سەنسىزلىك ۋە مەنسىزلىك

ئورنى Wikipedia

سەنسىزلىك ۋە مەنسىزلىك


ۋاھىتجان ئوسمان

سەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتتىم،

سېنىڭمۇ ھەم كۈنلىرىڭ مۈشكۈل.

ئارىمىزدا يىغلاپ تۇرغىنى،

تىكەن تەنلىك ياۋا ئەتىرگۈل.


دىل خاھىشى تەگدى جېنىمغا،

پارچىلاندىم ئىككى ئارالغا.

جاۋابىنى ئۆزۈملا بەردىم،

سېنى ساقلاپ تۇرغان سوئالغا.


سېنىڭ ئۇزاق قېيداشلىرىڭ،

تۇرامدۇ جىم ھېچنىمە دېمەي.

بىز بولمايلى قاقشال ئوتۇندەك،

بۇ باھاردا يەنە يېشىنمەي.


سۈكۈتۈمدە ئىڭرىغان سادا،

يۈرىكىمگە سالدى تالاي دەز.

باشتىن يازاي ئىزھارلىرىمنى،

قەلبىڭ بولسۇن سامان رەڭ قەغەز.


سەنسىزلىك ھەم مەنسىزلىك بىزگە،

كېرەك ئەمەس تەن سوۋۇماستا.

ئاچقىن قىيا دىل دېرىزەڭنى،

سىرغىپ-سىرغىپ مەن كىرەي ئاستا.