سۆڭەك سۇندۇرۇش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

سۆڭەك سۇندۇرۇش ئويۇنى بىر خىل ئەنئەنىۋى ئويۇن بولۇپ، ئۇ كۆپىنچە قىران يىگىتلەر ئارىسىدا ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇن كۆپىنچە كەچلىك ئولتۇرۇش، توي مەرىكىسى، نورۇز بەزمىسى مەشرەپلىرىدە، ئۇرۇق - تۇغقان جەم بولغاندا ئوينىلىدۇ. ئويۇن ئىشتىراكچىلىرى ئاساسەن ياشلار ۋە پېشقەدەملەردىن بولىدۇ. ئويۇندا ئاساسەن قوينىڭ پاقالچىكىنىڭ سۆڭىكى سورۇندا ئولتۇرغانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. سۆڭەك ئۈستىدىكى گۆش پاك - پاكىز قىرىۋېتىلىپ سۇندۇرغۇچىغا بېرىلىدۇ. سۆڭەك سۇندۇرۇش مۇشت بىلەن ئۇرۇپ سۇندۇرۇش، سۆڭەكنى ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ تولغاپ سۇندۇرۇش دەپ بېكىتىلىدۇ. سۆڭەك سۇندۇرۇشتا كۈچ بولغاندىن سىرت پەم بولۇش كېرەك. بۇ ئويۇن پەمى بارلار ئۈچۈن ئاسان، پەمى يوقلار ئۈچۈن قىيىن، سۆڭەك سۇندۇرۇشتا ھەر بىر كىشىنىڭ بىر قېتىم ئۇرۇش، ياكى تولغاش ياكى ئۈچ قېتىم ئۇرۇش، تولغاش نۆۋىتى بولىدۇ. ھەر بىر كىشى نۆۋىتىدە سۇندۇرالمىسا سۆڭەكنى يېنىدىكى كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. سۆڭەكنى سۇندۇرۇشتا قولغا ياغلىق، لۆڭگە ئورۇۋالسىمۇ بولىدۇ. بىراق،م قاتتىق نەرسىنى لۆڭگە ئارىسىغا ئوراپ ئۇرۇشقا بولمايدۇ. تولغاپ سۇندۇرۇشتا سۆڭەكنىڭ ئىككى بېشىغا قول ياغلىق ئوراپ تولغاپ سۇندۇرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، تىزغا ئۇرۇپ سۇندۇرۇشقا بولمايدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]