سىياسىي سەتچىلىك ۋە سۈكۈتلەرگە بەند بولۇۋاتقان «ئۆلىمالىق»
سىياسىي سەتچىلىك ۋە سۈكۈتلەرگە بەند بولۇۋاتقان «ئۆلىمالىق»
ھەر نەرسىنىڭ خاراكتېرى ۋە تەبىئىتى بولغىنىدەك، ئىلىمنىڭ ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭمۇ ئۆزگىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خاراكتېرى ۋە تەبىئىتى بولىدۇ. ئىلىمدارلىق ئۆز نۆۋىتىدە مەسئۇلىيەتدارلىقتۇر. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يوقاتقان ئىلىمدارلىق بولسا، خاراكتېرىنى يوقاتقان ئىلىمدارلىقتۇر. خاراكتېرسىزلىكنى بۇ نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، شەيئىنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئۆز تەبىئىتىگە ياتلىشىشى، خىزمەت فۇنكسىيەسىنى يوقىتىشى، تۇتۇمسىزلىشىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن خاراكتېرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللارنى پەرقلەندۈرۈش مۇھىم. شۇنداقلا خاراكتېرسىزلىككە يول ئېچىۋاتقان ئىدىيەۋى ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە، مەسىلىلەرگە تۇتۇلۇۋاتقان تۇتۇم ۋە مەۋقەنى تەمىنلەۋاتقان ھەمدە خاراكتېرسىزلىكنى ئەقىلگە، ۋىجدانغا راۋا كۆرسىتىىۋاتقان زېھنىيەتكە قاراپ چىقىشمۇ مۇھىم.
ئۆلىمالىق ئىلىمدارلىقنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن، شۇنداقلا ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ دەۋاسىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا سۇتۇق بۇغرادىن ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇندىن كېيىنكى زامانلارغا قەدەر ئۈزۈلمەي كەلگەن ئالىم - ئۆلىمالار تەبىقىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئىسلاھات ۋە نىھائىي غايىلىرىدىن بىرى بولغان «كەلىمەتۇللاھنى ئۈستۈن قىلىش» شۇئۇرىنى بەرپا قىلىشنى، ھەق دىننى ساپ ھالىتىدە يەتكۈزۈشنى بۇرچ قىلغان، قۇرئان ۋە سۈننەت روھىنى ساغلام تەرىقىدە يەتكۈزۈپ تېڭىرقاشنى ئېنىقلىققا، ناتوغرىلىقنى توغرىلىققا يېتەكلەش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن، شەرەپلىك مەسئۇلىيەت ۋە ئامانەتدارلىققا ساھىب كىشىلىك، رەببانىي ئىستىلغا ئىگە ۋە ئىلمىي ساپاغا تويۇنغان دىنىي ئوبرازدۇر. مەسئۇلىيەت كىشىلىك جەھەتتىن يەككە مەسئۇلىيەتكارلىق بولسا، كوللېكتىپ جەھەتتىن ئومۇمىي مەسئۇلىيەتكارلىقتۇر. شۇڭا ئۆلىمالىق مەسئۇلىيەت ھەققىدە توختالغان ۋاقىتتا، «ئۆلىمالىق» قالپىقىنى تەشكىلىي سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن جامائە ئۈچۈن كوللېكتىپ مەسئۇلىيەتكارلىق ئالدىنقى ئورۇندىدۇر. مەلۇم بولغىنىدەك، شەخسنىڭ تۇتۇمى شەخسنىڭ ۋىجدانىغا ۋەكىللىك قىلسا، كوللېكتىپنىڭ تۇتۇمىمۇ كوللېكتىپقا، كوللېكتىپنىڭ ۋىجدانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. نۆۋەتتە مىللەتنىڭ سەركە تەبىقىسىدە بوي كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان توپلاردىن، بولۇپمۇ «ئۆلىما» ئاتلىق توپتىن سىياسىي دەۋانىڭ ئوبرازىنى ۋە مىللىي ئىرادىنى بۇلغاپ كېلىشتە ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقان «سىياسىي ئانسامبىلچىلار» ئاكتىيورلىقىدا سازايى بولۇۋاتقان سىياسىي سەتچىلىك ۋە قايمۇقتۇرۇشلارغا قارىتا كوللېكتىپ ۋىجدان مەرتىۋىسىدە سادا كۆتۈرۈلمەيۋاتقانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ مىللەتنىڭ سىياسىي دەۋاسى ۋە مىللىي غايىسىنى ئىككى پۇللۇق قىلىۋاتقان، خەلقى ئالەم ئالدىدا تاماشىبىن بولۇۋاتقانلارنى قارىتىپ قويۇپ تەشكىلات نامىدا سېتىۋاتقان سەپسەتىلەرگە قارىتا ئۆلىمالار توپىنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدانىدىن ئۈن - سادا چىقمايۋاتقانلىقى، سۈكۈتنىڭ لازىم تۇتۇلۇۋاتقانلىقى مەزكۇر توپنىڭ لاياقىتى ۋە سالاھىيىتىگە جىددىي سوئال تاشلاش كېرەكلىكىگە سىگنال بەرمەكتە. ئەگەردە بۇ ئۆلىما ئاتىقىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقان توپ «تەۋەللا ۋە تەبەررا» ئىدىيەسى [1] قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئەمەس، سابىق مىسىر مۇپتىسى ئەلى جۈمەدەك مۇئەييەن ئىستىخباراتنىڭ ئارقا چىقىشى بىلەن قۇرۇلغان دۆلەت ئاپپاراتى ئۈچۈن دىن ساتارلىق قىلىدىغان، ياكى ئەلئەرىفىي، ئەمر خالىد ياكى ئائىز ئەلقەرنىيلەردەك مۇئەييەن سىياسىي ئاپپارات ياكى تەشكىلنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ ۋەز ئوقۇيدىغان دەرنەك ياكى پارتىيە «موللىچىلىقى»غا ئايلىنىپ قالمىغانلا بولسا، نۆۋەتتىكى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋاسىتىلىك باغلىنىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان سىياسىي ئانسامبىلچىلارغا قارىتا ھەققانىي پىكىر، مىللىي ئىرادىگە ئۇيغۇن مەيدان ۋە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قويۇشلىرى سىياسىي زۆرۈرىيەت ۋە دىنىي مەسئۇلىيەت بولۇپ تۇرۇپتۇ.
ئەلۋەتتە «ئۆلىما» توپى بىلەن مەزكۇر سىياسىي ئانسامبىلچىلار ئوتتۇرىسىدا ئەھدە - ۋەدىلىك ئالاقەۋى باغ بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۆزلىرىنى مىللەتنىڭ ئالىم - ئۆلىماسى دېگەن ئىددىئادا يۈرۈۋاتقان، سىياسىيغا ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان بىر دىنىي تەشكىلاتتا قۇرئان ۋە سۈننەتنى مەنبە قىلغان تەۋەللا ۋە تەبەررا ئىدىيەسىنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. ئۇنداقتا، خىتاي ئىچىدىكى گۇرۇھلار بىلەن ئاپاق - چاپاق يۈرۈش، ئۇلار بىلەن سىياسىي لەپەر ئويناپ مەيدانمۇمەيدان ئويۇن قويۇۋاتقان، ھەمدە بۇنى «مۇۋەپپەقىيەت» دەپ جار سېلىپ مۇغەمبەرلىك قىلىۋاتقان بىر سىياسىي تەشكىلاتنىڭ سەتچىلىكلىرىگە قارىتا ھەققانىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، ھەققانىي تۇتۇمدا بولۇشتا باشلامچى بولۇشى ئالىم - ئۆلىمالىق سالاھىيەت كۆتۈرۈپ يۈرگۈچىلەر ئۈچۈن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ مەسىلىسىدۇر. يەنە كېلىپ ئۆلىمالىقنى سىياسىي تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇپ سىياسىي تۇتۇملىرى بىلەن تەشۋىقات ۋە سىياسىي سەھنىنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان، ھەمدە ھەر تۈرلۈك سىياسىيغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە تۇتۇملىرىنى، رازىلىق ياكى نارازىلىقلىرىنى باياناتلىرىغا قوشۇپ ئېلان قىلىش بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان بىر توپ ئۈچۈن مىللەتكە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىكرىنى ۋە تۇتۇمىنى ۋاقتىدا ئىپادىلىشى، بولۇۋاتقان سىياسىي سەتچىلىكلەرگە توغرا ۋە ھەققانىي بولغان سىياسىي مەيداننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۈلگە بولۇشى ۋە مەسىلىگە توغرا تۇتۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىگە دائىر ئوچۇقلىما بېرىشى تەشكىلىي ۋە سىياسىي زۆرۈرىيەتلەردىندۇر.
ناۋادا مەزكۇر توپ سىياسىي تەشكىلات تۈسىنى ئالغانلىقى بىلەن، شۇنداقلا سىياسىي مەيدان ۋە يېتەكچىلىكتە مىللەتكە «ئۆلىمالىق» قىلىۋاتقانلىقى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقمىغان ياكى شۇنداق دەپ تونۇلمىغان تەقدىردىمۇ ئىسلامنىڭ «تەۋەللا – تەبەررا» ئىدىيەسى نۇقتىسىدىن ئۆلىمالار قوشۇنىنىڭ تەرەپسىزلىكنى بۇزۇشى، ھەقنى سۆزلىشى ۋە ھەق تەرەپنى مەۋقە قىلىش كېرەكلىكىدە ئىپادە بىلدۈرۈشى ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئىسلامدا ئۆلىمالارلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ توغرا بىلەن خاتا، ھەق بىلەن ناھەق، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە توقۇنۇشىدا بىتەرەپ تۇرۇشى ياكى سۈكۈتنى لازىم تۇتۇشى جائىز ئەمەس. مىللىي دەۋادىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار يولنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا ئوخشاش ناخۇش ھادىسىلەر، بولۇپمۇ سىياسىي دەۋانى سودىغا ئايلاندۇرۇشلار پاش بولۇۋاتقاندا سەپسەتىچىلىكنىڭ يوشۇرۇلۇشىغا، كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋېتىلىشىگە قاراپ تۇرۇش مۇسۇلمانلىققىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان بىتەرەپتە قالغۇچى ئەمەس، بەلكى ھەر دائىم ھەق ئۈستىدە تۇرغۇچى ۋە ھەقلىقنىڭ تەرىپىنى مۇداپىئە قىلغۇچىدۇر. سەھىھ ھەدىسلەردە «بۇرادىرىڭ زالىم بولسىمۇ، مەزلۇم بولسىمۇ چوقۇم ياردىمىڭ بولسۇن!» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ دېگەنلىك قارشىڭدىكى زالىم بولسا ھاي دېگىن، كۈچۈڭ يەتسە قولۇڭدا، قىلالمىساڭ سۆزۈڭدە، ئۇنىمۇ قىلالمىساڭ قەلبىڭدە قارشىلىقىڭنى كۆرسەت ياكى نەپرىتىڭنى بىلدۈركى، ئەسلا بىتەرەپتە تۇرغۇچى، كۆرمەسكە سالغۇچى بولما دېگەنلىكتۇر. قارشىڭدىكى مەزلۇم بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاش مەۋقەدە قاراپ تۇرماكى زالىم ھەققىدىمۇ، مەزلۇم ھەققىدىمۇ «زۇلۇم»غا دائىر سېنىڭ مەيدانىڭدا سۈكۈت ياكى تەرەپسىزلىك سادىر بولمىسۇن، قىلالىغىنىڭنى قىلالىغانچە، ئىپادەڭنىمۇ ئىپادىلىيەلىگەنچە مەيدانىڭنى ئېنىق قىل دېگەنلىكتۇر.
قۇرئاننىڭ بۇ خۇسۇستىكى مەۋقەسىگە كەلسەك، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانغا بېغىشلايدىغان، بەخش ئېتىدىغان ئەڭ قىممەتلىك خۇلۇقلاردىن بىرى ئادىمىيلىك خاراكتېر ۋە ھەققانىي تۇتۇمدۇر. يەنى قۇرئان ئەقلىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئىنسان ۋۇجۇدىغا ئۆزىگە خاس خاراكتېر ئاتا قىلىش بىلەن گەۋدىلەنگەن. قانداقتۇر بىر قىسىم پەلسەپەۋى ياكى ئىدىيەۋى ئېقىملاردەك ئىنساننى ئاگنوستېتلاشتۇرۇش، ياكى خاراكتېرسىزلەشتۈرۈش بىلەن ئەمەس. ئەگەر مۇسۇلماندا قۇرئان روھىغا ئۇيغۇن خاراكتېر يېتىلمىسە، بۇ مەزكۇر مۇسۇلماننىڭ قۇرئان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا ماڭماي كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان يەنە ئىسلام ئۈممىتىنى شاھىت ئۈممەت، ۋەسەتىي، يەنى ئادىل ۋە ھەققانىي ئۈممەت [2]، خەيرلىك ئۈممەت، ئەمرى مەئرۇپ ۋە نەھيى مۇنكەردە ئۆرنەك ئۈممەت[3] دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
دەرۋەقە، مۇسۇلماندىن شەخس سۈپىتىدە بىتەرەپلىكنى تۇتقۇچى مەيدانسىزلار چېقىپ تۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن كوللېكتىپ سۈپىتىدە، مىللەت سۈپىتىدە، جامائەت سۈپىتىدە سەپسەتە ئۈستىگە بىرلىككە كېلىش، ياكى سۈكۈتنى بۇزماي جىم تۇرۇۋېلىش يولىنى تاللاش يۈز بەرمەيدۇ. تەرەپسىزلىكتىن ئىبارەت ھەقىقەتكە داغ چۈشۈرۈش يولىنى مەيدانى ۋە مەۋقەسى قىلىپ بېكىتمەيدۇ. چۈنكى كوللېكتىپ شەكلىدە تۇتۇمسىزلىق، سەپسەتە ئالدىدا مەيدانسىزلىق قىلىش شۇ كوللېكتىپنى ئۈممەتلىك كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قۇرئان تەسۋىرىدىكى ئۈممەتلىك سالاھىيەتكە لاياقىتى توشمىغانلىقنى ئىسپاتلايدۇ.
قۇرئان كەرىم يەنە تەرەپلەر ئارا تۇتۇشۇش بولغاندا ئىسلاھ يولىنى تۇتۇشقا بۇيرۇپلا قالماي «ئەقسىتۇ (أقسطوا)» [4] ، يەنى لىللا تۇرۇڭلار دەپ ئەمرى قىلىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، تىلىمىزدىكى «لىللا» سۆزىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيەسى «لىللاھ» بولۇپ، لىللاھ بولماق ئۇقۇمىغا كەلىمىنىڭ سۆزلۈكتىكى ئورنى ۋە مەنە قاراتمىلىقى ئېتىبارى بىلەن ھەققانىيلىقنى ئاساس قىلىشتا «ئاللاھ ئۈچۈن» بولۇشنى پىرىنسىپ قىلىش، بەندىلەرنىڭ رىزاسىنى ئەمەس، ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەش، بەندىلەرنىڭ پراگماتىستىك ئادالىتىنى ئەمەس، ئاللاھ يولغا قويغان ئىلاھىي ئادالەتنى قوغلىشىش ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان ئادىللىقنى مەركەزگە ئېلىش قاتارلىق ئەخلاقىي تۇتۇم ۋە ئۇلۇغۋار مەنىلەر يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.
شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىم ئەڭ ئېغىر ئالىدىغان ۋە ماداراسىز كەسكىن رەۋىشتە تەنقىد ئېلىپ بارغان ئوبيېكتلاردىن بىرى بەزمۇ ئەمەس، گۆشمۇ ئەمەس ئارىدا قالغان ۋە قېلىپ ياشاشنى تاللىغان، رەڭ تۈزمىگەن تىپلاردۇر. ئىخچام قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرئانىي تىلدا بۇنداق تىپلار (مۇزەبزەبلىك) تىن قۇتۇلالمىغان تىپلاردۇر[5]. چۈنكى بۇ خىل تەبىئەت ئىگىلىرىنىڭ تۇتۇمى ۋە قىلمىشلىرى قۇرئانىي نۇقتىدىن كۆزىتىلگەندە ئاددىي بولغاندا سەمىمىيەتسىزلىككە، يۇقىرى بولغاندا مۇناپىقلىققا ئېلىپ بارىدۇ. سەپسەتە ئالدىدا ھەققانىي تەرەپلىكنى كۆرسىتەلمىگەنلىكنىڭ بەدىلىمۇ ئېغىر بولغاندا ئەسفەلە سافىلىنغا، (ئەڭ ئاستىنقى دوزاخقا) مەھكۇم قىلىنىش بىلەن تۇرىدىغان يېرى ۋە ماكان تۇتىدىغان تەرىپى مۇقىملىنىدۇ.
قۇرئان يەنە مەلئۇنلۇق تامغىسىنى يېگەن كەچمىشتىكى يەھۇدىي ئۆلىمالاردىن ئۆرنەك بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ لەنەتكە ھەقلىق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنى تىلغا ئالغاندا ئۇلاردا «مۇنكەرنى توسۇشتا بىر - بىرىگە ئاگاھ بولماسلىق»نى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە ئىشىغا كەلمىگەندە تەرەپسىزچە سۈكۈت قىلىشنى كوللېكتىپلاشتۇرغان ۋە مۇنكەراتلارغا سۈكۈتنى بۇزۇشنىڭ مەنپەتلىرىگە تاقىشىدىغانلىقى پەملەنگەندە سۈكۈتۋاز بولۇۋالىدىغان ئۆلىمالىقنىڭ ئاللاھنىڭ لەنىتىگە تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان[6]. مۇپەسسىرلەر پېشىۋاسى دەپ تونۇلغان، شۇنداقلا ئىسلامىيەت تارىخىدا بىردەك مۆتىۋەر تارىخشۇناس دەپ ھۆرمەتلىنىدىغان مەشھۇر ئالىم ئىمام تەبەرىي شۇنداق ئېيتىدۇ: «ئەگەر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىككى توپ بولۇپ ھەر چىققان ئىختىلاپتىن ئۈركۈش، بېكىنىۋېلىش كېرەك بولسا ئىدى، ھەق - ئادالەت بەرپا بولماي، باتىلنىڭ سەپسەتىسى مات بولماي ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى».
مەشھۇر ساھابىلەردىن ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، يەنى تارىختا پەيغەمبەرنىڭ سىر كاتىپى، سىردىشى دەپ تونۇلغان مەشھۇر ھۇزەيفە، يەنى، پەيغەمبەردىن كېيىنكى خەلق ئىچىدە كىم مۇناپىق، كىم سەمىمىيەتسىز، كىم جاسۇس، كىم خائىن ھەممىنىڭ ئارخىپىنى پەيغەمبەردىن ئالغان بويىچە زېھنىگە نەقىشلىگەن ئۇ مەشھۇر ھۇزەيفەدىن ئۇنىڭ كەلگۈسىگە دائىر ئالدىن بېشارەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بابىدا ئېيتقان مۇنداق بىر سۆزى نەقىل قىلىنىدۇ: «پىتنە زامانىدا ئەگەر سەن دىنىڭنى بىلىدىكەنسە، ئۇ پىتنە ساڭا زىيان قىلالمايدۇ. چۈنكى پىتنە دېگەن قاچان ھەقىقەت بىلەن سەپسەتىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغىنىڭدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ». سىر كاتىپى ھۇزەيفەنىڭ بۇ بېشارەت خاراكتېرلىك كۆرسەتمىسى شۇكى، ئىسلامىيەتنى توغرا چۈشەنگەن مەسىلىگە پىتنە مۇئامىلىسى قىلىپ بېكىنىپ يېتىۋالمايدۇ. بەلكى فىتنىگە تاقابىل تۇرىدۇ. چۈنكى ئىسلامنىڭ مىزان ۋە ئەركانلىرى، دىننىڭ ئىنسانغا ھەققانىي تۇتۇم ۋە خاراكتېر ئاتا قىلىشى كىشىگە نېمىنىڭ ھەق ۋە نېمىنىڭ سەپسەتىلىكىنى پەرق قىلىدىغان فىقھىي پاراسەت ۋە دىت ئاتا قىلىدۇ. سەپسەتىنى قويۇپ ھەققانىيلىقنى چىڭ تۇتقىنىدا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ھېچبىر نەرسە ماھىيەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن پىتنە بولمايدۇ ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداشتىن باش تارتمايدۇ. بېشىغا ھەرنېمە كەلسە ئاللاھتىن تېگىشلىك ئەجىر ئالىدۇ. بۇ جەھەتتىن مەسىلىلەرگە «پىتنە» تامغىسىنى قويۇپ سۈكۈت قىلىش ياكى كۆرمەسكە سېلىۋېلىش ۋە ياكى سۈكۈتنى ئەۋلا بىلىش ئۇ پىتنىنىڭ يارىلىشىغا ھەسسە قوشۇش بولىدۇكى، ئەسلا مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغانلىق جۈملىسىدىن بولمايدۇ.
بىز ھازىرقى زامان تارىخىدا پەلسەپە تارىخچىلىقى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر ئەدىبلەردىن بىرتراند راسسىلغا ئوخشاش پەيلاسوپلارنىڭ بىتەرەپلىكنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى، پەيلاسوپ سارتېرىدەك مەۋجۇدىيەتچىلىك نەزەرىيەچىسىنىڭ «تەرەپسىزلىك ئەڭ چوڭ ئەخلاقسىزلىقتۇر» دېگىنىنى كۆردۇق. شۇنداقلا ئەسەرلىرىدىن بىرى تېخى بىر قانچە يىل بۇرۇن «ئۆلىما» توپىدىكى بىر قەلەمكەشنىڭ تەرجىمىسى بىلەن نەشردىن چىققان «1984» رومانىنىڭ ئاپتورى بولغان مەشھۇر سىياسىي ئەدىب جورج ئورۋېلنىڭ تەرەپسىزلىكنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى، بىتەرەپلىكنى تەرغىب قىلىشنىڭ ئۆزىلا مەلۇم بىر تەرەپدارلىق جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى كۆردۇق. بىز يەنە مىللىي غايىسىنىڭ پايخان قىلىنىشىغا قارشى ساغلام بولغان سىياسىي مەۋقەدە لىللا تۇرغان، مىللەت ئالدىدىكى سەمىمىيەتسىزلىكنى، سىياسىي سەتچىلىكلەرنى دادىل پاش قىلىپ سۈكۈتنى بۇزغان بىر بۆلۈك زىيالىيلىرىمىزنى، تەتقىقاتچىلىرىمىزنى كۆردۇق. شۇنداقلا سىياسىي مەۋقەسى مىللىي ئىرادىگە مۇخالىپ بولغانلىقى نۇقتىسىدىن ھەر تۈرلۈك ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ھەققانىي مەيداندا تۇرغان، دەۋانىڭ ئىززەت - شەرىپىگە ئىگە چىقىۋاتقان غۇرۇرلۇق سىياسىي تەشكىلات ۋە سىياسەتچىلەرنىمۇ كۆردۇق. ئەمما دۇنيا قارىشىمىزنىڭ ئۇلى بولغان، مەدەنىيەت ئەندىزىمىزنىڭ مەنبە بۇلىقى بولغان ئىسلامنىڭ، قۇرئاننىڭ، سۈننەتنىڭ تىلىدىن ۋەز ئوقۇيدىغان توپتىن بولسا، تېخىچە بىرەر ھەققانىي تەۋرىنىش، بىر لىللا مەۋقە، بىر تەنقىد ياكى نەزەرگە ئېلىنغۇدەك تەھلىل چاغلىق ئوچۇقلىما كۆرمىدۇق ۋە كۆرمەيۋاتىمىز.
تارىخىمىزدا ئالىم - ئۆلىمالىرىمىز مەۋقەسى ۋە مەيدانى بەدىلىگە ھەر تۈرلۈك مۇشەققەتنى، پېشكەللىكلەرنى كۆزگە ئالغان، ھەر تۈرلۈك خىيانەت ۋە سەپسەتە ئالدىدا مىللەتكە پىكرىي ۋە ئىمانىي مەۋقەدىن ئۈلگە بولۇپ كەلگەن. مەسىلىلەرگە ئۇرۇشتىن كېيىنكى سالاچى قەھرىمانلار سىياقىدا ئەمەس، دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئەقلى ۋە كۆزى بولغان، ھەمدە تۈرلۈك شەكىلدىكى توقۇنۇشۇشلاردا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشقان ۋە زەبەردەست قەددىنى تىك تۇتۇپ تارىخ ياراتقاندۇر. ھالبۇكى بۈگۈنكىدەك تارىخىي بۇرۇلۇشلار بولۇۋاتقان، شۇنداقلا مىللەتنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئىدىيەۋى خاتالىقلاردىن سىياسىي ئازغۇنلۇققىچە، نەيرەڭۋازلىق ۋە ئاتالمىش «تېخنىكىلىق» خاتالىقلارغىچە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغان سەزگۈر پەيتلەردە «ئۆلىما» ئاتلىق توپنىڭ ئۈنى بوغۇلۇۋاتقانلىقى، مەيدان - مەۋقەدە كېچىكىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئاغزىنىڭ ھورىنى بولسىمۇ ھەق ئۈچۈن سەرپ قىلىنغىنىنىڭ كۆرۈلمەيۋاتقانلىقى بىنورماللىق، مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. مانا بۇ ئورۇندا خەلىپە ئۆمەرنىڭ داستىخانداشلىق بەدىلىگە مەي - شاراب سورۇنىغا داخىل بولغان، ئەمما شارابخورلۇققا شاھىت بولۇپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلغان ۋە مەزكۇر داستىخانداشلىقتىن ۋاز كېچىپ قوپۇپ كېتىشتەك ئەقەللىي بىر ئىمانى مەۋقەنى بىلدۈرەلمىگەن كىشىگە تۇتقان مۇئامىلىسى، مەزكۇر داستىخان تۈزگۈچى ۋە ئىچەرمەنلەردىن ئاۋۋال ئۇنىڭغا جازا ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھېكمەتلىك تارىخنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ۋە كۆپ قىرلىق مەنىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسلىمەي بولمايدۇ.
خۇلاسە شۇ: ئوتتۇرىدا تۇرۇۋالغانلىق ئوتتۇراھاللىقتىن ئەمەس. ئەكسىچە ئوتتۇرىدا تۇرۇۋېلىشقا زورۇقۇش تۇرىدىغان يېرىنى ئېنىقسىزلەشتۈرمەكتۇر ۋە مۇزەبزەبلەشمەكتۇر. بولۇپمۇ سىياسىي تەشكىلات ۋىۋىسكىسىنى قادىۋالغان، ئېنىق قىلىپ «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار» نامىنى ۋىۋىسكا قىلغان بىر توپ ئۈچۈن كۆرۈلۈۋاتقان مۇغەمبەرلىكلەرگە، يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي سەتچىلىك ۋە قايمۇقتۇرۇشلارغا قارىتا ئىنجا چىقىرىش تۈگۈل، ئەكسىچە سۈكۈتنى بۇزالمايۋاتقانلىقى، كېچىكىشى، سىياسىي مەۋقە مەسىلىسىدە ئاڭ ۋە مەۋقەنى مىللەتكە تەكرار ئەسلىتىشتەك ئەقەللىي بولغان ھەققانىي تۇتۇمنى كۆرسىتىش ۋە لىللاھ ئىپادە بىلدۈرۈشلەردە سايسىنىڭمۇ كۆرۈنمەسلىكى بىر پاجىئە. ئەگەر «ئۆلىما» توپى بۇ مەسىلىنىمۇ خۇددى سىياسىي ئانسامبىلچىلارنىڭ داۋراڭلىرىنى تەستىقلاپ ئادەتتىكى تېخنىك مەسىلە دەپ قاراشقان بولسا، شۇنداقلا دۈشمەن نەزىرىدە مىللەتنى چۈشۈرىدىغان، خەلقى ئالەم ئالدىدا تاماشا بولىدىغان، مىللەتنىڭ سىياسىي تۇتۇم ۋە ئىرادىسىنى يەرگە ئۇرىدىغان بىمەنە سۆھبەتلىشىشلەرنى «مۇۋەپپەقىيەت» دەپ ئاقلىشىغا رازىمەن بولۇشسا، بۇنىمۇ قانائەتلىنەرلىك پىكىر ۋە مۇلاھىزىلىرى بىلەن مىللەتنى ئايدىڭلىتىپ باقسا كۆرۈپ باقساق، ئاڭلاپ باقساق بولىدۇ.
شۇ ئېنىق بولۇشى كېرەككى، مىللەت ئىرادىسىگە قارشى كۆز بويامچى تۇتۇم ھەمدە سىياسىي سەتچىلىكلەرگە قارىتا مەيدان ۋە مەۋقە بىلدۈرۈش خەلىقتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ ئاڭلىق سىياسىي ئەقىلپەرۋەرلىرىنىڭ، سىياسىي سەرخىللار ھەمدە مەۋقەسى ساغلام كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، رەببانىي ئالىم – ئۆلىمالار توپىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. شۇنىڭدەك بۇ خىل مەسئۇلىيەت ماقامى قانداقتۇر ۋەزىيەتكە قاراپ خامېلېئونلىشىش ماقامى ئەمەس، ياكى قانداقتۇر پەيتى ئۆتكەندە ئۇرۇشتىن كېيىنكى قەھرىمان بولۇشتا بەسلىشىش ماقامىمۇ ئەمەس. بەلكى بۇ زىممىدىكى مەسئۇلىيەتكە لايىقلىشىشتىن ئىبارەت ھەققانىي تۇتۇمدا بەسلىشىش، سۈكۈتنى بۇزۇش ماقامىدۇر. سۆرۈلۈشنى داۋام قىلىش ياكى سۈكۈتنى لازىم تۇتۇشنى ئەمەس، بەلكى دەل ۋاقتىدا مۇداخىلە قىلىشنى بىلىش، خەلقنى توغرىغا باشلاشتا ئۆرنەك بولۇش ۋە ئۆرنەك يارىتىش ماقامىدۇر. ئەگەر مەزكۇر «ئۆلىما توپى» بۇنىمۇ تونۇپ يەتمەستىن ياغلىق قاپاق مىسالى ئاتالمىش «پىتنە» تامغىسى بىلەن تېرە تاراقشىتىپ گەپ ئوينىتىشقا چۈشسە، ياكى بولمىسا گويا ئۆزلىرىگە ھېچبىر مەسئۇلىيەت چۈشمەيدىغاندەك بولۇۋېلىشنى ۋە ياكى بىرىلىرىنىڭ قاش - قاپىقىغا بېقىپ سۈكۈت قىلىشنى لازىم تۇتسا، بۇمۇ ئۇلارنىڭ خاراكتېرسىزلىقىنى يىللاردىن ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ئىسپاتلاپ كەلگىنىدەك، بۈگۈنكىدەك تارىخىي پەيتلەردىكى سىياسەت مەيدانلىرىدىمۇ ئوخشاشلا قايتا نامايان قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ پىكرىي ۋە تەشكىلىي جەھەتلەردە مۇستەقىل ئۆلىمالار توپى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە خەلقنى يىللاردىن ساز قىلىپ ئويناپ كەلگەن ۋە ئويناشنى داۋام قىلىۋاتقان «سىياسىي ئانسامبىلچىلار ئۆمىكى»گە قاراشلىق ئېتى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇق «نەشىدچىلەر» گۇرۇپپىسى، ياكى خور تەڭكەشچىلىرى ۋە ياكى بولمىسا «بېقىندىلار» گورۇھى ئىكەنلىكلىرىنى تەن ئالغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي داستىخاندارچىلىق مۇناسىۋەت ۋە زەنجىرسىمان ئالاقىداشلىقلىرىنى مىللىي غۇرۇردىنمۇ، ئۆلىمالىق سالاھىيەتنىڭ ھەققىنى بېرىشتىنمۇ، ھەمدە مىللىي ۋە دىنىي مەسئۇلىيەتلەردىنمۇ ئەلا بىلىدىغان جانباقارلار توپى ئىكەنلىكىلىرىنى ئىپادىلەپ قويغان، بولۇۋاتقان سىياسىي ئاينىش ھەمدە سەپسەتىچىلىكلەرگە ئورۇنسىز سۈكۈتلىرى ئارقىلىق رازى ئىكەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ قويغان بولىدۇ.
بۇرھان مۇھەممەد 2021-05-31
ئىزاھ ۋە نەقىللەر:
]1] «تەۋەللا ۋە تەبەررا» ئىدىيەسى: مۇھەببەت ۋە نەپرىتى ئېنىق بولۇش، دوست - دۈشمەن ئېڭى كەسكىن بولۇش، مەۋقەنى روشەن، مەيداننى ئېنىق قىلىش ۋە بىتەرەپ بولماسلىق كېرەكلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەمدە بۇلارنى ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگەن ھالدا ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش تەشەببۇس قىلىنىدىغان يۈكسەك ئىمانىي تۇتقا، ئىسلامىي پىرىنسىپال تۇتۇمنى كۆرسىتىدۇ.
]2] سۈرە بەقەرە، 143 – ئايەت.
]3] سۈرە ئال ئىمران، 110 – ئايەت.
]4] سۈرە ھۇجۇرات، 9 – ئايەت.
]5] سۈرە نىسا، 143 – ئايەت.
]6] سۈرە مائىدە، 78-79- ئايەت ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىرلەرگە قارالسۇن!
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى