سېۋىن ھېدىن

ئورنى Wikipedia

سىۋېن ھېدىن (Sven Anders Hedin.1865~1952) شىۋېتسىيىلىك جۇغراپىيىشۇناس، ئېكىسپېدىتسىيىچى. سىتوكھولىمدا تۇغۇلغان. 1891-يىلى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن ئونۋئرستېتىدا ئۇقۇغان. جۇغراپىيەشۇناس ف. ۋان. جىسخوفېننى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان. ئۇ ئۆمرىدە ئاز بولمىغان قان تەرىنى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا ئېكىسپېدىتسىيىلىك تەكشۈرۈشكە سەرىپ قىلغان. شىنجاڭ ئۇنىڭ ئاساسلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان جايلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يەنە شىزاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشىيا ۋە ئىچكى موڭغۇللارغىمۇ بارغان. بۇنىڭ ئىچىدە ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغانلىرى تۆت قېتىملىق تەكشۈرۈشتۇر. بىرىنچى قېتىمقىسى 1893-يىلىدىن 1897-يىلىغىچە. ئۇلار، پامىر ئىگىزلىكى ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرگەن. يەركەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى مەكىت ناھىيىسىدىن قۇملۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ خوتەن دەرياسى بويىدىكى تەكشۈرۈشكە بارغىچە بولغان جەريانىدا ھالاكەتكە ئۇچىراپ قۇيرىغىنى قۇم باسقىلى تاس قالغان. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئۇ 500 نەچچە پارچە خەرىتە سىزىپ چىققان. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ھەققىدىكى ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئاسىيا قىتئەسىنى كېسىپ ئۆتىش»(1898-يىلى) دېگەن داڭلىق ئەسىرى بار. ئىككىنچى قېتىمقىسى 1899-يىلىدىن 1902-يىلىغىچە. تارىم دەرياسىنى تەكشۈرۈپ لوپنۇر كۆلىگىچە بارغان. 1900-يىلى لوپنۇر چۆللىكىدە توساتتىن كىرورەن خارابىسىنى بايقىغان. 1901-يىلى كىرورەندە قىزىش ئېلىپ بارغان. نۇرغۇنلىغان خەنزۇ يېزىقى، توخرى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى ۋە يىپەك توقۇلمىلارنى، يارماق پۇللارنى تاپقان. ھەمدە لۇپنۇر كۆلىنىڭ يۆتكىلىشچان كۆل ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قىياسنى ئوتتۇرغا قويۇپ «1899-يىلىدىن 1902-يىلىغىچە مەركىزى ئاسىيادا ئېلىپ بېرىلغان ئېكىسپېدىتسىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىلىرى» (1904-1908) دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان. ئۈچىنچى قېتىمقىسى 1906-يىلىدىن 1907-يىللىرىغىچە. ئاساسەن شىزاڭ ئىگىزلىكى بىلەن ھىمالايا تاغلىرىنى تەكشۈرگەن.تۆتىنچى قېتىمقىسى،1927-يىلىدىن 1935- يىللىرىغىچە. بۇ قېتىمقىسى ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان تەكشۈرۈشتۇر. ئۇ جۇڭگولۇق ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «جۇڭگو-شىۋېتسىيە جۇڭگۇنىڭ غەربىي شىمالىنى ئېكىسپېدىتسىيىلىك تەكشۈرۈش بىرلەشمە ئەترىتى» دەپ ئاتالغان، ئەتىرەتنى تەشكىللىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئەترەت باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. شىنجاڭ، ئىچكى مۇڭغۇل، نىڭشىيا، گەنسۇ قاتارلىق جايلارلاردا ھاۋا رايى، قەدىمىي جانلىقلار، گىئولوگىيە، جوغراپىيە، ئارخىلوگىيە قاتارلىق تەرەپلەردىن ئونۋئرسال تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش «ھەرىكەتچان ئونىۋېرستېت» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەينى چاغلاردىكى جۇڭگونىڭ گىئولوگىيە، جۇغراپىيە، ئارخىلوگىيە قاتارلىق ئىلىم ساھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش جەريانىدا بېسىلغان تۇنجى مەزمۇت قەدەمى ئىدى. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ھەققىدە «ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەركىزى رايونىدا ئېكىسپېدىتسىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان سەككىز يىل» (1943-يىلى) دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان. «شىنجاڭ ئېنسكلوپېدىيىسى»نى تۈزۈش گۇرپىسى