Jump to content

سەرۋازسىز ۋەتەن، پەرۋازسىز تىل

ئورنى Wikipedia

سەرۋازسىز ۋەتەن، پەرۋازسىز تىل

    تەپەككۇرسىز تىل بولماس، تىلسىز تەپەككۇر مەزمۇن يارىتالماس. زامانىمىزنىڭ گىگانت پەيلاسوپلىرىدىن ھايدىگېر (Martin Heidegger) : تىل مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆيى، دەپ كۆرسىتىدۇ. مەۋجۇداتنىڭ تەڭرىنىڭ «يارال»، دېگەن سۆزى ئاساسىغا بىنا بولغانلىقىدەك ئىلاھىي ھەقىقەتمۇ تىل ۋە مەۋجۇتلۇق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاددىي مۇناسىۋەت ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. تىل تىللىق خاراكتېرى ئېتىبارى بىلەن مەيلى تاۋۇش - ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن تىل بولسۇن، روھىيەت تىلى بولسۇن، ئوي تىلى بولسۇن، كۆڭۈل تىلى بولسۇن، ئىشارەت تىلى بولسۇن پەرقى يوق. تىلنىڭ قۇدرىتى ئۇنىڭ تەپەككۇر تىلىغا ئايلانغان بولۇشى ياكى بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەپەككۇر تىلىغا ئايلىنالمىغان بىر «تىل» بەئەينى سايراشتىن قالغان قۇش مىسالى ئۆلۈك تىلدۇر. ئۆزى تەۋە تۈرگە خاس سايراشنى تەرك قىلغان قۇش سايراشتىن مەھرۇملۇقنى تاللىغان بولۇپلا قالماي سايراشنىڭ قانداقلىقىنىمۇ ئۇنتۇشقا يۈزلەنگەن چۈشكۈن قۇشتۇر. سايراشنى ئۇنتۇغان قۇش بىر بولسا مەڭگۈلۈك سايراشنى بەس قىلىپ، مەۋجۇتلۇقىنى ئىزھار قىلىشتىن ئاجىز ھالدا يوقىلىدۇ. يەنە بىر بولسا، ئۇنتۇغانلىرىنى ئەسلەش ئورنىغا ئۆزگە جانلىقلارنىڭ ئاۋازلىرىنى دوراشقا باشلايدۇ. ياكى بولمىسا باشقا تۈردىكى جانلىقلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشنى تاللايدۇ. يېغىپ ئېيتقاندا، قۇشقا نىسبەتەن ئۆزىگە ئائىت سايراشتىن، ئۆزىگە ئائىت تىل قۇرۇشتىن باشقا ئېھتىماللىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغۇدەك ئۆزلۈك نۇرىنى خىرەلەشتۈرۈپ پىلىكى كېسىلگەن ماي چىراغقا ئوخشاش ۋاقىتسىز ئۆچۈشىگە يول ھازىرلايدۇ.

قۇشنىڭ قۇشلار ئائىلىسىدىن سايراشنى ئۆگىنىشى تەقلىد ئەمەس، بەلكى بۇ  بىر خىل ئۆزىنى تېپىش ئۇرۇنىشى، خاسلىقىنى تېپىۋېلىش ۋە ئىگە چىقىش ھەرىكىتىدۇر. قۇشنىڭ ئۆز تۈرىنى تەرك قىلىپ باشقا تۈرلەرگە ئوخشىۋېلىشى، ئىتلارنىڭ قاۋىشىغا، كالىنىڭ مۆرىشىگە، ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشى ياكى توڭگۇز - چوشقىلارنىڭ خىرقىراشلىرىنى ئۆگىنىشكە زورۇقۇشى بولسا، تەقلىدتۇر. تەقلىد بولغاندىمۇ تەسلىمچىلىكتىن كەلگەن ئاڭسىز تەقلىد جۈملىسىدىندۇر. بۇ مەنىدىكى تەقلىد دەرۋەقە، مەنلىكنى يوقىتىشنىڭ، ئۆزلۈكنى پارچىلاشنىڭ، ئەسلىنى ئۇنتۇشنىڭ، ھەقىقىتىنى يىتتۈرۈشنىڭ ئەڭ قولاي يولىدۇر. ھەقىقىتىنى يىتتۈرمەسلىك ئۈچۈن قۇش پەقەتلا قۇشلۇق خاراكتېرگە ۋە قۇشچە سايراشقا ئىگە بولۇشى لازىم. شۇندىلا ئۇنىڭ ئۆزلۈكى بولىدۇ. بۇ ئۆزلۈك مەۋجۇت بولغان مۇددەتچە قۇشنىڭ بۇزۇلغان ئۇۋىسىنى، سەل ئاقتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن چاڭگىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشى ۋاقىت مەسىلىسى بولىدۇ، خالاس! قۇش قۇشچە سايراشتىن، قۇشچە خاراكتېردىن ئايرىلغان ۋاقىتتا بولسا، بۇلاردىن سۆز ئېچىش مۇمكىنسىزلىكتىن سۆز ئېچىش بولۇپ قالىدۇ.

  بىر مىللەت ئۆزلۈكىنى شەكىللەندۈرگەن، مىللىي خاراكتېرىنى پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلغان ئەقلىي بايلىقلىرىدىن، ئۆزلۈكىنى شەكىللەندۈرگۈچى ئۇنسۇر - ئامىللىرىدىن ئېرىغدالغان ۋاقىتتا، مىللەتنىڭ تىلىدىن، دىنىدىن، مەدەنىيىتىدىن بىۋاسىتە ئوزۇق ئالىدىغان، ئۆز تەقدىرىنى مىللەتنىڭ تەقدىرىنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلايدىغان، خەلقىنىڭ تىراگېدىيەسىنى ئۆز تىراگېدىيەسى سانايدىغان ئاۋانگارت قوشۇن ئەڭ ئاۋۋال خەتەرنى بايقىغۇچى توپ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشى كېلىۋاتقان خەتەرگە قارشى ئۈن - سادا چىقىرىش، كەلكۈنگە قارشى تۇغان سېلىشقا چاقىرىش، سەپەرۋەرلىك قىلىشتۇر. غەپلەت خەلقتە يۈز بەرسىمۇ، ئۇلاردا ئالدىراپ يۈز بەرمەيدۇ. يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ ئەڭ ئاۋۋال سەگىگۈچىلەر، ئەڭ بالدۇر ئويغانغۇچىلار يەنە شۇ ئاۋانگارتلار قوشۇنىغا مەنسۇپلار بولىدۇ. ئەگەر بۇمۇ ئەمەلىيلەشمىسە، دېمەك بۇ توپ خەلقتىن ئاۋۋال چىرىكلىشىپ بولغان، خەلقتىن بۇرۇن ماڭقۇرتلىشىپ بولغان دېمەكتۇر. بۇنداق بىر ھالەت «قۇش»نىڭ ھېلىھەم قەپەزدە ئىكەنلىكىدىن، ئەركىن پەرۋازنى ئۇنتۇغان ۋە ئاللىبۇرۇن قۇشچە سايراشتىن توختىغانلىقىدىن، سايراشنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەيلى ئۇچۇشىدا ياكى كۆكتىكى پەرۋازىدا بولسۇن، ئىرادىسى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئۆزلۈك دائىرىسىدە ۋە ئۆز ئىلكىدە ئەمەسلىكىنى، قانداقتۇر بىر تەلقىنچىنىڭ قولىدىكى خەسە تۇغنىڭ بەلگە - ئىشارىتىگە كۆنۈككەن، شۇ ئاساستا ئۇچىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈلگەنلىكىنى، كۆنۈكۈپ كەتكەن ئادەتنى بۇزۇپ ئۆز غايىسى تامان ئۇچۇشقا جۈرئىتى، ھەتتا غايىسىمۇ بولمىغان، بەلكى ئىرادە ۋە غايىدىن ئىبارەت كىشىلىكى ئۇنىڭ ئادىمىيلىك خېمىرتۇرۇچىدىن ئاللىبۇرۇن چىقىرىۋېتىلگەن ئەقىدىسىز، پىرىنسىپسىز بىر بايقۇشقا ئايلىنىپ بولغانلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۆز تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر مەدەنىيەت تىلىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، ئۆز تىلىنىڭ ۋەھيى تىلىدىن ئوزۇقلىنىپ قۇۋۋەتلەنگەن بىر تىل ئىكەنلىكىنى، نەتىجىدە تەپەككۇر تىلىغا ئايلانغان، ئۆزىگە خاس نەزەرىيە تىلى بار بولغان، ئەدەبىي ۋە پەلسەپەۋى يۈكسەكلىككە ئىگە ئۈست تىل سەۋىيەسىنى ياراتقان ۋە ئەسىرلەر مابەينىدە مەزكۇر خاسلىقلىرىنى نامايان قىلىپ كەلگەن بىر تىل ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ يېتەلمىگەن، ئەكسىچە ئۇنىڭ ھەققىنى بېرىشتىن، ئۇنىڭ قەدرىنى بىلىشتىن ئاجىزلىقى نامايان بولۇپلا كەلگەن بىر توپ بار دېسەك، بۇ دەل بۈگۈنكى زىيالىي ۋە موللىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئوقۇمۇشلۇقلار توپىدۇر.

ئەڭ چارىسىز ۋە كىرىزىسلىق پەيتلىرىمىزدىن مەلۇم بولدىكى، خەلق ئوقۇمۇشلۇقلار توپىنىڭ تىلىغا يات، ئوقۇمۇشلۇقلار بولسا ئۆزلۈكىگە يات. سەۋەب شۇكى، ئۆزلۈك قۇشى ئورتادا يوق. ئورتادا كېزىۋاتقىنى تەپەككۇر تىلىدىن مەھرۇم قىلىۋېتىلگەن، ئائىت بولغان مەدەنىيەتنىڭ تىلىدىن ئېرىغدالغان شەكىلۋاز، جانسىز بىر تىل خالاس! دەرھەقىقەت، ئۆزلۈكى بولمىغان تىل قۇرغاق تىل، ئۆزلۈكى بولمىغان تىل شالغۇت تىل، ئۆزلۈكى بولمىغان تىل ۋىجدانسىز تىلدۇر. شۇنداقلا ئۆزلۈكىنى يوقاتقان تىل روھسىز ئۆلۈك تىلدۇر. بۇنداق تىلدا نە ئىلىم، نە پەن، نە سەنئەت، نە سىياسەت، نە ئىدىيە، نە پىكىر ئىشلەپ چىقىرىش مۇمكىن. ئۆز تىلىنىڭ قۇدرەت ۋە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ نېمىلەرگە قادىرلىقىنى بىلمەسلىك، ئۇنى جانلىق ئىشلىتەلمەسلىك بۇ توپنىڭ ئەجەللىك يېتەرسىزلىكى بولۇپ كەلمەكتە.

زامانىمىزنىڭ مەشھۇر تىل پەيلاسوپى ۋىتگېنشتېين (Ludwig Wittgenstein): تىلىمنىڭ چېگراسى ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىنىڭ چېگراسىدۇر، دەپ يازىدۇ. كىلاسسىكلار بولسا، تىلنى «قەلب ۋە ئەقىلنىڭ ئەينىكى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۈلگىمىز رەسۇل ئەكرەم ئەلەيھىسسالام تىل رۇس بولماي تۇرۇپ قەلب رۇس بولمايدىغانلىقىنى، قەلب رۇس بولماي تۇرۇپ ئىماننىڭ رۇس بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ۋەھالەنكى سىياسىي ئاسارەت دەسلەپ تاشقى دۇنياغا چەك قويۇش، چېگراغا قۇلۇپ سېلىش ئارقىلىق خەلقنى بېكىنمىلىك ھاياتقا مەھكۇم قىلغان، تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانلار دۇنياسىغا ئۇزىغان چېگرالاردىن ھالقىشىنى تىزگىنلىگەن بولسا، زېھىن ئاسارىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تىلنىڭ چېگراسىنىمۇ تارايتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قىممەت قاراش دۇنياسى، پەلسەپەۋى ئېڭى ۋە ئۆزىگە ئائىت بولغان دۇنيا تەسەۋۋۇرىمۇ تارىيىپ چېكىنىپ كەلدى. تىل مۇستەملىكىچى ئۈچۈن شوئار ئىشلەپچىقىرىشتىن، ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ۋە سەپسەتىلىرىنىڭ تەرجىمانى بولۇشتىن باشقىغا خىزمەت قىلدۇرۇلمىدى. ئاتالمىش ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش نەغمىسىنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئىمكانىيەتلىرىمۇ تىلنى شالغۇتلاشتۇرۇش، كېكەچلەشتۈرۈش ۋە گاچىلاشتۇرۇشقا، تىلنىڭ روھى بولغان تەپەككۇر ۋە تەئەممۇل ئېلېمېنتلىرىنى تىلنىڭ خۇرۇچلىرىدىن ئايرىشقا خىزمەت قىلدۇرۇلدى. ئەدەبىياتقا بىر پىچىم، ئېغىز تىلىغا بىر پىچىم، يېزىققا بىر پىچىم كېسىش، توغرىسى قىرقىش ۋە ياپسالاش ئۈزۈلمەي كەلدى. ھەر كېسىلگەندىكى يوقىتىش، چېگراسىنى قىسقارتىش ئۇرۇنۇشلىرى تەپەككۇر تىلىمىزنىڭ چېگراسىنىڭ تارىيىشىىنى، شېئىرىي ۋە پەلسەپەۋى تىل بولۇشتەك ئۈست تىل سەۋىيەسىدىن بىراقلا غۇلاپ پاراڭ سەۋىيەسىگە تارىيىپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئوي - تەپەككۇردىكى چوڭقۇرلۇقمۇ يۈزەكىلىشىپ ماڭدى. يۈزەكى تىل بىلەن كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ چوڭقۇر ۋە پەلسەپەۋى تىلىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىنچىلىكى يوق بولۇشىغا قارىماي، يەڭ تۈرۈپ بېقىش جاسارەتلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەجداد ئوزۇق ئالغان مەدەنىيەت تىلىدىن، ۋەھيى تىلىدىن مەھرۇملۇق ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسىنى، تىل پەلسەپەسىنى، مەنە - قىممەت دۇنياسىنى چۈشىنىشكە يېقىن يولاتمىدى. نەتىجىدە چېگراسى پايخان بولغان بۇ تىلىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ مەنە خەزىنىلىرىگە تولغان دۇنياسىنىڭ پايانسىز چېگرالىرىغا يۈرۈش قىلىشىمىزنىڭ ئاقىۋىتى بىزنى بۇ تىلنىڭ مىراسخورلىرى، مۇھاپىزەتكارلىرى، بېيتقۇچىلىرى ئەمەس، ئەكسىچە ھۇجۇمچىسى، بۆسۈپ كىرگۈچىسى، خامتالاشچىسى، تالان – تاراج قىلغۇچىسى قىلىپ قويدى. ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىغا چېگرا بەلگىلىگۈدەك ئۆزلۈكىمىزدىن يوقسۇزلىشىشىمىز، ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ دۇنياسىنىڭ چېگراسىنىمۇ پايخان قىلىشقا ئېلىپ باردى. دۇنيا قاراش نۇقتىسىدىن تارتىپ ياشاش سەنئىتى، مۇئامىلە سەنئىتى، دىن ۋە دۇنيا چۈشەنچىسىگە قەدەر ئوخشىمىغان ئىككى دۇنياغا ئايرىلىپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزغا قارىماي، ئۇلارنىڭ بىزچە تار ۋە چەكلىمە ئىچىدە ئويلىمايدىغانلىقىنى پەملەپ يەتمىدۇق. شالغۇت زېھنىيىتىمىز ئۇلارنىڭ دۇنياسىنى چۈشىنىشنى، ئۇلارچە تەپەككۇر ئەندىزىلىرىنى چۈشىنىشنى، ئۆزلەشتۈرۈشنى رەت قىلىشقا يېتەكلەپ كەلدى. ئاخىرىغا بېرىپ ئۇلاردىن كېرەك قىلغانلىرىمىز پەقەتلا ئۇلارنىڭ ئېغىزىمىزغا لىق كەلتۈرۈپ ئاتايدىغان ئىسىم - شەرىپى، ئەللەيلىنىشىمىزگە يېتىپ ئاشقۇدەك شان - شۆھرىتى بولدى، خالاس! «دىۋان»نىڭ تىلىنى بىلمەي تۇرۇپ «دىۋانشۇناس»لارنىڭ، فارابىينىڭ دۇنيا قارىشىغا، پەلسەپەۋى تىلىغا قارا ساۋات تۇرۇپ ئەجنەبىي تىللاردىكى تەرجىمىسىدىن ياكى ئەجنەبىيچە شەرھلىرىدىن ئۈزۈندە كۆچۈرۈشنى تەتقىقات سانايدىغان «فارابىيشۇناس»لارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تەسەۋۋۇپنىڭ زاھىدلىق قارىشىنى، روھىي تەربىيە مېتودى، كېلىش مەنبەسى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلمەي تۇرۇپ، پەلسەپەۋى تەسەۋۋۇپ بىلەن روھىي تەربىيە مەركەزلىك تەسەۋۋۇپ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ۋە ئايرىلىش نۇقتىلىرىدىن، باشلىنىش ۋە گىرەلىشىش باسقۇچلىرىدىن بىخەۋەر تۇرۇپ، تەسەۋۋۇپ ھەققىدە جۆيلۈيدىغان بىر تۈركۈم «يەسەۋىيشۇناس»، «تەسەۋۋۇپشۇناس»لارنىڭ، ماھىيەتتە بولسا مەۋجۇت سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ غەرىزىگە ئۇيغۇنلاشقان «پىپەنشۇناس» تىپلارنىڭ مىللەتنىڭ يازغۇچىسى، مۇتەپەككۇرلىرىغا ئايلىنىپ قېلىشى،  قۇتادغۇ بىلىكنىڭ مەنە خەرىتىسىنى، پەلسەپەۋى دۇنيا قارىشىنى، دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى بىلمەي تۇرۇپ دۆلەتچىلىكتىن، پەلسەپە، ئىدىيەلەردىن گەپ ساتىدىغان «قۇتادغۇ بىلىكشۇناس»لار توپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ياكى شۇلارغا دائىر تەتقىقاتلارنىڭ ئۆزگەرتىلگەن، بۇرمىلانغان تەرجىمىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بۇرمىلانغان كىملىك نەزەرىيەلىرىنىڭ، بۇرمىلانغان ئىدىيەۋازلىق خاھىشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى قاتارلىق تىراگېدىيەلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تەپەككۇر تىلىمىزدىن ئېرىغدىلىنىشىمىز ۋە شالغۇتلاشقان بۇ تىل ئارقىلىق ئەجدادلارنىڭ تەپەككۇر تىلىغا شىلتىڭ ئېتىشتىن ئايانماسلىقتەك ھەدسىزلىكىمىزنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرىدىندۇر. نەتىجىدە بىزدە: ئەجدادلار ئۇشبۇ تۈركىي تىلىمىز ئارقىلىق مەدەنىيەت تىلى بىلەن قانداق باغ قۇرغان، مەزكۇر تىلنىڭ تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىلىرى قانداق قەدەملەرنى بېسىپ ئۆتكەن؟ ئۇلارنىڭ تىل خەزىنىسىدىكى موللۇق، ئالەم بوشلۇقى كەبى پايانسىزلىق ۋە تىل بايلىقلىرى قەيەردىن كەلگەن؟ مەنە چوڭقۇرلۇقى قاتارلىقلار قايسى تۈر پەلسەپەۋى ئىدىيەلەردىن زەرەتلىنىشتىن كېلىپ چىققان؟ ئۇلار بۇ تىلغا روھ بېرىشتە ۋەھيى تىلىدىن قانداق ئوزۇقلىنىشنى بىلگەن؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار، تەتقىقات تېمىلىرى جاۋابسىز ۋە ئىزاھسىز قېلىۋەردى. ئوقۇمۇشلۇقلار توپىنىڭ يېشىم تېپىشى كېرەك بولغان بۇ خىل ئەقەللىي ۋە ئۈست سەۋىيە مەسىلىلىرى يېتەرلىك مۇھاكىمە ئوبيېكتى بولماي، مۇلاھىزە قىلىنماي ئۆتۈۋەردى. شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى تار رامكىغا نەزەربەند قىلىۋېتىلگەن شالغۇت تىل، مەدەنىيەت تىلىدىن ئېرىغدالغان روھسىز تىل مەزكۇر تېمىلارنى يورۇتۇشقا، كونكرېت جاۋابقا ئىگە قىلىشقا ئاجىز قېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. توغرىسى «چۈشەنمىگەننى بۇرمىلاش» سىياسىتى بويىچە ئەسلىسىنى بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلىش، يېزىقتىن يېزىققا ئاغدۇرغاندا پۇچەكلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ئاغدۇرۇش، زامانغا ماسلاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن قارىسىغا ئىزاھلاپ (بىلىپ ياكى بىلمەي) بۇرمىلاش توختاپ قالمىدى. مىللەتنىڭ مەنە - قىممەت دۇنياسىنى، ھايات قارىشى ۋە دۇنيا قارىشىنى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىشتىن باشقىغا يارىمايۋاتقان بۇ تىل نۆۋەتتە ئەقەللىي ۋەزىپىسى بولغان دىيالوگ ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشكە كاپالەتلىك قىلىشتەك خىزمەت فۇنكسىيەسىنىمۇ يوقىتىپ قويۇش دەرىجىسىگە بېرىپ قالماقتا. ئۆزلۈككە، كىملىككە دائىر توم - توم ئىزدىنىشلەر، پۈتۈلمىش ئەسەرلەر بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئۇقۇملار قۇرغاق ۋە ئىچى كاۋاك ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. يېزىلغانلارنىڭ ئومۇمىيسى بولسا، پەقەتلا ئۆزگىلەرگە قاراپ ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ چۆكۈرۈشكە ياكى بولمىسا ئاتالمىش قالاقلىقىمىزنى زېھنىمىزگە قازدۇرۇشنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئاشالمىدى. نەتىجىدە «دۇنيا قاراش»، «ھايات قارىشى»دىن ئىبارەت مىللەت سۈپىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزلۈكنىڭ تىپىك مودېلىنىڭ بارلىقىمۇ شۈبھىلىك ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالدى، ھەتتا يوقىلىۋاتقانلىقىمۇ ئانچە بىلىنمەس ھالغا كەلدى. دۇنيا قاراشنىڭ يىمىرىلىشى دېگەنلىك، ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت يىلتىزىنىڭ قۇرۇتۇلۇشىدىن دېرەك بولۇپ، ئۆزىمىزگە ئائىت زېمىننىڭ تىزگىنى ئۆز قولىمىزدا بولماسلىقى بىلەن پاراللېل ھالدا قىممەت مەنە - قىممەت دۇنيايىمىزنى تۇرغۇزىدىغان مېتافىزىك «ماكان»نىڭ يىمىرىلىشى، پەلسەپەۋى ئۈستۈنلۈكتە شەرھلەش كۈچىگە ئىگە تەپەككۇر تىلىمىزنىڭ بولماسلىقى، بىزنى نۆۋەتتە زېمىن يۈزىدە يەرسىز، مەنە - قىممەت قاراش جەھەتتە «ماكانسىز»، «دۇنياسىز» بىر خەلققە، ئىنسانلىق ئالىمىدە بولسا، «خاراكتېرسىز» كىشىلەر توپىغا ئايلىنىشقا قاراپ مېڭىشتەك مۇنقەرزلىشىش پاجىئەسىگە قىستاپ، ئاسارەت قاينىمىغا غەرق بولۇشقا مەھكۇم قىلىپ تۇرۇپتۇ. مانا بۇ خىل «يەرسىز»لىشىشنىڭ بىزنى مەۋجۇتلۇق ئالىمىدە ئەسكەن شامالغا بېقىپ سورۇلۇپ خازانغا ئايلىنىپ يوقايدىغان ياپراق مىسالى قاقشاللىققا، توزغاقتەك چۇۋۇلۇپ بوشلۇقتا يوق بولىدىغان توزانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ۋە بۇنىڭغا سۆرەپ مېڭىۋاتقان تەپەككۇر نامراتلىقىدىن قۇتۇلۇشقا ئاتلىنىش شەك - شۈبھىسىز ھالدا بۈگۈنكى مەۋجۇتلۇق كۈرىشىمىزدىكى مەجبۇرىيەت ۋە زۆرۈرىيەتلىرىمىزدىندۇر. بۇنىڭ يولى بولسا، «يېڭىدىن تۇغۇلۇش»نى باشتىن كەچۈرۈش، يېڭىچە تەپەككۇر ئەندىزىلىرىگە ئەندىكمەستىن ئۆزىمىز ئىگىلىگەن ئىلىم زاپىسىدىن، بىلىم بايلىقىدىن جانلىق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىش، كۈلتۈر تىلىمىزنى، دىن تىلىمىزنى، مەدەنىيەت تىلىمىزنى بىر گەۋدە قىلغان ئۆزلۈك تىلىمىزنى كەشىپ قىلىش ۋە كەشىپ قىلغانلىرىمىزنى يېڭىچە قىياپىتى بىلەن مەيدانغا ئېلىپ چىقىش ھەرىكىتىنى قاينام - تاشقىن ھالغا كەلتۈرۈشتۇر. خۇددى كۈنىمىز پاجىئەلىرىگە يىللار ئاۋۋال ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن، تىلدىكى گادايلىقنىڭ، ئاڭ - تەپەككۇردىكى قەھەتچىلىكنىڭ، تەپەككۇر تىلىدىكى نامراتلىقنىڭ كېلەچەك تراگېدىيەلىرىدىن ئالدىن سىگنال بېرىشكە تىرىشقان زامانىمىز مۇتەپەككۇرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئېيتقاندەك: «ئۆز - ئۆزىگە تەپەككۇر مۇجەسسىمى بولمىغان مىللەت ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بولمىغان مىللەتتۇر». شۇنداقلا «ئۆز - ئۆزىگە تەپەككۇرسىز ئىنسان تەلۋە ئىنسان» بولۇشقا مەھكۇمدۇر. دەرۋەقە، تەپەككۇر نامراتلىقىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىش، ئۆزىمىزنى چۈشىنىشكە ۋە ئۆزلۈكىمىزنى قۇرۇپ چىقىشقا خىزمەت قىلىدىغان بىلىم - قۇرۇلما بەرپا قىلىش، ئۆزىمىزگە خاس تەپەككۇر تىلى ئىنشا قىلىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كەشىپ يولىغا ئاتلىنىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە نۆۋەتتە ئوقۇمۇشلۇقلار تەبىقىسىنىڭ زىممىسىدىكى بۇرچ بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ سەپكە قوشۇلۇش يولىدا كېچىنى - كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ھەمدە بۇ يولنىڭ يولچىسى بولۇشقا بەل باغلىغان ئىلىم كارۋانلىرىنىڭ، جۈملىدىن تالىبۇلئىلىملەر، ئىستۇدېنت - تەلەبەلەرنىڭمۇ كەلگۈسى مەسئۇلىيەتلىرى، ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرى قاتارىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.

-بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى