سەدىقە-ئىھسان ئىمكانقەدەر مەخپى قىلىنغىنى ياخشى

ئورنى Wikipedia

رامىزان ھەقىقەتەن رەھمەت ۋە بەرىكەت ئېيىدۇر، ياخشىلىقلار، سادىقە-ئىھسانلار مۇشۇ ئايدا كۆپ قىلىنىدۇ.

قىيامەتتە ئاللاھنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق مەھشەركۈنىدە ئاللاھنىڭ سايىسىگە مۇشەررەپ بولىدىغان7تۈرلۈك كىشىدىن بىرى ئوڭ قولىدا بەرگەن سادىقىنى سول قولىدىن يۇشۇرغان كىشىدۇر.

بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىس:

عن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: "سبعة يظلهم الله يوم القيامة في ظله، إمامٌ عادلٌ، وشابٌّ نشأَ في عبادة الله، ورجل ذكر الله في خلوة ففاضتْ عيناه، ورجل قلبه معلق في المساجد، ورجلان تحابا في الله، اجتمعا عليه وتفرقا عليه، ورجل دعته امرأة ذاتُ منصب وجمال إلى نفسها فقال: إني أخافُ الله، ورجلٌ تصدَّق بصدَقةٍ فأَخفاها حتى لا تعلم شماله ما صنعت يمينهُ" (رواه البخاري ومسلم بترتيب وألفاظ مختلفة)

(ئەبى ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان ھەدىستا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى ئاللاھ 7تۈرلۈك ئادەمگە ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئورۇن بىرىدۇ:

1. ئادىل پادىشاھ.

2. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان ياش.

3. خىلۋەت جايدا ئاللاھنى زىكىر قىلىپ كۆز يېشى قىلغان ئادەم.

4. قەلبى مەسچىتلەرگە باغلانغان ئادەم.

5. ئاللاھ ئۈچۈن دوست بولۇپ، ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىلغان ئادەم.

6. جەمىيەتتە ئورنى بار چىرايلىق ئايال گۇناھقا چاقىرسا، ئاللاھتىن قورقىمەن دەپ ئۆزىنى تارتقان ئادەم.

7. ئاللاھ يولىدا سادىقە قىلىپ مەخپى تۇتقانلىقتىن ئوڭ قولى قىلغان سادىقىنى سول قولى بىلمىگەن ئادەم.) (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس)

بۇ كۈنلەردە خەلقىمىزنىڭ دىلى سۇنۇق، ھالى پەرىشان، تۈركىيە ئىككىنچى ۋەتىنىمىز بوپ قالدى.

ياردەم تارقىتىدىغانلار رىستورانلارنىڭ ئالدى، رەستە، يوللاردا ئادەم يىغىپ تارقىتىش مەزكۇر ھەدىسنىڭ روھىغا زىت كىلىدۇ.

ياردەم تارقىتىشنىڭ ئۇسۇلى، باشتا قايسى شەھەر ۋە مەھەللىدە تارقىتىش بولسا، شۇ يەردىكى مۇھتاجلارنى ئىنىقلاپ، ئىھتىياجى نېمە بولسا شۇنىڭغا ئاساسەن تىزىملاپ، ئادرىسلىرىغا يەتكۈزۈپ بىرىلسە ياخشى بولىدۇ.

يوللارغا ئادەم يىغىپ يارەم تارقىتىشنىڭ زىيىنى:

1. رىياكارلىققا سەۋەپ بولىدۇ. ھەرقانداق بىر ياخشىلىققا رىيا ئارلىشىپ قالىدىكەن ساۋابى كۆيىدۇ، ئاخىرەتتە ساۋاپتىن ھېچقانداق نەسىۋە بولمايدۇ.

2. يەرلىك خەلقلەر ئالدىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئابرۇيى تۆۋەنلەيدۇ، باشقىلار تۆۋەن كۆرىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.

3. ياردەم ئالغۇچىلارمۇ ئىھتىياجىغا قاراپ ئالماي نەپسانىيەتچىلىك قىلىدۇ.

4. ھەقىقىي مۇھتاجلار خىجالەتتىن يوللاردا تارقىتىلغان ياردەمنى ئېلىش ئۈچۈن كىلەلمەي قالىدۇ، كەلگەندىمۇ كىملىكىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.

ئاللاھ بەزى مۇھتاجلارنى تەسۋىرلەپ ئىففەت نومۇستىن باشقىلار ئالدىغا بېرىپ ياردەم سورىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى باي خىيال قىپ قالىسىلەر دېگەن.

{لِلْفُقَرَاءِ الَّذِينَ أُحْصِرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ ضَرْبًا فِي الْأَرْضِ يَحْسَبُهُمُ الْجَاهِلُ أَغْنِيَاءَ مِنَ التَّعَفُّفِ تَعْرِفُهُم بِسِيمَاهُمْ لَا يَسْأَلُونَ النَّاسَ إِلْحَافًا ۗ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ} (البقرة273)

(ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەيرى-ئىھسان قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئىھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر.)

ئاللاھ خەلقىمىزنىڭ بېشىدىكى بۇ ئېغىر كۈنلەرنى تىز پۇرسەتتە كۆتۈرۋەتسۇن، مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرسۇن، خەير-ئىھسان قىلغۇچىلارنىڭ سادىقىلىرىنى قوبۇل قىلسۇن، رىياكارلىقتىن ساقلىسۇن، ئامىين..

بىلال ئەزىزى