سۇيىقەستلەر قورشاۋىدىكى دەۋا ۋە ئاخبارات خىيانەتچىلىكى
سۇيىقەستلەر قورشاۋىدىكى دەۋا ۋە ئاخبارات خىيانەتچىلىكى
1
ساغلام ئاخباراتچىلىق كەسىپ ئەخلاقى نۇقتىسىدىن ئومۇمنى ئاڭلىقلاشتۇرۇشنى، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى، يالغاننى پاش قىلىشنى، بۇرمىلانغان رېئاللىقنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى ئومۇمغا يەتكۈزۈشنى ۋەزىپە قىلغان بىر قۇرۇلمىنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى. ھالبۇكى، ئىنسان تاۋارلاشتۇرۇلغان، ھەقىقەت باھالىق ماتاغا ئايلاندۇرۇلغان، ئەخلاق پۈتۈنلەي سۇيىئىستېمالچىلىق ۋە نىقابلىنىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېتىلگەن بىر دۇنيادا، يۇقىرىقى شەرتلەرنىڭمۇ بىر نىقابقا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. ھەممە نەرسە كاپىتال كۈچنىڭ مەنپەئەت سۈزگۈچىدىن ئۆتۈش شەرت قىلىنىدىغان بۇ سىستېمىدا «پۇلنى بەرگەن دۈدۈكنى چالىدۇ» دىن ئىبارەت تىجارىي قانۇنىيەتمۇ «چوقۇم پۇل بەرگەننىڭلا دۈدۈكىنى چېلىش كېرەك»تىن ئىبارەت غەيرى ئەخلاقىي قانۇنىيەتكە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەنلىكىمۇ بىر ئەمەلىيەت بولۇپ قالدى. بۇ ۋەجىدىن ئاخباراتچىلىق ھەرقاچان سوراقلىنىپ تۇرۇشى، خەۋەرلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇشى، بىرلا خەۋەر مەنبەسىگە تايىنىپ قالماستىن، پەرقلىق ئاخبارات قاناللىرى ئارا رىقابەت ۋە كۆزىتىشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، مۇھىمى ئاخباراتنىڭ كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سايراۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ دۈدۈكىگە بويسۇنۇپ چېلىنىۋاتقانلىقى ۋە كىم ئۈچۈن چالدۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنىمۇ پەرق قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالدى.
يۇقىرىقىلارنى نەزەرگە ئالغاندا، بۈگۈنكى دۇنيادا بىتەرەپ ئاخباراتچىلىقتىن سۆز ئېچىش، يەنى كەسىپنىڭ ئۆزىدە تېپىلىشقا تېگىشلىك شەرتلىرىگە رىئايە قىلىدىغان بىر ئاخبارات سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن سۆز ئېچىش تولىمۇ قىيىن. ئاخباراتچىلىقنىڭ پەقەت قۇرۇلۇشتىكى تايانچ كۈچ ۋە ئىمكانىيەتلەرنىڭ تەلىپى بويىچە بەلگىلىك مەنپەئەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەشكە بولىدىغان تەرەپلەردىندۇر. گەپ بۇ نۇقتىغا كەلگەندە، چەت ئەللەردە ئىسمى ۋە يېزىقىنى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىۋاتقان ئاخبارات ئورگانلىرىدىن قانچىسى پۈتۈنلەي شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، دېگەن سوئال تۇغۇلۇشى كېرەك بولىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ سوئالغا «ھەممىسى شۇنداق قىلىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىشكە ئېغىز بارمايدۇ. ئاخباراتچىلىقنىڭ كۈنىمىزدىكى رولى ئايدىڭلىتىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەتلەردە ئېرىشكەن نۇقتىلىق ئىمتىيازلاردىن پايدىلىنىپ خەلىقنى ئىشنىڭ تېگى - تەكتىدىن خەۋەردار قىلىش، ئاڭلىقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىجابىيلىقلارغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەۋەر ۋە ئاخباراتچىلىق ئۆز نۆۋىتىدە ئاڭسىزلاشتۇرۇش، قۇترىتىش، گېزى كەلگەندە ئۇخلىتىش ۋە يالغان ياۋىداقلار بىلەن خەلقنى ئالداش، مېڭە يۇيۇش ۋە دىققەتنى مۇئەييەن ئىستەك ۋە ئىرادىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىگە يېتەكلەشتەك سەلبىيلىكلەر ئۈچۈنمۇ ئۈنۈملىك قورال. يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى ئەينەن مەلۇمات بېرىش، دوكلات سۇنۇشمۇ، خەۋەر ۋە مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەن ياكى كۆرۈرمەننىڭ زەردىسىنى ئۆرلىتىدىغان تەرزدە بۇرمىلاشمۇ، قىلنى پىل قىلىپ كۆرسىتىش ياكى تۈگمىنى تۆگىدەك چوڭايتىپ تەسۋىرلەشمۇ ئۇنىڭ ئىشى بولۇپ قالدى. دېمەك، خەيرنىڭ ئومۇملىشىشىغا خىزمەت قىلىشمۇ، رەزىللىكنىڭ يانتاياقچىسى بولۇشمۇ ئۇنى كونترول قىلىۋاتقان كۈچنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق. بۇ مەنىدىن بۈگۈنكى خەۋەر ۋە ئاخباراتچىلىق ھادىسىسى كەسپىي ئەخلاقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولماس ھالىتى بىلەن قارشىمىزغا چىقىپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ، مەنپەئەت ئېڭى ھەقىقەتنىڭ، ئادالەتنىڭ ۋە ھەققانىيەتنىڭ جاكارى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بولمىغان كۆپ سانلىق خەۋەر ۋە ئاخبارات مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئەھۋالى شۇنداق.
بۇ پەقەت دۇنيا مىقياسىدا راۋاج تېپىۋاتقان خەۋەر ۋە ئاخباراتچىلىق ساھەسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيتىىلا بولۇپ قالماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ئاخباراتچىلىقىنىڭمۇ ھال - ۋەزىيىتى. خەۋەر قاناللىرىنى دائىم دېگۈدەك كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان دەرنەك، تەشكىلات ۋە ھۆكۈمەت مۇئەسسەسەلىرى تەرەپدارلىقى بويىچە خەۋەر يېزىش پىچىملىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھادىسىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى، بىرى مەنسۇپلەنگەن قۇرۇلمىنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ يەنە بىرىنىڭ خەۋەر قانىلىدا كۆرۈلۈپ قالماسلىقى، ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى ئۆزلىرىنىڭ تورى ۋە قاناللىرى خەۋەر قىلمىسا گويا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دائىر ھېچبىر پائالىيەت ياكى ھەرىكەتلەر يەر شارى مىقياسىدا يۈز بېرىپ باقمىغاندەك بىلىنمەي، خەۋەرى بېرىلمەي ئۆتۈپ كېتىلىدىغان ھالەتنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى كۈنىمىز خەۋەر ۋە ئاخبارات مۇئەسسەسەلىرىدە كۆرۈلۈۋاتقان ھەمدە ساھەنىڭ كەسىپ ئەخلاقى نۇقتىسىدىن جىددىي قارىلىشى كېرەك بولۇۋاتقان مەسىلىلەردىن بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە زېھنىيەت پەرقى تۈپەيلىدىن تەرەپدارلىق خاھىشىنىڭ ئەكس ئېتىشىدىن ساقلىنىشنىڭ قىيىنلىقى ئېنىق. لېكىن چوڭ جەھەتتىن غايە ئورتاقلىقى بار بولغان خەۋەر مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە بىر - بىرىگە ئالاقىسىزدەك كۆرۈنۈۋېلىشى، بىر - بىرىنىڭ خەۋەر ۋە ئاخباراتچىلىقىنى رىقابەت سەۋىيەسىدە تۇتۇپ تۇرماستىن، بىر - بىرىگە كۆز - قۇلاق بولۇش، توپلۇم نەزىرىدىكى ئىشەنچىلىكلىك نىسبىتىنى كۈچەيتىش ۋە ساھەنىڭ كەسپىيلىكىگە زىت بولغان تۇتۇملارنى خەۋەر ۋە ئاخباراتچىلىق نۇقتىسىدىن تەنقىدلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، كۆز يۇمغان دەرىجىدە ئۆتكۈزۈۋېتىشى، بىرىنىڭ ھەقىقەتنى بۇرمىلىشىغا يەنە بىرىنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان ساھەسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىشتەك قارىۋېلىشى، بىرى خەۋەر تاپقان ئىشتىن يەنە بىرى خەۋەر تاپمىغاندەك پەقەتلا ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىن ھالقىمايدىغان خەۋەر مۇھىتىغا چېلىنىپ يېتىشى قاتارلىقلار نورمال قاراپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان ھادىسىلەردىندۇر.
2
خەۋەرنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇش ياكى بولماسلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. چىنلىق قانداقتۇر خەۋەرگە ھېس - تۇيغۇلارنى تەۋرىتىدىغان خۇرۇچلارنى قېتىش، يېزىلىۋاتقان ياكى ئاڭلىتىۋاتقان مەسىلىنى تەسىرچان ھېكايىگە، قىزىقتۇرغۇچى دىيالوگلارغا ئايلاندۇرۇش، ئوقۇرمەن، ئاڭلارمەن ۋە كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلىشقا يارايدىغان تاكتىكلارنى ئىشقا سېلىش بىلەن قىممەت تاپمايدۇ. راستتەك كۆرۈنۈش بېرىدىغان، ئەمما قىممىتى بۇزۇۋېتىلگەن خەۋەر قانچە زاماسكىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر چانماي قالمايدۇ. سەللا ئانالىز قىلىش بىلەن يالغان بىلەن راست ئارىسىدىكى پەرقنى سۈزۈپ چىقىش تامامەن مۇمكىن. چۈنكى خەۋەرنىڭ ئەسلى تېگى - تېگىدىن چىن ئەمەس. خەۋەرنىڭ ئىگىلىنىش شەكلى، مەلۇمات بېرىش شەكلى، ھەمدە خەۋەر ئىشلىگۈچىنىڭ خەۋەرچىلىك مېتودى خەۋەرنىڭ ئەسلىنىڭ زاماسكىلانغان ياكى ئەمەسلىكىنى ھامان چاندۇرماي قالمايدۇ. چۈنكى، خەۋەرنىڭ ئەسلىدىنلا جېنى يوق، چىنلىقى يوق. بۇنداق بىنورماللىقنىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ ئەلۋەتتە ساغلام خەۋەرچىلىك ۋە سۈزۈك ئاخبارات مۇھىتىنىڭ، توغرا مەنىدىكى رىقابەت ۋە تەنقىدىي كۆزىتىش مېخانىزمىنىڭ شەكىللەنمەسلىكى بىلەن زىچ ئالاقىگە ئىگە. خەۋەر مۇھىتى ساپلاشقاندا، بولۇۋاتقان ھادىسىلەرنى توغرا تەھلىل قىلىش، توغرا ئانالىز ئېلىپ بېرىش بۈگۈن بىلەن كېلەچەك ئوتتۇرىسىنى مۇناسىۋەتلەندۈرۈپ تۇرۇپ كەلگۈسىنى ئالدىن تەخمىن قىلىش ۋە بۇ ئاساستا ھەرىكەت، تۇتۇم بەلگىلەش، مۇھىمى پىتنە - پاسات ئارقىلىق دۈشمەننىڭ تۈرلۈك ئويۇنلىرىغا دەسسەپ سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇلغانغان خەۋەر مۇھىتى باش كۆتۈرگەندە بولسا، سەپسەتە ھەقىقەت سىياقىدا بازارغا سېلىنىدۇ. نە كۆزىتىش، نە رىقابەت كۈچى بولمىغان بۇ خىل ئاتموسفېرادا، نېمىنىڭ راست، نېمىنىڭ يالغان، قايسى ئۇچۇر رېئاللىققا زىت، قايسىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، قايسى خەۋەر ئىشەنچلىك، قايسىسى ئىشەنچسىز دېگەنلەر نەزەرگە ئېلىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە چىقارغانلىكى نەرسە توغرىدەك مۇئامىلە قىلىنىپ كېتىۋېرىدىغان، خەۋەرنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكى سوراقلىنىپ كەتمەيدىغان، ھەتتا خەۋەر قانىلى ئوچۇقتىن ئوچۇق كوللېكتىپ ئەقىلنى ئويۇنچۇق قىلىپ ئوينىسىمۇ، كوللېكتىپ ۋىجداننى پېتىقداپ بۇلغىسىمۇ سېزىلمەي كېتىۋېرىدىغان، ئالقىشلىنىۋېرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ كېتىۋېرىدۇ. مەسىلەن، بۇنىڭغا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خەۋەر تورىدىكى يېقىنقى مەزگىللەردە چىقىرىۋاتقان بىر قىسىم خەۋەرلىرىنى ۋە بۇنىڭغا بولغان دىققەتسىزلىكلەرنى بىز سۆزلەۋاتقان نۇقتىلارنىڭ جانلىق مىسالى قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. دىققەت قىلساق، مەزكۇر خەۋەر تورى نەچچە ئاي ئاۋۋال: «پەيزىۋاتنىڭ ئالمىباغ دېگەن يېرىدە بىر ‹تەربىيەلەش مەركىزى›نىڭ ھېلىھەم بارلىقى ئاشكارىلاندى»دېگەن خەۋەرنى بەرگەن بولۇپ، قارىماققىلا خەۋەر ماۋزۇسىنىڭ يۇقىرىقى تەرزدە يېزىلىشى ئوقۇرمەنگە يوچۇن بىر نەرسىنى ئىما قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەي قالمايدۇ. خەۋەر مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق، خەۋەرنىڭ بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرىنىڭ گويا قونچاق رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ 2019 - يىلىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزىدىكىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولدى» دېگەن خۇپسەن باياناتىغا، يەنە كېلىپ خىتاينىڭ پايتەختىدە ئېچىلغان مەلۇم بىر يىغىندىكى دوكلاتىغا رەددىيەدەك، بىرقانچە يىل ئۆتۈپ 2023 –- يىلىغا كەلگەندە، يەنى ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە مەزكۇر يىغىندىكى سۆز يالغان بولۇپ چىققاندەك، قانداقتۇر پەيزاۋاتتا ھېلېھەم داۋاملىشىۋاتقان بىر لاگېرنىڭ بارلىقى بايقالغان بىر تۈسنى ئالدۇرۇشنى كۆزلىگەنلىكى مەلۇم. گويا ئورتالىقتا 2019 - يىلدىن بېرى لاگېرلار بەس - بەستە تاقىلىپ مېڭىۋاتقان بىر قانائەت باردەك، راستتىنلا لاگېر مەسىلىسى بېسىققاندەك، لاگېرلار گويا ئازلىغاندەك بىر ۋەزىيەتنىڭ داۋامىدەك تۈس ئېلىش كېلىپ چىقىدىغان بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىپ ھەپتە ئۆتمەستە مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئوتىنى پۈۋلىتىشكە يارايدىغان يەنە بىرقانچە خەۋەرمۇ يانداشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، 2009 - يىلى پەيزاۋاتنىڭ ئالمىباغدىكى لاگېر دەپ ئاتالغان جايلاردىن بىرىدە ياتقانلىقى بىلىنگەن، ئەمەلىيەتتە بەرگەن ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنىدىن ياتقان يېرىنىڭ لاگېردىن بەكرەك ھۆكۈم كەيگەن ياكى مۇددەتلىك جازا مۇددىتىنى ئۆتەيدىغانلارغا ئاجرىتىلغان جايلىقى بىلىنىپ تۇرغان بىر جاي ھەققىدىكى خەۋىرى كۆپتۈرۈلۈشكە تىرىشىلىدۇ. ھالبۇكى، 2019 - يىلى بېيجىڭدا دېيىلگەن، ئەمەلىيەتتە 2020، 20021 ۋە 2022 – يىللىرى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىچىگە ھەر خىل سىياقتا ئۆز خادىملىرىنى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش قىلىشى ھەمدە سۈنئىي ھەمراھ ۋە باشقا تور خاككېرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇچۇر ئامبارلىرىغا بۆسۈپ كىرىشى قاتارلىق تۈرلۈك ئۇرۇنۇشلار نەتىجىسىدە ئاز بولمىغان ساندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن پاش بولغانلىقى، بولۇۋاتقان قەتلىئاملارنىڭ مەركىزىنىڭ مەزكۇر سانى نامەلۇم جازا لاگېرلىرىنىڭ تەشكىل قىلغانلىقى ۋە ئامېرىكا باشلىق نوپۇزلۇق دۆلەت ئەربابلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ خىتاي ۋە ئۇنىڭ قونچاق رەئىسلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك يالغانچىلىقلىرى، خۇپسەنلەرچە تېنىۋېلىشلىرى قېتىملاپ پاش بولۇپ رەسۋاسى چىقىپ بولغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. خەۋەرنىڭ دەل ئەكسىچە جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئاتالمىش «ئوقۇش پۈتتۈردى» سەپسەتەسىنىڭ مەنىسىنىڭ «ئورۇن بوشىتىپ ساق چىققانلار ئۆمرى قىسقىراپ تۈگەپ مېڭىۋاتىدۇ، پىلانىمىز جايىدا كېتىپ بارىدۇ» دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى خىتاينىڭ تېخىچە داۋاملىشىۋاتقان ياۋۇز سىياسەتلىرىدىن كۆرۈۋېلىشمۇ تەس ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، لاگېرلارنىڭ يەنىمۇ كۆپەيتىلىۋاتقانلىقى، ئۈچ يىل ئاۋۋالقى قىشلىق ئوزۇق - تۈلۈك قىسىش، ئىككى يىل ئاۋۋالقى يۇقۇم باھانىسى بىلەن ئەتەي ئاچارچىلىق ۋەزىيىتى يارىتىپ ئۆيگە بەند قىلىپ ئۆلتۈرۈش، جاندىن تويغۇزۇش، ھەقلىق رەۋىشتە ئىسيان قىلغانلارنى قارا قويۇق تۇتۇپ سولاپ يوق قىلىش ۋە ئۇندىن باشقا ھەر مەۋسۇم ۋە تازىلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقى بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتكەن جەريانلاردۇر. بۇلا ئەمەس، يۇقۇم مەزگىلى باھانىسىدە كەڭرى كەتكەن سايلىقلارغا يېڭىدىن قاتارىسىغا سېلىۋەتكەن يۈزلەپ، مىڭلاپ بوتكىسىمان سولاقخانىلارنىڭ، يەنە كېلىپ يۇقۇم مەزگىلىدىكى بارلىق چەكلىمىلەرنى ئېلىپ تاشلاشتىن بىر ئاي بۇرۇن قۇرۇپ بولغان ۋە دويىن – تىكتوكلاردا ۋىدىيولىرى تارقاپ بولغان ئاشۇ تۆمۈر قەپەسلىك ھۇجرىلارنىڭ يۇقۇمدىن كېيىن نېمىگە ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ، يۇقۇمنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئادەم سولىغان ۋە زور مەبلەغ چىقىرىپ سالدۇرغان ئاشۇ كاتەكسىمان تۆمۈر كامپىلارنىڭ يۇقۇمدىن كېيىن نېمىگە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھېلىھەم مەتبۇئات ۋە ئاخبارات يۈزىگە چىققىنى يوق. بارچە يىپ ئۇچىلار، بولغان ۋە بولۇۋاتقان ھادىسىلەر بېرىلگەن خەۋەرنىڭ ئەكسىچە شەكلى ئۆزگەرگەن جازا لاگېرلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئارتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. شۇنداقلا بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتنىڭ كەچمىش ۋە ھازىرىنى ھەمدە نۆۋەتتىكى تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى توغرا ئانالىز قىلىپ مېڭىۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئېنىق بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا ساغلام ئاخباراتچىلىقنىڭ قىلىدىغان ئىشى يەنىمۇ مەخپىي تۈس ئالغان ۋە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ھەمدە ھېلىھەم يۇرت - يۇرتلارغا يۈزلەپ كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىلىۋاتقان جازا لاگىرلىرىنىڭ پېيىدا بولۇش، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن تۇتۇپ سولىنىۋاتقانلارنىڭ ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش، رەقەم سانى بېرىلگەن ئاشۇ 40 - 50 لەپ ئېچىلغان لاگېرلارنىڭ نۆۋەتتە يەنە قانداق كېڭىيىپ ۋە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى پاش قىلىشنىڭ پېيىدا بولۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا، قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بۇ ئىكەن، نەم تارتقان كۆتەككە بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇش تەرىقىسىدە ئەتەي ئىچكى - تاشقى ماسلاشقان خەۋەر ياساپ زورۇقۇشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ زورىغا ئاتالمىش «بىر دانە تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ھېلىھەم بارلىقى» خەۋىرىنى ياساپ چىقىش كىمنىڭ مەنپەئەتىگە كېرەك بولدى؟ بۇ بىر ئاخباراتچىلىقمۇ، ياكى مۇئەييەن غەرەزگە ماسلىشىش، شۇنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىشمۇ؟
ئەمدى بىز يۇقىرىقى خەۋەرنى مۇنداقلا چىقارغۇسى كېلىپ قېلىپ، «لاگېر يوق، ئەمەس، مانا ھازىرمۇ بار» دېگۈسى كېلىپ قېلىپ، قانداقتۇر 2019 - يىلىدىكى قونچاق رەئىسنى يالغانغا چىقارغۇسى كېلىپ 2023–- يىلىغا كەلگەندە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن مۇشۇنداق خەۋەر ئىشلىگۈسى كېلىپ قېلىپ خەۋەر ئىشلىدى، دەپمۇ تۇرايلى. ئۇنداقتا، تېخى نەچچە كۈن ئاۋۋال مەزكۇر ئەركىن ئاسىيانىڭ ئۇيغۇرچە خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغان «كەنت سېكرېتارى: سۈيدۈڭدە 40-50 چە تەربىيەلەش مەكتىپى بار ئىدى، ھازىر ئاران ئىككىسى بار» ناملىق بىمەنە خەۋەرنى نېمە دېگۈلۈك؟ ئەجەبلىنەرلىك يېرى، ئالدىنقى ۋە كېيىنكى تېمىلاردا ئېلان قىلىنغان ھەر ئىككى خەۋەرنىڭ ئىشلىگۈچىسى، مۇخبىرى ئوخشاش. ھەمدە خەۋەرنىڭ ئىشلىنىش باسقۇچلىرى، مېتودلىرىمۇ ئوخشاش. يەنى ئوخشاش مۇخبىر، ئوخشاش تۈستىكى خەۋەر. ئۇنداقتا، كېيىنكى خەۋەر نېمە دەيدۇ؟ خەۋەر دەيدۇكى، تەربىيەلەش مەركىزى ئاتلىق جازا لاگېرلىرى ئىلگىرى كۆپ ئىدى، ھازىر ئاران ئىككىسى بار. خەۋەرچىلىكتە ئۆزىنى قاقباش ھېسابلايدىغان مەزكۇر مۇخبىرىمىزنىڭ ھەر ئىككى خەۋىرىدە بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرى ئوخشاش بولۇپ، ئاممىغا بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرى شۇ: جازا لاگېرلىرى ئاساسەن قالمايۋېتىپتۇ.
قارايدىغان بولساق، مۇخبىرىمىز ئۇچۇرنىڭ تەدرىجىي سىڭىشى ۋە ئۆزلىشىشى ئۈچۈن بۇ تۈردىكى خەۋەرلەر ئارىسىغا بەلگىلىك مۇساپە قويۇشقا دىققەت قىلىدۇ، ئالدىنقى خەۋىرىدە پەيزاۋاتنى، يەنى جەنۇبتىكى بىر يۇرتتىن خەۋەر بەرسە، بۇ نۆۋەتتە شىمالدىكى بىر يۇرتتىن خەۋەر بېرىدۇ. يەنى خىتاي تەقسىماتىدىكى جەنۇب ۋە شىمال تەقسىماتى بويىچە ھەر ئىككى ئىقلىمدا لاگېرلار يوق دېيەرلىك. جەنۇبتىكى يۇرتتا ھېلىھەم بىرسى قېلىپ قالغان. شىمالدىكى يۇرتتا بولسا، رەقەمدىكى 40 - 50 لاگېردىن ئاران ئىككىسى قېلىپ قالغان. ھەر ئىككىسىدە بەرمەكچى بولغان ئۇچۇر بولسا، لاگېرلار ئاساسەن قالمايۋېتىپتۇ. يەنى 2019 - يىلىدىكى قونچاق رەئىس دەۋا قىلغاندەك لاگېرلار ئۇ دەرىجىدە پاك - پاكىز تاقالغان ئىش يوق، يۇرت - يۇرتلاردا بىرەردىن، ئىككىدىن قالغانلىقى لاگېرنىڭ ھېلىھەم بارلىقىنىڭ دەلىلى. يىغىپ كەلسە مەزكۇر ئىككى خەۋەرنىڭ سېنارىيەسىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى دېگەن نەرسە قالمىغىلى خېلى بولدى، خەلقنىڭ كۆپ سانلىقىنى دېگۈدەك تەربىيەلەپ، دىپلوملىرىنى بېرىپ مەدەنىيەتلىك ئىنسانلاردىن قىلىپ چىقىشتا ئۇتۇق قازاندۇق» دېگەندىن ئىبارەت تېنىۋېلىش ۋە ساختىپەزلىكنى ھەر خىل يالغان ياۋىداقلار بىلەن بوياشتەك بىر ۋەزىيەتنى پاش قىلغان كۆرۈنۈش، بىر يالغاننى چۈرۈتكەن كۆرۈنۈپ ئورنىغا ئۇنىڭدىن ئۆتە يەنە بىر يالغاننى دەسسىتىش، لاگېر مەسىلىسىگە بولغان جىددىيەتنى سۇسلاشتۇرىدىغان، قەتلىئامغا بولغان نەپرەتنى كوللېكتىپ ئاڭدىن سۈپۈرۈش، سۈپۈرەلمىگەندىمۇ نەپرەتنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغان بىر تۈرلۈك پىسخىكىلىق ئويۇننى ئويناشتىن باشقا ئەمەسلىكى ئورتادا. ھەر ئىككى خەۋەرنىڭ بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرى ئوخشاش بولغاندەك، ئوينالغان مېتودىمۇ ئوخشاش. ئالايلۇق، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سېنارىيە بويىچە ئاۋۋال مۇخبىر تېلېفون قىلىپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن كادىرلارنىڭ تەلەپپۇزىدا ۋەتەن ئىچىدىكى قانداقتۇر بىر سېكرېتارغا ياكى مەلۇم ۋەزىپىلىك كادىرغا، ساقچى ياكى ئامانلىق خادىمى، ياكى پارتىيە ئەزاسى ۋەياكى ئۇدۇل كېلىپ قالغان بىر ئاۋامغا سوئال تاشلايدۇ. سوئالنىڭ ئۇسلۇبى كۆپرەك مەسىلىنى سوراقلاشتىن ئۆتە قارشى تەرەپنى سوراققا تارتىشقا ياتىدىغان ئۇسلۇبتا جەريان قىلىدۇ. ئاڭلارمەنلەرگە بۇ خىل ئۇسلۇب خېلى قاپ يۈرەك، سوئال سوراشقا ماھىر مۇخبىرنىڭ تۈسىنى بېرىش بىلەن بىرگە، تېلېفونغا جاۋاب بېرىۋاتقان قارشى تەرەپنى ھودۇقتۇرالايدىغان تالانت ئىگىسىدەك كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇخبىرنىڭ تېلېفونىغا ئېزىپ - تېزىپ چىقىپ قالغان مەزكۇر قارشى تەرەپتىكى كىشى چەت ئەلگە ھەرقانداق ئۇچۇر ياكى مەلۇماتنى بېرىپ سالسا نېمە كۈنلەرنى كۆرىدىغانلىقىنى كوممۇنا زامانىدىكى ئادەتتىكى ساۋاتسىز دېھقانغىچە بىلىدىغان بىر ئورتام بولۇشىغا قارىماي مەزكۇر مۇخبىرنىڭ «جەسۇر»لارچە سوراققا تارتىشلىرىدىن ھودۇققان سىياقتا ئېغىزىدىن بەزى ئۇچۇرلارنى قاچۇرۇپ سالغان بولىدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن مۇخبىرىمىز يېڭى بىر خەۋەر ماتېرىيالىغا ئېرىشكەن بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىل خەۋەر ئىشلەش شەكلى ئادەم ئىزدىرىكى قىلىش، ياكى مەلۇم بىر دېلونىڭ جەريانىنى مۇخبىرلىق سالاھىيەتتە سۈرۈشتۈرۈشلەردە بىر قەدەر تۇتارلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ جازا لاگېرى مەسىلىسىدەك زىل تېمىدا نورمال دېگىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئېزىپ - تېزىپمۇ خاتاغا يول قويمىغان ۋە قويماي كەلگەن ھاكىممۇتلەق بىر رىجىم ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان سىستېمدا يۈز بېرىشى ئەقىل قوبۇل قىلمايدۇ. لاگېردىن ئاران ئىككىسى قالدى، دېگەن خەۋەرنى بىر پارتىيە ئەزاسى سېكرېتاردىن ئالغىلى بولدى، دېگەن تەقدىردىمۇ، ئاشۇنداق چەك باسمىغان گەپنى خەۋەر قىلىپ ئىشلەشنىڭ ئۆزىلا بىزنى يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن مۇئەييەنلەشتۈرمىلەرگە ئېلىپ بارىدۇ.
3
تەبىئىيكى يىللاردىن يۇقىرىقىدەك ئىشلەنگەن خەۋەر ئىشلەش ۋە تارقىتىش ئۇسلۇبلىرىدا ئىشلەنگەن تۈرلۈك خەۋەرلەرگە شاھىتمىز، توغرىسى نورمال ھېسابلاشقا كۆنۈكمىز. ئەمما ھەر تىياتىرنىڭ چانىدىغان يېرى بولغىنىدەك، ئاخباراتقا سىزدۇرۇشنى خالىمىغان ھېچبىر ئۇچۇرنىڭ بۈگۈن ھەرقانداق بىر كادىر ياكى ئاۋامنىڭ ئېغىزىدا تەبىئىي ياكى ئېغىزدىن چىقىپ كېتىپ قالغان شەكىلدە، يەنە كېلىپ ۋەتەن ئىچىدىن چەتئەلدىكى بىر مۇخبىرغا تېلېفون ئالاقىسى ئارقىلىق سىزدۇرۇلغانلىقى يۈز بەرمىگەن، شۇنداقلا يۈز بېرىشىمۇ ئەقىلگە ياتمايدىغان بىر ھادىسە. خوش، بۇ قەدەر بۇلغانغان خەۋەرچىلىقنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھەمدە دەۋا يولىغا زىيانلىق خەۋەرلەرنىڭ چەت ئەلدىكىلەرنىڭ تەدرىجىي شەكىلدە ھەزىم قىلىنىشقا ئارىدا بىر سۇنۇلۇپ تۇرۇشىنىڭ، يەنى ئاخبارات يولى ئارقىلىق چەت ئەلدىكىلەرنىڭ كاللىسىدا ۋەتەن ئىچىگە قارىتا ئورناپ بولغان «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە ئىچىدىكى ئۆلۈم فابرىكىسى بولمىش لاگېرلار» ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشى نېمە ۋەجىدىن، بۇ تەرزدە خەۋەر چىقىرىشنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىكى ئەھمىيىتى نېمە؟
شۈبھىسىزكى، بۇ پۈتۈنلەي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان نەپرەت ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى ۋەھشىيلىكلەرگە بولغان تونۇشىنى قەدەممۇقەدەم فورماتلاش، مىليونلاپ خەلق سولاندى، دېيىلىۋاتقان لاگېرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىنى قايتىدىن ياساپ چىقىش ئۇرۇنۇشىدىكى ئىستىخبارات ئوپېراتسىيەلىرىگە، ھەمدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر توپلۇملىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان پىسخىكا ئۇرۇشلىرىغا پاس چىقىرىشىپ بېرىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. چۈنكى، 2022 - يىلىدىكى ئاچ قويۇپ ئۆلۈمگە قىستاش قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئەمەلدىن قالغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ، 2023 - يىلى كىرىشى بىلەن تەڭ چەت ئەلدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، توغرىسى جەلپ قىلىدىغان، خىتايغا قارشى قەتئىيلىشىۋاتقان ئىرادىسىگە دەز كەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى. دەسلەپتە «پاسپورت بېجىرىشنى باشلايمىش» خەۋىرى بىلەن ھەممىدە قىزىقىش ئويغىتىلدى. ئارقىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يول ئېچىلىشقا باشلاپتۇ خەۋىرى تارقالدى. ئارقىدىن بۇ مىش - مىشلەر ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ، ۋەتەندىن چەت ئەلگە چىقىۋاتقانلىق ۋىدىيولىرى تارقىلىشقا، سەيلى - ساياھەتچىلىكلەر ئاۋۇشقا چۈشتى. ئارقىدىن ۋەتەندىن چەت ئەلگە تۇغقان يوقلاپ چىقىشلارنىڭ نورماللىشىدىغانلىق خەۋىرى بازارغا سېلىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خىل ئىشمۇ ۋىديولار بىلەن كەڭ تارالدى. ئاۋۋال خەۋەر تۈستە ئېلان قىلىنىپ، ئارقىدىن بىر - بىرلەپ ئىجرا بولۇۋاتقان بۇ سېنارىيەلەرنىڭ ئەسلىي مەقسىتى مۇلاھىزە تېمىسى بولۇشقا ئۈلگۈرە - ئۈلگۈرمەي چەت ئەلدىن ۋەتەنگە قايتىۋاتقانلىق خەۋەرلىرىمۇ ئورتالىقنى بىر ئالدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا راستتىنلا قايتىۋاتقانلىق ۋىدىيولىرىمۇ ئەنگە ئېلىنىپ كەڭ تارقالدى.
چۈشۈپ چىقىشنى نورماللاشتۇرغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئومۇملىشىشىنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرق ۋە غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىدىن خىتاي ۋىزىسى بىلەن ئۆتۈپ، كىرىپ چىقىۋاتقانلىقتەك بۇ ھادىسىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى زۇلۇم ۋە لاگېر قەتلىئاملىرىنى ۋە بۇ ھەقتە چەتئەلدە قىلىنىۋاتقان نەچچە يىلدىن بۇيانقى داد – پەريادلارنى يالغانغا چىقىرىشقا خىزمەت قىلىدىغانلىقى، ھەرقايسى دۆلەت چېگرالىرىدىكى بۇنچە كۆپلەپ كىرىپ - چىقىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان تونۇشىنى ئىجابىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە، ئۇ يەردىكى قەتلىئام ۋە قىرغىنچىلىقلارغا بولغان تونۇشىنى سەلبىيلەشتۈرۈشكە ماسلىشىش بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. تاپ پۇرىقى قەيەردە بولسا، شۇنىڭ ھىدىنى بويلاپ ئۇچۇشقا جان ئاتىدىغان قاغا - قۇزغۇن مىسالى بۇ قەدەر گالۋاڭلىقلارنىڭ، تەسلىمچىلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قانچىلىك زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تۈزۈكرەك تارتىشىشقا ئۈلگۈرمەستە، مانا ئەمدى لاگېرلارنىڭ ئاز قالغانلىق ئۇچۇرلىرىمۇ تەقلىنىپ سۇنۇلۇپ تۇرۇپتۇ. ئەجەبا بۇ قەدەر بىر - بىرىگە پاي كېلىدىغان ماسلىشىشلارنىڭ، تەدرىجىيلىكلەرنىڭ ھەممىسى تاسادىپىيلىقلارنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ ئەسلا!
مەسىلىگە ئىستىخبارات ۋە ئاخبارات مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن قارىغان ۋاقىتتىمۇ، بۇلاردىن ھېچبىرىنى تاسادىپىيلىقتىن ياكى بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتسىز دېگىلى بولمايدۇ. قەۋم - قېرىنداشلىرىنىڭ زۇلمىنى، قىرغىنچىلىقلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەربىر ئۇيغۇر ئۈچۈن بۇرچ، مۇسۇلمانلىق نۇقتىسىدىن پەرز ئەين ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ يېتىش ئورنىغا، دۇنيالىق ۋاقىتلىق ھەسرەتنى دەپ ئاخىرىتىنى سېتىپ يېيىشتەك خۇمسىلىقنى ھايات يولى قىلىپ تاللاش قانچە مەسئۇلىيەتسىزلىك بولسا، ۋەتەن سىرتىدىكى مۇستەقىللىق دەۋاسىغا پالتا ئۇرۇش، قەتلىئامنى كىچىكلىتىش، لاگېرلارنى ئاز كۆرسىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنىڭ قارشىلىق روھىنى سۇندۇرۇش، ھەقىقىي دەۋا ئەھلىنى كۈچ ۋە قوللاش جەھەتتىن ئاز كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا ماسلىشىپ بېرىشلەرمۇ شۇ قەدەر نومۇسسىزلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس. شۇنىڭدەك بۇنىڭغا ئەمەلىي قەدىمى بىلەن پاس چىقىرىشىپ بېرىۋاتقان مەجرۇھ روھلۇق ماڭقۇرت تائىپىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، گويا خوجىسىنىڭ زەھەر ئورنىغا سۆڭەك تاشلاپ بېرىۋاتقانلىقىدىن خاتىرجەم بولغان ھامان ئۇنىڭغا يامىشىپ نايناقشىشنىڭ كويىغا چۈشكەن ئاچكۆز ئىت مىسالى خىتاينىڭ قۇچىقىغا سەكرەپ تۇرۇپ ۋەتەنگە چۈشۈشنى ئۆزىگە راۋا كۆرۈۋاتقان ۋە نورمال ئىشتەك بىلىنىدىغان ۋاقىت كېلىشىنى ساقلاۋاتقان ۋە شۇنداقلارنىڭ سېپىگە قېتىلىش تەمەسىدە بولۇۋاتقانلار بولسا، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ۋەتەن ئىچىدە يىلدىن يىلغا ئېغىرلىتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى ئۆتكەن - كەچكەن ئانچىكى بىر ۋەقەگە ئايلاندۇرۇپ تۈگىتىش قەستىدىكى پىلانلىرىدا رول ئېلىۋاتقانلار بىلەن بىر سەپتە ھېسابلىنىدىغانلىقى، ھەمدە بۇنىڭ قاراڭغۇ زىندانلاردا مەھكۇملۇق زەنجىرىگە باغلىنىپ جان تالىشىۋاتقان، شۇنىڭغا قارىماي ئۆزلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان بىرىلىرىنىڭ ۋەتەن سىرتىدا چوقۇم بارلىقىدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان مەزلۇملارنىڭ ئاھۇ - زارىنى، شەھىدلەرنىڭ قان - قىساسىنى، بىگۇناھ زىندانلارغا مەھكۇم قىلىنىپ ئۆلگەن مەسۇم جانلارنىڭ ئىنتىقامىنى ھېساب - كىتابسىز قالدۇرۇش ۋە دەپتەر يۈزىدىن قاتلىۋېتىش قەستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ئويۇنلىرىغا پاس چىقىرىپ بېرىۋاتقانلار جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدىغانلىقى بىلىنمىكى زۆرۈر.
ئەلۋەتتە ئاخبارات خىيانەتچىلىكى مەسىلىسى نوقۇل يۇقىرىقى بىر مىسال بىلەن چەكلىنىپ قالغان ھادىسە ئەمەس. بۇندىن ئون نەچچە يىل مۇقەددەم خەۋەر قىلىپ ئىشلەنگەن «ئىندىجىنىس پىپول» مەسىلىسىنى ئاتالمىش ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىشلارنى، ئون يىللاپ خەلقنىڭ غەپلەت چۈشىدە ئۇخلىتىشقا ئەسقاتىدىغان شەكىلدە يۇمرانلاشتۇرۇپ تەشۋىق قىلىپ ئىشلەنگەن خەۋەرلەرنى، ئىدىجىنىس خەلق ئاتالغۇسىنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشىنى بەرمەستىن ئۇدۇل تەرجىمىسى بويىچە خەۋەر ئىشلەپ گويا مىللەتنىڭ ئىندىجىنىس بولۇپ ئەنگە ئېلىنىشىنى مىللەتنىڭ تەلىيىدەك سۇنۇشقا تىرىشىشلارنى، شۇنداقلا بۈگۈنكىدەك مۇستەقىللىق روھ ۋە ساغلام مەۋقە تۇتۇشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتلەردە، تېخىچە دۈدۈكچىسىنىڭ ئىستىكىگە بويسۇنماي ئامالى يوقلىقىنى باھانە قىلىپ «شەرقىي تۈركىستان» ۋە «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» قاتارلىق سىياسىي ئاتالغۇلارنى نە تارىخىيلىقى، نە سىياسىيلىقى يوق بولغان «ئۇيغۇر رايونى»، «ئۇيغۇر ئىلى»، «ئۇيغۇر دەۋاسى» قاتارلىق مەھەللىۋىلىككە جوراشقا ئوچۇق بولغان ئۇقۇملارنى ئىزچىل قوللىنىشلارنى، چوڭ سىياسىي قۇرۇلمىنىڭ ئىچىدە ھەق –- ھوقۇق چەمبىرىكىدەك يېرىنى تاپالماي قالغان بىر رايون ياكى بىر ئىقلىمدىكى مەلۇم مىللەت توپىنىڭ خەۋىرىنى بېرىۋاتقان سىياقنى ئېلىشلارنى، خەۋەرچىلىك ئارقىلىق كوللېكتىپ ئاڭغا قارىتا ئوپېراتسىيە ئېلىپ بارغاننى ئاز دەپ، ئىشلەنگەن خەۋەر ۋە تەشۋىقاتلارنىڭ روھىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئوبزور يېزىپ ھارمايدىغان بىر تۈركۈم ئىدىيە پاھىشەلىرىنى، شالغۇت زېھنىيەتلىك تەڭكەشچى تىپلارنى يانداش قىلىۋېلىشلىرىنى، ئېچىنارلىقى بۇ قەدەر غەلدىغەشلىكلەرنىڭ تا ھازىرغا قەدەر كۆپچىلىكتە نورمال بىلىنىدىغان دەرىجىگە ئېلىپ كېلىشتەك «مۇۋەپپەقىيەتلىرى» قاتارلىقلارنى ئاخباراتچىلىقتىكى نەيرەڭ ۋە تاكتىكلار نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىشقا باشلىساق، بۇ كەبى خەۋەر مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان يېزىق ۋە تىلىنىڭ ئىگىسى بولغان مىللەتنىڭ ھەققانىي ئاۋازىنى ئاڭلاتقۇچى ئورۇنلار بولماستىن، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى تۇيۇق يولغا قاپساش پىروجىلىرى بىلەن ئۆتۈۋاتقان سىياسىي ئانسامبىل تائىپىلىرىنىڭ زۇۋان - كانايلىرى، يەنى، شۇ خىل زېھنىيەتنىڭ دۈدۈكچىلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇپ بېرىۋاتقانلىقىدەك بىر ۋەزىيەتنىڭ قارشىمىزغا چىقىدىغانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت. ئەمما بىز مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپىگە كىرمەستىن، نوقۇل بىزگە نورمال خەۋەر سىياقىدا سۇنۇلۇۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ جەريان ۋە ئاڭلىتىش پىچىمىغا قارىساقلا، تولىمۇ جەسۇر ۋە ئۇستىلىق بىلەن ۋەتەن ئىچىدىن ھېچ كۈچىمەيلا تېلېفون دىيالوگلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر ئالالىغان كۆرۈنۈشلەر ئاستىدا ئاڭ ئىدراكىمىزنى قانداق ئۇچۇر ۋە خەۋەر تىلى ئارقىلىق مونوپول قىلىشقا، ئىستىگەن تەرەپكە ئاڭ - تەسەۋۋۇرىمىزنى، ھەتتا ھېس - تۇيغۇلىرىمىزنى يېتەكلەشكە قايسى دەرىجىدە ئۇستاتلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتمەك تەس ئەمەس. خۇسۇسەن لاگېر مەسىلىسى ھەققىدىكى يۇقىرىقى ئىككى خەۋەر بۇنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرىدىندۇر.
خاتىمە
قەتئىيلىك بىلەن شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، جازا لاگېرى مەسىلىسى قانداقتۇر «مانا تاقاۋېتىپتۇ»، «ئاز قاپتۇ»، «ئاران ئىككىسى باركەن»، «ھېلىھەم بىرسى باركەن»، «مانا تاقاپتۇ»، «ئەنە تېپىلمىدى»، «لاگېرلار قالمىغىلى تۇرۇپتۇ»، «ۋاي ئەمدى يول ئېچىلىپ كېتىپتۇ»، «چەت ئەلدىكىلەرنىڭ نوپۇسنى سىرتتا تۇرۇپ ئۆچۈرگۈزگىلى بولارمىش، بېرىپ كەلسەك ھېچقىسى يوقكەن»، «سىياسەت بارغانچە ياخشى بوپ كېتىپتۇ» قاتارلىق پىروپاگاندالارنىڭ تەشۋىقى سايىسىدە قەدەممۇقەدەم يۇمشىتىلسا، توپلۇم ئېڭىنى ئوۋلاش ئارقىلىق ۋەزنى كىچىكلىتىلسە، خاتىرىلەردىن سۇسلاشتۇرۇۋېتىلسە، دەھشىتى خىرەلەشتۈرۈلسە، ئادەتتىكى ئادەم توپلاپ قويۇۋېتىش ھادىسىسى دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلۈش قەستىدە بولۇنسا بولىۋېرىدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە، چوڭ ئىشنى كىچىكلىتىپ، كىچىك ئىشنى يوق قىلىپ تۇرۇپ ھەل قىلىۋەتسە بولىدىغان ئۇنداق ئاددىي مەسىلە ئەمەس. بەلكى بۇ دەھشىتى ۋە بالايى - ئاپىتى ئېتىبارى بىلەن بىر مىللەتنىلا ئەمەس، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىگە چېتىشلىق بولغان، دۇنيا دۇنيا بولغان تارىخ مابەينىدە ھولوكۇستتىن كېيىنكى ئىككىنچى بىر ئىنسانلىق تىراگېدىيەسىنى، قانخورلۇق ۋە ياۋۇزلۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان دەھشەت چاچقۇچ ھادىسە. بۈگۈنكى كەلگەن نۇقتىدا قىلىدىغان ئىش لاگېرنى ئازلىتىش، ئادەتتىكى ياتاقلىق مەكتەپ سىياقىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىقىش بىلەن مەسىلىسى تۈگەيدىغان ئۆتكۈنچى سىياسىي شامالدەك تۈس ئالدۇرۇشقا ئەسلا يول قويماسلىق كېرەك بولغان جىددىي مەسىلە. بۇ جەھەتتىن قىلىنىدىغان ئىش 2023 - يىلغا قەدەر ئېچىلغان لاگېرلارنىڭ سانىنىڭ 2024 - يىلغىچە يەنە قانچىلىك كۆپەيگەنلىكىنى دەلىللەش ۋە بۇنى پاش قىلىپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى كۆرۈنمەس بومباردىمانلار بىلەن يىلدىن - يىلغا نوپۇسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەۋاتقان، نەچچە يىلدىن بېرى ئۆلتۈرۈلۈپ ياكى ئۆلۈمگە قىستىلىپ جان تەسلىم قىلغان ۋە قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدىكى زۇلمەتلىك دۇنياغا قارىتىش بولمىقى لازىم. شۇنداقلا بۇ نۆۋەتتىكى ئاخباراتچىلىق خىزمىتىدە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەردىن بولۇپ تۇرۇپتۇ.
مانا بۇلار نە تەرەپبازلىقتىن قۇتۇلالمىغان، نە كۆزىتىش، نە تەنقىد، نە رىقابەتتىن نېسىۋە ئالمىغان، تۈرلۈك - تۈمەن غەلدىغەشلىكلەرگە ئورالغان ناتىۋان ئاخباراتچىلىقىمىزنىڭ ھال ۋەزىيىتى. شۇنداقلا يىلدىن يىلغا چىرىكلىشىشنى كەسپىي خاسلىقى قىلىۋالغان، ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش، رەزىللىكنى پاش قىلىشتەك ئەقەللىي مەسئۇلىيەتتىن يوقسۇز ۋە تۈگەل دۈدۈكچىنىڭ ئاغزىغا قاراپ شەكىللىنىش قىسمىتىدىن قۇتۇلالمىغان تەشۋىقات مۇئەسسەسەلىرىمىزنىڭ ھالى. ئەگەر ئۇيغۇرنىڭ تىلىدا، ئۇيغۇرنىڭ يېزىقىدا، ئۇيغۇرنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلىتىۋاتقان كۆرۈنگەن ۋە ئۇزۇن يىللىق خەۋەرچىلىك تارىخىغا ئىگە بىر ئورگان تەپتارتماستىن بۇ قەدەر تاپتىن چىقالىغان بولسا، ۋەتەن - مىللەتنىڭ ھالاكەتلىك خەتەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ يىللىرىدا جازا لاگېرلىرىدىن ئىبارەت ئەسلا ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا، ئاڭ تەسەۋۋۇرلاردىن سۇسلىتىشقا بولمايدىغان مىللەتنىڭ ئەبەدىي يارىسى بىلەن ئوينىشىشقا جۈرئەت قىلالىغان بولسا، ياسالما خەۋەرلەر ئارقىلىق دۈشمەننىڭ زەنجىرسىمان پىسخىكىلىق ئۇرۇش ئويۇنلىرىغا تەڭكەش قىلىدىغان ھالغا يەتكەن بولسا، ئېنىقكى، بۇ ھالغا كېلىشكە يول قويغان، شۇنداقلا ھەممە ئۆزىنىڭ مەھەللىسى بىلەنلا قالغان، ئۆز نەغمىسى ئۈچۈن خېرىدار توپلاشتىن، ئۆزى تەۋە گۇرۇپپنىڭلا ئىستەكلىرىنىڭ چاڭگىلىدا ھەرىكەت قىلىشتىن باشقىغا يارىماس ھالغا كېلىپ قالغان، كەسپىي ئاخباراتچىلىق ئېڭى يېتىلدۈرۈشتە تەلەپكە لايىقلىشىپ بولالماي ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى خەۋەر ۋە ئاخباراتچىلىق قۇرۇلمىلىرىمىزنىڭ زور دەرىجىدە مەسئۇلىيىتى بار.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، تەشۋىقات ۋە ئاخبارات كۈچىنى ئۆزىمىز ھەقىقىي تونۇپ يەتمىگەن، رولىنى ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشۇشقا ئىشلىتىشنى بىلمىگەن ئەھۋالدا، قوينىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، زەھىرىنى پۈركەپ قويۇپ، يەنە ھەسەلدىن قىل سۇغارغاندەك، سۇغۇرلۇپ چىقىپ كېتىۋاتقىنىنىمۇ تۇيمايدىغان دەرىجىدە غاپىل قىلىشىمىز ھېچ گەپ ئەمەس. سۇ ئۇخلىسا ئۇخلايدۇكى، دۈشمەن ئۇخلىمايدۇ. ئەگەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتكە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دىياگنوزى قويۇلغان ۋە خەلقئارادا ئېتىراپقا ئېرىشىشكە باشلىغاندىن بۇيانقى كېلىپ توختىغان نۇقتىمىز «ھېلىھەم بىر تەربىيەلەش مەركىزى ئوچۇقكەن»، «40 - 50 لاگېردىن ئاران ئىككىسى قاپتۇ» خەۋىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئاخباراتچىلىقى بىلەن ئېلان قىلالايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان بولسا، ۋاي ھالىمىزغا. ئائىلەم، ئانام - دادام دەپ تۇرۇپ كۈنلەپ نۆۋەت تۇتۇشلاردىكى «جاسارەت»نى ۋەتەن ئىچىدىن كەلگەن قانداقتۇر غەيرى رەسمىي توختام ياكى ئالاقەنى راۋان قىلىپ بېرىلىشى بەدىلىگە ساتالايدىغان، ئاللا - كاللا قىلىپ كۆتۈرگەن پەريادلاردا كۆرسەتكەن «غەيرەت»نى قانداقتۇر مەزگىللىك كۆرۈشۈش ئىمكانىيەتلىرى، ياكى ئاللىقانداق ئىچكى كېلىشىشلەر بەدىلىگە دوغا تىكەلەيدىغان، زۇلۇمغا قارشى چىقىرىۋاتقانلىق ئىددىئاسىدا ئاچقان زۇۋاننى قانداقتۇر ئەقەللىي بولۇشقا تېگىشلىك ھەقنىڭ گىرام قىممىتىگە توشمايدىغان ئانچىكى يېشىل چىراغلار بەدىلىگە يەنە تۇۋاقلاپ بېرەلەيدىغان، ھەممە تەڭ كېلىشىۋالغاندەك زۇۋانسىزلىشىپ يېڭى - يېڭى سېنارىيەلەردە رول ئېلىپ كېتىۋېرەلەيدىغان ھالغا كەلگەن بولساق، كەلگۈسى مۇنقەرزلىك تەھدىتلىرى شۇنچە ئوچۇق تۇرسىمۇ يەنە قانداقتۇر «ئۇزۇنغا قالماي بىزگىمۇ يول ئېچىلىپ قالسا»نىڭ تەمەسىنى چۈشەپ قەدەم ئېلىپ بولغان سىياسىي دەۋا يولىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىۋالىدىغان ھالغا چۈشكەن، شۇنچە زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلارنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە ھارامتاماقلارچە دۈشمەندىن كېلىدىغان بىر ئىللىقلىقنىڭ، بىر مەرھەمەتنىڭ، بىر شەپقەتنىڭ تەمەسىدە بولۇشنى نورمال ساناشقا قاراپ يېتەكلىنىۋاتقان بولساق، زىممىسىدە كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئاز كەم 75 يىللىق ئاسارەتكە قارشى قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچلارنىڭ بىرىنىمۇ ھېس قىلماس، ھەتتا دۈشمەننىڭ قىزىل چېكىتىگە چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپ ۋەتەن - مىللەت ئالدىدىكى ئىنسانلىق بۇرچىنى، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئالدىدىكى بەندىلىك ۋە ئۈممەتلىك مەجبۇرىيىتىنى يەلكىسىدىن چۆرۈۋېتەلەيدىغان، يەنى تەڭرىنىڭ چېكىتىگە چۈشۈپ قېلىشنى پىسەنتكە ئالماستىن، ئىبلىسلاشقان ياۋۇز مۇستەملىكىچىنىڭ چېكىتىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ھەر تۈرلۈك رەڭ ۋە قىياپەتكە كىرىپ بېرەلەيدىغان نۇمۇسسىزلىقنى ئۆز ئۆزىمىزگە ھار ئالماس، ئار بىلمەس ھالغا كېلىپ قالغان بولساق، بۇ ئوچۇقتىن ئوچۇق زالىمنىڭ بۇ دۇنيادىكى قامچىسى ھەق بولغانلىقنىڭ، ئاخىرەتتە جەھەننەمدىن ئورۇن ئېلىشقا تولۇق لايىقلىشىپ بولۇپ ئاندىن بۇ دۇنيادىن كېتىشكە بەل باغلىغانلىقنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. ئۆز نۆۋىتىدە يۇقىرىقىدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشلارنىڭ ئۆزىلا ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ تىلى ۋە يېزىقى ئارقىلىق بىزنى تۇيدۇرماي دېگەن يېرىگە كەلگۈزۈۋاتقان بىر قارا سايەنىڭ بارلىقىنى، خىيانەتنى ھىدايەت تونىغا بوياپ بىزنى ئىچ - ئىچىمىزدىن ئاجىزلىشىشقا يۈزلەندۈرۈۋاتقان، روھىي چۈشكۈنلۈككە قاراپ سۆرەۋاتقان، ھەمدە ئايلىنىپ بېرىپ يەنە شۇ مۇستەملىكىچىسىنىڭ كەڭچىللىكىنى پاناھ تاتىدىغان دوزىخىي تىپلارغا ئايلىنىشقا قاراپ يېتەكلەۋاتقان سېھرىي كۈچكە ئىگە تەشۋىقات كۈچىنىڭ بارلىقىنى، تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان، قەدەممۇ قەدەم ئاڭ - ئىدراكىمىزنى ئۆزىنىڭ سەپسەتەلىرىگە رام قىلىش كويىدا مەخپىي خىزمەت قىلىۋاتقان ئىستىخبارات ۋە ئاخبارات ئويۇنلىرىنىڭ غەلىبىلىك داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ. مانا بۇلار يىلدىن يىلغا بىزنى بۇرنىمىزدىن يېتىلەش قەستىدە كېتىۋاتقان خىيانەتلىك ئاخباراتچىلىقنىڭ، تەشۋىقات ۋە خەۋەر كۈچى ئارقىلىق سەزدۈرمەستىن قولغا كەلتۈرۈپ مېڭىۋاتقان ئۇتۇقلىرى، مول ھوسۇللىرى. شۇنداقلا خەۋەر ۋە تەشۋىقاتچىلىق ساھەلىرىدە ھېلىھەم ساغلام ئاتموسفېرا يارىتىپ بولالمىغانلىقىمىزنىڭ ئاقىۋەتلىرى.
سۆزىمىزنى تۈگىتىشتىن ئاۋۋال يۇقىرىدا زىكرى كەچكەن دۈشمەنگە بولغان نەپرەت ۋە تۇتۇملىرىمىزدا كۆرۈلۈۋاتقان ئېچىنىشلىق بۇرۇلۇشلىرىمىزغا، يىلدىن يىلغا ئايلىنىپ - ئايلىنىپ كېلىپ قالغان بۇ ھالىتىمىزگە قاراپ شۇنداق دېگۈمىز كېلىدۇ: ئەجەبا تەڭرىدىن ئۆزگىگە تېز پۈكۈشنى كەسكىن رەت قىلىدىغان پەۋقۇلئاددە ئىلغار بىر ئەقىدە سىستېمىسىغا مەنسۇپ مىللەتنىڭ مەنسۇپلىرىنىڭ 70 نەچچە يىللىق ئاسارەت تارىخىدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈنىدە ئۇرسا قاچىدىغان، چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسىتىپ بولغۇچە قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ ئۈلگۈرىدىغان ئەرمەك ئىتنىڭ تەبىئىتىگە چۈشۈپ قېلىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈشتىن ئارتۇق يەنە قانداق پاجىئە بار؟ ئەجەبا، تەڭرىدىنلا كۈتىلىدىغان قانداقلىكى ئىمكانىيەت، رەھمەت، شەپقەت ۋە تېۋىنىشلەر بولسا، ئۈمىد ۋە چىقىش يولى بولسا، ئۈستۈنلۈك ۋە تارتۇق، ئىززەت، ھۆرمەت، كەچۈرۈم ۋە بېغىشلاش بولسا، ھەممىگە كۆز يۇمۇپ تۇرۇپ پەقەتلا مۇستەملىكىچىسىدىن كۈتەلەيدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشىغا شاھىت بولۇشتىن ئارتۇق يەنە نېمە تىراگېدىيە بولسۇن؟! ئەجەبا، پەيغەمبەرچە يۈكسەك ساماۋى غايىلەرنى يەر يۈزىدە روياپقا چىقىرىش يولىدا پاسىبانلىق شەرىپىنى قازانغان بىر مىللەتنىڭ مەنسۇپلىرىنىڭ كۈنى كېلىپ ئۆز مۇستەملىكىچىسىنىڭ «جۇڭخۇاچە» غايىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان،كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ بېرىدىغان پەسەندىلەر توپىغا قېتىلىشقا جان ئاتىدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشىدىنمۇ ئارتۇق بەتبەختلىك بولسۇنمۇ؟!
-بۇرھان مۇھەممەد
2024-01-15
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى