سەئد بىننى ئەبى ۋەققاس

ئورنى Wikipedia
سەئد بىننى ئەبى ۋەققاس
تۇغۇلۇشھ. بۇرۇن 23 ياكى 27 / م. 595 ياكى 599
ۋاپاتىھ. 55 / م. 674


سەئىد ئىبىنى ئەبى ۋەققاس مالىك ئەل قۇرەشىي ئەززۇھرىي (سَعْد بن أَبي وقاص مَالِك القرشي الزهري) سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس مالىك ئىبنى ئەھيەب ئەلقۇرەشىي (ئەبۇ ئىسھاق)[1] (ھ. بۇرۇن 23 ياكى 27 - ھ. 55 / م. 595 ياكى 599 - م. 674) تۇنجى مۇسۇلمان بولغان يەتتە كىشىنىڭ ۋە جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە (ئەشەرەئى مۇبەششەرە) نىڭ بىرى[1]. ئۇ تۇنجى بولۇپ ئاللاھ يولىدا ئوق چىقارغان، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسىنىڭ ئوغلى، ئۇ پەيغەمبەر بىلەن بىللە بارلىق غازاتلارغا شاھىت بولغان. ئۇ ماھارەتلىك ئوقياچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ قەدىسسىيە ئۇرۇشىدا پارسلارنى مەغلۇب قىلدى ۋە جالاۋلادىكى پارسلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتتى، ئۇلارنى مەغلۇب قىلدى، ئۇ ئىراقتىكى خۇسرا شەھەرلىرىنى بويسۇندۇردى. ئۇ ئىسلامنىڭ پېرسىيەنى بويسۇندۇرۇشىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھىجرىيە 17 - يىلى كۇفەنىڭ تۇنجى ھۆكۈمرانى بولغان، ئۆمەر بىن خەتتاب ئۇنى خەلىپە سايلايدىغان ئالتە كىشىلىك شۇراغا قوشقان. پارس زېمىنى فەتىھ قىلىپ، كۇفەگىچە بارغان.

ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى خەلىپە تاللايدىغان ئالتە كىشىلىك «شۇرا ھەيئىتى»گە تاللىغان.[1]

جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن 10 ساھابە

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. 1.0 1.1 1.2 ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى