Jump to content

سىياسەت دوقمۇشىنىڭ ۋاڭ كەمپىرلىرى نېمە دەيدۇ؟

ئورنى Wikipedia

سىياسەت دوقمۇشىنىڭ ۋاڭ كەمپىرلىرى نېمە دەيدۇ؟

1

كۆزىتىشلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، مىللىي دەۋا يۆنىلىشى پەرقلىق ئاتموسفېراغا قەدەم قويغان يېقىنقى بىرقانچە يىل مابەينىدە يىلدىن - يىلغا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى، ئۆتكىلى قىيىن بولغان بىر قاتار داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈردى ۋە كەچۈرۈپ كەلمەكتە. ھەر جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن تەبىقىسى، سەرخىلى ۋە ئەخلىتى بولغىنىدەك، سەرخىللارنىڭ شېغىل تاشلار ئارىسىدىكى مەرمەردەك سۈزۈلۈپ چىققانلىقىغىمۇ، مەرمەرسىمان تاش سىياقىغا كىرىۋالغان داشقاللارنىڭمۇ غەلۋىردە تاسقىلىپ ماڭغانلىقىغىمۇ شاھىت بولدۇق. بۇ جەرياندا «باش» ئاتىلىپ كەلگەن بەزىلەرنىڭ كاللىسىنىڭ باراڭدىكى قاپاقتىن پەرقى يوق ماڭقۇرتلۇقىغىمۇ، ۋىۋىسكىسىگە ئىلىم مەشئىلى يېزىۋېلىپ شالغۇت زېھنىيەتنى بازارغا سالىدىغان ئىدىيە پاھىشەلىرىنىمۇ كۆرگەن بولدۇق. ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا مۇددىئالارنىڭ ھەقىقىي مەنىدە سىياسىي دەۋا قىلىش بولماستىن، بەلكى خەلقنى دەۋا ئىسىملىك قوتانغا قانداق قىلىپ سولاش، كىرمىگەنلەرنى ئۆزلۈكىدىن كىرىدىغان پادىغا قانداق قىلىپ ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەمەلىيەتلىرى بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن بولدى. بۇ خىل ئۇرۇنۇشلارغا قارىتا ئەلۋەتتە قارشى ئىنكاسلارمۇ ئاز بولمىدى. ئۆكتىچىلىكمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىقلاشقان قارشىلىقنى شەكىللەندۈردى. كۆرۈندىكى خەلق ئويغىنىۋاتىدۇ، ۋىۋىسكىدىكى خەتكە قاراپلا ئۆزى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ كېلەچىكىگە چېتىلىدىغان ئىشلارغا بىتىم تۈگۈل بىر تال چېكىتنىمۇ ئويلىشىپ ئاتىدىغان دەرىجىدە سەزگۈرلىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ھەر تۈرلۈك سىياسىي نەيرەڭۋازلىقنى، چۆنتەك توملاش ياكى غوجىسىنىڭ تاماكىسىغا ئوت يېقىش سانىلىدىغان ئىشلارنى دەۋا دەپ يۇتقۇزۇش كويىدا يۈرىدىغان تىپلارنىڭ ئىشى كۈندىن - كۈنگە تەسلىشىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ قىسقا يولنى ئۇزارتىشقا ياتىدىغان ئىشلارنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى ئۇقۇپ قالىدىغان، كۆرمىگەن سۇغا ئالدىن ئىشتان سېلىشقا ياتىدىغان سەپەرۋەرلىكلەرگە «توختا، بۇ زادى نېمە ئىش؟» دەپ سوئال قويۇپ كاللىدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلايدىغان ئاڭلىقلارمۇ كۆپەيدى. بۇرۇنقىدەك ۋەتەن تەقدىرىنى «باش» ئاتالغان خاپانباشلارغا تەسلىم قىلىۋېتىپ خاتىرجەم بولىدىغان زامانلارغا خاتىمە بېرىشمۇ رېئاللىق يۈزى كۆرۈشكە باشلىدى. مانا بۇ سەگىشلەر سىياسىي ئانسامبىلچىلىقنىڭ كونا سەنەمنى كىيىم يېڭىلاپ تەكرارلاپ بېقىشتەك ئەرزان ئۇسۇلدىكى تاپاۋەت قازىنىنى ئۆرۈۋەتمەي تۇرالمىدى. بۇ ئىش ئۇلارغا شەكىل ئۆزگەرسىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكى، خاراكتېرگىمۇ بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ خۇرۇچ يەڭگۈشلەش لازىملىقى ئۇچۇرىنى بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كىيىم يېڭىلاپ ئاقتۇرالمىغان بازارنىڭ نەغمىسىنىمۇ يېڭىلاپ بېقىش ئىستەكلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مىللىي دەۋا يولىنىڭ دوقمۇشلىرىغا مۇسەللەت بولۇش كويىدا يۈرۈۋاتقان ھەمدە يېڭىدىن قارىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان ۋاڭ كەمپىرلىك ھادىسىسى مانا بۇ خۇرۇچ يەڭگۈشلەپ ئانسامبىل يېڭىلاش، نەغمە يېڭىلاپ ئۇسۇلغا سەكرىتىش تاكتىكىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە كۆزگە چېلىقماقتا.

2

بۈگۈنكى ئەۋلاد - نەسىل ئىچىدە ۋاڭ كەمپىر ئوبرازىنى بىلمەيدىغانلار يوق بولسا كېرەك. ۋاڭ كەمپىر مەھەللە ئىچىدىن بىرى بولۇپ، چاي دۇكىنىنىڭ خوجايىنى. ئۇ ئۆز ئالدىغا بىر دۇكان تۇتۇپ مېڭىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي دائىم چايخانىدىكىلەرنىڭ يۈرۈش - تۈرۈشى، ئىچكى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ مەھەللىدىكى دۇكانچىلىق تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئۆتكەن - كەچكەنلەرنىڭ كۆزىدە مويسىپىت موماي خالاس. لېكىن ئۇنىڭ بىلەن قوشنا بولغۇچىلاردىن تارتىپ مەھەللە ئىچىدىكى باشقا دۇكاندارلارغا قەدەر ھەممىسىگە خاراكتېرى ۋە خۇي - پەيلى تونۇشلۇق بولغان بىر قېرى دەللال. ئۇنىڭ ئىشى مەھەللە كۈلتۈرى ھەمدە ئەخلاق مىزانغا ئۇيغۇنلاشقان ھالدا بىر ئائىلىنى يەنە بىرىگە چېتىش ئەمەس، بەلكى بىر ئەۋرەتنى يەنە بىر ئەۋرەتكە ھارام يول بىلەن تۇتاشتۇرۇشتەك پەسكەش خىزمەتنى قانداق ماھىرلارچە ئورۇنداش. شۇڭا ئۇنىڭدا ھۈنەر كۆپ. تەجرىبىسى ۋە دۇكانچىلىق تارىخى ئۇنىڭغا بۇ ھۈنەرنى قانداق ئەپچىللىك بىلەن ئويناشقا ئۇستا قىلىۋەتكەن. ئۇ بىراۋنىڭ پاك ئۆيىگە قانداق چىۋىن قوندۇرۇپ بوران ئۇچۇرتۇشقا، يەنە بىراۋنىڭ كاللىسىغا قۇرت سېلىپ چىۋىن بىلەن پاشىنى قانداق قىلىپ بىر تۆشەككە جەم قىلىشقا ئۇستا. ئۇنىڭ جۈپلەشتۈرۈشتە مىزانى يوق، ئەخلاقى يوق. ئەسلىدىنلا مىزانغا ئەمەل قىلىش ئۇنىڭ خاراكتېرىدىمۇ ئورۇن تۇتمىغان. لېكىن ئۇ شۇ قەدەر مەككاركى، مىزان ئەھلىنى قانداق قىلغاندا مىزانسىزلاشتۇرغىلى، پاكلىقىنى قانداق قىلىپ شالتاقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، قانداق قىلىپ مەنپەئەت بەدىلىگە بىرىنى ئۆيىدىن تاندۇرۇپ يەنە بىرىنىڭ سارىيىنىڭ كۆڭۈل خۇشى قىلىدىغان قونچىقىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، قايتقىلى بولمايدىغان خاتاغا دەسسىتىش ئارقىلىق قانداق ئاينىتقىلى بولىدۇ، دېگەنلەرنى ناھايىتىمۇ ياخشى بىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋاڭ كەمپىر كېلىشتۈرگۈچى دەللاللا ئەمەس، يەنە قايمۇقتۇرۇپ ئېزىقتۇرغۇچى جەددال، بىراۋلارنىڭ ئىستىكىنى بەجا كەلتۈرۈش يولىدا ساقنى بۇزۇققا تەسلىم بولۇشقا قىستايدىغان تىجمەل، قىلتاققا چۈشۈرۈشكە خىزمەت قىلىدىغان ياللانما ۋاستىچىدىن ئىبارەت.

3

بىلىمىزكى، تىلىمىزدا دەججال ئىنسان تۈرىدىن بولمىغان سىرتقى ئېزىقتۇرغۇچىنىڭ ئىسمى. جەددال بولسا، ئۇنىڭ ئادەم سۈرەتلىك نۇسخىلىرىنى سۈپەتلەشتە قوللىنىلىدىغان ئىسىم. يەنى ئىنسان تۈرىدىن تۇرۇپ دەججالنىڭ قىلىقىنى قىلغۇچىلارنى سۈپەتلەيدىغان تەبىر. يېقىنقى مەزگىللەردە مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋە ساھىبخانلىرى كونكرېت ئىزاھلاپ قايىل قىلىشقىمۇ ئاجىز كېلىۋاتقان ئاتالمىش «سىستېما»، سۇيىئىستېمالغا ئىنتايىن ئوچۇق بولغان «خەلق»، «ھەمكارلىشىش»، «ھۆكۈمەت» قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ بازار نەرخىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى، قۇيۇن چىقىرىش قەستىدە تەشۋىقاتقا كىرىشىۋاتقانلىقى ئەمەلىيەتتە خاراكتېر جەھەتتىن سىياسىي دەۋا يولىنىڭ پاكلىقىنى بۇلغاشنى مۇددىئا قىلغان بىر تۈرلۈك ۋاڭ كەمپىرلىك ھادىسىسى مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنى ئۆز نۆۋىتىدە دەججاللىقنى ئىلھام مەنبەسى قىلغان بىر تۈرلۈك سىياسىي جەدداللىقنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ۋارىيانتى دېيىشكە بولىدۇ.

ۋاڭ كەمپىرچە زېھنىيەتچە بولغاندا، شەھەر ئاتلاپ قىلىۋاتقان سەيلى - ساياھەتلىك «دەۋا ئاڭلىتىش» جەريانىدا قانداقتۇر دۆلەت ۋە دۆلەتلەردىكى بىرلا ھۆكۈمەتنى مەنبە قىلغان تەشكىلىي قۇرۇلمىنىڭ بولمىغانلىقى يۈزىسىدىن ئەلئالەم ئالدىدا ئوڭايسىزلىنىش يۈز بەرگەنمىش. سەت تۇرىدىغان بۇ ئوڭايسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانداقتۇر ئۆزىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا بولۇشىنى شەرت قىلغان ئاساستا «بۆلۈنۈپ كەتكەن» ئالتە ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈپ جىددى ھالدا بىر ھۆكۈمەت قىلمىسا بولمايمىش. ئېيتىشلىرىچە ۋاڭ كەمپىرچە سالاچىلىقنىڭ نەتىجىسىدە ئاتالمىش بەش ھۆكۈمەت ماقۇلغا كەلگەن بولۇپ، ئالتىنچىسى بۇ ئىشقا يېقىن كەلمەيۋاتقانمىش. مۇشۇ ئالتىنچى ھۆكۈمەت دېگەن يېرىگە كەلمىگەن تەقدىردە، مەزكۇر ئالتىنچى ھۆكۈمەت خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان سۈرگۈندى ھۆكۈمەت بولۇپ ھېسابلانماسمىش. بۇ نېمىدېگەن رومانتىك سىياسىي كۆيۈنۈشلەر ھە؟!

ۋاڭ كەمپىرچە زېھنىيەتنىڭ تەلقىن قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمەت مودېلىدا ئاتالمىش بەش ھۆكۈمەت بىلەن ئەيۋەشكە كەلمەيۋاتقان ئالتىنچىسى خارمانلاشقۇدەك. پۈتكۈل تەرتىپلەر ئۆزگىرىپ ئاتالمىش «سىستېما» بىلەن ماڭىدىغان بىر ھۆكۈمەت سۈپىتىدە پۈتكۈل ئىش تەقسىمات يېڭىدىن تەقسىملىنەرمىش. «سىستېمىغا» كىرىش بىلەن ھەممە ئۆز قولىدىكى ماتېرىياللارنى، ھۆكۈمەتچىلىككە دائىر نەرسىلەرنى تاپشۇرۇپ «سىستېما» بويىچە ھەر كىم يېڭىۋاشتىن تاپشۇرۇلغان ئىشىنى قىلارمىش. ۋاڭ كەمپىرلىك قىلىۋاتقان ئاتالمىش خەلق نامىدىن نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئاتالمىش كومىتېت بولسا ھەممىنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرارمىش ۋە شۇ بويىچە ھەممە ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىدىغان بىر سىستېما ئاستىغا جەملەنگەن بولۇپ شەكىللەنگەن بولارمىش.

ھېكايىنىڭ ئەڭ بىمەنە فانتازىيەلىك قىسمى شۇكى، سايلام ئىشلىرىدا قانداقتۇر ۋەتىنى ئۆز ئىلىكىدە، مىللىي ئىسىتىخباراتى مۇكەممەللەشكەن، ئارمىيە ۋە ئىقتىسادى كۈچى ئۆزىگە ئۆزى يېتىدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا نەچچە ئون يىللىق مۇساپىسىدە مۇستەقىل دۆلەتچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋاتقان ئىلغار دۆلەتلەر قىلىۋاتقان بويىچە بىزنىڭ «خەلق»مۇ ئىنتېرنېتتىن بېلەت تاشلاپ ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ سايلام ئىشلىرىنى ئېلىپ بارسا مەسىلە شۇنداق ئوبدان ھەل بولارمىش. يەنە تېخى مەزكۇر ئاتالمىش «سىستېما» شۇ قەدەر مەسىلە ھەل قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنكى، مەزكۇر سىستېمىغا قېتىلىدىغان ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىقىدىن تارتىپ ۋەكىل ياكى ئەمەلدارلىرىغىچە بولغان تەبىقىلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەركىم ئۆتمۈشى ۋە بۇندىن ئاۋۋالقى سىياسىي تارىخى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىرسە ۋە نامزات بولسا بولۇۋېرەرمىش. مەزكۇر نازارەتچى كەمپىرلەرنىڭ نەزىرىدە ھېچبىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە سىياسىي ئىش - ئىزلىرى مۇھىم ئەمەسمىش، كەچمىشى ۋە بۈگۈنى سۈرۈشتە قىلىنمىغان ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن «ھۆكۈمەت»كە كىرىش ۋە نامزات بولۇش، سايلاش - سايلىنىش ھەققى بېرىلەرمىش...

نەچچە دۆلەتكە بارسام  ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بىر بولمىغانلىقىدىن سەت تۇرىدىكەن ناملىق ھېكايىدىن باشلانغان بۇ فانتازىيەلىك ھۆكۈمەت «سىستېمىسى» چۈشىنى ئېكرانغا چىقىپ تۇرۇپ دېيەلىگۈدەك بولۇش ئۈچۈنمۇ ئادەتتىكى دېۋەڭ بولۇش يەتمەيدىغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان بۇ ۋاڭ كەمپىرچە زېھنىيەت ئاخىرىغا بېرىپ مەزكۇر فانتازىيەسىنى نە سىياسەت پەلسەپەسىدىن، نە نۆۋەتتىكى سىياسىي رېئاللىق تەقەززاسى نۇقتىسىدىن تۇتاملىق بىر ئاساسقا ئىگە قىلالمىدى. پۈتۈنلەي ھېسسىي بولغان، ئۈستىلىك ئايلاپ يىللاپ سايىسى كۆرۈلمەيدىغان، پەقەتلا تۈرلۈك سۇيۇقلاندۇرۇشلارغا، ئىچىدىن چۇۋۇپ توزىتىشلارغا قارشى ئورجىناللىقىنى ساقلاپ كېلىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەۋجۇت سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى ياكى خىزمەت فۇنكسىيەسىنى مېدىيا كۈچى ئارقىلىق خۇنۈكلەشتۈرۈش پىروپاگانداسىنى ئىجرا قىلىشتىن باشقا چاغدا ھىدى - بۇيى سېزىلمەيدىغان ئاتالمىش ھۆكۈمەتلەرنى  نۆۋەتتە ئىچكى تەرتىپ قۇرۇلمىلىرىنى سازلاپ، ئاكتىپ خىزمىتىنى ئەمەلىي قەدەملىرى بىلەن نامايان قىلىۋاتقان مەۋجۇت سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنى «ئىشنى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىدىن باشلاش» ئاتلىق پىروپاگاندانىڭ ھەپىلىشىش نىشانى قىلىشى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ غىدىقىنى قوزغىماي تۇرالمايدۇ.

ۋاڭ كەمپىرچە زېھنىيەت، يەنە كېلىپ سىياسىي دەللاللىقنى ئاتالمىش خەلق نامىدا، گويا ئوتورىتىسى خەلقنى مەنبە قىلغان ۋە خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆرسىتىپ گەپ ئوينىتىۋاتقان بۇ زېھنىيەت مەزكۇر سۆھبەت پىروگراممىسىنى تەشكىللەش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئەسلىي مۇددىئاسىنىڭ قانداقتۇر ئاتالمىش بەش ھۆكۈمەت بىلەن ئاتالمىش ئالتىنچىسىنى ئەپلەشتۈرۈپ بىر يەرگە كەلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئورجىنال سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنى باشقا ئاتالمىش بەش سۈرگۈندى ھۆكۈمەت بىلەن بىر قاتارغا تىزىش، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خەلقئارادا ئوخشاش فۇنكسىيەدە، ئوخشاش رولنى ئېلىۋاتقان قوبۇل قىلىپ، ئارقىدىن گويا نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىمىزدە قانداقتۇر «ھۆكۈمەتلەر ئاۋۇپ كېتىش» كىرىزىسى باردەك بىر ساختا كۆرۈنۈشنى يارىتىش بارلىقى ۋە بۇ باھانىنى تۇتقا قىلىپ ئورجىنال ھۆكۈمەتكە چوماق سېلىش كويىدا ئىكەنلىكى ئۆز ئۆزىدىن مەلۇم. ئىچىدىن بۆلۈنۈپ چىققان، پىرىنسىپسىزلىقى سەۋەبلىك قوغلاندى بولغان ياكى خىيانىتى سەۋەبلىك ھەيدەلگەن بىر توپ دۇكانچىلارنىڭ ۋىۋىسكىسى بىلەن، ئەسلىدىكى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ تۈپكى ئىدېئولوگىيەسى ۋە پىرىنسىپىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر تەشكىلىي قۇرۇمنىڭ نام ئوبرازىنى بىر غەلۋىرگە سالماقچى بولۇشتىنمۇ ئارتۇق ۋاڭ كەمپىرلىك، سىياسىي دەللاللىق بولسۇنمۇ؟! ئەلۋەتتە، ئەسلىدىكى سۈرگۈندى ھۆكۈمەت دەۋاتقان چاغدا قانداقتۇر كىم باشتا قۇرغان بولسا، ئورجىنالى شۇ دېگەنلىكنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ يەردىكى ئەسلىيلىك، مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ دەسلەپ قۇرۇلغان چاغدىكى ئىدېئولوگىيەسى، شۇنداقلا قۇرۇلۇش مەقسىتىنى ساغلام ئاساستا مۇھاپىزەت قىلىپ كېلىۋاتقان ياكى كېلەلمىگەن بولۇشى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر. مەيلى رەقىبلىرى تەرىپىدىن بولسۇن، مەيلى كىشىلىك مۇئامىلىدە چىقىشالماسلىقى سەۋەبلىك خۇشى يوق كېلىشەلمەيدىغانلار تەرىپىدىن بولسۇن، مەيلى دۈشمەن نەزىرىدە بولسۇن نۆۋەتتە غۇلام ئوسمان پىرېزىدېنتلىقىدا خىزمەت قىلىپ كېتىۋاتقان، شۇنداقلا سالىھ خۇدايار باشچىلىقىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش ئەھدىنامىسىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، مىللىي ئىرادىگە چاڭ قوندۇرماسلىقتا بىر چېكىت چاغلىق سەھۋەنلىككە يول قويماسلىقتا كەسكىن بولۇپ كەلگەن ھۆكۈمەت ئىكەنلىكى تارتىشىشقا ئورۇن يوق بىر مەسىلە. شۇنداقكەن، بۇ يەردىكى ئەسلىيلىك، ياكى ئەسلىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ ئورجىناللىقى شەخىسلەرنىڭ بالدۇر ياكى كېيىن قۇرۇلۇشىدا ئەمەس، ئىدېئولوگىيەسى ۋە قۇرۇلۇش پىرىنسىپىغا قايسى دەرىجىدە سادىق بولۇپ كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى بىلەن ئۆلچەش ئىنسابتىن بولمىقى لازىم.

دېمەك، ئورتاداكى رېئاللىق تارتىشمىسىز بىر ھالدا ئىكەن، مەسىلىنى توغرا نۇقتىدىن كۆزىتىش قابىلىيىتى بولمىغان بىرىنىڭ، يەنە كېلىپ مەنسۇبىيەتلەنمىگەندىمۇ نۆۋەتتە مىللىي ئىرادىگە ۋەكىل بولۇپ تۇرۇشتا بارماق بىلەن كۆرسىتىشكە بولغىدەك بىر قۇرۇلمىغا ھۆرمەت كۆرسىتىش تۇيغۇسى بولمىغان بىرىنىڭ «بەش ھۆكۈمەت ماقۇلغا كەلدى، ئالتىنچىسى باش تارتتى. بۇنداق كېتىۋەرسە خەلق بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئېتىراپقا ئېرىشىشى ئۈچۈن بەشنىڭ ئالتىنچىسى بولۇشى، بىزنىڭ نازارىتىمىز ئاستىغا كېرىشى كېرەك» جۈملىسىنى قۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ ئىسلاھ خاراكتېرلىك ئىش ئەمەس، سۇيۇقلاندۇرۇشتىن كېيىنكى، يەنە كېلىپ نەچچە يىلدىن بېرىقى ئىچىدىن كىرىزىس يارىتىپ چۇۋۇش ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق تاشقى مۇداخىلە، دېيىشتىن باشقىچە چۈشىنىش مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى قارا ئاق، ئاق قارا قىلىنىپ سۇيۇقلاندۇرۇلغان بىر پەيتتە قارا قىلىنغان ئاقنىڭ قارىلىقىنى ياكى بولمىسا ئاق قىلىنغان قارىنىڭ ئاقلىقىنى قوبۇللاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ قىستاشتىن ئارتۇق سۇيىقەست ۋە ناچارلىق بولمايدۇ. بولۇپمۇ خەلق نەزىرىدە ئەمەلىي پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى كۈندە دېگۈدەك كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان بىر تەشكىلاتنى، يەنە كېلىپ ئاتالمىش بەش ھۆكۈمەت ئاتلىقلار بىلەن بولغان تارتىشمىسى ھېچ كۈنتەرتىپتە بولمىغان بىر ۋاقىتتا، ئەتەي بۇ تېمىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ «ئىشنى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتتىن باشلاش كېرەك» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى ئىچىدىن ئۆرۈپ توزىتالمىغاننى، تېشىدىن چوماق سوقۇپ بۆلۈۋېتىش كېرەك دېگەندىن جىق پەرقى يوق ئىددىئا بولۇپ قالىدۇ. نۆۋەتتىكىدەك خەلقئارا سەھنىلەردە ئاكتىپ پائالىيەتتە بولۇۋاتقان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر بەلەن ئىشلەپ كېتىۋاتقان، يەنە كېلىپ ئىدېئولوگىيەسى ساغلام رەۋىشتە كېتىۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇنداق بىر ئۇرۇنۇشنى بازارغا سېلىشنىڭ تەشكىلاتنىڭ مېخانىزمىسىنى سىرتتىن چوماق سوقۇپ چۇۋۇۋېتىش، خام چوتلاغا تايانغان «سىستېما» ئاتلىق قوتانغا سولاپ بۇزۇپ كاردىن چىقىرىش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا مەنىسى بار دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، مەزكۇر سىياسىي ۋاڭ كەمپىرلەرنىڭ مەۋجۇت سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنى خارمانلاشتۇرۇش ئىددىئاسىنىڭ، ھەمدە ئاتالمىش بەش ھۆكۈمەت بىلەن بىرلەشتۈرگەندىن كېيىنكى ئوتتۇرىغا قويغان مودېلىنىڭ مەۋجۇت سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە مېخانىزمىسىدىنمۇ ئەلا بولمىغانلىقى، ئەكسىچە تايىنى يوق باھانىلەرگە ئاساسلىنىۋاتقانلىقى ئۆز ئىزاھاتلىرىدىن مەلۇم. شۇنداقلا بۇنداق خام چوتقا تايىنىۋېلىپ ھەپىلىشىپ يۈرۈشنىڭ نۆۋەتتە قولدىن كېلىشىچە ئۆز ئىشىنى قىلىپ كېتىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ مېخانىزمىسىنى بۇزۇۋېتىش، ئىچىدە خىزمەت قىلىپ كېتىۋاتقان ئەزالارنىڭ ئومۇميۈزلۈك خىزمەت تەرتىپى ۋە فۇنكسىيەلىرىنى قايتا خىزمەت تەقسىماتى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ ئاۋارە قىلىش ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ ئۆز بايانىدىنمۇ مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. يېغىپ ئېيتقاندا، نۆۋەتتىكى ئەمەلىي تەلەپ - تەقەززا خەلق ئارىسىدىكى ئەقلىي ۋە ماددىي كۈچلەرنى توپلاپ ئىدېئولوگىيەلىك ۋە تەشكىلىي ساغلاملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتقان مەۋجۇت سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنى يەنىمۇ دىنامىك ھالغا كەلتۈرۈش، چىڭىتىش ۋە چوڭايتىش ئاقىلانىلىك بولۇۋاتقاندا، بىر ئۇچۇم ۋاڭ كەمپىرچە زېھنىيەتلەرنىڭ چىقىپ تەتۈر مۇقام توۋلاپ يۈرۈشى، «خەلق»، «سىستېما» قاتارلىق سۇيئىستېمالغا ئوچۇق ئۇقۇملارنى كەلسە - كەلمەس ئۇرغۇلاپ تۇرۇپ ھەقىقىي مەنىدىكى سىياسىي قۇرۇلمىدىن بەكرەك، سىياسىي قوتان ياساپ چىقىش پىروپاگانداسىنى بازارغا سېلىشى قىلىۋاتقانلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك سىياسىي پىتنىگە ئۇل سېلىش، تىلى باشقا، دىلى باشقا غەرەزلەر ئۈچۈن يول ھازىرلاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

4

غەرب سىياسىي ئوبزورچىلىرىنىڭ تەنقىدلىرىدە، بولۇپمۇ دېموكراتىيە ئاستىدا قىلىنىۋاتقان سىياسىي ئالدامچىلىقلارغا قارىتا بىر قىسىم ئوبزورلاردا «بىرلەشمە ھۆكۈمەت دېگەنلىك   Group sex كە ئوخشايدۇ. ئېھتىيات قىلماق كېرەك» دېگەن قۇرلار كېچىدۇ. دېمەكچى بولغىنى، سىياسەتچىلەر بىر قۇرۇلمىنىڭ ئەھلى بولۇپ خاتا قارار ئېلىشسا، قالغان ئۆكتىچى پارتىيەلەر بۇنىڭغا دەرھال مۇداخىلە قىلىدۇ، ئۇنى پاش قىلىدۇ ياكى كېلىپ چىقىش ئالدىدىكى خاتالىقتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. لېكىن بىرلەشمە ھۆكۈمەت خاتا قارار ئالسا، دېمەك بۇ ئۇلارنىڭ خەلقنى بىرلىشىپ ياسايمىز دېگەنلىكىدۇر. ئوبزورچىلار دەيدۇكى، گاز شىركىتىنىڭ شۆبىلىرى ئارىسىدىكى كېڭەشتە ئىدارىي بىرلىك خاتا قارار چىقارسا، ئۇنىڭ خاتالىقىنى خىزمەتكە چۈشكەن ھامان بايقاش مۇمكىن. لېكىن بىرلەشمە ھۆكۈمەت خاتا قارار چىقارسا، كۆپىنچە ھالدا خاتالىق زىياننى تارتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇقۇلىدۇ. ۋابالى خەلققە بولغىنى بولغان.

ئەسلەپ كۆرىدىغان بولساق بۇ ئوبزور بىزگە ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت تارىخىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئەسلەتمەي تۇرالمايدۇ. شۇ چاغدا ھەرقايسى تەرەپتىن تاشقى بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، ئوخشاش مۇستەقىللىق دەيدىغان گۇرۇپپىلار تاشقى بېسىم بىلەن ماسلىشىپ تۇرۇپ ئىدېئولوگىيەسى ۋە سىياسىي مەۋقەسى ساغلام بولغان جۇمھۇر رەئىسى باشچىلىقىدىكى تەشكىلنى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا قىستىغان. بۇ ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى كۆزدىن يوقىتىپ ياكى توزىتىپ ئورنىنى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى ئىگىلىگەن. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاننى تىنچ يول بىلەن قوش قوللاپ تەسلىم قىلىش ۋەزىپىسى مەزكۇر بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ھېلىقى خىيانەتلىك بىتىمغا كېلىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا چىققانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئاتلىق قوتاننىڭ ياسىلىشى مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىنىڭ باشلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ياراتقان، ئىشغالچىلىقنىڭ مەشرۇئىيەت قازىنىشىدىكى ئاچقۇچقا ئايلانغانىدى.

تەكەررۇر تارىخ يەنە شۇنى پەرقلىق ۋارىيانت ۋە پەرقلىق بوياق بىلەن قارشىمىزغا چىقىۋاتقانلىقى، مەشئۇم تارىخ كۈنىمىزگە كېلىپ يەنە بىزنى ئوخشاش قىسمەتنىڭ ئىسكەنجىسىگە قىستاۋاتقان، سىياسىي نادانلىقنىڭ بەدىلىنى ھەسسىلەپ تۆلىتىشكە ئىتتىرىدىغان بىر ئاتموسفېرانىڭ شەكىللىنىشىگە يەڭ تۇرۇۋاتقان بىر ھالەت ئەكس ئېتىپ تۇرۇپتۇ. قايسى بىر مۇتەپەككۇرنىڭ ئېيتقىنىدەك، ھەقىقەت ياساپ چىققىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. سۇيىقەستلىك سىياسەت دەل ياساپ چىقىلغان ھەقىقەتنىڭ مېمارى بولۇپ، ھەق ئەھلىنىڭ قولىدا ئىدارە قىلىنمىغان سىياسەت ھەقىقەتنى قونچاقلاشتۇرۇشتىن، قىلىچ بولۇپ خەلقنىڭ قېنىنى تۆككۈچىگە ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ.

ئەسلىدىنلا سۈنئىي بارلىققا كەلگەن «ھۆكۈمەتلەر»نى، ئاۋۋال ئورجىنالدەك قوبۇل قىلىش، ئارقىدىن ئورجىنالىنى، يەنە كېلىپ ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىدېئولوگىيەسى بولغان مىللىي ئىرادىدە تەۋرەنمەسلىكنى ئاداققى شوئارى قىلغان ئەسلىيلىكى بار بولغان بىر ھۆكۈمەتنى كىرىزىسنىڭ ئۈندۈرمىلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش مىللەتنى ئەخمەق قىلىپ ئويناشتىن، ئىشلەپ كېتىۋاتقان ھۆكۈمەت مېخانىزمىسىغا چوماق سېلىپ سۈنئىي كۈن تەرتىپ ياساپ يولنى ئاقسىتىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.  يەنە كېلىپ بۇنى بىر تۈركۈم سىياسىي تۇتۇملىرى ھەر تۈرلۈك سىياسىي ئانسامبىلچىلار بىلەن تالادا ئايرىم، مېھمانخانىدا ئايرىم لەپەر ئوينىيالايدىغان، تېخى تۆت يىل مۇقەددەم مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى جاكارلاش تىپىدىكى ئىمزا ئىشىدا ئوسەيگە كەتكەن، ئەكسىچە مىتىر جەكنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى زېدىلىگۈچى شىنجاڭ ئىسمىدا ماۋزۇ قويۇلغان ئىمزا پائالىيىتىنىڭ ئاكتىپ تەشۋىقچىسى بولغان، شەخسىي ھاياتىغا قارالسىمۇ  بىرەر ئۇيغۇر بىلەن توي قىلغانلىقىمۇ بىلىنمىگەن، ئۆز پۇشتىنىڭ كىملىكىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىغىمۇ ئەھمىيەت بەرمەي ئۆتكەن «مىللەتچى» سىياقىدىكى تىپلارنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىياسەتنىڭ ۋاڭ كەمپىرلىرىنىڭ قولىدا ئىشقا ئاشۇرۇلماقچى بولغانلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ بىر تۈرلۈك ئاسارەت ئەھدىنامىسىنى يېڭىلاش پىروجىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇشىنى تەكىتلىمەي قالمايدۇ. خۇلاسىلىگەندە «ئىشنى  شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىدىن باشلاش» پىروجىسىنىڭ سىياسىي ھەرىكەتكە چوماق سېلىشتا ئىشىنى ئالدى بىلەن ئورجىنال ھۆكۈمەتنى مېدىئىن چايناسىمان ياسالغان ئۈندۈرمە ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خارمانلاش، بۇزۇش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، پوقى بىلەن بۇلمىقىنى ئارىلاشتۇرۇشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكى ئورتادا.

خۇلاسە

يېڭى زامان سىياسەت پەلسەپىسىنىڭ قۇرغۇچى مۇتەپەككۇرلىرىدىن پەيلاسوپ ژان ژاك روسسو شۇنداق دەيدۇ: «بىر خەلقتە ئەسلىدىن دۆلەتچىلىك بار بولسا، ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىشى پەقەت شۇ خەلقنىڭ ئېلىت - سەركىلىرىنىڭ سايىسى ئاستىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ». روسسو يۇقىرىقى سۆزىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەتكەن ھالدا، ئەگەر ھۆكۈمەت سىياسىي ئېلىتلارنىڭ قولىدا قۇرۇلىدۇ، دېسەك، ئۇ چاغدا مەزكۇر ئېلىت - سەركىنى قانداق بەلگىلەيمىز، قايسى ئۆلچەم ئارقىلىق ئۇنىڭ سەركە ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيمىز؟ دېگەن سوئالنى قويىدۇ. ئۇنىڭچە مەزكۇر سىياسىي سەركىنى تونۇشنىڭ يولىنىڭ ئۇنىڭ سىياسىي پىرىنسپتا مەزمۇت ياكى ئەمەسلىكىنى دەڭسەش، ئومۇمنىڭ ئىرادىسىگە، يەنى بۈگۈنكى بىز تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مىللىي ئىرادىگە ئىگە چىقىپ چىقمايۋاتقانلىقىنى ئۆلچەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەلۋەتتە پەرقلىق فۇنكسىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوخشىمىغان سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ بولۇشى، ھەربىرىدە سەركىلەرنىڭ ئورۇن تۇتقان بولۇشى ئەقەللىي مەسىلە. لېكىن تەشكىلاتنىڭ ۋەزنى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنى «ھۆكۈمەتلەر» ئارىسىدىن ئىلغاشقا توغرا كەلسە، بۇنىڭ ئۆلچىمى مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي ئىرادىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقى بىلەن ئۆلچەش، ئېتىراپ قىلىش ياكى قىلماسلىقنى بۇنىڭغا قاراپ بېكىتىش، چۇۋۇش ياكى ئىسلاھ قىلىشنى شۇ بويىچە دەڭسەش ئاقىلانىلىكتۇر. ئەگەر ھۆكۈمەت مىللىي ئىرادىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بولسا، ھەمدە ئۇنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇپ ئىسلاھ قىلىش كېرەك بولغان تەقدىردە ئۇنىڭ يولى چاڭلاشتۇرۇش، غەلدىغەشلىكلەر بىلەن خارمانلاپ بۇزۇش، پاك بىلەن بۇزۇقنى سىستېما ئاتلىق نىكاھ بىلەن جۈپلەشتۈرۈش ئەمەس. ئەكسىچە بۇنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئەڭ بىخەتەر يولى ئۇنى كۈچەيتىش ۋە تېخىمۇ چوڭ بىر قۇرۇلما ھالىتىگە ئېلىپ كېلىشكە يارايدىغان قوللاش ۋە بار ئىمكانىيەتلەرنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق قۇۋۋەتلەندۇرۇشتۇر.  سۈنئىي بىلەن ئەسلىنى پەرق قىلماستىن، نوقۇل باشقا ئەلنىڭ سىستېمىلىشىپ بولغان بىر قىسىم قۇرۇلمىلىرىنى، يەنى باشقىلار ئۆزىگە ماس كەلتۈرۈپ پىچقان كىيىمىنى شۇ پېتى ئارىيەتكە ئېلىپ كېلىپ مۇشۇنىڭغا چۈشسەڭ، ئېتىراپ قىلىنىسەن، بولمىسا، سەن پاخشى، دېيىشنىڭ ئۆزى ھەدسىزلىك، زوتالىق ۋە بۇزغۇنچىلىقتۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇنداق ئوتتۇرىغا چىقىشلار مەقسەتنىڭ ئىسلاھ قىلىش ئەمەس، سۈزۈلۈۋاتقان بىر قۇرۇلمىنى ئاتالمىش «بىرلىشىش» ناملىرى ئاستىدا دۇغلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ ئېقىن ھالىتىدىكى ھەرىكەت يۆنىلىشىنى بۇراش، پۇت - قولىنى چۈشەكەش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا ئىش بولمايدۇ. خاراكتېرىنىڭ تۇرغۇن سۇ ۋە لاتقىلارنى يىغىپ توڭلىتىپ مۇز ياساپ ئارقىدىن ئۇنىڭدىن داغدام كېتىۋاتقان ئېقىن سۇغا قارشى توغان ياساشتەك بىر ئىش ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان بۇنداق بىر ئۇرۇنۇشلار، ئىچىدىن قاملاشتۇرالمىغاندا تېشىدىن چوماق سېلىپ ئورۇنسىز سۈنئىي فانتازىيەلەر ئارقىلىق ھەپىلىشىشلەر ئىسلاھ قىلىش ئەمەس، ئىمھا قىلىش (ئۇجۇقتۇرۇش)دۇر. قۇرۇش ئەمەس، ئۆرۈشتۇر. ئىھيا قىلىش ئەمەس، ئىفساد (بۇزۇش) ئېتىشتۇر.

تارىخىي ساۋاقلارمۇ، سىياسىي ساۋاتلارمۇ، ئەقلىي تەھلىلەرمۇ نۆۋەتتىكى «ئىشنى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتتىن باشلاش» ئاتلىق پىروجىنىڭ ئەسلى خاراكتېرىنىڭ نېمىلىكىنى يۇقىرىقىدەك خۇلاسە قىلىپ تۇرۇپتۇ. شۇنداقكەن، مەسىلىنى شىركەت ياكى تىجارەت جېدىلى كەبى ئىككى تەرەپ مەسىلىسى سۈپىتىدە قاراپ تاماشا كۆرۈش قانچە مەسئۇلىيەتسىزلىك ھېسابلانسا، ئاق - قارا ئېنىق تۇرغان بىر ئىشلاردا مەسىلىنى، يەنە كېلىپ ھۆكۈمەت مەسىلىسىدىن ئىبارەت شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەردىكى تۈگۈنلەرنى گويا تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشىدەك قاراپ تاشلاپ قويۇش ماھىيەتتە ئەۋلاد - نەسىللىرىنىڭ تەقدىرىنىمۇ ئاشۇ سۆز ئىگىسى بولۇۋاتقانلارنىڭ ماجىرالىرىغا تاشلاپ قويۇشتىن پەرقى يوق بولغان ئاڭسىزلىقتۇر. بۇنداق قىلىشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە سىياسەت كوچىسىدىكى ۋاڭ كەمپىرلەرنىڭ چايچىلىقىنى بازار تاپقۇزۇشقا، پاساتچىلىقلىرىنى كەڭتاشا يېيىشقا كۆرۈرمەن بولۇشتىن باشقا ئىش بولمىغۇسى. «ئۇلارغا: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بۇزغۇنچىلاردۇر، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ». (سۈرە بەقەرە، 11 ۋە 12 - ئايەتلەر).

-بۇرھان مۇھەممەد

2023-01-25

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى