سۇ ئاستى پاراخوتى

ئورنى Wikipedia

كۆپ قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرى سۇئاستى پاراخوتىغا ئىگە بولۇشقا شۇنداق تەشنا بولماقتا.ئۆتكەن15يىل ماباينىدە،جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى روسىيەدىن12"Kilo"تىپلىق سۇئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى ،ئۆزى ياسىغان"宋"تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتىمۇ13كە يەتتى.بۇنىڭدىن سىرت يەنە12"明"تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتى بار،بۇلار ئازادلىق ئارمىيە دېڭىز قىسىمىنىڭ دېزىل يېقۇلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈردى.يەنە،جۇڭگو يېقىندا بىرىنچى"元"تىپلىق دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئورۇنلاشتۇردى،بۇ تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتى ھاۋانىڭ ھاۋانىڭ ئىلگىرلىتىشى كېرەك قىلمايدىغان(AIP)سېستىمىسى ئورنىتىلغان دەپ قارىلىدۇ.بۇ سېستىما دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتى سۇ ئاستىدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى نەچچە كۈندىن ھەتتا نەچچە ھەپتىگىچە ئۇزارتالايدۇ.تېخىمۇ تەھدىد كۈچىگە ئىگە بولغىنى جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى"商"يادرو يېقىلغۇلۇق ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتى.بۇ تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتى ئېھتىمال ئازادلىق ئارمىيە دېڭىز قىسىمىنىڭ ھازىر بار بولغان"汉"تىپلىق يادرو يېقىلغۇلۇق ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن.ھازىر خەينەندە قۇرىلىۋاتقان يېڭى دېڭىز ئارمىيە بازىسى بۇ يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يېڭى تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتلىرى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇرۇش قىلىش ئەۋزەللىكى بېغىشلىدى.

مالاككا بوغۇزىنىڭ قارشىسىدىكى،ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىمۇ قورال-ياراغ سېستىمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نۆۋەتتە كۆپلىگەن مۆلچەر قىلىنىۋاتقان ئاۋىياماتكىسى،قوغلىغۇچى پاراخوتى،مۇھاپىزەت پاراخوتى،يېنىك تىپتىكى مۇھاپىزەت پاراخوتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى بار.بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدە فىرانسىيە لاھىيلىگەن6"سىياھ بېلىق"ناملىق دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتىمۇ بار،بۇ سۇ ئاستى پاراخوتىغاAIPسېستىمىسى ئورنىتىلغان.ئەمما،بۇ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى پۈتمەي تۇرۇپلا،ھىندىستان تەرەپ يەنە 6دانەيېڭى تىپتىكى"سىياھ بېلىق"ناملىق سۇئاستى پاراخوتىنى زاكاس قىلىش تەكلىپىنى سۇندى.نۆۋەتتە،ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سۇ ئاستى پاراخوتلىرى10دانە"Kilo"ناملىق دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇئاستى پاراخوتى ۋە 4دانە 209تىپلىق دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ھىندىستان تەرەپ يەنە روسىيەدىن بىر دانە"شۇكا"(Щука-Б)ناملىق يادرو يېقىلغۇلۇق ھۇجۇمچى سۇئاستى پاراخوتىنى ئىجارىگە ئالدى ھەمدە يەنە بىرنى ئىجارىگە ئېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ھىندىستان داۋاملىق دۆلتىدە ئىشلەنگەن يادرو يېقىلغۇلۇق ھۇجۇمچى سۇئاستى پاراخوتى تۈرلىرىنى تەرقىي قىلدۇرىۋاتىدۇ.دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەرەقىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن،ھنىدىستان يەنە كارۋاردا چوڭ تىپتىكى بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇردى،بۇ بازا2005-يىلى ئىشىلتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى.Vishakhapatnamشەھىرىنىڭ جەنۇبىدا،ھىندىستان يەنە بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى قۇرماقتا. بۇ مەزگىلدە،باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ دىققىتىنى دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇئاستى پاراخوتىنىڭAIPتېخنىكىسىنى تەرەقىي قىلدۇرۇشقا قاراتتى.كورىيە بىرىنچى بولۇپAIPدائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇئاستى پاراخوتىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئاسىيا دۆلەتى،بۇ سۇئاستى پاراخوتKSS-2دەرىجىسىدە بولۇپ،گېرمانىيە ئىشلەپچىقارغان214تىپلىق سۇ ئاستى پارخوتىنىڭ لاھىيىسىنى ئاساس قىلغان.تېخىمۇ ئىلغار بولغان ئۆزى لاھىيلىگەنKSS-3تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرى،كورىيە KSS-2تىپلىق سۇئاستى پاراخوتىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە3نى ياساشنى پىلانلىغان.كورىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھازىر بار بولغان سۇئاستى پاراخوتى9دانە"장보고"(زاڭبوگوۋ)تىپلىق دائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇئاستى پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.كورىيەگە ئوخشىمايدىغان يېرى،ياپونيە بىلەن سىنگاپور شېۋىتسارىيەنىڭ AIPسېستىمىسىنى تاللىدى.ياپونىيە دېڭىز ئارمىيسى2001-يىلىلا"ئاساشىئو"دەرىجىلىك سۇ ئاستى پاراخوتىغا شېۋىتسارىيەنىڭ"سىتېرلىڭ"(Stirling)ناملىقAIPسېستىمىسىنى ئورنىتىپ تۇنجى قېتىم سىناق قىلغان ئىدى.ھازىر ياپونىيە AIPسېستىمىسى لاھىيىسى ئاساسىدايېڭى"ياۋۇز"ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى.تۇنجى "ياۋۇز"ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى 2009-يىلى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىگە سەپلەندى،ھازىر ياپونيە دېڭىز قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ سۇئاستى پاراخوتى كۈچى 16دانەجەڭ قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك دائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن تەركىب تاپقان.سىنگاپور تېخىمۇ بىۋاستەيول تاللىدى.ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90-يىللىرى،سىنگاپور شېۋىتسارىيەدىن 4دانە"خىرىس قىلغۇچى"ناملىق سۇئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى،2005-يىلى يەنە 2دائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى،ئەمما بۇ ئىككى سۇئاستى پاراخوتى"Stirling"ناملىق AIPسېستىمىسىغا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرىلىدۇ.

گەرچە سېلىنما ئامىلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ،مالايسىيا ۋە ھىندونىزىيە سۇئاستى پاراخوتىغا ئۆزىگە تۇشلۇق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.مالايسىيا 2"سىياھ بېلىق"ناملىق سۇئاستى پاراخوتى زاكاس قىلدى ھەمدە بۇ ئىككى سۇئاستى پاراخوتىغا AIPسېستىمىسىنى ئورناتتى.بىراق،ھىندونىزىيە نىسبەتەن كونا بولغان206تىپلىق سۇئاستى پاراخوتىنى ئورۇنلاشتۇردى،گەرچە كۆپ قېتىم يېڭى تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتىنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ،مەبلەغنىڭ كەمچىللىكىدىن مۇرادىغا يېتەلمىدى.تەيۋەن ئارمىيىسى ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ"قېرىپ قالغان"سۇئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئورنىغا زامانىۋىلاشقان دائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇئاستى پاراخوتىنى ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ،بۇنىڭدا جۇڭگونىڭ بېسىم قىلىشىدىن سىرت،يەنە ئامېرىكا كېمىسازلىق زاۋۇتلىرى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان تەننەرخدە سۇئاستى پاراخوتى ياساشقا ئامالسىز قېلىشى سەۋەب بولىۋاتىدۇ.