سەربىز
مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى سەربىز ئۇرۇقدىشى بىر يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. شۇ ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەر تەخمىنەن 250 خىل بولۇپ، ئەسلىي ماكانى شىمالىي ئامېرىكا.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
[تەھرىر]ئۇيغۇرچە نامى :سەربىز
تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈركۈمى :قوڭغۇراقگۈل تۈركۈمى
ئائىلىسى :مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى
ئۇرۇقداشلىرى :سەربىز ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە نامى :Erigeron speciosus (Lindl.) DC.
باشقا نامى :ياۋا ئاپتاپپەرەس
كەنجى سىنىپى :بىرلەشمە بەرگىلىك گۈللۈكلەر كەنجى سىنىپى
كەنجى ئائىلىسى :نەيچىسىمان گۈللۈكلەر كەنجى ئائىلىسى
سىرتقى شەكلى
[تەھرىر]ئۆسۈملۈك تۈپى
[تەھرىر]ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.
غولى
[تەھرىر]غولى يالغۇز ئۆسىدۇ، شالاڭ، ئېگىزلىكى 5-60 سانتىمېتىر، تۈۋى قىسمىنىڭ دىئامېتىرى 1-4 مىللىمېتىر، ئۈستىدىكى ياكى ئاز ئۇچرايدىغان ئاستىدىكى شاخلىرى، يېشىل ياكى بەزىدە سۆسۈن رەڭ، روشەن سىزىقلىق ، بىر قەدەر زىچ ھەم ئۇزۇن تۈكلۈك.
يۇپۇرمىقى
[تەھرىر]تۈۋىدە يوپۇرمىقى بىر قەدەر زىچ، چېچەكلەش مەزگىلىگىچە يۇپۇرمىقى ساقلىنىدۇ، تەتۈر تېمىنسىمان، ئۇزۇنلۇقى 5 - 10 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 0.3 - 1.2 سانتېمىتىر، تۆپە تەرەپ بۇلۇڭى كەڭ ياكى ئۇچلۇق، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان، ئۆسۈپ يېتىلىش سېپى تۇلۇق گىرۋەكلىك ياكى ئىنتايىن ئاز، ئوتتۇرا قىسمى ۋە ئۈستۈنكى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى تېمىنە شەكىللىك، ساپسىز، تۇتقۇچسىز، ئۇزۇنلىقى 0.5 - 8 سانتىمېتىر كەڭلىكى 1.0 −0.8 سانتىمېتىر، تاشقى ئۇچى ئۇچلۇق، ئەڭ ئۈستى ۋە شاخ ئۈستىدىكى يوپۇرماق كىچىك، يىپ شەكىللىك، يىپسىمان.
گۈلى
[تەھرىر]باشسىمان گۈل رېتى كۆپ، غول شاخ ئۇچى تىزىلىپ زىچ ھەم تار ياكى ئاز ئۇچرايدىغان شالاڭ ھەم كەڭرى، كونۇسسىمان گۈل رېتى باشسىمان، بىر قەدەر ئاز، ئۆگزىسىمان تىزىلغان، ئۇزۇنلۇقى 6-10 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 11-21 مىللىمېتىر؛
مېۋىسى
[تەھرىر]مېۋىسى سوقىچاق تومۇنىسىمان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.8 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 0.4 مىللىمېتىر كېلىدۇ، ياپىلاق بولىدۇ، شالاڭ قىسقا تۈكلۈك؛ تاجسىمان تۈكلىرى ئىككى قەۋەت، ئاق رەڭلىك كىرپىكسىمان، سىرتقى قەۋىتى ئىنتايىن قىسقا، ئىچكى قەۋىتى ئۇزۇنلىقى 5-6 مىللىمېتىر.
ئۆسۈملۈك تۈپى

جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى
[تەھرىر]4پارچەسەربىزئىچكى مۇڭغۇل، جى لىن، لىياۋ نېڭ، خېبېي، سەنشى، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، چىڭخەي، يۈننەن، سىچۈەن ئۆلكىسى ۋە شىزاڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا تارقالغان.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كاۋكاز، ئوتتۇرا ئاسىيا، سىبىرىيە رايونى ۋە موڭغۇلىيە، ياپۇنىيە، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە رايۇنلارغىمۇ تارقالغان.
ئۆسۈش شارائىتى
[تەھرىر]3پارچەسەربىزدائىم تاغ باغرىدىكى يايلاق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ۋە ئورمان ياقىسى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1400-3500 مېتىر بولغان رايونلاردا ئۆسىدۇ. مۇھىت تاللىمايدۇ، ئۆستۈرۈش ئاسان. ياخشى كۈنگەي، سوغۇققا چىداملىق، تۇپراققا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، مۇنبەت، ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق، سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى بولغان رايۇنلاردا ياخشى ئۆسىدۇ.
ئاساسلىق قىممىتى
[تەھرىر]باغ - ئورمان ئىشلىتىلىش ئورنى
[تەھرىر]گۈللۈك، غۇژمەك گۈللۈك ياكى گىياھلىق قاشا يېنىدا، تاغ ئالدىدا، ئۆيدە ئېسىپ قويۇپ مەنزىرە قىلىنىدۇ؛ دېڭىز ساھىلى باغچىسىنىڭ ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ.
دورىلىق قىممىتى
[تەھرىر]سەربىز : ئىسسىققا مايىل كېسەللەر داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
پۈتۈن ئوتى شامالداراپ قېلىش، قىزىتمىغا شىپا بولىدۇ، ئىچ ئۆتۈش، ئۈچەي ياللۇغى، ئەسۋە، قىچىشقاق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
باغ - ئورمان ئىشلىتىلىش ئورنى

مەنبە:ئىزدە قامۇسى