سەئىد جېلىل شەمسىددىن ئۆمەر

ئورنى Wikipedia

سىياسەتچى سەئىد جېلىل شەمسىددىن ئۆمەر

سەئىد جېلىل شەمسىددىن ئۆمەر (1211 -1279 ) يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان داڭدار سىياسىئون ھەم يۈننەن قاتارلىق جايلارنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،دىنىي ۋە مەدەنىي مائارىپ ئىشلىرىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان مەشھۇر تارىخىي شەخس ئىدى .

<<يۈەن سۇلالىسى تارىخى>> 125 - جىلد<<سەئىد جېلىل شەمسىددىننىڭ تەرجىمىھالى>>دا كۆرسىتىلىشىچە ، ئۆمەر دەسلەپتە چىڭگىزخاننىڭ چېدىرىدا قاراۋۇللۇق قىلىدىغان ئەسكەرلەرگە باشلىق بولغان ،كېيىن موڭغۇل قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر بىلەن ئۇرۇشقا قاتناشقان . ئوگداي خان تەختكە چىققاندىن كېيىن ، ئۆمەر فىڭجۇ ، چېڭجۇ ، يۈەنجۇدىن ئىبارەت ئۈچ ئايماق(يەنى بۈگۈنكى داتۇڭ شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالى بىلەن كۆكخوت شەھىرى ئەتىراپى)قا دارغاچ بولغان . كېيىن تەييۈەن ، پىڭياڭ ئىككى ئايماققا دارغاچ بولغان . ئۇنىڭدىن كېيىن يەنجىڭ(بۇگۇنكى بېيجىڭ)ئايمىقىنىڭ دادخاھى بولغان . بۇ ۋاقىتتىكى دادخاھ 3 - دەرىجىلىك مەنسەپ بولۇپ ، ھۆكۈم ئېلان قىلىش ، جازالاش ئىشلىرى ۋە مەمۇرى ئىشلارنى باشقۇراتتى . ئەمەلىيەتىمۇ ئۇ ئىنتايىن مۇھىم مەنسەپ بولغاچقا ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە بۇ ۋەزىپىنى ۋەزىرلەردىن بىرى ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى . <<يۈەن سۇلالىسى تارىخى >> 85 - جىلد <<ئەمەلدارلار رويخېتى>>دە كۆرسىتىلىشىچە ، ئۆمەر دادخاھ بولغان ۋاقىتلاردا مالىيەنى ياخشىلاپ ، خەلق تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلغان ، باج-سېلىقنى تۇراقلاشتۇرۇپ ، پارخور ئەمەلدارلارنى قاتتىق جازالىغان ، شۇڭلاشقا ، شەمسىددىن ئۆمەر خەلققىمۇ ، ھۆكۈمەتكىمۇ يارايدىغان ئىناۋەتدار ئەمەلدار بولغان .

مىلادى 1251 - يىلى مۆڭكۈخان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ، ئۆمەر يەنجىڭ ۋې ئۇنىڭغا قاراشلىق ئۈچ ئايماققا باش بۇغ بولغاندا ھەمدە مەركىزى ھۆكۈمەت نامىدىن ھەر قايسى ناھىلەرگىچە بېرىپ يەرلىك مەمۇرى ئەمەلدارلارنىڭ خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ، ئادىل ئىش باشقۇرغانلارنى تارتۇقلاپ ، خىيانەتچى پارخورلارنى جازاغا تارتقان . مۆڭكۈخان سىچۈەنگە يۈرۈش قىلغاندا ، ئۆمەر ئەسكەرلەرنىڭ مائاشى ۋە يېمەك -ئىچمەك تەمىناتىغا مەسئۇل بولۇپ ، غەلبە قىلغانغا قەدەر تەمىناتنى ئۆكسۈتۈپ قويمىغان .

قۇبلايخان تەختكە چىققاندىن كېيىن ، ئۆمەر يەنجىڭ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئۈچ ئايماقنىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي باش ئەمەلدارى بولغان . جۇڭتوڭنىڭ 2 - يىلى (مىلادى1261 -يىلى ) دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولغان . بۇ مۇئاۋىن ۋەزىر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى مەنسەپ بولۇپ ، ئۆمەرنىڭ دەرىجىسى ئۆسكەنسېرى ئوردىدىكى ئابرويىمۇ تەدرىجى ئۆسۈپ ، خان - ۋەزىرلەرنىڭ قاتلاممۇ قاتلام تارتۇقلىشىغا مۇيەسسەر بولغان .

جىيۈەن 1- يىلى (مىلادى1264 - يىلى )، ئۆمەر شەنشى ، سىچۇەن ئىككى ئۆلكىنىڭ دىۋان مۇئەككىلى بولغان . جىيۈەننىڭ 7 - يىلى (مىلادى 1270 - يىلى ) ئۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جيادىڭدىكى قالدۇق قوشۇنلىرى ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان ، قۇرۇقلۇق ھەم سۇ يولى بىلەن ئىلگىرلەپ ، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ داڭدار ئىككى سانغۇنىنى ئەسىر ئالغان ،ھەم 28 ئۇرۇش كېمىسىنى غەنىمەت ئالغان .

جيۈەن 11 - يىلى (مىلادى 1274 - يىلى ) قۇبلايخان ئۆمەرگە : <<يۈننەن مەن ئۆزۈممۇ كۆپ بارغان جاي ، يېقىندىن بۇيان ئۇ جايغا ئەۋەتىلگەن ئەمەلدارلار زادىلا كارغا كەلمىدى. شۇڭلاشقا يەرلىكلەرنى تىنچلاندۇرۇش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ . مەن ئېھتىياتچان ئادەمدىن بىرنى ئەۋەتىپ ئىدارە قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن ، بۇنىڭغا سىزدىن مۇۋاپىق ئادەم يوقتەك قىلىدۇ...>> دەپ ، ئۇنى يۈننەننىڭ دىۋان مۇئەككىلى قىلىپ تەيىنلىگەن ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ 63 ياشقا كىرگەنىدى ، لېكىن ئۇ يۈننەندە 6 يىل جاپالىق ئىشلەپ ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن . جىيۈەن 16 - يىلى (مىلادى1279 - يىلى ) كېسەل سەۋەبى بىلەن 69 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .

ئۆمەر دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى ھەم دۆلەتلىك مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باش ئەمەلدارى بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ، پۇل چىقىرىش ۋە تارقىتىشنى قاتتىق تىزگىنلەپ ، پۇلنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ، مال باھاسى بىلەن تارقىتىلغان پۇللارنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشتەك بىر يۈرۈش چارە - تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ ، دۆلەت مالىيەسىنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلىغان . ئۇ ئۈچ يىل ئىچىدە جۇڭتۇڭ پۇلىدىن ئارانلا 24 تۈمەن تىزىق تارقاتقۇزۇپ ، پۇلنىڭ پاخاللىشىشى بىلەن مال باھاسى ئوتتۇرسىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەتنى يۇمشاتقان . ئۇ يەنە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى غەزىنىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ،باج كىرىمىنى ئاشۇرۇش ، قالايمىقان پۇل چىقىم قىلماسلىق ، پۇخرالارنى قاقشاتماسلىق ۋە مال باھاسى بىلەن ھايانكەشلىكنى قاتتىق تىزگىنلەشتەك ئۈنۈملىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ ، دۆلەت مالىيەسىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىغان .

ئۆمەر داڭدار مالىيە ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى بولۇپلا قالماي ، بەلكى ھەربىي جەھەتتىن پىشقان ماھىر سىياسەتچى ئىدى . جىيۈەن 12 - يىلى (مىلادى1275- يىلى ) ئۆمەر خان ئوردىسىغا مەكتۇپ يوللاپ ، ھەربىي ئىشلار بىلەن مەمۇرىيەتنى ئايرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ، بۇ ئىش قۇبلايخاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن مەمۇرى ئەمەلدارلار ئۆز ئالدىغا سىياسەت يۈرگۈزۈشتەك باش - باشتاقلىق ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىلىپ ، ئايغاقچى مەھكىمىسى بىلەن باش ئەمىر لەشكەر مەھكىمىسى ۋاقىتلىق دىۋان مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن ھەم ۋاقىتلىق دىۋان مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇقى كۈچەيتىلىپ ، ھەربىي ئەمەلدارلار يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنى باشقۇرالمايدىغان بولغان .

ئۆمەر يۈننەنگە ئۆلكە باشلىقى بولغاندا بۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىپ ، پۇخرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالانى ئىگىلەپ ، ئۇلارنىڭ ئىلەپچىقىرىشنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئاڭلاپ <<ھەممە ئىش دۆلەتكە پايدىلىق ، خەلققە قولايلىق بولۇشى كېرەك>> دېگەن . ئۆمەر يەرلىك دېھقانلار بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە :<<مەن سىلەرنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشتىكى بەزى قىيىنچىلىقىڭلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىپ ، سىلەرگە كالا ، ئۇرۇقلۇق ، ساپان ... قاتارلىق دېھقانچىلىق ۋاستىلىرىنى قەرز بېرىمەن ، سىلەرچە بىر مو يەردىن قانچىلىك ھوسۇل ئالغىلى بولار؟>> دەپ سورىغاندا ، دېھقانلار :<<ھەر موسىدىن ئىككى تاغاردىن شال ئالغىلى بولىدۇ >>دەپ جاۋاب بېرىشكەن . ئۆمەر دېھقانلاردىن : <<ھۆكۈمەتكە قانچىىلىك ئاشلىق تاپشۇرىسىلەر ؟>> دەپ سورىغاندا ،دېھقانلار :<<بار تاغار تاپشۇرىمىز>> دەپ جاۋاب بېرىشكەن . شۇنىڭ بىلەن .ئۆمەر : <<بەك ئېغىر بولۇپ كېتىپتۇ ، سىلەر كېيىنكى تۇرمۇشۇڭلارنى قامداشقا ئامالسىز قالغۇدەكسىلەر ، ئەگەر كېيىن يەنە چارۋا ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرى قەرز بېرىلمىسە ، كالا ئۆلسە پۇل خەجلەپ كالا سېتىۋالىسىلەر ، سايمان بۇزۇلسا پۇل خەجلەپ رېمونت قىلدۇرىسىلەر ، يەنە كېلىپ بىر ئائىلىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ، كېيىم - كېچەك قاتارلىق خىراجەتلىرى بار . ئۆزۈڭلەرگە قالدۇرۇلغان بىر ئۆلۈش ئاشلىق بارلىق چىقىمىڭلارغا يېتەمدۇ ؟>>دېگەندە ، دېھقانلار : <<ئەمسە ئۈچتىن بىر قىسمىنى تاپشۇرساق كۇپايە قىلار >> دېيىشكەن . ئۆمەر يەنە <<گەرچە سىلەر ئۈچتىن بىرىنى تاپشۇرايلى دەپ ۋەدە قىلغىنىڭلار بىلەن ، مەن سىلەرنىڭ ئاچ - يالىڭاچ بالىلىرىڭلارنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرەيمەن ، كېيىن مېنىڭ ئورنۇمغا باشقا بىر ئەمەلدار كەلگەندە سىلەر شۇنداق ئۈچتىن بىر قىسمىنى تاپشۇرۇڭلار ، بۇنداق بولۇۋەرسە ھۆكۈمەت بىلەن پۇخرالار ئوتتۇرسىدىكى ئۆچمەنلىك كۈچەيمەمدۇ ؟ مېنىڭچە سىلەر مو بېشىدىن ئىككى تاغاردىن ھوسۇل ئالالىساڭلار ھۆكۈمەتكە پەقەتلا ئىككى كۈرە تاپشۇرساڭلار بولدى ...>>دېگەندە دېھقانلار بۆكىنى ئاسمانغا ئېتىشىپ ، ناھايىتى خوشال بولۇشقان ھەم ئۆمەرنى ماختاشقان .

ئۆمەر يۈننەننىڭ مەدەنىي - مائارىپ ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان . يۈننەن چىگرا رايون بولغاچقا ، تارىختىن بۇيانقى ئۇرۇش - نىزالار تۈپەيلىدىن مەدەنىي -مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي تاپمىغانىدى ، ھەتتا يۈەن دەۋرىنىڭ دەسلىپىگىچە مەكتەپمۇ بولمىغان . جىيۈەن 13 - يىلى (مىلادى 1276 - يىلى ) ئۆمەر شەنچەن ۋىلايىتىنىڭ ۋۇخۇسەن دېگەن يېرىگە بىر مەكتەپ سالدۇرغان ھەم 50 مو يەر ئاجىرتىپ بەرگەن . كېيىن يەنە ئەمەلدارلار يېرىدىن 33 مو يەر ئاجىرتىپ بەرگەن ، بۇ مەكتەپتە ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى ئوقۇغان ، شىنجاڭ ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئوقۇتقۇچى ئەكىلىپ دەرس ئۆتكۈزگەن . ئۆمەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شەنچەن ، دالى ، چۇشيۇڭ ۋە چۇچېڭ قاتارلىق جايلاردا 30 دىن كۆپىرەك مەكتەپ ئاچقۇزغان .يۈننەننىڭ خېلى كۆپ جايلىرىدا مۇسۇلمان رەسەتخانىلىرىنى تەسىس قىلىپ ، ئاسترونومىيە ئىشلىرىنى يولغا قويغان . دوختۇرخانا ۋە دورا دۇككانلىرىنى تەسىس قىلغان . شىنجاڭنىڭ ئىلغار توقۇمىچىلىقىنى يۈننەنگە تارقاتقان ۋە يولغا قوغان . لېكىن يۈننەندىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ يەرلىك مۇتەئەسسىپلىرى ئۆمەر كەلگەندىن كېيىن مەنسىپىدىن ئايرىلىپ ، پۇخرالاردىن نەپ ئالالمىغان ، شۇڭا ، ئۇلار ئۆمەر يىراق ۋىلايەتكە مەسىلە ھەل قىلغىلى كەتكەندە ، پۇرسەت تېپىپ خان ئوردىسىغا بارغان ھەم قۇبلايخانغا <<ئۆمەر ئەسەبىيلەشتى>> دەپ شىكايەت قىلغان . قۇبلايخان ئۇلارغا : <<سەئىد جېلىل ئۆمەر دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىي ئىشلىرىغا ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلىدىغان ، خەلقنى سۆيىدىغان توغرا نىيەتلىك ئادەم . مەن ئۇنى ئوبدان بىلىمەن >> دەپ ، شىكايەت قىلىپ كەلگەنلەرنى ئۆمەرنىڭ ئۆز قولى بىلەن جازالىشى ئۈچۈن يۈننەنگە پالىغان ، ئەمما ئۆمەر ئۇلاردىن ئۆچ ئالمىغان ،ئەكسىچە ئۇلارغا :<<سىلەر مېنى بىلمىگەن بىلەن ئۇلۇغ خانىمىز ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ماڭا مۇشۇنداق چوڭ ئەمەل بەرگەن ، مەن سىلەرنى گۇناھكار دەپ قارىمايمەن ، بەلكى ئەمەل بېرىمەن>> دېگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆمەرگە باش ئۇرۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ قايتىدىن ئەمەلگە ئېرىشكەنلىكىگە مەمنۇن بولغان ھەم توغرا نىيەتلىك ئادەم بولۇشقا ۋەدە بەرگەن .

مىلادى 1279 - يىلى ، ئۇ ھازىرقى كۈنمىڭ شەھىرىدە ۋاپات بولغاندا داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ھەم خەلق شائىرلىرى تەرىپىدىن : <<پۇقرالار يىغلىشار خالتا كوچىدا ، ئۆمەر ئۆلگەچكە خەلق يولىدا>> دەپ تەرىپلەنىدى . خان ئوردىسىدىن ئۇنىڭغا <<تۆھپىكار ۋەزىر>>،<<خان ئۇستازى>>،<<باشلامچى سەركەردە>>،<<دۆلەت تۈۋرۈكى>>،<<ساداقەتلىك تۆرە>>دېگەن ئۇنۋانلار بېرىلگەن . ئۆمەرنىڭ ئەۋلادلىرى 4- نەۋرىسىگىچە يۈننەن مەمۇرىي ئۆلكىسىنى ئىدارە قىلغان . ئۇنىڭ نەسىرىدىن ، ھەسەن ، خوشىن ، مەسئۇد ۋە جەمسىدىن ، ئۇمۇلى قاتارلىق بەش ئوغلى بولۇپ ، ئەڭ يۇقۇرىسى مۇئەككەل (ۋەزىر بىلەن ئوخشاش)، ئەڭ تۆۋىنى باش بۇغ بولغان .

پايدالانغان ماتېرياللار:

1.<<يۇەن سۇلالىسىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر سەخسلەر>>