Jump to content

سۈنئىيلىك ۋە ئەسلىيلىك ئارىسىدا جاھالەت قۇيۇنلىرى

ئورنى Wikipedia

سۈنئىيلىك ۋە ئەسلىيلىك ئارىسىدا جاھالەت قۇيۇنلىرى

مەدەنىيەت شالغۇتلاشقاندا ياتلاشقانلىرىڭنى قايتۇرۇپ كېلىشتە دادىللىقىڭ يوقايدۇ. بارلىرىنى قانداق تىرىلدۈرۈشتە گاڭگىرايسەن. بۇنداق چاغدا بۇرۇقتۇملۇقنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يېڭىنى ياساپ كۆڭلۈڭنى تىندۇرماقچى بولىسەن، ئاۋۋال ياسايسەن، ئاندىن ئۇنى ئۇلۇغلايسەن، ئارقىدىن ئۆزۈڭ ياسىغاننى ئەسلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىسەن ياكى ئەسلى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇشقا چۈشىسەن. راست بىلەن ساختا ئارىلاشقاندا، جان تىكىپ قوغدايدىغىنىڭ ئۇنتۇلغان تەبىئىيلىكلەر ئەمەس، ئىجاد قىلىنغان ياسالمىلىقلار بولىدۇ. ئەسلىسى ئەمەس، ئۆز قولۇڭدا پۈتۈپ چىققان ساختىسى بولىدۇ. سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ مىراسى ئەمەس، ئۆزۈڭنىڭ پارنىكىدا ئۆستۈرۈپ ياساپ چىققانلىرىڭ بولىدۇ. بىر توپ ئۈچۈن ئۆزى ياساپ ئۆزى چوقۇنۇشتىن ئارتۇق ياسالمىلىق، جاھالەت بولسۇنمۇ!؟

ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئويغاقلىقى، ئۇنىڭ تەپەككۇر ساياھىتىدىن ئالغان ئەقلىي يەكۈنى ئۇنى مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆز قولىدا ياساپ بازار تاپقۇزۇلغان، ئەقىل تارازىسىدىن ئۆتمىسىمۇ ۋاز كېچىلمەسكە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ساختىلىقلارغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان، جاھالەتنى چېقىپ تاشلايدىغان روھقا ئىگە قىلغانىدى. ئۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ھاۋزىسىدا «مىللەت» ئۇقۇمىنىڭ ساماۋى تەستىققا ئېرىشىشىگە ئاساس سالغانىدى. ئۇ جاھالەت ئالىمىدە ئويغاقلىقنىڭ، ئەقىلنىڭ ۋە ھەقىقەتنىڭ ھەققىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ساماۋى ئالەمدىن «مىللەت» ئىسىملىك تاجغا سازاۋەر بولدى . جاھالەت ئەھلى كۆپ، ئۇ يەككە ئىدى. ئەمما ھەقىقەت ئۇنىڭ تەرىپىدە، تەبىئىيلىك ئۇنىڭدا بولغاچ، ھەمدە مەنە - قىممەتلەر ئۇنىڭ تۇتقان يولىدا تەجەللى قىلغان بولغاچ بىر مىللەتنىڭ، مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ھەقىقەت دۇنياسىنى ئوبرازلاشتۇرغۇچى قەھرىمان سۈپىتىدە مۇستەقىل «ئۈممەت» بولۇش شەرەپنامىسى بىلەن تەقدىرلەنگەنىدى . بۈگۈنكى ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مەدەنىيەت ئالىمىنىڭ يىلتىز ئۇلىنىڭ قۇرغۇچىسى، بارچە ساماۋى دىنلارنى تۇتىشىدىغان مەركىزى ناممۇ ئۇنىڭ نام شەرىپى بىلەن ئىھيا بولۇپ كەلدى. بۈگۈنكى ھەرقايسى مىللەتتىكى ئانتروپولوگلار، مەدەنىيەتشۇناسلار، دىن پەلسەپەچىلىرىنىڭ تىلىدا بارچە ساماۋى دىنلارنى ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇمنىڭ «ئىبراھىمىي دىنلار(Abrahamic religions)» دەپ ئومۇملاشقانلىقىمۇ بۇنىڭ تەجەللىلىرىدىن ئىدى. قۇرئاننىڭ ئىسلاھات چاقىرىقىمۇ ئۇشبۇ ئىبراھىم باشلاتقان توغرا ئېقىنغا، ھەر ئىرق ۋە قوۋەمگە «مىللەت» كىملىكىنى قۇرغۇچى مەدەنىيەت ئاقارتىشىغا سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭ يولىغا چاقىرىش بولغانىدى. چۈنكى مىللەتتە ھەقىقەت ئاساس، سەپسەتە ئەمەس. مىللەتتە ئۇل - مەنبە ئاساس، ئويدۇرما ئەمەس. مىللەتتە توغرۇلۇق ئاساس، ياسالمىلىق ئەمەس. مىللەتتە ساماۋى ۋەھيى ئاساس، ئىچكى خاھىش ئەمەس. مىللەتتە ئەقىل ئاساس، چۆچەك ئەمەس. تارىخ ئاساس، ھېكايە ئەمەس. نەمرۇت زېھنىيىتىنى ئىھيا قىلىپ ئىبراھىمىي بولغىلى بولمىغاندەك، جاھالەتكە ئۇپا ئەڭلىك سۈرتۈپ ھەقىقەتنى ئۆچۈرگىلى، ساختىنى راستنىڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرگىلى ياكى ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدۇ.

شۇ ئېنىق بولۇشى كېرەككى، ئۇلى يەرنىڭ قاتلىرىغا يىلتىز تارتمىغان، ئۈستى ساماۋى كۆككە يۈزلىنىپ تۇرمايدىغان، مېۋىسى ئۈزۈلمەي ئوزۇق بېرىپ تۇرمايدىغان دەرەخ قۇرۇشقا ياكى شۇنچىكى شامالدا توزۇپ تۈگەشكە مەھكۇم. بۇنداق خاراكتېرنى ئالغان ئىجادىيەتمۇ ساختا ئىجادىيەتتۇر. بۇنى دىققەتكە ئالماستىن ياساپ چىقىلغان كۈلتۈرلەرنى، ھە - ھۇغا بېرىلىپ ئويدۇرۇپ چىققان ئادەتلەرنى ھەر تۈرلۈك ئىسىم - ئاتاقلار ئاستىدا تىرىلدۈرمەكچى بولۇش ياسانچۇقلۇق ۋە ياسالما كۈلتۈر ئىجاد قىلىشتۇر. ياسالما كۈلتۈر ئىبراھىم مىسالى ھەققانىي تۇتۇم ئالدىدا مات بولۇشقا، ھەقىقەت پالتىسى پارلىغاندا چۇل - چۇل بولۇشقا مەھكۇم. مىللەت بۇلغىۋېتىلگەن ئۆزلۈك ئېڭىنى تىكلىگەندە، مىللىي خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئەجدادقا ۋارىسلىق قىلىشقا باشلىغاندا، يېڭى تارىخ سەھىپىلىرىنى يېزىشقا باشلىغاندا، ئەڭ ئاۋۋال چۆرۈپ تاشلايدىغىنى، ئۇنتۇشقا تىرىشىدىغىنى ئەنە شۇنداق ياسالما ئادەتلەر، ئەسلىنى سۇسلاشتۇرۇشقا، ئۇنتۇلدۇرۇلغانلىرىنى خىرەلەشتۈرۈشكە خىزمەت قىلىدىغان ساختا كىملىك ۋە ساختا كۈلتۈرلەر بولىدۇ. چۈنكى ھەقىقەت كەلگەندە باتىلنىڭ ھالى خارابلاشمىقى بەرھەق. ھەرقانداق شېرىن چۈشمۇ ئويغانغاندا كېسىلىدۇ. ياسالمىلىقلار، ئويدۇرما كۆنۈكۈشلەر، ھېسسىي تەسەللىلەرنى باستۇرغۇچى كۈلتۈرلەر تەبىئىيلىك ۋە ئەسلىيلىك باش كۆتۈرۈشى بىلەن سۇ يۈزىدىكى ساراب كەبى ئېقىن سۇنىڭ ئېقىتىشىغا مەھكۇم بولۇشى، لاتقىلار ئالىمىگە غەرق بولۇپ تۈگىشى مۇقەررەر. چۈنكى سەپسەتەنىڭ چاقىرىقى ھەقىقەت كەلگەنگە قەدەر كۈچكە ئىگە. ئويدۇرما ۋە ياسالمىلارنىڭ بازىرىمۇ تەبىئىيلىك ۋە ساپلىق باش كۆتۈرگەن كۈندىن باشلاپ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى مۇقەررەر.

- بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: ئاپتورنىڭ «مەۋجۇتلۇق قورغىنىمىز تەھلىكىدە» ناملىق كىتابى.


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى