سىگنال (ئالاقە ئەپ)
سىگنال ئامېرىكنىڭ ئوچۇق مەنبەلىك، شىفىرلىق ئۇچۇر ئالاقە مۇلازىمىتى. سىگنالنىڭ مۇلازىمەتلىرىدىن شۇ زامان ئۇچۇر، سىنلىق ئۇچۇر، ئاۋازلىق چاقىرىش قاتارلىقلار بار. سىگنالنىڭ ئالاقە-ئۇچۇر فۇنكىسىيەلىرىدىن تېكىست، ئۈن، سىن، ئاۋازلىق نوتا، ۋە ھۆججەتلەرنى ئەۋەتىش قاتارلىقلار بار. سىگىنال ئۇچتىن-ئۇچغا ئالاقە قىلىدىغان سۇپا بولۇپ، ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەر. يەنى، ئىككى كىشى ئارىسىدىكى ئۇچۇرلىشىشتىن شۇ ئىككى كىشىدىن باشقا ھېچقانداق بىر كىشى بىلمەيدۇ، ۋە ئۇچۇرلىشىش تارىخى بىر مەزگىلىدىن كېيىن ئاپتوماتىك يوقاپ كېتىدۇ. سىگنالنىڭ ئاندىرويىد ئېپى ئۇيغۇر تىلنى پۈتۈنلەي قوللايدۇ. سىگىنال 2025-يىلى مارت ئايلىرىدا ئامېرىكدا يۈز بەرگەن سىگنالقاپى ۋەقەسى ئارقىلىق تېخىمۇ زور كۆلەمدە تونۇلۇشقا باشلىغان. سىگىنالقاپى ۋەقەسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ دانىلد ترامپ ھۆكۈمتىنىڭ يۇقىرى دەرىجلىك ئەمەلدارلىرى يەمەندىكى كوسەي قۇراللىقلىرىغا قىلىدىغان ھۇجۇم ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلەشكەن ۋە مۇلاھىزە قىلغان. كېيىن بۇ ئىش ئاتكلانتىك ژورنىلى ئارقىلق ئاشكارلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە دۇنيادا ناھايىتى چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە دانىلد ترامپقا زور بېسىم بولغان. سىگىنال فۇنكىسيە جەھەتتىن يۈزۋاقىت (فېيىستايم)، ۋاتىسئەپكە ۋە تېلگرامغا ئوخشىشپ كېتىدۇ.
ئورگان تور بېكىتى: https://signal.org/