Jump to content

سىياسەتتە چارە تۈگەپ قالماس!

ئورنى Wikipedia

سىياسەتتە چارە تۈگەپ قالماس!

مىللەتنىڭ چېكىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تونۇشتۇرۇش زۆرۈر بولغان زامانلاردا تەشۋىقاتقا ۋە زۇلۇمنى پاش قىلىشنىڭ تۈرلۈك تۈمەن يوللىرىغا قول ئۇرىدىغان ھىممەت كۆرۈنمىدى. ھالبۇكى، ئاشۇ زامانلاردىمۇ، ھازىرقى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئەينەن بار ئىدى. بۈگۈن بۇ زۇلۇمنى دۇنيا تونۇپ بولدى. ئەمما كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ، ياكى بىزنى يىغىن تەشۋىقات بىلەن كېتىۋاتقان ئالدىراشچلىق ئالدىغا سېلىۋالدى . سىياسەت ئاڭلىتىش بىلەنلا ئەمەس، ۋەزىيەتلەرگە قارىتا چارە كۆرۈش بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. زۇلۇمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بولالمىغانلارغا تۇتىدىغان يول تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىپ ئاڭلىتىش، ئەلۋەتتە! بىراق كۆرمەسكە سېلىۋالغانلارغىچۇ؟ يەنە شۇ تونۇشتۇرۇشمۇ؟

سىياسەتچىلىرىمىزگە ئەسلەتمە: داۋاگەر سۇس كەلسە، قازى مۇتتەھەم كېلۇر. زۇلۇم بار جايدا پەرياد بار. پەريادلار مەزلۇمنىڭ ئاھى، زالىمنىڭ زاۋال سىگنالىدۇر. دۈشمەننىڭ ئارامىنى بۇزۇش ئۈچۈن چېلىنغان سۈردۇر. سىياسەتچىلىكىمىز ھېچ قىلمىسا ئاشۇ چېلىنىۋاتقان سىگنالنى توختىتىپ قويماسلىققا، داڭ ئاۋازىنى ئۈزۈپ قويماسلىققا بولسىمۇ ئەسقاتقاي!

بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: [[«ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان»]] سەھىپىسى