سىيەك يېزىسى (كېرىيە ناھىيىسى)

ئورنى Wikipedia
سىيەك يېزىسى

斯也克乡.Siyek town

كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە كېرىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 14 دانە
نوپۇس 22 مىڭ
يەر مەيدانى 220.48 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

سىيەك يېزىسىكېرىيە ناھىيىسى بازىرىنىڭ غەربىگە 16 كىلومىتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. يېزىنىڭ شىمال تەرىپىدە توغراغاز يېزىسى، شەرق تەرپىدە دېھقانچىلىق مەيدانى بار، جەنۇبىي تەرىپى شەنبە بازار بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى شىۋول يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېزىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 15 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 8 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 220.48 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كېرىيە دەرياسى تاشقىن تىنما تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىي قىسىمىنىڭ يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قىيسايغان. تۇپراقنىڭ شورلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر، تۇپراق سۇغىرىلما تىنما تۇپراق بۇلۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1416.5 مېتىر كېلىدۇ.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

سىيەك يېزىسى تەۋەسىدە 14 كەنت بار بۇلۇپ، قىتىچى كەنتى، قاتىياق كەنتى، كۆكمەت كەنتى، ھالداشمان كەنتى، سىيەك كەنتى، تۆۋەن سىيەك كەنتى، قىغاز كەنتى، مەكىت كەنتى، جىرىق كەنتى، بەشتوغراق كەنتى، تولغاي كەنتى، نۇركۆل كەنتى قاتارلىقلار.

كىلىماتى[تەھرىرلەش]

يېزىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىللىق ھەم قۇرغاق بۇلۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃24.3-، 7- ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.2. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 205 ~ 210 كۈن ئەتراپىدا. ئادەتتە شامال كۈچى 3 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 بالغا يېتىدۇ.