربىي تۈركىستان تەشۋىقاتچىلىرى قولىدىكى ژۇرنال بولغانلىقى ۋە مەھمۇت گېنېرالنىڭ ئۆز خىتابىنى شۇلارنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتىدا ئېلان قىلىشقا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن قېرىنداشلىق يېقىنچىلىقىنى ئىپادىلىشى ۋە دىپلوماتىك بىر تىلدا رۇس ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى كوممۇنىست پىرقىگە قارشى تۇرۇۋاتقان سەپداشلار كەبى سۆزلەرنى ناھايىتىمۇ دىققەت بىلەن ئىشلىتىشى غەرەز ئۇققانلىق ۋە بىر مىللەتنىڭ سىياسىئونىغا خاس تۇتۇم ئىپادىلىگەنلىكتۇر. ماقالىنىڭ بىرىنچى ئابزاسىنى رۇس ۋە خىتاي، شۇنداقلا تۈركىستاننىڭ غەربى ۋە شەرقىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى پاراللېل تەھلىل قىلغانلىقىدەك بىر ئۆرنەك بۈگۈنكى سىياسەت كوچىسىنى پىتىقداۋاتقانلار ئۈچۈنمۇ ئۈلگە ۋە ئۆرنەك بولغۇدەك بىر ئىپادە پىچىمىدۇر. مۇشۇنچىلىك زاكوننى، ئاددىي دىتنى ئاڭقىرالماي، بىلەرمەنلەرچە گەپ ئوينىتىپ «تۈركىستانىمىز، دېگەن باشلىنىشتىنلا ئوقۇپ باقسىلا بۇنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى بىلىلا» دەپ قارىسىغا گەپ يورغىلىتىش يۈزەكىلىكنىڭ، ھېسسىيلىقنىڭ، شۇنداقلا قاتمال نۇقتىئىنەزەرنىڭ ئىپادىسىدىن، باشقا نەرسە ئەمەس.

ئۈچىنچىدىن، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكۈنۈش خوجىنىياز ھاجىنىڭ ھەربىي تەلىماتىغا ماقۇل كېلىپ كۆڭلى رازى كەلمىسىمۇ كاشغەردە بىر دۆلەتنىڭ يىقىلىشىدا بارمىقى بولۇپ قالغانلىقى. مەھمۇد مۇھىتى بۇ خاتالىقنى كاشغەرنى قولدا تۇتۇپ تۇرغان مەزگىللىرىدە قاتتىق ھېس قىلغان ۋە ئاداققى نەپسىگە قەدەر بۇ خىيانەتكە مۇشتەرەك بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ۋابالىدىن ئەنسىرەپ، تۈگەل مىللىي مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نىيەت باغلىغان، ھەر تۈرلۈك مۇرەسسە ياكى سودىلىشىشلاردا قەتئىي مۇستەھكەم تۇرغان ۋە يېڭىدىن ھەر تەرەپلىمە ئىسلاھات ھەرىكىتى قوزغىغان. خوجىنىياز ھاجىنىڭ قول ئاستىدىكى دەۋرنى بىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخىي بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگىرىشلەردىن بىخەۋەر تۇرۇپ قۇرۇق گۇمان بىلەن جۆيلىسەك، قاباھەت مەزكۇر مەھمۇد مۇھىتى ھەققىدىكى مۇھىم تارىخىي ئۇچۇرنى بىزگە قەدەر يەتكۈزگەن ۋە تۈركىستان تۇپراقلىرىدا سىياسىي ھەرىكەت سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن نەشر ئەپكار مۇئەسسەسەسىدە بولمايدۇ، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ چالا - چالپاقلىقىدا، ھەممىنى بىلگەن بولۇۋېلىپ قارىسىغا گەپلەرنى ئىلمىي داۋلى دەپ دەۋېرىدىغان، شالغۇت زېھنىيەتتە شەكىللىنىپ قالغان قاتمال تەپەككۇرنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئۆزىمىزدە بولغان بولىدۇ.

تۆتىنچىدىن، «مال تۈرى بىلەن، ئادەم قاياشى» بىلەن دېگەندەك، «ئۇيغۇرنامە» دېگەنگە ئوخشاش بىر كىتابنى، يەنە كېلىپ 11 بىتىمگە رازى بولغان كوللېكتىپنىڭ تەرەپدارلىقىدىكى بىر زىيالىينى، يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ئاسارىتىدىن كېيىنكى 20 يىلىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان تالاي مۇنەۋۋەرلەر ئارىسىدىن ئالاھىدە ئەپۇغا ئېرىشىپ تۇرۇپ ئامان قالغان، 50 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا بىر ياقتىن خىتاينىڭ شۇ دەۋر سىياسىتىدىكى مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغان، ھەم خىتاينىڭ كادىرلىقى بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن ئاپتورنىڭ كىتابى، ئەڭ مۇھىمى ئىلمىي تارازىغا چۈشمەيدىغان، پۇبلىتىستىك خاراكتېردىكى ماقالىلەر مەجمۇئەسى شەكلىدە يېزىپ قالدۇرۇلغان تارىخقا دائىر تېمىلارنى مەركەز قىلغان بىر توپلامنى گويا ئىلمىيلىكتە ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان تەرزدە تۇتىيا بىلىپ تارىخىي ۋە ئىلمىي بىر مەسىلىگە پاكىت قىلىپ دىيەسلىتىش بەكلا كۈلكىلىك ئىش. تەۋسىيەم شۇ، تارىخقا روماندىن دەلىل ئىزدەيدىغان، پاكىتنى ئەمەس، شالغۇت تارىختىن ئوزۇقلانغان تارىخ ھەققىدىكى شەخسىي قاراش ۋە ھېسسىي قانائەتلەرنى ئاساس قىلىپ زاكون قويۇش ئۇيغۇرچىلىقتا مودىدىن قالغىلى خېلى بولۇپ قالدى. تۇتارلىق بولۇش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئەلى ئەكبەر داموللام تىلغا ئېلىنىپ قاپتۇ. بۇ يەردە مەزكۇر «داموللام»غا تۆھمەت مەۋجۇت ئەمەس، ھەم داموللام مەسىلىسى سىز «خەۋىرىم بار» دېگۈدەك قولتۇق ئاستى ئىشلارمۇ ئەمەس. سەھىپىنى كۆرۈۋاتقان ھەربىر ئوقۇرمەن خەۋەردار ئىشلارنى ئۇنچە «يوچۇن» ئىپادە قىلىش ئارتۇقچە. تۆھمەتنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە ئاۋۋال پېشانىمىزنى سىلىۋېتىپ، دەل بارىن ئىنقىلابى خاتىرىلىنىش ھارپىسىدا تۇرغان مۇشۇنداق كۈنلەردە، مىللەتنىڭ قەھرىمان مۇجاھىدلىرىدىن مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپكە قارىتىپ «زەيدىن يۈسۈپ ماۋزىدۇڭنى ئۈلگە قىلغان» دېگەن تۆھمەتلەرنى، جىھادىي ھەرىكەتلەرنى قانداق يۈزى قېلىنلارچە يازمىلىق ۋە ئېكرانلىق قارىلىغانلىقىمىزنى ئويلىشىۋېتىپ ئاندىن باشقىلارغا تۆھمەتنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە دەرس ئۆتسەكمۇ كېچىكمەيمىز. بۇ ھەقتىمۇ كۈتىدىغىنىم، بۈگۈن يازغان نەرسىسىنى ئەتىسى كامېراغا چىقىپ يۈزىنى قىزارتماي تۇرۇپ ئىنكار قىلىدىغان داپيۈز زىيالىيلىق 21 - ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئابدۇۋىلى ئايۇپ بىلەنلا تۈگەپ كەتسىكەن دېگەندىن ئىبارەت.

قىسقىسى، بۇ مەسىلىنى بەك كۆشىگۈڭىز بولسا، سىزچە چىقىش يولىمۇ يوق ئەمەس. خۇددى سىزنىڭ ھېلىقى مەنتىقىڭىز بويىچە «فىرانسىيەدىكىلەرنىڭ توختاملاشقان دەپ ئويلىۋالغىنى ئۇلارنىڭ قارىشى بولغان، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىچىلىقىنى سىز بىر تىيىنغا ئالماي «فىرانسىيەدە كىتاب يازمايتتىم» دەپلا كېتىۋالسىڭىز، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئېلىش ياكى ئالماسلىقى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى، قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ياتلار ئالدىدا يەرگە قاراپ قېلىش ياكى قالماسلىقى ئۇلارنىڭ ئىشى ئىكەنلىكى» دېگەنگە ئوخشاش سىزمۇ خائىنلارنى قەھرىمان چاغلاپ باشقىلارنىڭ ئىلمىي ۋە تارىخىي ۋەسىقىلەر ئاساسىدا خائىننى خائىن دېيىشىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز مەسىلە ھەل بولىۋېرىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە قارىسىغا ۋەسۋەسە سۈپلىمەي ئۆز بېغىڭىزدا ئويناپ قالسىڭىز بولىۋېرىدىغان ئىش. بىر تەرەپتىن مەھمۇد مۇھىتىنى يالغانچى ئەمەس، دەپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىستانغا يېيىلغان ۋە بۈگۈنگىچە قولدىن قولغا ئۆتۈپ ئامانەت مىراس بولغان بىر ئىلمىي مۇئەسسەسەنىڭ نەشرى ئەپكار ئىگىلىرىنى ئويدۇرمىچى سۈپىتىدە گۇمانلىنىپ ياشاۋېرىشىڭىز، ئاللىقانداق مۇتەئەسسىپ زېھنىيىتىڭىزدىكى پاكىت ئالدىدىمۇ تۇتامسىز پەرەزگە تايىنىپ قارىسىغا باشقىلارنى بىھۇدە زىدىلەپ ۋەسۋەسىڭىزنى تۇتقا قىلىپ ئۆتۈشىڭىز ئەلۋەتتە، ئەركىنلىكىڭىز. شۇنداق ئىكەن، «مەسىلىنىڭ ساغلام ھەل قىلىنىش يولى ئاشۇ ساھەگە چىشى پاتىدىغانلارنىڭ مەسىلىسى» دېگەن قائىدە بويىچە كېتىۋەرگىنى تۈزۈك. بولمىسا بالىلارچە ئاساسلانمىلار، ئالدى - كەينىنىڭ پەرقى يوق ياكى تۇتارلىقى بولمىغان داۋلىيلار بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ پارادوكسىنى ئاۋۇتۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەتىجە چىقمايدىغان چۇۋالچاق ئېتىرازلار بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى بىھۇدە قارىتىش، ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ. ۋەسسالام

Uygur Töre

"ياش تۈركىستان" مەجمۇئەسى پارىژدا نەشىرقىلنىشقا باشلىغان مەجمۇئە.

بۇنى باشقۇرغۇچى، نوغاي تاتارلىرىدىن بولغان مۇستاپا چوقاي دىگەن مەشھۇر كىشى. ماقالىدىكى تىلنىڭ سۆڭكى بىزنىڭ ۋەتەندە قوللىنىلغان چاغاتاي ئۇيغۇرچىسى ئەمەس. چاغاتايچە ئارلاش نوغاي تاتار تىلى . يەنى ھەم قىپچاق خەلقى ھەم ئۇيغۇر ئوغۇز خەلقى ئوقۇپ چۈشنەلەيدىغان،ئۆز ۋاقتىدىكى بۈيۈك تۈركىستان تېئورىسى بويۇنچە تىلنى بىرلىككە كەلتۈرۈش باسقۇچلىرى جەريانىدا قېلىپلاشتۇرۇلغان ئورتاق تىل.

ئەمدى، ماقالىدىكى مەزمۇن مەھمۇت موھىتىنىڭ ئۆز يازمىسىمۇ،ياكى ئۇلۇغ تۈركىستان ئىنقىلابىغا چاقىرىق،دەۋەت مەخسىدىدە ئويدۇرۇپ ياكى ئۆزگەرتىلىپ چىقىرىلغان ماقالىمۇ، بۇ تەرپى گۇمانلىق. ئۆز ۋاقتىدا مەخمۇت موھىتى، ئوتتۇرا ئاسيادىن ھالقىپ قازان،شەمەي تەرەپلەرگىچە داڭقى كەتكەن شەخىس ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارمىغۇلۇق.

مەخمۇت موھىتىنىڭ ئىش ئىزلىرى،ئۇنىڭدىن تەسىر ئالغان كىشلەرنىڭ يازمىلىرى ياكى ئەسلىملىرگە ئاساسلانغاندا ،مەخمۇت موھىتى ئۇلۇغ تۈركىستان ئىديەسىدىكى كىشى ئەمەس.بۇ نوقتا چىقىش قىلىنغاندا ماقالە مەخمۇت موھىتىنىڭ ئۆز ئىرادىسى ئەمەس.

شۇڭلاشقا، تىلشۇناس،فىلولوگ،تارىخشۇناسلار تەتقىق قىلىپ يەكۈن چىقارمىغان مەسىللەرنى ئۆز ئالدىغا يەكۈنلەپ ئەرزان بىلىمغا ئايلاندۇرۇپ قويمىغۇلۇق.تىخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى ئەرزان بىلىمنى بازارغا سىلىپ بىراۋلارنىڭ شەخسىي ئىرادىسى ئۈچۈن قوللىنىشىغا،ۋە يېڭى ئەۋلات ئوقۇمۇشسىز نادانلارنى خاتا چۈشەنچىگە كىلىپ قېلىشغا يول ئىچىپ بەرمىگۈلۈك.


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

Uygur töre

مەسىلىگە فىلولوگ، تارىخچى، تىلچى... قاتارلىق قايسى بىر ساھەنىڭ لوپا ئەينەكلىرىدىن ھەققانىي قارالسا، ئايلىنىپ كېلىدىغان نۇقتا يەنىلا رېئاللىقنى، ھەقىقىي تارىخنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئاقىۋەت پاكىتقا تەسلىم بولۇش بىلەن تامام بولىدۇ. مەسىلىنى تەھقىقلاشتا شىنجاڭچە لوپا ئەينەك ئارىلىشىپلا قالغاندا پاكىت ئالدىدىمۇ ۋەسۋەسە رەققاسچىلىرىنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە تولغىنىپ ئۇسۇل ئوينىشى تۇرغانلا گەپ. نەتىجىدە بۇمۇ ئادەمنى ھەر نېمە دېگۈزۈۋېتىشتىن خالىي قىلالمايدۇ. تىرناققا توختىدەك گەپ تاپالمىغاندا سۇيئىستېماللىق ئوبيېكتىنى نادان، ئوقۇمۇشسىزلارغا جوراشقا ئادەتلىنىپ قالغان شالغۇت زېھنىيەت تىلى بويىچە پاكىتقا شۈبھى ئولاشتۇرۇپ بېقىش ئەمەلىيەتتە ئەرزانلىقتا ئەڭ تايىنى يوق بىقىممەت تۇتۇمدۇر. بۇنداق شۈبھى ئولاشتۇرۇش تاكتىكىسى روس ئورىيانتالىزمىدىمۇ خېلى زامان خېرىدارلىق بولۇپ باققان. ھازىر ئۇمۇ تەدرىجىي مادارىدىن قېلىشقا باشلىدى. ھەرقانداق سۈنئىي بازارنىڭ كاساتلىشىدىغان ۋاقتى بولغىنىدەك، مىللەت ئەۋلادلىرى ئويغىنىشقا قاراپ كېتىۋاتقان چاغدا ۋەسۋەسە شىركەتلىرىنىڭ پايچېكلىرىنىڭ ئوبۇرتىمۇ تۆۋەنلەپ مېڭىشى تەبىئىي. بۇنداق چاغدا يېڭى ئەۋلادنى ئۆزىمىز پاتقان پاتقاققا دەسسىمىدى دەپ ۋايىم يەپ كېتىش ئارتۇقچە. تەييار قولدا بار ئامانەتنىمۇ مىڭ بىر تۈرلۈك ئۇپا، ئوسمىلار بىلەن بوياپ بۇرمىلاپ تۇرۇپ تونۇشتۇرمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدىغان قىلىپ كۆنۈكتۈرۈۋېتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى» نىڭ تەسى دائىرسى چەتئەلدە ئۇنچە كۈچلۈكمۇ ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئاجىزلاپ مېڭىشقا مەھكۇم. بۇنىڭ بىلەن شالغۇت زېھنىيەت خىرەلىشىشىگە ئەگىشىپ ھەقىقىي ئەرزان بىلىمدانلىقنىڭ خورجىنىمۇ قۇرۇغدىلىپ ماڭغۇسى. خەۋاتىرلەنمىگۈلۈك.


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

ئابدۇۋىلى ئايۇپقا:

بىرىنچى: گەپ قوليازما ئۈستىدە كېتىۋاتمايدۇ، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ماقالە ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ.

ئىككىنچى: مەھمۇد مۇھىتىنى «ئەپەندى» دېيىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئەپەندى دەپ بېرىشى كېرەك ئەمەس. ھەم مەھمۇد مۇھىتىمۇ ماقالىدا ئۆزىنى ئەپەندى دېگەننى قوشۇپ ئىمزا قويغان ئەمەس. لېكىن مۇشۇ ژۇرنال ھەيئىتى تونۇشتۇرۇشتا «ئەپەندى» دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان. مەھمۇد مۇھىتىدا مەن ئۆزۈمنى ئەپەندى دېمىسەم، سەن مېنى ئەپەندى دەۋالدىڭ، دەيدىغان ئۇششۇقلۇق، كۆكەمىلىك يوقلۇقى سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىزدەك ئۇنىڭ كەڭ قورساق روھىدا بار ئەھۋال. شۇڭا باشقا بىر ئىقلىمنىڭ مۇنەۋۋەرلىرىنىڭ ئۇنى ئەپەندى، دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشى نورمال ئىش.

ئۈچىنچى: مەھمۇد مۇھىتى گەپ قىلمىغان، سۆز قىلمىغان، دېگەن سۆز پۇت تىرەپ تۇرمايدۇ، دېگەنگە ھە، دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، رەددىيەدە تىلغا ئېلىنغان ۋە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان باشقا ئېھتىماللىقلار پۈت تىرەيدۇ ۋە ئېھتىماللىقلار بىرلىشىپ بۇ ئېھتىماللىقنىمۇ كۈچلەندۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

تۆتىنچى: قەشقەردە ھۆكۈم سۈرگەن بىر ئادەمنىڭ تىل ئۇسلۇبىنى شۇ يەردە يازغان ۋە نەشر قىلغان نەرسىلىرىدىن ئىزدەيمىز. باشقا جۇغراپىيەدىكى ئەھۋالنىڭ شۇ يەرچە بولىدىغانلىقى ئەقەللىي ئەھۋال. كاشغەر تۈركچىسىدە ئەسەر يازىدىغان ئابدۇقادىر داموللام شۇرا ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلسا، شۇرا ژۇرنىلى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ماقالىسىنى شۇرا ژۇرنىلىنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، لازىملىق سۆزلەرنى ئۆز تۈركچىسىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلان قىلسا، ياق، بۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەمەس، كاشغەر تۈركچىسىدە قوليازمىسى بولسا، يازما ئابدۇقادىر داموللامنىڭ، بولمىسا ناتايىن، دەيدىغان توقۇناقنى تاتار تۈركلىرىدە چىقىدىغان ژۇرنالغا دىيەسلىتىۋالمايمىز. زامان - ماكان ۋە شۇ دەۋر ئەپكارىسىغا ۋاقىپ بولمىساق، مۇشۇنداق تەييار ئىلمىي قائىدىنىمۇ ئەمەس يېرىگە تەتبىقلىۋېلىپ كۈلكىگە قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.

بەشىنچى: 30 - يىللارنىڭ تىل ئۇسلۇبى ئەمەس، دېگەن قۇرۇق گەپ. ئۇنى مېنىڭ بۈگۈنكى ئەدەبىي تىلدىكى تەرجىمەمنى، شۇ دەۋر تىلىدىكى مەتبۇئات تىلى بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئەخمەقلىق. شۇ ژۇرنالنىڭ شۇ زاماننىڭ تىل ئۇسلۇبىدا چىققىنىنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.

ئالتىنچى: مەھمۇت مۇھىتى ماقالىسىدە ئىيسا بەگنى بولشىۋېككە چېتىشتۇرۇشىدا غالچا تەبىئەتلىك بىرىدىن ھەر ئىشنىڭ كۈتۈلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق. بۇ ئۇنىڭ ئېھتىماللىققا ئىگە قانائىتى. لېكىن خىتايغا غالچا بولغانلىقى ئۆز گۇۋاھلىقى ۋە روبىرو بىۋاسىتە مۇئامىلىسى بىلەن جەزمىيلەشكەن بىر ئىش. ئىيسا بەگ ھىندىستاندا ئىز قوغلاپ يۈرۈپ خىتاي غالچىلىقى قىلسا، ئۇنىڭ غەربى تۈركىستاندىكى پائالىيەتلەردىمۇ غالچىلىق قىلىپ قايمۇقتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىدىن قېرىنداشلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، جاڭ جېشىغا غالچىلىق قىلغان بولشىۋېكلارغىمۇ قىلماي قالمايدىغانلىق مەنىسىدە غەربى تۈركىستان مەتبۇئاتىدا سىگنال بېرىپ قويۇشىنىڭ نەرى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولماي قالسۇن؟!

يەتتىنچى: ئۆزلىرىنى بىر مىللەتنىڭ داۋامى دەپ ئويلايدىغان ئىلىم ئىگىسى ئاۋۋال شۇ دەۋرنى چۈشىنىدىغان ساغلام روھقا، شالغۇتلاشمىغان مېتودولوگىيەلىك ئانالىز قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشى، ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە بېقىندۇرۇپ تۇرۇپ تارىختىن ئىشتان - كۇسار پىچىشقا ئۇرۇنماي، ئاۋۋال شۇ دەۋر رېئاللىقى ۋە كىشىلىرىنىڭ مەپكۇرىسىنى توغرا شەكىلدە ھەزىم قىلىپ ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا زىددىيەت تېرىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىش ئىلىم ۋە پىكىر ئەھلىگە قارىتىلىپ ئەمەس، چالا بىلەرمەن ئاتالمىش «شۇناس»لارغا قارىتىلىپ ئېيتىلىش توغرا بولىدۇ.

سەككىزىنچى: ئاخىرىدا تېكىشىڭىزنى توختىتالماي تولا تەھرىرلەپ ئولتۇرالماي كەتكەن مەزكۇر ئىنكاسىڭىزدىكى بىر تالاي قىستۇرما ۋەزلىرىڭىز ئادىتىڭىز بويىچە پاكىتقا بولالمىغاندا خۇدا - رەسۇل ۋە ئاخىرەتنى شىپى كەلتۈرۈپ ھېسسىيات سۇيىئىستېمالچىلىقى قىلىدىغان ھۈنىرىڭىزنىڭ مەھسۇللىرىكەن. ئىلىمگە ھېسسىيات ئارىلاشتۇرۇش سۈتكە سۇ ئارىلاشتۇرۇشتەك ساختىلىققا ياتىدىغان بىر ئىش. ۋەزىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدە قالسۇن. دېگىنىمدەك، ھەرنېمە ئويلاش ۋە دەۋېلىش سىز باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىۋاتقانغا ئوخشاش سىزنىڭمۇ ئەركىنلىكىڭىز. بولسا، سىز تەسەللى تاپىدىغان سۆزلەرنى ئۆزىڭىزگە ياخشىراق ئۇدۇملاشتۇرۇپ نەچچە يىللاردىكىگە ئوخشاش زىددىيەت تېرىيدىغان، قىتىغۇرلۇق ۋە پىتنە ئاۋۇتىدىغان تېمىلاردا قەلەم تەۋرەتكەندە ئۆزىڭىزگە تەتبىقلىسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى بولغىدەك.


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

ئابدۇۋىلى ئايۇپقا:

مېنى تەرىپلەيمەن دەپ بەك جۇۋاپ كېتىپىسىز، رەھمەت. سەت گەپلەر سىزدىن ئايلانسۇن. سەت ۋە بەك سەت گەپلىرىڭىزنى سىزگە كۈن - چېسلاسى بىلەن ئەسلىتىپ سەھىپەمنى بۇلغاشنى توغرا كۆرمەيمەن. «سامان تېگىدىن سۇ قۇيۇش»، «سۇ ماڭغۇزۇش»، «سېسىق كۆلچەكتە ساياھەت قىلىش»، «چاڭچىلە ئويناش» قاتارلىق بىر تالاي تەشبىھاتلىق ئىشلارنىمۇ سىستېمىلىق يېتىشتۈرۈلگەن شالغۇت زېھنىيەت ئاۋالۇكسۇۋارالىرى قاملاشتۇرۇپ ئۆتۈپ كەتمىسە، ئويغاقلارنىڭ مەھەللىسىدە ئۇنداق تەرز ئويۇنلارنىڭ بازىرى ئەزەلدىن كاسات بولۇپ كەلگەن. مەن مۇشۇنداق ھەر كىمگە لايىقىدا مۇئامىلە قىلىپ ئادەتلىنىپ قاپتىمەن. ئۆرنەك، مىسال، ئىبرەتلىك بولۇشنىڭمۇ چەكلىك بولغىنى ياخشى. بولمىسا ئەمەن تېتىشقا باشلايدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ھازىرچە سىزگە ئوخشاش نەمۇنىلىك داپشاقتىن بىرسى يېتىپ ئاشىدۇ. مېنى سۆرەشتۈرۈۋېلىش كويىدىكى بۇ ئىلتىپاتىڭىزدىن تەسىرلەندىم. تەكلىپىڭىز ئۆزىڭىزدە قالسۇن، ئۆزۈم خالىغان زاماندا، خالىغان مەيداندا، خالىغان تېمىدا، خالىغان كىشىم بىلەن چىقىشنى ئىختىيار قىلغان كۈنۈم، شۇ چاغدا چىقىش ياكى چىقماسلىق ئۈزۈمنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش. باشقىلارغا يەم ئېتىپ ئېغىز بېسىقتۇرۇش نەيرىڭىنى ماڭا ئۆتكۈزەلەيمەن، دەيدىغان خام خىيالىڭىزنى بەربات قىلغىنىم ئۈچۈن ئەپسۇستىمەن.



مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى