سۇيىقەستلەردىكى سۇيىئىستېماللىق
سۇيىقەستلەردىكى سۇيىئىستېماللىق
مىڭ يىلغا سوزۇلغان ئىزىڭنى، مەدەنىيىتىڭنىڭ بۈگۈنكى تىرىك شاھىدى بولغان بىباھا يادىكارلىقلىرىڭنى، ئىبادەتگاھ ۋە مەسچىت-جامەلىرىڭنى مەقسەتلىك ھالدا يەر يۈزىدىن يوقىتىۋېتىش ئوپىراتسىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلار تېخى يېقىندا يۈز بەرگەن بىر نەچچە يۈز يىللىق چېركاۋنىڭ تاساددىپىي كۆيۈپ كېتىشىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ ھېسداشلىق قىلغۇچىلار بولۇپ كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنۇپ بولۇشتى. بىز بولساق بەش ئەسىردىن سەككىز ئەسىرغىچە سوزالغان يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ نەقىشلىرىنى گەجلەپ ئۆچۈرگەندىن تارتىپ، تاكى چېقىۋېتىپتىمىش دېگەن خەۋەرنى قۇلىقىمىزغا پىچىرلاپ قويغانغا قەدەر نوپۇزلۇق بىرەر ئورگانلىرىمىزدىن ھازىرغىچە «ئادەم»دەك سادا چىقىرىپ باققىنىنى بىلمىدۇق. تاجاۋۇزچىلار بولسا، تاشقىرى دۇنياغا مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش تەرەپدارى كۆرۈنۈپ ئەمەلىيەتتە تېنىمسىز توختىماي مەدەنىيەت قەتلىئامىنى پىلانلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئەجدادىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ئەجىر-مېھنىتى سېڭگەن يادىكارلىقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا. نېمىنى كۈتىۋاتىمىز؟ كۆنۈككەن ئادەت بويىچە، بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندا ئاللا-توۋا قىلىشنىمۇ؟ ئەجىبا ئورنىغا كەلمەيدىغاننى بىلىپ تۇرۇپ قىلىنىۋاتقان ھەرىكەتسىزلىكلەرنىڭ سورىقى بولمايدىغانلىقىغا، چوقۇم بىز ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا بەدەل پېچىلمايدىغانلىقىغا، ئۆتمۈشتىكىلەرنىڭ كەتكۈزۈپ قويغانلىرىنى بۈگۈنكىدەك مەجبۇرىي بەدەل تۆلەيدىغان كۈنىمىزنىڭ يەنە تەكرارلانماسلىقىغا كىمنىڭ كېپىللىكى بار؟! ھېچكىمنىڭ يوق، ھېچكىمنىڭ ھېچنىمىگە كېپىللىكى يوق.
بۈگۈن بىز «دەۋاچى» ياكى «داۋاچى» دېيىلىۋاتقان بىر ئۇچۇم يولداشلارنىڭ ئەڭ ھالقىلىق چاغلاردا بەز مارىلاۋاتقان مۈشۈكتەك كىملەرنىڭدۇر قاش-قاپىقىغا بېقىپ بۇ تېمىدا مىدىرلاشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىغا شاھىد بولغان بولساق، خۇددى ۋەتەندىكى ئاتالمىش بىرلىكسەپنىڭ «موللا» لىرىدىن جىق پەرقى قالمىغان دۇۋاخان، ۋەزخانلارنىڭمۇ لازىم ۋاقىتتا قىلىشقا تېگىشلىك مەدداھلىقىدىن توختاپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. كېچىلەپ دۇئا تەكبىر ئۆتكۈزۈپ باققان ئاشۇ مەسچىت، مەدرىسەلىرىنىڭ ھالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىنى ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىدە نامايان بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇنىڭدەك، ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلۇققا باشپاناھ كۆرسەتمەكچى بولغان قاراڭغۇ بازارنىڭ سودىگەرلىرىدىن ئانچە قېلىشمايدىغان شايكا ھالىتىدە كۆرۈنۈپ قېلىۋاتقان توپلارنىڭمۇ رىياخورلۇق قىلىپمۇ بولسا بۇ تېمىنى خەلقئاراغا تۈزۈكچە ئېلىپ چىقمايۋاتقانلىقىغىمۇ شاھىد بولۇپ تۇرماقتىمىز.
شۇ دىققەتكە ئېلىنمايۋاتىدۇكى، مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنىڭ خانۇ-ۋەيرانچىلىقى بولۇۋاتقان بۇ زاماندا تارىختا ئۇنتۇلمىغۇدەك ئۈن سالالمىغان بۇ زامانداش «ئۇيغۇرلار»نى تارىخ ھامان بىر كۈنى ئېسىگە ئالىدۇ ۋە تېگىشلىك باھاسىنى بېرىدۇ. كەلگۈسى ئەۋلادلار بۈگۈن ھەققىدە قالدۇرۇلۈۋاتقان خاتىرىلەردىن، تارىخ پۈتۈكلىرىدىن چوقۇم خەۋەردار بولىدۇ. بۈ كۈنلەردە تاجاۋۇزچىلارنىڭ بەدبەشىرىلىكى، ۋەھشىيانىلىكى پۈتۈلۈپ ماڭغىنىدەك، بۇ كىرىزىستا ئەجدادلارنىڭ مىراسىغا، شەنىگە ئىگە چىقىشقا سەل قارىۋاتقان، بىلىنمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئىستەلگەنچە ماسلىشىپ بېرىۋاتقانلىق سېزىلىۋاتقان، ئەڭ مۇھىم ئىشلار بىر ياقتا قېلىپ، ئەكسىچە قانداقتۇر ئەڭ مۇھىم كۆرسىتىلىشكە تىرىشىلىۋاتقان بىر تۈرلۈك مەۋھۇم ئىشلارغا بەند بولۇۋېلىشلار، تارىخىي مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەسئۇلىيەتسىزلىكلىرى بىلەن، قىلغانلىرى قىلمىغانلىرى بىلەن قوشۇلۇپ تارىخ پۈتۈكلىرىگە ئەينەن پۈتۈلۈپ ماڭغۇسى.
يازار: بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى