سۈن چۈنلەن

ئورنى Wikipedia
سۈن چۈنلەن

سۈن چۈنلەن، ئايال، خەنزۇ، 1950- يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي راۋياڭدىن، 1969- يىلى 11- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتى.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

  1965- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن سانائەت تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپىدە ئوقۇغان.

  1969- يىلىدىن 1974- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن سائەت زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى، سېخ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، زاۋۇت ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، پارتكوم ئەزاسى بولغان.

  1974- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك 1- يېنىك سانائەت ئىدارىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1975- يىلىدىن 1977- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك يېنىك توقۇمىچىلىق سانائىتى ئىدارىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1977- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيە تالا- يۇڭ توقۇمىچىلىق باش فابرىكىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  1979- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيە تالا- يۇڭ توقۇمىچىلىق باش فابرىكىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان).

  1980- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيە تالا- يۇڭ توقۇمىچىلىق باش فابرىكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1981- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان).

  1985- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيە تالا- يۇڭ توقۇمىچىلىق باش فابرىكىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن فابرىكا باشلىقى بولغان(1986- يىلى 2- ئايدىن 1986- يىلى 11- ئايغىچە پارتكومنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان).

  1986- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن خىمىيە تالا- يۇڭ توقۇمىچىلىق باش فابرىكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1988- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  1991- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  (1989- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ سىرتتىن ئوقۇتۇش تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1992- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان).

  1993- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1994- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  (1992- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەدبىر بەلگىلەش- باشقۇرۇش ئىلمى كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1997- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1998- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2001- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، داليەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2001- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، داليەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  (2000- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق سىنىپى سىياسىي كەسپىدە ئوقۇغان).

  2005- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس، شۇجىچۇسىنىڭ 1- شۇجىسى بولغان.

  2009- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2010- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2014- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

  15- ، 16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى