Jump to content

سىياسىي شەرمەندىچىلىك ۋە شەرمەندىلىشىۋاتقان سىياسەتچىلىك تۇتۇملىرى

ئورنى Wikipedia

سىياسىي شەرمەندىچىلىك ۋە شەرمەندىلىشىۋاتقان سىياسەتچىلىك تۇتۇملىرى

بىناكارلىق بىر كۈلتۈرنىڭ مەدەنىيلىشىشىدە باسىدىغان تۇنجى پەللە. ھۈنەر - سانائەت بۇنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىدىن بىرى. ھالبۇكى 2018 - ۋە 2019 - يىللىرى مەدەنىي يادىكارلىقلار دەسلەپ ھاكتا بويۇلۇپ، چېقىلىش بېشارەتلىرى بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ چاغلاردا سىياسىي ئانسامبىل ۋە قۇيرۇقلىرى ناخشا - ئۇسسۇل تىرىلدۈرۈش سەپەرۋەرلىكلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ دىققىتىنى بۇراشتى. بۇ ئىمارەت ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلار چېقىپ تاشلانغاندا بولسا، بىردىنلا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق ئىددىئاسىنى بولۇشىغا توۋلاش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن دىققەتنى بۇراش باش كۆتۈردى. ھالبۇكى، بۇ پەيتلەر دۇنيانىڭ كۆزى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مەركەزلەشكەن، خەلقئارادىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېتىراپقا ئېرىشىپ تۇشمۇتۇشتىن جاكارلىنىۋاتقان ئىدى. دەل شۇ زامانلاردا سىياسىي ئانسامبىلچىلار پەدىنى بۇراپ بىردىنلا يېڭى يىلنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق يىلى قىلىش چاقىرىقىنى بازارغا سېلىشقا باشلىدى. مانا ئەمدىلىكتە مىللەتنىڭ خار - زەبۇن كۈنلىرىنىڭ ئەمەلىي پاكىتى بولغان ھاشار زۇلمىنىڭ فوتۇ سۈرەتلىرىنى ئەتەي رەڭسىزلەشتۈرۈپ، شۇنىڭغا باب كېلىدىغان رەسىملەرنى تېرىپ - تۆشەپ، مىللەتنىڭ ئەسلىدە ئىنسان مۇئامىلىسى قىلىنماي كەلگەن «مىللەت»لەر توپىنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىگە ھۆججەت قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكى، بۇنىڭ مەخسۇس  دوكلاتلاشتۇرۇلغانلىقى، ئېلان قىلىنغانلىقىدەك شەرمەندىچىلىك ئوتتۇرىدا كېزىپ يۈرۈپتۇ.

ھەق گەپنى قىلغان ۋاقىتتا، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى شوئارلىرى بىلەن نۆۋەتتە تېنىۋېلىۋاتقان  Indigenous Peopleتىزىملىكىگە كىرىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەمدە بۇنىڭغا زېمىن ھازىرلايدىغان ۋەتەندىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى كۆزگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ۋەيران قىلىش ھەرىكەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى كىسىشىش ۋە پاراللېلىق نۇقتىلىرىغا ئەقىل - ئىدراكى يەتمەيۋاتقان تىپلارنىڭ سىياسەت سەھنىسىدە داپيۈزلىرىنى پولۇدەك قىلىپ ئىغاڭلاپ كېتىۋاتقانلىقى، «داۋا» سەھنىسىدە كاكىراپ يۈرۈۋاتقانلىقى بىر پاجىئە.

بۇنداق رېئاللىقلار كىشىدە:  ۋەتەندىكى تارىخىي ۋە مىللىي قۇرۇلۇشلارنىڭ تۈپتۈز قىلىنىشى بىلەن چەتئەلدىكى  Indigenous Peopleغا چۈشىدىغان (ياۋايى خەلق سۈپىتىدە پەس كۆرۈلۈپ مۇئامىلە قىلىنىپ كەلگەن تائىپىلەر) قاتارىغا تىزىلىش ۋە ئەنگە ئېلىنىش ئۇرۇنۇشى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشچانلىق ۋەزىيەتلىرىنى تەھلىل قىلالمىغان تىپلارنىڭ سىياسەت ساھەسىدە دۇكان ئېچىۋېلىشىنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟ دېگەن سوئالنى تۇغدۇرماي قالمايدۇ. جامە - مەسجىدلەرنى چىقىپ تاشلاش ھەمدە ئۆيمۇئۆي كىرىپ مىللىي تۈس ئالغان بارچە قۇرۇلۇش ۋە ھۈنەر سەنئەتلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ خىتتايلاشتۇرۇشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ مېڭىۋاتقانلىق بىلەن چەتئەلدىكى سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى قىلىۋاتقان تىپلاردىكى ئاتالمىش «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق» ھەۋەسكارلىقى، Indigenous People تىزىملىكىگە كىرىش خىرىسى ئوتتۇرىسىدىكى پاراللېللىققا دىققەت تاشلاشنى، مەسىلىنىڭ گويا ۋاسىتىلىك ھالدا پاس - چىقىرىشىش، تاشقى ۋە ئىچكى ماسلىشىش ھادىسىسىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى بىلمەيۋاتقان ياكى بىلگۈسى كەلمەيۋاتقانلارنىڭ «داۋا»نى سۇيۇقلىتىپلا قالماي، بەلكى يۈندىلەشتۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىماسلىقى ئېچىنارلىق. نەغمە - ناۋالىق مەدەنىيەت تىرىلدۈرۈشتىن، نەغمە- ناۋاچىلىق بىلەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش نىقابلىرىنىڭ قىپقىزىل سىياسىي قويمىچىلىق، شەرمەندىلىك ۋە خىيانەت ئىكەنلىكىنى بۈگۈنمۇ چۈشەنمەيۋاتقانلار گەۋدىسى ئۈستىدىكى ئورگاننىڭ تاش ئۈستىدىكى تاش ئەمەس، ئەقىل ۋە تەپەككۇر ئۈچۈن يارىتىلغان «باش» ئىكەنلىكىنى يادىغا ئېلىشقاي! ۋەزىيەتلەرنىڭ بېرىپ قالغان ھالىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قويۇقا چاچلىرى تىك تۇرالماس، كېچىلىرى ئۇيقۇسى قاچماس ھالغا كېلىپ قالغانلار كاللىلىرىنىڭ چاھارپايلارنىڭ ئۈكلەشكە يارايدىغان كاللىسىدىن پەرقلىق يارىتىلغانلىقىنى سەمىگە ئالغاي، سىلكىگەي! خىتاينىڭ سىياسىي رىجىلىرىدە سايمان ئورنىدا قوللىنىلىۋاتقان يوشۇرۇن تىپتىكى سىياسىي سەپەرۋەرلىكلەرنى كۆرمەي تۇرۇپ خىتايغا قارشى تۇرۇشتىن سۆز ئېچىش، ئاتالمىش بىرلىشىش ۋە ئاتالمىش «خىتاينى قويۇپ ئۆزىمىز بىلەن ھەپىلىشىش» سەپسەتىلىرىنى نوم ئوقۇغاندەك ئوقۇپ ئولتۇرۇش ئەمەلىيەتتە سىياسىي جاھالەت بولۇپ، بۇنداق بىر جاھالەتكە خېرىدارلىق قىلىش ئۆز نۆۋىتىدە ئەخمەقلىقىنى جاكارلىغانلىق، سىياسىي ئانسامبالچىلىقنىڭ يۈندىكەشلىكىگە نامزات بولغانلىقنى ئېلان قىلغانلىقتۇر. ئىككى يۈزلىمىلىكى پاش بولسىمۇ توغرا چۈشەنسەڭ، مەۋجۇتلۇق قىممىتىڭنى سېتىپ يېسىمۇ، سەن بىخەۋەر ھالدا كەلگۈسىڭ كىم ئاشتى قىلىنىش سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈلسىمۇ، ۋەتىنىڭ كىم ئاشتى ئورنىدا قاراڭغۇ بازارغا چىقىرلسىمۇ توغرا چۈشىنىۋەرسەڭ، ئانچىكى ئىشتەك ئېرەڭشىمەسلىكنى، سۈكۈتنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسەڭ، ھەتتا سەھنىمۇسەھنە لەپەر ئويناشتىن يۈزۈڭ قىزىرىپ سالمىسا، شۇنداقلاردىن نەپرەتلىنىشكىمۇ جۈرئىتىڭ بولمىسا، سەن زادى قانداق مەخلۇق؟ دېگەن سوئالنى سوراپ كۆرۈش، سوئالنىڭ جاۋابىغا يارىشا تۇتۇم بەلگىلەش ھەركىمنىڭ ۋىجدانىغا ھاۋالە قالىدۇ. ئەلۋەتتە، ئورتادا «ۋىجدان» دەيدىغان بىر نەرسە قالغان بولسا.....

‐بۇرھان مۇھەممەد

2021-11-14


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى