سۇ بويىدا
سۇ بويىدا (رومان)
مۇقەددىمە
نەزم
خالىي - پىنھان شۇ قىرائەتخانىغا سالساڭ نەزەر،
جەم بولۇشقان شۇندا كۆپلەپ ئەھلى موللا مۆتىۋەر.
شانۇ شۆھرەت، مالۇ دۇنيالارغا بەرمەي مەيلىنى،
تەۋرىتىپ قەلەم، ياراق ئەھلىنى مازاق ئەيلىشەر.
كونا ھەم يېڭى ۋە يا چىن - ساختا شاھلار ئۈستىدە،
ئورتا ئىقلىمنى سوراپ، ئالەمنى مالەم ئەيلىگەن −
يەتتە شەھرىيات ھەققىدە قىسسە - چۆچەك سۆزلىشەر.
ھالى ئەلنىڭ خۇددى زىلۋا تال - چىۋىقلارغا مىسال،
ئەمدى چوكانلار دېگەندە سارغىيىپ بولدى بەتتەر.
سەل ئېلىپ كەتكەن تۇراقسىز سال - قېيىقلاردەك گويا،
تاپمىدى شاھلار ئەمىنلىك، ئەگىشىپ ھەردەم خەتەر.
بەزىلەر بولدى سازاۋەر نامۇ شۆھرەت بەھرىگە،
بەزىلەر بولدى تەمەگەر نامۇ شۆھرەت ۋەسلىگە.
نامۇ شۆھرەتتىن ۋە لېكىن كۆپ كىشى قىلدى ھەزەر،
ئولتۇرۇپ ئاي ئەلدە بىردىن قالمىدى نۇردىن ئەسەر.
ئۆزگىرىپ زامان، قۇرۇپ سۇ، قالدى چۆلدەپ ھەممە يەر،
كىمدۇر ئاخىر ئوۋلىماق بولدى دەرەخلەردىن بېلىق.
ئۈركۈگەن مايمۇنغا ئوخشاش قالدى مەڭدەپ بەزىلەر −
كۆرسىلا ئەگمەچ ياغاچنى قاچتى ئوقيا دەپ بەدەر.
شۇڭا ئەۋزەل كۆردى مەينى، بولدى خۇشتار نەغمىگە،
كەيپ - ساپا سۈرمەكچى بولدى ھەممىدىن قەتئىينەزەر.
غەزەل
يېغىلىق سۈردى بەش دەۋران، قىلىپ ئەلنى تولا سەرسان،
تاراپ ئاخىر بۇلۇت - مانان، چۆمۈلدى نۇرغا يەر - ئاسمان.
گىياھ - ئورمان ئېمىپ زۇمرەت، ياشاردى باشقىدىن ھەيۋەت،
ياساندى كەڭ ۋەتەن باغرى تېپىپ بىرلىك بىلەن ئىمكان.
يۈرەر ئارقا كوچا ئەھلى كىيىپ يەكسەر تاۋار - دۇردۇن،
ئۇچار قەسىر - بىنالاردىن خۇشال نەغمە - ناۋا ھەريان.
زامان بولدى ئاسايىشلىق، ئۇرۇش - جاڭجال تۈگەپ ئاخىر −
گۈلىستاندا كۈلەر بۇلبۇل، پاراغەتتە جىمى ئىنسان.
ئەلقىسسە، بۇ سەككىز مىسرا غەزەلنى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ تەڭرىقۇتى سۇڭ شېنزۇڭ ئوردىسىدىكى شاھ ئۇرۇقىدىن بولغان، تەرىقەت بابىدا تەقۋادار تەقسىر دەپ نام ئالغان ياۋ فۇ ئاتلىق بىر داڭدار ئۆلىما يازغان. ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى بەش دەۋردە ئەل ئارىسىدا توختىماي بولۇۋاتقان يېغىلىقتىن نالە قىلغان. چۈنكى، ئۇ زامانلار ئەتىگەنلىكى لياڭ خانلىقى ھۆكۈم سۈرسە، كەچلىكى جىن خانلىقى دەۋران سۈرىدىغان زامانلار بولۇپ، بەئەينى تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرگە لايىق ئىكەن:
ئۆتتى شاھلار جۇ، لى، شى، ليۇ، گو ئاتلىق،
قۇرۇپ لياڭ، تاڭ، لىن، خەن، جۇ دەپ خاقانلىق؛
دەۋران سۈردى ئىلگىرى - ئاخىر ئون بەش شاھ،
تېرىپ ئەلگە ئەللىك يىللىق سەرسانلىق !
كېيىنكى چاغلاردا تەڭرىنىڭ رەھمى كېلىپ، چەۋەنداز ئەزىمەتلەر بارگاھىغا بوۋا كالان ۋۇدې خاننى ئاتا قىلغان. بۇ مۇقەددەس زات دۇنياغا كېلىشى بىلەن ئالەم نۇرغا چۆمۈلگەن، كېچەيۇ كۈندۈز ئاجايىپ ئېسىل خۇش پۇراققا تولغان، ئەرشتىن گۈلدۈرماما مالائىكىسى چۈشكەن، ئۆزى باتۇر ھەم غەيۇر، ئەقلى دېڭىز، پەمى چەكسىز بۇ تەڭرىقۇتقا تەڭداش بولالىغۇدەك خان - پادىشاھ تائەزەلدىن بولۇپ باقمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بويىچىلىك بىر گۈرزە بىلەن جەڭ قىلىپ، سان - ساناقسىز يۇرت - ئايماقنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان. بۇ تەڭرىقۇت ئالەمنى تازىلاپ ئوتتۇرا ئىقلىمنى تىنچىتقان، ئۇلۇغ سۇڭ دۆلىتىنى قۇرۇپ، بيەنلياڭ شەھىرىنى ئاستانە قىلغان، توققۇز خانلىقتىكى سەككىز پادىشاھنىڭ چوڭى بولغان بۇ زات تۆت يۈز يىللىق پادىشاھلىقنىڭ ئۇلىنى قۇرغۇچى شاھىنشاھ بولۇپ ئۆتكەن. شۇ ۋەجىدىن يۇقىرىدىكى شاۋ ياۋفۇ ھەزرەت گويا شۇ زاماندا پۇقرالار قايتىدىن كۈن نۇرىنى كۆردى، دېگەندەك قىلىپ: «تاراپ ئاخىر بۇلۇت - مانان، چۆمۈلدى نۇرغا يەر - ئاسمان» دەپ مەدھىيە ئوقۇغان. شۇ كەملەردە كۈنپېتىشتىكى خۇاشەن دېگەن تاغدا پەلەكنىڭ ئۆرگۈلۈپ - چۆرگۈلۈشىگە ھۆكۈم قىلالايدىغان چېن تۇەن ئاتلىق بىر پەرزانە زاھىت ياشايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئېشەكلىك تاغدىن چۈشۈپ، خۇايىنداۋ يولىدا كېتىۋاتسا، يولۇچىلار بىر - بىرىگە: «ھازىر كۈنچىقىش ئاستانىدە پادىشاھ چەي شىزۇڭ ئۆز تەختىنى مۇپەتتىش جاۋ كۇاڭيىنغا ئۆتۈنۈپ بېرىپتۇ» دېيىشىۋاتقۇدەك. چېن تۇەن ھەزرەت بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقى ئىچ - ئىچىگە پاتماي قاپتۇ، ئۇ پېشانىسىنى تۇتۇپ، شۇنداق كۈلۈپتۇكى، ئېشەكتىن يىقىلىپ چۈشكىنىنى تۇيماي قاپتۇ. خەقلەر ۋاي، نېمە بولدىلا دېسە، بۇ ھەزرەت: «مانا ئەمدى جاھان تىنچىيدىغان بوپتۇ، بۇ دەل تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە، تەرىقەت يولىغا، پۇقرانىڭ كۆڭلىگە باب كېلىدۇ» دەپتۇ.
جاۋ كۇاڭيىن مايمۇن يىلى سەلتەنەت تەختىگە ئولتۇرغان، ئون يەتتە يىل دەۋر سۈرۈپ، جاھان تىنچىغاندىن كېيىن تەختنى ئۆز ئىنىسى تەيزۇڭغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. تەيزۇڭ خان يىگىرمە ئىككى يىل دەۋر سۈرۈپ، تەختنى جېنزۇڭ خانغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. جېنزۇڭ بولسا رېنزۇڭغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن.
رېنزۇڭ خان ئەرشتىكى يالاڭ ئاياغ مالائىكىنىڭ ئۆزى بولۇپ، دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ كېچەيۇ كۈندۈز توختىماي يىغلاپتۇ، شۇڭا ئوردا ئۇنى داۋالايدىغان تېۋىپ ئىزدەپ خانلىق ئېلانى چىقىرىپتۇ. تەڭرىنىڭ رەھمى كېلىپ، زۆھرە يۇلتۇزنى بىر قېرى بوۋاينىڭ قىياپىتىگە كىرگۈزۈپ، زېمىنغا ئەۋەتىپتۇ. بوۋاي ئېلاننى سويۇپ ئېلىپلا: «شاھزادىنىڭ يىغىسىنى مەن توختىتالايمەن» دەپتۇ. ئېلاننى باقىدىغان سىپاھ ئۇنى ئوردىغا باشلاپ بېرىپ، جېنزۇڭنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپتۇ، تەڭرىقۇت ئۇنى چاھارباغقا كىرىپ شاھزادىنى كۆرۈپ بېقىشقا بۇيرۇپتۇ. بوۋاي ئۇدۇل چاھارباغقا كىرىپ، شاھزادىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىرنېمىلەرنى دەپ پىچىرلاپتۇ. شاھزادە شۇ زامان يىغلاشتىن توختاپتۇ. بوۋاي ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېيتىپ بەرمەي، سەلكىن شامالغا ئايلىنىپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ. ئۇ نېمىلەرنى پىچىرلىغان؟ ئۇ: «قەلەمدارلىق ئىشلىرىڭدا قەلەم مالائىكى يار بولغۇسى، ئەلەمدارلىق ئىشلىرىڭدا ئەلەم مالائىكى» دېگەن گەپلەرنى پىچىرلىغانىكەن. دەرۋەقە، تەڭرىتائالا كەۋكەبىستان دىن ئىككى يۇلتۇز مالائىكىنى بۇ تەڭرىقۇتقا يار قىلىپ ئەۋەتىپتۇ. قەلەم مالائىكىسى جەنۇبتىكى كەيفېڭ دىيارىنىڭ ئامبىلى ھەم شاھ دىۋانىنىڭ باش مىرزىسى باۋچىڭ، ئەلەم مالائىكىسى بولسا توبباقلار ئېلىنى ئىستېلا قىلغان باش سەركەردە دى چىڭ ئىكەن. بۇ ئىككى دانىشمەننىڭ يار - ھەمدەملىكىدە، بۇ خان قىرىق ئىككى يىل دەۋران سۈرۈپ، يىلنامىنى توققۇز قېتىم ئۆزگەرتكەن. تيەن شېڭنىڭ بىرىنچى (توڭگۇز) يىلى سەلتەنەت تەختى تىكلەنگەندىن تارتىپ، تيەن شېڭنىڭ توققۇزىنچى يىلىغىچە ئەلگە ئامانلىق، يۇرتقا ئاۋاتلىق يار بولۇپ، ئاشلىق - زىرائەتتە ئەلۋەكچىلىك، پۇقرادا ئاسايىشلىق ھۆكۈم سۈرۈپ، يولدا ئالتۇن ياتسا ھېچكىم كۆز قىرىنى سالمايدىغان، كېچىسى ئىشىكلەر تاقالمايدىغان بولغان. بۇ توققۇز يىل «بىرىنچى مەمۇرچىلىق زامان» دەپ ئاتالغان؛ مىڭداۋنىڭ بىرىنچى يىلىدىن خۇاڭيۈنىڭ ئۈچىنچى يىلىغىچە بولغان توققۇز يىلمۇ باياشاتلىق يىللىرى بولغاچقا، «ئىككىنچى مەمۇرچىلىق زامان» دەپ ئاتالغان؛ خۇاڭيۈنىڭ تۆتىنچى يىلىدىن جيايۈنىڭ ئىككىنچى يىلىغىچە بولغان توققۇز يىل ئىچىدە زىرائەتلەر تازا ئوخشىغاچقا، «ئۈچىنچى مەمۇرچىلىق زامان» دەپ ئاتالغان. ئۇدا ئۈچ يەردە توققۇز يىگىرمە يەتتە يىل «ئۈچ مەمۇرچىلىق زامان» دەپ ئاتالغان.
شۇ زامانلاردا پۇقرالار شاد - خۇرام كۈن كەچۈرگەن، بىراق ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بارلىقىنى كىم ئويلىغان دەيسىز. جيايۈنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئەتىيازدا ئەلگە ۋابا تارقىلىپ، جياڭنەندىن تاكى ئىككى ئاستانە گىچە خەلققە ۋابا تەگمىگەن بىرمۇ جاي قالمىغان، ۋابا توغرىسىدىكى مەلۇماتلار كۈنچىقىش ئاستانىگە يۇرت - يۇرتتىن خۇددى قار ئۇچقۇنىدەك ئۈست - ئۈستىلەپ كېلىپ تۇرغان. ئەمدى كۈنچىقىش ئاستانىگە كەلسەك، شەھەر ئىچى ۋە سىرتىدىكى لەشكەر ۋە پۇقرالارنىڭ تەڭ نىسپىدىن كۆپرەكى ھالاك بولغان، كەيفېڭ دىيارىنىڭ ئامبىلى، خان مەسلىھەتچىسى باۋ چېڭ ئۆزى پۇقراغا خەيرخاھلىق قىلغان ۋە دورا قەغىزى تارقاتقان، ئۆز ھەققىگە دورا تەييارلىتىپ، پۇقرانى داۋالىتىپ ساقايتماقچى بولغان بولسىمۇ، نەدىكىنى، ۋابا تېخىمۇ ئەدەپ كەتكەن. ھەممە قەلەمدار ۋە ئەلەمدار بەگ - سىپاھلار ئاتايىتەن دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ، ۋابانى تۈگىتىش توغرىسىدا تەڭرىقۇتقا ئەرز ئېيتىش مەسلىھەتىگە كېلىپ، قوبۇلخانىغا جەم بولۇپ، ئەتىگەنلىك تاۋاپ - تەزىمگە ھازىر بولۇشقان. مۇبادا ئاشۇ ۋەقە بولمىغان بولسا، ئوتتۇز ئالتە ساماۋى ئەختەر، يەتمىش ئىككى زېمىنىي ئەپتەر ئەرشتىن چۈشۈپ سۇڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىقلىمىنى زىلزىلىگە سالمىغان، چاۋ خانىدانلىقىنىڭ تەخت - بەختىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلمىغان بولاتتى. بۇنىڭغا مۇنۇ غەزەل دەلىل:
بارچە بەندە ئېرىشىپ ئاللا ئىگەمنىڭ رەھمىگە،
ئۈچ زامان مەمۇرچىلىق يەتكەندە شادلىق چېكىگە.
كۆنۈكۈپ قالغاندا ئەل ئەدەپ ۋە ئەردەم نەغمىگە،
جەڭ - تالاشمۇ چىقتى بىردىن سالدى ئەلنى رەنجىگە.
سۇ بويىغا توپلىنىشتى مەردۇمەردانلار كېلىپ،
ئەزىمەتلەر بولدى جەم لياڭشەن كۆلىنىڭ لېۋىگە.
يا ئامانلىق - يا يېغىلىق، يا روناقلىق - خارابلىق −
بارچە قىسمەت خاس ئۇلۇغ پەرۋەردىگارنىڭ ئىلكىگە.
بىرىنچى باب
جاڭ ئەۋلىيانىڭ ۋابانى دۇئا - تىلاۋەت بىلەن تۈگەتكەنلىكى
خۇڭ ئەمىرنىڭ ئۇقۇشماي دىۋىلەرنى قاچۇرۇۋەتكەنلىكى
ئەلقىسسە، ئۇلۇغ سۇڭ سۇلالىسىنىڭ تەڭرىقۇتى رېنزۇڭ جيا يۈنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئۈچىنچى ئاينىڭ ئۈچىنچى كۈنى تاڭ سۈزۈلگەن ۋاقىتتا ئالىي قەسرىدىن شاھانە ئورۇن ئېلىپ ھەممە بەگ - سىپاھلارنىڭ تاۋاپ - تەزىمىنى قوبۇل قىلدى.
نەزم
شۇڭغۇغان قۇتلۇق بۇلۇتلارغا راۋاق،
قاپلىغان ئالىي قەسىرنى خۇش پۇراق.
تالۇ تۇغلار جور بولۇپ لىڭشىتتى مانان ئىچىدە،
يالتىراپ چاقنار ياراغ، شەبنەم كۈلەر گۈل بەرگىدە.
سۇپا تولغان خۇش پۇراق، زىننەت بىلەن،
شاھ ۋەزىر - ۋۇزرالىرى تۇردى كېلىپ سۆلەت بىلەن؛
شادىيان نەغمە - ناۋا ياڭرار ئىدى،
شاھىغا نۆكەرلىرى ھەميان بولۇپ تۇرار ئىدى.
ئۈنچە پەردە قايرىلىپ بىردىن شۇئان،
قەسىر ئالىي ئىچرە شاھ تەختى ئېنىق بولدى ئايان؛
يەلپۈگۈچ سۇمۇرغ قانات يايغاندا،
تۇردى شاھنىڭ مەپىسى مەرمەر پەلەمپەي ئالدىدا.
شۈك بولۇشقا ئۈچ قېتىم قاققاندا نىزام قامچىسى،
ئىككى رەت تۇردى شۇئان قەلەم - ئەلەمدار بارچىسى.
شۇ ئەسنادا دىۋانبېگى جاكارلىدى:
− ئىش - كۈش بولسا بايان ئەيلەڭلار، بولمىسا يېنىڭلار.
ئارىدىن باش ۋەزىر جياۋجې، مۇشاۋىر ۋېن يەنبو ئالدىغا چىقىپ:
− ھازىر ئاستانىدە ۋابا تارقىلىپ، ناھايىتى نۇرغۇن لەشكەر ۋە پۇقراغا زىيان - زەخمەت سالدى. ھەزرىتى ئالىيلىرىدىن شۇنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىجا قىلىمىزكى، گۇناھكارلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغايلا، جازانى ئازايتىپ، باج - سېلىقنى يېنىكلەتكەيلا، دۇئا - تەكبىر بىلەن بالايىئاپەتنى دەپئى ئېتىپ، پۇقرانى قۇتقۇزغايلا، − دەپ بايان ئەيلىدى.
تەڭرىقۇت بۇ باياننى ئاڭلاپ، شۇدەم مىرزىخانىغا پەرمان چۈشۈردى، مىرزىخانا پەرمانغا بىنائەن، يۇرتتىكى بارلىق گۇناھكار - مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىش، پۇقرانى بارلىق ئالۋان - سېلىقتىن ئازاد قىلىش توغرىسىدا يارلىق يېزىپ تارقاتتى، يەنە بىر ياقتىن ئاستانىدىكى خانىقا - ئىبادەتخانىلارغا ئاپەتنى دەپئى ئېتىش يولىدا دۇئا - تىلاۋەت، خەير - ساخاۋەت قىلىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈردى. كىم بىلسۇن، شۇ يىلى ۋابا تېخىمۇ ئەدەپ كەتتى، تەڭرىقۇت رېنزۇڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، مۇبارەك كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولدى، ئۇ دەرھال بەگ - سىپاھلارنى چاقىرىپ، يەنە مەسلىھەت سورۇنى تۈزدى. ئارىدىن بىر ۋەزىرئەزەم ئىلتىجا قىلماق بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. تەڭرىقۇت قارىدى، ئۇ مۇشاۋىر فەن جۇڭيەن ئىدى. مۇشاۋىر ئېگىلىپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن:
− ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئاپەت ئۇلغىيىپ، لەشكەر ۋە پۇقرانى نابۇت قىلماقتا، ئۇلارنىڭ كۈن ئۆتكۈزمەككە ئامالى، جان بېقىشقا مادارى قالمىدى. كەمىنىلىرى كالتە پەم بولساممۇ بىر تەكلىپىم بار: بۇ بالايىئاپەتنى دۇئا - تىلاۋەت بىلەن دەپئى قىلماق ئۈچۈن، خەن سۇلالىسىنىڭ ۋارىسى بولغان ئەۋلىيانى كېچىلەپ ئوردىغا چاقىرتىپ كېلىپ، ئاستانىدىكى خاس ھەرەمدە ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز مالائىكىگە ئاتاپ كاتتا دۇئا - تەكبىر ئۆتكۈزۈپ، تەڭرىگە مۇناجات قىلساق، تەڭرىمنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بەندىلەرنى ۋابادىن خالاس قىلغىلى بولارمىكىن، − دەپ ئىلتىجا قىلدى.
تەڭرىقۇت رېنزۇڭ بۇ ئىلتىجانى ماقۇل كۆرۈپ، دەرھال باش مىرزىغا پەرمان چۈشۈردى، ئۇ پەرمانغا بىنائەن بىر يارلىق يېزىپ چىقتى، تەڭرىقۇت شاھانە قەلىمى بىلەن يارلىققا نامىشەرىپىنى پۈتتى. بىر باغلام شاھانە كۈجە كەلتۈرۈلدى، ئىچكى - تاشقى ئىشلار قازىكالانى ۋە دىۋان ئەمىرى خۇڭ شىننى ئەلچىلىككە تەيىنلىدى، ئۇنىڭغا جياڭشىنىڭ شىنجۇ ئايمىقىدىكى لۇڭخۇشەن تېغىغا بېرىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ۋارىسى بولغان دەرۋىش كالان ئەۋلىيا جاڭ داۋلىننى كېچىلەپ ئوردىغا كېلىپ، ۋابانى دۇئا - تىلاۋەت بىلەن دەپئى قىلىشقا تەكلىپ قىلىشنى تاپىلىدى، پادىشاھ شاھانە كۈجە - ئىسرىقلار يېقىلغان ئالتۇن قەسىردە ئولتۇرۇپ، شاھانە يارلىقنى ئۆز قولى بىلەن خۇڭ ئەمىرگە تاپشۇردى ۋە يولغا راۋان بولۇشقا ئىجازەت بەردى.
خۇڭ شىن مۇقەددەس پەرماننى ئىلكىگە ئېلىپ، تەڭرىقۇت بىلەن خوشلاشتى ۋە يارلىقنى كۆتۈرۈپ، شاھانە كۈجىنى قولىدا تۇتقىنىچە نۇرغۇن كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاتلاندى - دە، كۈنچىقىش ئاستانىدىن توپتوغرا شىنجۇ ئايمىقىنىڭ گۇيشى ناھىيەسىگە قاراپ يول ئالدى.
نەزم
ياپيېشىل تاغلار يىراقتىن كۆرۈنەر،
سۈپسۈزۈك سۇلارمۇ كۆزگە ئىلىنەر.
لالىزار ئورمان ئىچى خۇددى قويۇلغان كەشتىلەپ،
زەر كالۋۇتۇندەك چىۋىق سىيپايدۇ يەرنى ئەركىلەپ.
شۇنچە ئىللىق ھەم يېقىملىق ئاب - ھاۋا،
گاھى دەڭ، گاھ مەلىلەر ئۇچرايدۇ كۆزگە تاغ ئارا؛
يوللىرى تۈپتۈز بۇ يەرنىڭ شۇنچىلىك،
بار ئۇنىڭ ئۆتەڭلىرى، لەڭگەرلىرى قونساڭ كېلىپ.
ساپ تاۋار - دۇردۇن كىيىپ يۈرگەن كىشى لىق رەستىدە،
ئارغىماقلار يورغىلار ئاستانە يولى كۆكسىدە.
شۇنداق قىلىپ، ئەمىر خۇڭ شىن شاھانە يارلىقنى ئېلىپ، ھەمراھلىرى بىلەن بىللە بىرقانچە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن جياڭشىنىڭ شىنجۇ ئايمىقىغا يېتىپ باردى. ئايماقتىكى چوڭ - كىچىك بەگ - سىپاھلار ئۇنى سېپىل سىرتىغا چىقىپ قارشى ئېلىشتى ۋە لۇڭخۇشەن تېغىدىكى ئىلاھىيەت خانىقاسىنى باقىدىغان دەرۋىشلەرگە يارلىقنى تاپشۇرۇۋېلىشقا تەخمۇتەخ تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن شۇ زامان ئادەم چاپتۇردى. ئەتىسى بەگ - سىپاھلار ئەمىرنى لۇڭخۇشەن ئېتىكىگە باشلاپ باردى. ئىلاھىيەت خانىقاسىدىكى نۇرغۇن دەرۋىش داڭ ئۇرۇپ، دۇمباق چېلىپ، كۈجە - ئىسرىق ۋە شام - چىراغلار يېقىپ، تۇغ - ئەلەملەر كۆتۈرۈپ، كۈنلۈكلەرنى تۇتۇشۇپ، ئېسىل شادىيانە نەغمە - ناۋالار بىلەن شاھ يارلىقىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن تاغدىن چۈشۈشتى. ئەمىر خانىقانىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاتتىن چۈشتى ۋە خانىقاغا نەزەر سالدى، بۇ دەرھەقىقەت ئىلاھىيەت خانىقاسى دېيىشكە لايىق خانىقا ئىدى!
نەزم
ئەگرى - بۈگرى قارىغايلار، بۈك - باراقسان ئارچىلار،
ئىشىكىنىڭ بېشىدا شاھانە خەتلىك تاختىلار،
پۈتۈلۈپتۇ قىرغىقىغا تىلتۇمارلىق نامىلار.
گۈل ۋە مەجنۇنتال ئارا پىل - پىل چىقىپ پەشتاقلىرى،
ئارچا - شەمشاد ئىچرە پىنھان دورىگەر ئوچاقلىرى.
سولدا ھازىر قوشتۇرۇپ قول پالۋانلار تەڭرىگە،
ئوڭدا تەختۇر ھۆر - غىلمان كەۋكەبىستان ئەمرىگە.
قولىغا شەمشەر ئېلىپ، دەسسەپ يىلان - تاشپاقىنى،
تۇرىدۇ شىمال ئىلاھ، پاخما قىلىبان چېچىنى.
كەش - ئاياغ كىيگەن پۇتىغا، باشقا كىيگەن كۇلا،
ئەسىر ئەيلەپ ئەپ ئەجدىھانى تۇرىدۇ جەنۇب ئىلاھ.
يىگىرمە سەككىز مالائىكە ئالدى رەتتە سەپ تۈزۈپ،
ئوتتۇز ئىككى تەڭرىقۇت ئارتتا تۇرار قاتارلىشىپ.
سۇپا ئالدىدىن ئۆتەر ئۆستەڭدە سۇلار شارقىراپ،
خانىقانى تۇرىدۇ سۆگەت، گۈزەل تاغلار ئوراپ.
تاجىسى قىزىل ئاناردەك تۇرنىلار پەرۋاز ئېتەر،
قاپلىرى يېشىل گىياھتەك تاشپاقا ھەريان ئۈزەر.
تۇرىدۇ نېمەت بېغىشلاپ شاختا مايمۇنلار قاراپ،
چىشلىگەچ مېھرىگىياھ ئاق بۇغىلار ئوتلار تاراپ.
ئۈچ ئىلاھىيەت خانىقاسى ئىچرە بارچە ئۆلىما،
چالدى ئالتۇن قوڭغۇراقلار، ئوقۇشۇپ ھەمدۇسانا.
«تۆت مۇقەددەس زات» ئويى ئالدىدا بىر دەرۋىش كالان −
چالدى سەدەپ چاقچۇقىن باشلاندى تائەتلەر ھامان.
قىپقىزىل چوغدەك يېلىنجاپ ئىسرىقدان سۇپىسى،
چىنە خىش تاملارغا ۋال - ۋۇل چۈشتى چاقناپ شولىسى.
بەگ - سىپاھلار مۇنبىرى ياقۇت مىسەللىك پارقىراپ،
قىپقىزىل كۈن نۇرى چۈشتى كەھرىۋادەك يالتىراپ.
ئەۋلىيا غۇۋسىلئەزەمنى ئۇزىتىپ قويغان كەبى،
كۆكتە لەيلەيتتى سەھەردە بەخت - سائادەت بۇلۇتى.
شۇ ئەسنادا دەرۋىش كالاندىن تارتىپ بالا دەرۋىش ۋە مۇلازىملارغىچە ئەمىرنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى ۋە ئۇنى ئۈچ ئىلاھىيەت ئىبادەتخانىسىغا باشلاپ كىردى، ئاندىن پادىشاھ يارلىقىنى ئىززەت بىلەن مېھرابقا ئېلىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلدى، خۇڭ ئەمىر نازارەتچى دەرۋىش كالاندىن:
− ئەۋلىيايىمىز ھازىر نەدە؟ − دەپ سورىدى.
دەرۋىش كالان ئالدىغىراق كېلىپ مەلۇم قىلدى:
− ئەمىرىم، ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغايكى، بۇ پىر - ئۇستاز پىنھان ئەۋلىيا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەككە - يېگانە − پىنھان تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. باردى - كەلدى بىلەن خۇشى يوق. شۇڭا، خانىقايىمىزدا تۇرماي، ئۆزى تەنھا لۇڭخۇشەن تېغىنىڭ تۆپىسىدە بىر كەپىنى پاناھ تۇتۇپ، شۇ يەردە ئىستىقامەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
− ئۇنى تەڭرىقۇت چاقىرتقانىدى، − دېدى ئەمىر، − قانداق قىلساق كۆرۈشكىلى بولار؟
− ئىجازەت بولسا، − دېدى دەرۋىش كالان، − يارلىق ھازىرچە مۇشۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ تۇرسۇنمىكىن، بىزنىڭ ئۇنى ئېچىپ كۆرۈش ھەددىمىز ئەمەس. مالال كەلمىسە، ئاۋۋال خاناكالاندا داستىخانغا داخىل بولسىلا، ئاندىن مەسلىھەت قىلساق.
شۇ گەپ بىلەن ئەمىر شاھ يارلىقىنى ئېلىپ ئۈچ ئىلاھىيەت ئىبادەتخانىسىدا قالدۇرۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ كاتتىلىرى بىلەن بىللە خاناكالانغا كىردى. ئەمىر تۆردە ئولتۇردى، خىزمەتكارلار چاي كەلتۈردى، قۇرۇقلۇقتىن ۋە سۇدىن چىقىدىغان ھەممە نازۇنېمەتلەردىن تەييارلانغان تائام تارتىلدى، داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن ئەمىر دەرۋىش كالاندىن يەنە سورىدى:
− ئەۋلىيايىمىز تاغ تۆپىسىدىكى كەپىدە تۇرىدىغان بولسا، بىرەر كىشىنى چىقىرىپ، چىللاپ چۈشۈرۈپ يارلىقنى كۆرسەتسەك بولمامدۇ؟
− بۇ پىر - ئۇستازىمىز تاغدا بولغىنى بىلەن ھېكمەتتە كامالەتكە يەتكەن، ئۇ بۇلۇت - تۇمانلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ كېتىۋېرىدۇ. بىر ئىزىدا تۇرمايدۇ، بىز پېقىر راھىبلارغىمۇ ئادەتتە ئوڭايلىقچە كۆرۈنۈش بەرمەيدىغان تۇرسا، قانداقمۇ ئادەم ئەۋەتىپ چىللاپ چۈشكىلى بولسۇن؟ − دېدى دەرۋىش كالان.
− ئۇنداق بولسا، − دېدى ئەمىر، − قانداق قىلساق كۆرۈشكىلى بولار؟ مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە ئاستانىدە ۋابا ئەۋج ئېلىپ كەتتى. پېقىر تەڭرىقۇتنىڭ ئەمر - پەرمانىغا بىنائەن، ئەۋلىيانى ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز مالائىكە ھەققىدە كاتتا دۇئا - تىلاۋەت ئۆتكۈزۈش بىلەن بالايىئاپەتنى دەپئى قىلىپ، پۇقرانى قۇتقۇزۇپ بېرەرمىكىن دېگەن نىيەتتە شاھ يارلىقى ۋە شاھانە ئىسرىق ئېلىپ، چىللىغىلى كەلگەنىدىم، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟
− تەڭرىقۇت پۇقرانى قۇتقۇزۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، ئەمىر جانابلىرىمۇ نىيەتلىرىنى ساپ تۇتۇپ، غۇسۇل تاھارەت قىلسىلا، ئاندىن پەرھىز تۇتۇپ، كىيىملىرىنى ماتا كىيىمگە يەڭگۈشلەپ، ھەمراھ ئەگەشتۈرمەي، شاھانە ئىسرىق يېقىپ، شاھ يارلىقىنى ئۆزلىرى كۆتۈرگىنىچە تاغقا پىيادە چىقىپ سەجدە - تاۋاپ قىلسىلا، ئاندىن ئەۋلىيا بىلەن كۆرۈشەلەيلا، نىيەتلىرىنى ساپ تۇتمايدىغان بولسىلا، ماڭغان يوللىرى زايە كېتىپ، كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولالمايلا، − دېدى دەرۋىش كالان.
ئەمىر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ:
− مەن ئاستانىدىن بۇ يەرگە پەرھىز تۇتۇپ كەلگەن تۇرسام، قانداقسىغا نىيىتىم ساپ بولمىغاي؟ بولىدۇ. سىز دېگەندەك قىلىپ، ئەتە قاق سەھەردە تاغقا چىقاي، − دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئاخشىمى ئەمىرمۇ، باشقىلارمۇ ئارام ئېلىشتى. ئەتىسى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن، دەرۋىشلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، خۇشبۇي سەراپ تەييارلاپ، ئەمىرنى يۇيۇنۇشقا تەكلىپ قىلىشتى. ئەمىر بويىنى سۇغا سېلىپ، يېپيېڭى ماتا كىيىملەرنى كىيدى، پۇتىغا چىگە چورۇق تارتتى، پەرھىز تائام بىلەن ناشتا قىلدى، شاھ يارلىقى ئورالغان ھىلھىلە بوغجۇمىنى يۈدۈپ ۋە شاھانە ئىسرىق پۇرقۇپ تۇرغان كۈمۈش ئىسرىقداننى كۆتۈرگىنىچە يولغا چىقتى. دەرۋىشلەر ئۇنى تاغ ئارقىسىغىچە ئۇزىتىپ بېرىپ، بارار يولىنى كۆرسىتىپ قويدى.
− ئەمىر، − دېدى دەرۋىش كالان تەكەللۇپ بىلەن، − جىمى پۇقرانى قۇتقۇزماقچى بولغانىكەنلا، ھەرگىز شۇ نىيەتلىرىدىن يانماي، نىيەتلىرىنى ساپ تۇتۇپ مېڭىۋەرسىلە.
ئەمىر دەرۋىشلەر بىلەن خوشلىشىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇ سانا ئېيتىپ، تاغ سايان راۋان بولدى. ئەمىر تاغنىڭ قاپ بېلىگە چىققاندا كۆز ئالدىدا ئاسماننىڭ قەرىگە بوي سوزغان شۇنداق گۈزەل بىر تاغ نامايان بولدى!
نەزم
تاغ ئاستى پاتقان يەرنىڭ تەكتىگە،
چوققىسى تۇتاش ئاسمان قەرىگە.
كۆرۈنەر چوققا يىراقتىن مىسلى باسقاندەك تۇمان،
ياندىشىپ كەلسەڭ كۆرۈنگەي ئاي پۈتۈپ كەتكەنسىمان.
بىر ئېگىز، بىر پەس كۆرۈنگەن يېرىنى تاغ دەر ئىكەن،
تاش قىيالىق يولىنى ھاڭلىق - چېقىل يەر دەر ئىكەن.
يولى ئەگرى، ساپ گىلاڭ، يالغۇز تۇيۇمدەك تاغلىرى،
ئۈستى تۈپتۈز تۆپىلىك، نامى تاغ چوققىلىرى.
بېشى دۈگىلەك، تۈۋى يايپاڭ تۇرغىنى تاغ تىزمىسى،
خالىي پىنھان جايلىرى يىلپىز ۋە يولۋاس ئۇۋىسى.
ھۇشقىتىپ بوران چىقار جاينى دەيدىكەن قىيا،
خالىي خىلۋەت جايلىرىكىم ئەنبىيالارغا بىنا.
تۆت تامانىدا توسۇق - پاسىلى بار جاي قەسرىكەن،
تاغ جىرا ئوتۇنچىغا بارار - كېلەر جىم يولىكەن.
كەڭ راۋان يول دەپ ئاتاپتۇ ئات - ھارۋا يولىنى،
شارقىراپ ئاقسا سۇلار جىلغا ئاتاپتۇ غولىنى.
تا قەدىمدىن توختىماي سۇ ئاقسا ئاپتۇ نام ئېرىق،
تاغ قىيادىن تامچىلاپ ئاقار بۇلاق شىرىق - شىرىق.
سول تەرەپ تەسكەي، ئوڭ تەرەپ كۈنگەي،
تارقالسا بۇلۇت، يىپلار تۇمان.
بەزى يەرلىرى بىگىزدەك ئۇچلۇق،
بەزى يەرلىرى تىك قىيا داۋان.
بەزى يەرلىرى مۇئەللەق گويا،
بەزى يەرلىرى سىپسىلىق راۋان.
بىرىدىن - بىرى كۆركەم چوققىلار،
سۇلار ئويناقلاپ ئاقىدۇ لەرزان.
شارقىراتمىلار شارقىرار تىنماي،
چىڭگىلىكلەر ساڭگىلاپ تۇرغان.
خىرىس قىلىپ ھۆركىرىسە يولۋاس خۇددى چىققاندەك بوران،
چىقىرار چىلپەڭزە مايمۇن ئاينى ئۆرىگەندەك يامان.
تاغۇتاشلار سۈرمە سۈركەلگەن بەئەينى قاشتېشى،
قاپلىنىپتۇ كۆك تۈتەككە پەردىدەك ھەممە تامان.
خۇڭ ئەمىر ئۆزى يالغۇز داۋانلار ئاشتى، تۇمشۇقلارنى ئەگىپ ئۆتتى، چىڭگىلىكلەرگە ئېسىلىپ - يامىشىپ، ئالاھازەل بىرنەچچە چوققىدىن ئۆتۈپ، ئىككى - ئۈچ چاقىرىم يول يۈرگەندىن كېيىن پۇتلىرى ئاغرىپ، مادارسىزلىنىپ ھېچ ماڭغۇچىلىكى قالمىدى. ئاغزىدىن چىقارمىسىمۇ، كۆڭلىدە ئىككىلىنىپ: «ئوردىدا ئىززەت - ھۆرمىتىم بار بىر بەگ ئىدىم، ئاستانىدىكى چېغىمدا قاتمۇقات تاۋار كۆرپىلەردە ياتاتتىم، يېيىشىم بەتتە پولۇ ئىدى، ھېچقاچان مۇنداق ھېرىپ - چارچاپ، چورۇق كىيىپ، تاغ يوللىرىدا مېڭىپ باققان ئەمەس ئىدىم ! ئۇلار ئەۋلىيانىڭ نەدىلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەندەك بىر بەگ - سىپاھنى مۇشۇنچىۋالا جاپاغا سالغىنىنى قاراڭ !» دەپ ئويلىدى. ئۇ يەنە قىرىق - ئەللىك قەدەم يەرگە بارار - بارمايلا غوللىرى كىرىشىپ، دېمى سىقىلىپ ھاسىراپ كەتتى. شۇ ئەسنادا جىلغىدىن قۇيۇن چىقتى، قۇيۇن بىلەن تەڭ قارىغايلىقنىڭ ئۇ تەرىپىدىن ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك بىر سادا چىقتى - دە، كۆزلىرى پۇلتىيىپ چىققان، ئاق قاشقىلىق، تۈكلىرى يالتىراق بىر يولۋاس ئېتىلىپ چىقىپ كەلدى. خۇڭ ئەمىر قاتتىق چۆچۈپ، «ۋايجان!» دەپ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ يەر تېگىدىن يولۋاسقا قارىدى، كۆردىكى:
مويلىرى پارقىراق ئەينى ئالتۇن - زەر،
ئون سەككىز تىرنىقى قاماقتەك شەمەر.
كۆزلىرى چاقماقۇ قۇيرۇقى دەررە،
ئاغزى گوداڭدەك، چىشلىرى خەنجەر.
سوزۇلۇپ دەۋرەيدۇ، ئەلپازى ياۋۇز،
تولغىنىپ ھۆركىرىشى گۈلدۈردىن بەتتەر.
ھەيۋىدىن تاغدىكى تۈلكە - توشقانلار،
سايدىكى كېيىكتىن قالمىغاي ئەسەر.
ھېلىقى يولۋاس خۇڭ ئەمىرگە تىكىلىپ، ئۇيان ئىرغىپ، بۇيان ئىرغىپ بىر ھازا خىرىس قىلغاندىن كېيىن تاغ ئارقىسىدىن پەسكە غۇيۇلداپ چۈشۈپ كەتتى. دەرەخ تۈۋىدە يىقىلىپ ياتقان خۇڭ ئەمىر غال - غال تىترەپ، چىشلىرى قاراسلاپ كەتتى، يۈرىكى بولسا قاتتىق دۈپۈلدەپ سېلىپ كەتتى. پۈتۈن ئەزايى - بەدىنى كېسەل تەگكەندەك لەقۋالىشىپ قالدى، پۇتلىرى سوقۇشتا يېڭىلگەن خورازنىڭكىدەك ئەيۋەشكە كەلمەي قالدى. ئۆزى ھەدەپ نالە - پەرياد قىلدى.
يولۋاس غايىب بولۇپ بىر ئاش پىشىمدىن كېيىن ئەمىر ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، يەردە ياتقان ئىسرىقداننى تۈزەشتۈردى - دە، ئىسرىق ياندۇرۇپ ئەۋلىيانى تېپىش نىيىتىدە يەنە تاغقا ياماشتى. يەنە قىرىق - ئەللىك قەدەم يەرگە بارار - بارمايلا بىرنەچچە ئۇھ تارتىپ: «پادىشاھ مېنى بۇ يەرگە مۇشۇنداق كويلارغا سالاي دەپ ئەۋەتكەنىكەن - دە» دەپ پادىشاھتىن ئاغرىندى. شۇئان يەنە قۇيۇن كۆتۈرۈلۈپ، گۈپۈلدەپ سېسىقچىلىق پۇراپ كەتتى. ئەمىر سىنچىلاپ قارىۋىدى، تاغ ئېتىكىدىكى بامبۇكزارلىقتىن شاراقلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ، توملۇقى چېلەكتەك كەلگەن ئاپپاق بىر يىلان كۆرۈندى. ئەمىر قاتتىق چۆچۈپ قولىدىكى ئىسرىقدان يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇ: «ۋاي ئۆلىدىغان بولدۇم !» دەپ ۋارقىرىۋەتتى ۋە بىر قورام تاش تۈۋىگە ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئاستا كۆزىنى ئېچىپ يىلانغا كۆز تاشلىغانىدى، كۆردىكى:
باش كۆتۈرسە كېتىدۇ بوران چىقىپ،
كۆزلىرىنى لۆمشىتەر ئوت چاقنىتىپ.
ئۆرۈلەر ھەتتا قورام تاش سىلكىنىپ تەۋرەنسە گەر،
تىنىقىدا ئاغزىدىن قاپقارا بۇس پۈركۈلەر.
خۇددى سەدەپتەك ۋالىلداپ كۆز چاقار قاسراقلىرى،
ئەينى بىر پاتمان كۈمۈشتۇر تولغىماش قۇيرۇقلىرى.
ھېلىقى يىلان توپتوغرا قورام تاشنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەمىرنىڭ ئالدىدا تۈگۈلۈپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ، يوغان ئاغزىنى ئېچىپ تىلىنى چىقاردى - دە، ئەمىرنىڭ يۈزىگە زەھەرلىك بۇسىنى كۇشۇلدىتىپ چاچتى. قورقۇنچلۇقتا ئەمىرنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچتى. يىلان ئەمىرگە بىر ھازا تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىن تاغدىن پەسكە شىرىلداپ چۈشتى - دە، كۆزدىن غايىب بولدى. ئەمىر شۇنىڭدىن كېيىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ: «ياپىر! قورقۇتۇپ جېنىمنى ئالغىلى قىل قالدى !» دېدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈستبېشىغا سەپسېلىپ، ئەتيانلىرىنى پۇرچاقتەك - پۇرچاقتەك مۇدۇرچاقلار قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردى ۋە ھېلىقى دەرۋىشنى تىللاپ: «خەپ، بۇ بىھۆرمەت مېنى كولدۇرلىتىپتۇ - دە ! مېنى شۇنچىۋالامۇ ۋەھىمىگە سالامدىغان! مۇبادا تاغدا ئەۋلىيانى تاپالمايدىغان بولسام، قايتىپ چۈشۈپ كۆرگۈلۈكىنى كۆرسەتمىسەم ھېساب ئەمەس !» دېدى. ئاندىن ئىسرىقداننى ئېلىپ، ئۆشنىسىدىكى يارلىقنى ۋە كىيىم - كېچەكلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، تاغقا يەنە ياماشماقچى بولدى. ئۇ ئەمدىلا قىمىرلاي دەپ تۇرۇشىغا، قارىغايلىقنىڭ ئارقىسىدىن ئاڭلىنار - ئاڭلانماس چېلىنغان نەي ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بارا - بارا يېقىنلىشىشقا باشلىدى، ئەمىر زەن قويۇپ قارىدى، بىر دەرۋىش بالا بىر سېرىق كالىغا تەتۈر مىنگىنىچە تۆمۈر نەينى چېلىپ، جىلغىدىن چىقىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئەمىر دەرۋىش بالىغا كۆز سالسا ئۇ كۆرۈندىكى:
چاچلىرىنى كۇلا قىلىپ ئۆرۈۋالغان،
ئۇچىسىغا كۆك رەڭ كىيىم كىيىۋالغان.
بېلىگە ئۇ كۇلا بەلباغ باغلىۋالغان،
پۇتلىرىغا چىگە چورۇق تارتىۋالغان.
چىشى ئۈنچە، چەشمە يەڭلىغ جۈپ كۆزى،
گويا قىزىل ئالما ئىدى ئۇنىڭ يۈزى.
ئەپتىدىن خىسلەت يېغىپ تۇرار ئىدى،
تۇرقىدىن دانالىقى ئىزھار ئىدى.
بۇرۇنىسىدا ئۆتكەن لۈ دۇڭبىننىڭ غەزىلىدە پادىچى بالا مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:
ياپيېشىل كىمخاب يېپىنغان كەڭ دالا،
كەچقۇرۇن ياڭرايدۇ نەي سەلكىن ئارا.
قايتىدۇ گۇگۇم بىلەن يەيدۇ تائام،
ياتىدۇ جەندە كىيىپ ئايدىڭدىلا.
ھېلىقى دەرۋىش بالا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كالىسىغا مىنىپ، تۆمۈر نېيىنى چالغىنىچە تاغقا چىقىۋاتاتتى. خۇڭ ئەمىر ئۇ بالىنى كۆرۈپ چاقىردى ۋە:
− نەدىن كېلىشىڭ؟ مېنى تونۇدۇڭمۇ؟ − دەپ سورىدى.
دەرۋىش بالا پەرۋامۇ قىلماي نەينى چېلىۋەردى. ئەمىر بىرقانچە قېتىم يېنىشلاپ سورىۋىدى، دەرۋىش بالا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە تۆمۈر نەي بىلەن خۇڭ ئەمىرنى چېنەپ تۇرۇپ:
− سىز بۇ يەرگە تايىنلىق ئەۋلىيا بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەنغۇ دەيمەن؟ − دېدى.
− سەن پادىچى بالا تۇرساڭ، − دېدى ئەمىر ھەيران بولۇپ، − بۇنى قانداق بىلدىڭ؟
− ئەتىگەن كەپىدە، − دېدى دەرۋىش بالا كۈلۈمسىرەپ، − ئەۋلىيانىڭ خىزمىتىدە بولغىنىمدا، ئەۋلىيا: «تەڭرىقۇت مېنى ئاستانىگە بېرىپ، ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز مالائىكىگە ئاتاپ، كاتتا دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ، يۇرتتىكى ۋابانى دەپئى ئېتىشكە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن خۇڭ ئەمىرنى شاھانە يارلىق ۋە شاھانە كۈجە بىلەن تاغقا ئەۋەتتى. مەن لەيلەك قۇشقا مىنىپ، بۇلۇتلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ شۇ يەرگە بارىمەن» دەۋاتقان. ھەرقاچان شۇ يەرگە كەتتى بولغاي، ھازىر كەپىدە يوق، سىز تاغقا چىقمايلا قويۇڭ، تاغدا زىيانداش يىرتقۇچ ھايۋانلار تولا، ھاياتىڭىزغا زىيان - زەخمەت يېتىپ قالمىسۇن.
− يالغان گېپىڭنى قويساڭچۇ؟ − دېدى ئەمىر.
دەرۋىش بالا پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ جاۋابمۇ بەرمەستىن، تۆمۈر نېيىنى چالغىنىچە يولىغا راۋان بولۇپ داۋاندىن ئېشىپ كەتتى. ئەمىر: «بۇ شۇمتەك بۇ ئىشنى قانداقسىغا ئۇجۇر - بۇجۇرىغىچە بىلىۋالدىكىنە؟ ئۇنىڭغا ئەۋلىيانىڭ ئېيتقانلىقى راست ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدى، ئۇ تاغقا چىقىۋېرىش نىيىتىدە بولغان بولسىمۇ، لېكىن رايىدىن قايتىپ: «ھېلىلا قورقۇپ شۇنچە پەرياد چەكتىم، جېنىمدىن جۇدا بولۇشقا تاس قالدىم، ئۇنىڭدىن كۆرە قايتىپ كەتكىنىم تۈزۈك» دېگەن يەرگە كەلدى.
ئەمىر ئىسرىقداننى كۆتۈرۈپ، باشتا ماڭغان يولى بىلەن تاغدىن قايتىپ چۈشتى. دەرۋىشلەر ئالدىغا چىقىپ، ئۇنى خاناكالانغا باشلاپ كىرىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. دەرۋىش كالان ئەمىردىن:
− ئەۋلىيا بىلەن كۆرۈشكەنلا؟ − دەپ سورىدى.
− مەن بولسام ئوردىدا ئىززەت - ئابرۇيلۇق بىر بەگ تۇرسام، − دېدى ئەمىر، − نېمىشقا مېنى مۇنداق تاغ يولىدا ماڭدۇرۇپ، شۇنچە رىيازەت چەكتۈرىسىلەر، جېنىمدىن ئايرىلغىلى تاس قالدىم ! دەسلەپ قىلىپ تاغنىڭ قاق بېلىگە چىقىشىم بىلەنلا، كۆزلىرى پۇلتىيىپ تۇرغان ئاق قاشقىلىق بىر يولۋاس ماڭا ئېتىلىپ، جان - پېنىمنى ئالدى. يەنە مېڭىپ بىر تۇمشۇقتىن ئۆتەر - ئۆتمەيلا، بامبۇكزارلىقتىن بىر ئاق يىلان چىقىپ، غۇژمەك بولۇۋېلىپ يولۇمنى توسۇۋالدى ! ھېلىمۇ يۈرىكىم چوڭ يارىلىپتىكەن، بولمىسا ئاستانىگە قانداق تىرىك قايتالايتتىم ! سىلەر − دەرۋىشلەر مېنى كولدۇرلىتىپسىلەر !
− ھەزرەتلىرىنىڭ ئالدىدا، − دېدى دەرۋىش كالان جاۋابەن، − بىھۆرمەتلىك قىلىش بىزدەك پېقىر راھىبلارنىڭ ھەددى ئەمەس ! بۇلار پىر - ئۇستازىمىزنىڭ سىلىنىڭ نىيەتلىرىنى چېكىپ كۆرگەنلىكى، بۇ تاغدا يىلان، يولۋاسلار بولغىنى بىلەن ئادەمزاتقا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ.
− ماڭغۇدەك مادارىم قالمىغان بولسىمۇ، − دېدى ئەمىر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، − تاغقا يامىشىۋېرەي دەپ تۇرسام، قارىغايلىق تەرەپتىن كالا مىنگەن بىر دەرۋىش بالا نەي چېلىپ چىقىپ كەلدى. «نەدىن كېلىشىڭ؟ مېنى تونۇدۇڭمۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ: «ھەممىدىن خەۋىرىم بار» دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەۋلىيا تاڭ سەھەردە ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويۇپ، لەيلەك قۇشقا مىنىپ، بۇلۇتلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ كۈنچىقىش ئاستانىگە كېتىپتۇ، شۇڭا مەن قايتىپ كەلدىم.
− ئەمىر، − دېدى دەرۋىش كالان، − ئامەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپتىلا! − ئاشۇ پادىچى بالا ئەۋلىيانىڭ ئۆزى شۇ !
− ئۇنى ئەۋلىيا دەيسىلەر، ئەمىسە ئۇ نېمانچە چاكىنا؟ − دېدى ئەمىر.
− بۇ ئەۋلىيانى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ، − دېدى دەرۋىش كالان، − ئۆزى ياش بالا بولغىنى بىلەن ھېكمىتى قالتىس، ئۇ تەڭدىشى يوق زات، ھەممىلا يەردە كارامىتىنى كۆرسىتەلەيدىغان، غايىبنى بىلىدىغان ئادەم، ئۇنى كامالەتكە يەتكەن پىر - ئۇستاز دەپ ئاتىشىدۇ.
− ئىسىت، − دېدى ئەمىر، − كۆزۈم تۇرۇقلۇق راست ئەۋلىيانى تونۇماي ئۆتكۈزۈۋېتىپتىمەن !
− ئەمىر، − دېدى دەرۋىش كالان، − خاتىرجەم بولسىلا. پىر - ئۇستازىمىز كەتتىم دەپ خىتاب قىلغان بولسا، سىلى ئاستانىگە يېتىپ بارغۇچە ئۇ بۇ قېتىمقى دۇئا - تىلاۋىتىنى تۈگىتىپ بولىدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەمىرنىڭ كۆڭلى تىندى. دەرۋىش كالان ئەمىرنىڭ ھۆرمىتىگە زىياپەت داستىخىنى ھازىرلاتتى ۋە شاھ يارلىقىنى شاھانە جىلتىغا سېلىپ، ئىلاھىيەت خانىقاسىدا قويۇپ قويۇشنى ئىلتىجا قىلدى، شاھانە كۈجە ئۈچ ئىلاھىيەت ئىبادەتخانىسىغا يېقىپ قويۇلدى، شۇ كۈنى خاناكالاندا ھەممە تائام، نازۇنېمەتلەر تەخلىنىپ، زىياپەت ئۆتكۈزۈلدى. زىياپەت كەچ ئاخىرلاشتى. زىياپەت ئەھلى تاڭ يورۇغىچە ئۇخلاشتى.
ئەتىسى ناشتىدىن كېيىن دەرۋىش كالان، قازىكالان، دەرۋىش ۋە خىزمەتكارلار ئەمىرنى تاغ سەيلىسىگە تەكلىپ قىلدى، ئەمىر خۇشال بولۇپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا خاناكالاندىن چىقتى، ئالدىدا ئىككى دەرۋىش بالا يول باشلاپ، خانىقانىڭ ئالدى - كەينىدىكى نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلەرنى سەيلە - تاماشا قىلدۇردى. ئۈچ ئىلاھىيەت ئىبادەتخانىسى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھەشەمەتلىك ئىدى، سول تەرەپتىكى ئۇزۇن ئايۋان بويىغا توققۇز ئاسمان ئىبادەتخانىسى، كەۋكەبىستان ئىبادەتخانىسى، قۇتۇپ يۇلتۇز ئىبادەتخانىسى جايلاشقان؛ ئوڭ تەرەپتىكى ئۇزۇن ئايۋان بويىغا قابىس يۇلتۇز ئىبادەتخانىسى، ئۈچ مۇئەككەل ئىبادەتخانىسى، شاياتۇنلارنى تېزىتىش ئىبادەتخانىسى جايلاشقان. خۇڭ ئەمىر ھەممە ئىبادەتخانىلارنى تاماشا قىلىپ، ئوڭ ياندىكى ئۇزۇن ئايۋاننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى بىر جايغا بارغاندا، باشقا بىر سارايغا كۆزى چۈشتى: ساراينىڭ تۆت تېمى خۇددى قىزىلمۇچ رەڭگىدە قىپقىزىل ئىدى. ئالدىدا ئىككى قىزىل پەنجىرىلىك ئىشىكى بار ئىدى، ئىشىككە بىلەكتەك شادا قۇلۇپ سېلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە گىرەلەشتۈرۈپ ئون نەچچە پېچەت چاپلانغان، پېچەت ئۈستىگە تۆپە - تۆپىلەپ مۆھۈرلەر بېسىلغان؛ پېشايۋانغا ئالتۇن ھەل بىلەن خەت يېزىلغان بىر قىزىل لەۋھە ئېسىقلىق تۇراتتى؛ ئۇنىڭغا «دىۋىلەر بەند قىلىنغان ساراي» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.
ئەمىر ئىشىكنى كۆرسىتىپ:
− بۇ نېمە ساراي؟ − دەپ سورىدى.
− بۇ، − دېدى دەرۋىش كالان، − پېشۋا ئەۋلىيالار دىۋىلەرنى بەند قىلىپ قويغان ساراي.
− نېمىشقا ئۇنىڭغا قاتمۇقات پېچەتلەر چاپلانغان؟ − دەپ سورىدى ئەمىر يەنە.
− بۇ يەرگە، − دېدى دەرۋىش كالان، − ئۇلۇغ تاڭ زامانىدا ئۆتكەن دۇڭ شۈەن ئەۋلىيا دىۋىلەرنى بەند قىلىپ قويغانىكەن، كېيىنكى ئەۋلىيالار نەۋرە - چەۋرىلىرىمىز ئېچىپ سالمىسۇن دەپ ئۆز قوللىرى بىلەن پېچەت چاپلاپ قويغانىكەن. چۈنكى، دىۋىلەر قېچىپ كەتسە بالا - قازا تۇغۇلىدىكەن، ھازىرغىچە ئۆتكەن سەككىز - توققۇز ئەۋلىيانىڭ ھېچقايسىسى بۇنى ئېچىشقا پېتىنغان ئەمەس. قۇلۇپنىڭ ئىچىگە مىس قۇيۇۋېتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى سىرنى كىم بىلسۇن؟ پېقىرنىڭ مۇشۇ خانىقانى باشقۇرۇۋاتقىنىمغا ئوتتۇز نەچچە يىل بولدى، مىش - مىش گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن باشقا ھېچنېمە كۆرگىنىم يوق.
ئەمىر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران بولدى ۋە «دىۋە دېگەننى بىر كۆرۈپ باقمايمۇ» دېگەن يەرگە كېلىپ، دەرۋىش كالانغا:
− ئىشىكنى ئېچىپ بېرىڭلار، دىۋىنىڭ قانداقلىقىنى بىر كۆرۈپ باقاي، − دېدى.
− ئەمىر، − دېدى دەرۋىش كالان ئىلتىجا قىلىپ، − بۇ ساراينى ئېچىشقا زادى بولمايدۇ. پېشۋا ئەۋلىيالار: بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئاچقۇچى بولمىسۇن، دەپ قايتا - قايتا جېكىلىگەنىكەن.
− بىكار گەپ ! − دېدى ئەمىر كۈلۈپ، − سىلەر يوق يەردىن سېھىر - جادۇ پەيدا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ كۆزىنى باغلاپ كەلگەن، ئۆزۈڭلارنى ھېكمەت ئىگىسى قىلىپ كۆرسەتمەك ئۈچۈن، ئەتەي مۇشۇنداق جاينى راسلاپ، دىۋىلەرنى بەند قىلدۇق دەپ يالغان ئېيتىپ كەلگەن. مەن سېھىرگەرلىك كىتابلىرىنى شۇنچە كۆپ ئوقۇغان، ئۇنىڭدا نەدىمۇ دىۋىنى بەند قىلىش سېھىرسى بولسۇن؟ جىن - شەيتانلار ئادەمزاتتىن يىراق پىنھان جايلاردا يۈرىدۇ، مەن بۇ سارايدا دىۋە بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن، دەرھال ئىشىكنى ئېچىڭلار، قېنى، دىۋە دېگىنىڭلارنى بىر كۆرۈپ باقاي.
دەرۋىش كالان قايتا - قايتا ئىلتىجا قىلدى:
− بۇ ساراينى ئېچىپ سالساق بولمايدۇ، بالا تېرىلىپ، ئادەمزاتقا زىيان - زەخمەت يېتىدۇ.
ئەمىر قاتتىق غەزەپلىنىپ، دەرۋىشلەرگە قول شىلتىپ:
− ئېچىپ بېرىشمەيدىغان بولساڭ، ئوردىغا قايتىپ بېرىپ پادىشاھقا ئالدى بىلەن سەن دەرۋىشلەرنىڭ شاھ يارلىقىنى يەتكۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلغان، پادىشاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىغان، مېنى ئەۋلىيا بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن گۇناھىڭلارنى مەلۇم قىلىمەن، ئاندىن كېيىن سەنلەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مۇشۇنداق بىر ساراي راسلاپ، دىۋىلەرنى بەند قىلدۇق دېگەن يالغان - ياۋىداق گەپلەر بىلەن لەشكەر ۋە پۇقرالارنى ئالداپ كەلگەنلىكىڭلارنى مەلۇم قىلىپ، ھەممىڭنىڭ دەرۋىشلىك دەستەكلىرىڭنى تارتقۇزۇۋالىمەن، يۈزلىرىڭگە خەت چەكتۈرۈپ، جاپالىق ياقا يۇرتتىكى پالاندىلار كۈرەسىگە پالاندى قىلىپ، كۆرگۈلۈكۈڭلارنى كۆرسىتىمەن، − دېدى.
دەرۋىش كالان ۋە دەرۋىشلەر ئەمىرنىڭ ھوقۇق - ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، بىرقانچە چاكار دەرۋىشنى چاقىرىپ، ئاۋۋال پېچەتلەرنى سويدۇرۇۋەتتى ۋە بولقا بىلەن قۇلۇپنى چاقتۇردى. كۆپچىلىك ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئېچىپ قارىغانىدى، ئۇنىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ غاردەك كۆرۈندى.
نەزم
قاراڭغۇلۇق ئۈستىگە زۇلمەت قوشۇلغان،
كۈن نۇرىنى كۆرمىگەن ئەسىرلەپ ھامان.
ئۆتكەن ئۇزاق ئەسىرلەر − يىللار ئارىدا،
ئاي شولىسى چۈشمىگەن زادى ھېچقاچان.
قايسى جەنۇب، قايسى شىمال ئايرىپ بولمايدۇ،
ھېچقانداق بىرنەرسىنى پەرقلەپ بولمايدۇ.
قارا تۈتەك ۋەھىمىدىن جۇغۇلدايدۇ تەن،
سوغۇق ھاۋا دەستىدىن تىترەيدۇ بەدەن.
ئادەمىزات ئايىغى يېتىپ باقمىغان،
جىن - شاياتۇنلار ئۇنى ماكان قىلغان.
كۆزنى ئاچساڭ كۆرمەيدۇ قارىغۇسىمان،
قولنى سوزساڭ كۆرۈنمەس ھەتتا ئالىقان.
ئوتتۇز كۈننىڭ ھەممىسى كېچىدەك ئۆتەر،
گويا بەش جېسەك ۋاقتىدەك تاڭ ئاتماي كېتەر.
كۆپچىلىك دۈرۈلدەپ بىراقلا ساراي ئىچىگە كىردى، قاپقاراڭغۇچىلىقتا ھېچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئەمىر ئۆز ھەمراھلىرىغا ئون نەچچە تال ئوتقاش ئەكەلدۈرۈپ ياندۇردى. ئوتقاشلارنىڭ يورۇقىدا قارىۋىدى، ئەتراپتا ھېچ نەرسە كۆرۈنمىدى، پەقەت ئۆينىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ئېگىزلىكى بەش - ئالتە چى كېلىدىغان بىر تاش پۈتۈك بولۇپ، ئۇ تاشپاقا شەكلىدىكى تاشقا ئولتۇرغۇزۇلغان، ئۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى توپىغا پاتۇرۇقلۇق تۇراتتى. تاش پۈتۈككە ئادەم تونۇمايدىغان سەلتەنەتلىك شاھانە خەتلەر بىلەن تەڭرى ۋەھىيلىرى ئويۇلغان. تاشنىڭ ئارقا يۈزىدە «خۇڭ كېلىپ ئاچقاي» دېگەن يوغان خەتلەر كۆرۈندى، مانا بۇ بىرىنچىدىن، ساماۋى ئەختەرلەرنىڭ ئاپىرىدە بولىدىغانلىقى، ئىككىنچىدىن، سۇڭ سۇلالىسىدە سادىق ئەزىمەتلەرنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقى، ئۈچىنچىدىن، خۇڭ شىننىڭ بۇ يەرگە كۈتكەندەكلا كېلىپ قالغانلىقى تەقدىرنىڭ ھۆكمى ئەمەسمۇ؟ خۇڭ ئەمىر بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ تازا خۇش بولدى ۋە دەرۋىش كالانغا قاراپ:
− سەنلەر مېنى توسقىنىڭ بىلەن، نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا مېنىڭ نامىم بۇ تاشقا پۈتۈلگەنىكەنغۇ؟ «خۇڭ كېلىپ ئاچقاي» دېگىنى تايىنلىق مېنى ئاچسۇن دېگىنى ئەمەسمۇ، ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دېيىشىسەن؟! پەمىمچە، بۇ دىۋىلەر تاش پۈتۈكنىڭ تېگىدە ئوخشايدۇ. قېنى ماڭا چاكارلاردىن جىقراق چاقىرىپ بېرىڭلار، لوم - گۈرجەكلەرنى ئەكېلىپ تاشنى ئاچسۇن، − دېدى.
− ئەمىر، − دېدى دەرۋىش كالان دەرھال ئىلتىجا قىلىپ، − بۇنىڭغا چېقىلمايلى، بالا تېرىلىپ، ئادەمزاتقا زىيان - زەخمەت يېتىپ، چاتاق چىقىدۇ.
− سەن دەرۋىشلەر نېمىنى بىلىشىسەن ! − دەپ ۋارقىرىدى ئەمىر قاتتىق كايىپ، − تاشقا مېنى ئاچىدۇ دەپ ئاپئاشكارا پۈتۈلگەن تۇرسا، يەنە نېمىدەپ توسماقچى بولۇشىسەن؟ چاققان بولۇش، ئادەم چاقىرىپ قازدۇر!
دەرۋىش كالان: «ياخشى بولماسمىكىن» دەپ قايتا - قايتا ئىلتىجا قىلىپ باقسىمۇ، ئەمىر نەدە قۇلاق سالسۇن. ئاخىر ئىلاجسىز ئادەم يىغىپ ئاۋۋال تاش پۈتۈكنى يىقىتقاندىن كېيىن ھەممەيلەن بار كۈچى بىلەن تاشپاقىنى قېزىشقا كىرىشتى، بىر ھازادىن كېيىن قېزىپ چىقىرىپ تېگىنى يەنە قازدى، بەل بويى قازغاندىن كېيىن ئېنى بىر غۇلاچ كېلىدىغان يوغان بىر پارچە يېسسىماق كۆك تاش چىقتى، ئەمىر ئۇنىمۇ قومۇرۇشقا بۇيرۇدى.
− ئۇنى قومۇرساق بولمايدۇ! − دېدى دەرۋىش كالان يەنە يالۋۇرۇپ.
ئەمىر نەدە قۇلاق سالسۇن، كۆپچىلىك نائىلاج يېسسىماق تاشنى ھە - ھۇ بىلەن بىردىنلا كۆتۈرۈۋىدى، ئۇنىڭ تېگىدىن بىر كۇھىقاپ كۆرۈندى. كۇھىقاپتىن شۇنداق بىر كۈچلۈك سادا كۆتۈرۈلدىكى، ئۇنىڭ ھەيۋىسى بۆلەكچىلا ئىدى. ئۇنىڭ شىددىتى شۇنداق ئىدىكى:
كۆمتۈرۈلۈپ ئاسمان - پەلەك، يەر ئۆڭتۈرۈلگەندەك گويا،
ئۆرۈلۈپ يار، تاغ يېرىلغاندىنمۇ ھەيۋەتلىك يەنە.
تاكى چەنتاڭجياڭ سۈيى دولقۇنلىنىپ تاشقان چېغى،
يا كۇكۇم - تالقان بولۇپ خۇاشەن بىلەن تەيشەن تېغى.
ياكى گۇڭگۇڭ بىر ئۈسۈپ جۇشەن تېغىن ئۆرۈگەنمىدۇ؟
كۆتۈرۈپ ھەيۋەت بىلەن ئۇمۇتنى پىرقىرىتىپ ئۇرۇپ −
چىن شىخۇاڭ تەختىراۋانىن بىر پالۋان چاققانمىدۇ،
كۇھىقاپ ئاغزى ئېچىلىپ، خۇددى دەھشەتلىك بوران −
سۇندۇرۇپ بامبۇك - قومۇش، تاللارنى قىلغاندەك سامان −
چىقتى لەك - لەك جەڭگە لەشكەر نەرىسى شۇنداق يامان.
شۇ قاتتىق سادادىن كېيىن كۇھىقاپتىن قاپقارا بۇس پۇرقۇپ چىقىپ، ساراينىڭ بىر بۇرجىكىنى ئۇچۇرۇۋەتتى - دە، ئۇدۇل ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، ئاسماندا تالا - تالا نۇر چاقناتقاندىن كېيىن تۆت تەرەپكە تارقاپ كەتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن خالايىق قاتتىق چۆچۈپ، قىيا - چىيا قىلىشقىنىچە لوم - گۈرجەكلىرىنى تاشلاپ، سارايدىن بەدەر قېچىشقا باشلىدى، بىر - بىرىگە پۇتلىشىپ ئوڭدا - دۈمدە بولۇپ كېتىشتى. بۇنىڭدىن چۆچۈگەن خۇڭ ئەمىر كۆزى چەكچىيىپ، ئاغزى ئېچىلىپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي داڭقېتىپ قالدى، چىرايى تامدەك تاتىرىپ، قاچقان پېتى ئۇزۇن ئايۋانغا كېلىۋالدى، دەرۋىش كالان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ نالە - پەرياد قىلدى.
− ھېلى قاچقىنى قانداق دىۋە ئۇ؟ − دەپ سورىدى ئەمىر.
دەرۋىش كالان ۋەقەنىڭ تېگى - تەكتىنى بىر - ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا بايان قىلدى، ئەييۇھەنناس، ئىشىتىڭلار ئامۇخاس ! شۇ زاماندىكى پادىشاھ كېچىسى كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەي، كۈندۈزى غىزا يېيەلمەي ئۆتكەن.
دالدا قورغاننى تۇتۇپ يولۋاسۇ يىلپىزلار ماكان،
قومۇشلۇق كۆلگە كېلىپ ئالغان لەھەڭلەر شۇ زامان.
لۇڭخۇشەن تېغىدىكى دەرۋىش كالاننىڭ زادى نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.