Jump to content

سۆزلەۋاتقان رەسىمدىن ئۇيقۇلۇق ۋىجدانلارغا سوئال

ئورنى Wikipedia

سۆزلەۋاتقان رەسىمدىن ئۇيقۇلۇق ۋىجدانلارغا سوئال


بىر زامانلار فىرانسۇزلارنىڭ بۈيۈك رەسسامى، داھىيانە سەنئەتكارلىرىدىن پىكاسسو ئۆزىنىڭ سەرخىل ئالبوملىرىنى كۆرگەزمىگە قويىدۇ. كۆرگەزمە ئەسناسىدا گېرمانلىق بىر زىيارەتچىنىڭ  كۆزى رەسىملەردىن بىرىگە چۈشىدۇ ۋە پىكاسسودىن سورايدۇ:

− پاھ، بۇ رەسىمنى ھەقىقەتەن سىز سىزغانمۇ؟

پىكاسسو ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن شۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:

− ياق، بۇنى سىلەر سىزدىڭلار.

     يۇقىرىقى قىسقا، ئەمما مەزمۇنلۇق دىيالوگ شۇ دەۋر تارىخىنى بىلگەن ھەر كىشىگە دەرھال قاباھەتلىك بىر دەۋرنى ئەسكە سېلىشى، گېرمان شوۋىنىزمى، فاشىزملىقى قاتارلىق بالايىئاپەتلىك ئىزملارنىڭ ئىنساننى ئىنسانغا قايسى تۈرلۈك قىر - چاپلارغا يېتەكلەپ ماڭغانلىقىنى، كۈنىمىزدىكىگە ئوخشىغان ئېتنىك قىرغىنچىلىق، جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىنسان قىلىپىدىن چىققان بىر تالاي يىرگەندۈرگۈچى قىلمىشلارنىڭ قانداقسىگە ئىنساننىڭ ئىنسانغا راۋا كۆرەلىگەنلىكىنى يادقا سېلىشى بىر ئەمەلىيەت. پىكاسسونىڭ يۇقىرىدا دىققەت تارتىۋاتقىنى نوقۇل رەسسامچىلىققا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئوي - تەپەككۇرىنى غىدىقلىغان، خىيال تەسەۋۋۇرىنى قاپلىغان رېئاللىقلارنى نەزەر سالغۇچىلارنى تاڭ قالدۇرغۇدەك ماھارەتتە بىر ئالبوم ئىچىگە سىغدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان، مۇنداقچە ئېيتقاندا رەسىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ماھىيەتلىك سەۋەبلەر ۋە سەۋەبكارلارغا قارىتىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئۇنداقتا بىزنىڭمۇ بۇ تەرزدىكى سوئالنى ئوخشاشلا يېقىندا فىرانسىيەلىك تونۇلغان رەسسام مان كلۋاكىس تەرىپىدىن سىزىلغان «تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن» نىڭ پورترېتىغا قارىتىپ سوراپ بېقىشىمىز مەنىدار بولغۇسى، ئەلۋەتتە! دەرۋەقە، بۇ رەسىمنى سىزغان ھەقىقەتەن زادى كىم؟

  رەسىم سىزىش ماھارەت ۋە كەسىپ نۇقتىسىدىن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بىر ھۈنەر. ئەمما رەسىم سىزغانلا كىشىنى ھەقىقىي رەسسام دېگىلى بولمايدۇ. بەلكى سىزغانلىرىنى سۆزلەتكەن، قارىغۇچىلارنى ئويلاندۇرالىغان رەسسام ھەقىقىي رەسسامدۇر. رەسساملىق بۇ مەنىدىن بىر ئۈست تىل مەسىلىسى، رەسسام بولسا پەرقلىق تەرزدە تەپەككۇر قىلغۇچى سەنئەتكاردۇر. گەرچە بىزدە بۇ خىل تىل باشقا ۋارىيانتلاردا ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىزنىڭ ئۆزگىلەرنىڭ پەرقلىق ئۈست تىلىنى چۈشىنىش يولىمىزنى ئەتكەن ئەمەس. كۈنىمىزدە رەسساملىق غەرب جەمئىيىتى ئۈچۈن بىر ئىسيان تىلى، زۇلۇمغا، ناھەقچىلىككە، تەڭسىزلىككە قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ، جەڭ ئېلان قىلىشنىڭ، رەت قىلىشنىڭ، پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ كەلمەكتە. سىزىلغان رەسىمگە رەسىم تىلى پەنجىرىسىدىن قاراش ئارقىلىق رەسسامنىڭ ئەمەلىيەتنى قانداق قىلىپ جانلاندۇرالىغانلىقىنى، رېئاللىقنى قايسى دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرەلىگەنلىكىنى، مۇجەسسەملەشتۈرگەنلىكىنى چۈشىنىش مۇمكىن. بىراق بۇنى ھەر كىشىنىڭ ئوخشاش تەرزدە ئوقۇيالىشى ناتايىن. رەسسامنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئوقۇش ئۈچۈن رەسسامچە تىل بىلمەك لازىم. چۈنكى رەسساملار ئېيتقاندەك، رېئاللىقنىڭ رەسىمدە قانداق ئەكس ئەتكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغىنى رەسسامنىڭ ھۈنىرى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا نەزەر سالغۇچىنىڭ ئاڭ - ساپاسىدۇر. ئاڭ - ساپانىڭ چوڭقۇر ياكى تېيىز بولۇشى رەسىمنىڭ ئىزاھاتىنىڭ چوڭقۇر ياكى يۈزەكى بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللاردىندۇر. مان كلۋاكىس سىزغان بۇ رەسىم بىر مىللەتنىڭ قىزلىق، ئاياللىق ۋە ئانىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرەپ ۋە ئار-نومۇسىغا، نەسىل-نەسەبىگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇم - ھاقارەتنى، خورلۇقنى، ئىززىتى ۋە شەرىپىنىڭ دەپسەندىچلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ ئېغىر خورلۇق ئىچىدە «يەنە قايتا ئېغىزغا ئالغۇم يوق» ئىبارىسىگە يۇغۇرۇلغان، تىل سۆزلەشتىن، لەۋ قىمىرلاشتىن ھايا قىلىپ يۇتۇۋېتىلگەن سانسىزلىغان گۇۋاھلىقلار، مەنىلەر رەسسامنىڭ قەلىمى ئارقىلىق چىراي ئەكسىگە سۈزۈلدۈرۈپ چىقىلغان. شۇنداقلا رەسسام تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ ئۈمىد ۋە ئۆزىنى يوقىتىش ئارىسىدىكى پىسخىكىلىق روھىي ھالىتىنى يورۇتۇشقا تىرىشقان. بۇ پورترېت ئەمەلىيەتتە يالغۇز تۇرسۇنئاي خانىمنىڭلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندا خورلۇق ۋە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراپ كەلگەن ۋە ئۇچراۋاتقان بارلىق قىز - ئاياللارنىڭ ئىپپەت - ھاياسى ئوقچۇپ تۇرىدىغان مەسۇم كۆزلىرىنى، مەزلۇملۇق روھىي ھالىتىنى، ئۈمىد ۋە جاسارەت تۇتقۇسىغا سىغىنىۋاتقان روھىي كۆلەڭگۈسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشقان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رەسسامنىڭ ھىممىتىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز.

    شۇنداق، رەسىم بىزگە رەسسامنىڭ تىلى بىلەنلا ئەمەس، ئاددىي بىر كۆرۈرمەن سەۋىيەسىدە تۇرۇپمۇ بىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرالايدۇ. رەسىمدىكى ئۇ چارىسىزچە بېقىشلارنى، چىرايدىن مۆلدۈرلەپ يېغىپ تۇرۇۋاتقان قۇرتۇلۇش ئەندىشىلىرىنى، ئامانلىق نىدالىرىنى، ۋەھشىيانە خورلىنىشلار بېشىغا كەلگىنىدە خۇددى قەھرىمان خانىم - قىزلىرىمىزدىن زۈمرەت داۋۇتنىڭ كۆرسەتكەن تەبىئىي رېفلېكسىگە ئوخشاش «ئاھ خۇدا» نالىلىرىنى ئەسلىتەلەيدۇ. ئەجەبا رەسىمدىن كېلىۋاتقان بۇ تۈر پوتېنسىيال مەنىلەر ھەقىقەتەن بىزنى غىدىقلاۋاتامدۇ؟ ئىش - ھەرىكەتلىرىمىزدە بۇ مەنىلەر قانچىلىك تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتىدۇ؟، دېگەن سوئاللارنى تاشلىماي تۇرالمايدۇ. بىراق ۋەزىيىتىمىزگە، جۈملىدىن غەپلەت ئەپسۇنلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە بازار تېپىۋاتقانلىقىغا، ئىچى كاۋاك دەبدەبىلىك يىغىلىشلارنىڭ مەستخۇشلۇقىغا رام بولۇپ ئۆتۈشنىڭ نورماللىق بىلىنىۋاتقانلىقىغا، بارغانچە مۇستەملىكىچىسىگە ئوخشاپ قېلىشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقتىن بىخەۋەر ھالدا كۆرەڭلەۋاتقان بىر زېھنىيەتنىڭ ھاكىم بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا قارىغىنىمىزدا، يۇقىرىقى سوئالنىڭ سەمىمىي جاۋابىنىڭ ئاپئاق لەۋھە مىسالى قۇپقۇرۇق قويۇشقا، كېلەچەك تارىخنىڭ جاۋاب بېرىشىگە قالدۇرۇشقا مەجبۇر قېلىۋاتقانلىقىمىزنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. ئىش بۇ ئەھۋالدا ئىكەن، بۇ ھەقتە ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنگە شۇنداق سوئال تاشلىغۇمىز كېلىدۇ: دەرۋەقە، سىز ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ مارسېل شەھىرىدىكى تېلېكوم بىناسىغا سىزىلغان «تۇسۇنئاي زىياۋۇدۇن» پورترېتىنى زادى كىم سىزدى؟ ئەگەر سىز رەسىمنى سىزغۇچىغا مىننەتدار بولۇش بىلەن بىرگە، رەسىمنىڭ بارلىققا كېلىشى ئارقىسىدىكى سەۋەبلەر ۋە سەۋەبكارنى بىلسىڭىز، بۇ رەسىم سىزگە ۋە بىزگە نېمىنى خىتاب قىلىۋاتىدۇ؟ بىز بۇ خىتابنى ئاڭقىرىپ ياشاۋاتامدۇق، يوق؟! ئەگەر ئاڭقىرىدۇق، دەپ قارىساق، نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىۋاتقان بىنورماللىقلار نورماللىقنىڭ ئورنىغا دەسسىلىشكە خاتىمە بېرىلمەي ئۆتىدۇ؟ مانا بۇلار ھەقىقەتەن ئويلىنىشىمىزغا تېگىشلىك بولۇپ تۇرۇپتۇ.

−بۇرھان مۇھەممەد

2021-10-13


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى