سۇغا ئەڭ چوڭقۇر شۇڭغۇش رېكورتى

ئورنى Wikipedia

تېنچ ئوكياندىكى گوئام ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 400 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە چاللېنگېر دەپ ئاتىلىدىغان دېڭىز ئاستى جىراسى بولۇپ، دۇنيا بويىچە سۇغا ئەڭ چوڭقۇر شۇڭغۇش رېكورتى مۇشۇ يەردە يارىتىلغان. 1960-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت بىردىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، شىۋېتسارىيىلىك دوكتۇر جاكچۇ ئېس پىككارد ۋە ئامېرىكىلىق فرىس لېيتنانت دونالد ۋالشنىڭ قوماندانلىقىدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «تېرسىت» ناملىق سۇغا شۇڭغۇپ كېزىپ تەكشۈرۈش ساندۇقى(شىۋېتسارىيىدە ياسالغان) ئوكياننىڭ 10 مىڭ 916 مېتىر چوڭقۇر يېرىگە شۇڭغۇپ كىرىپ، سۇغا چوڭقۇر شۇڭغۇشتا دۇنيا بويىچە رېكورت ياراتقان.