Jump to content

سۇلتان سەئىدخاننىڭ ۋاپاتى

ئورنى Wikipedia

سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ئاخىرقى قېتىم «ئورساڭ» (ئىچكى تىببەت) نى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، لاساغا قوشۇن تارتىپ بېرىپ، شىزاڭنى بويسۇندۇرۇپ، قايتاشىدا يول ئۈستىدە تۈرەك ئېلىپ كېتىپ 1533 - يىلى 9 - ئىيۇل ھازىرقى لاداقتا ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاپات بولغان جاي ھازىرمۇ «دۆلەت بەگ ئۆلدى» دېگەن نام بىلەن ئاتالماقتا. سۇلتان سەئىدخان قالماق خانلىقىنى يوقاتقان سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ئوغلى، سۇلتان يۇنۇسخاننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، بابۇر شاھنىڭ ئانىسى بىلەن ئۇنىڭ دادىسى بىر قورساق قېرىنداشلاردىن ئىدى. سەئىدخان 1491 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. 1514 - يىلى 24 - ئاۋغۇست سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىققانىدى. 1533 - يىلى 9 - ئىيۇل لاداقتا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 15 - ئىيۇل قاراقاش دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىدىكى شەيدۇللادا يەتتە نەزىرىسى بېرىلىپ، 24 - ئىيۇل پايتەخت يەكەندىكى ئالتۇنلۇق مازىرىغا دەپنە قىلىنغان.

مەنبەلەر

[تەھرىر]