Jump to content

سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك

ئورنى Wikipedia

سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك

ئىمىن ئەھمىدى


سانجىنىڭ...

غۇلجا-كۇچانىڭ...

ئۈرۈمچى-قەشقەرنىڭ...

ناۋايخانىسى، ئاشپۇزۇللىرى قاتار كەتكەن.

بىرىدە لەڭمەن-ئۈگرە، بىرىدە پولۇ-مانتا...

دىماقنى غىدىقلايدۇ كاۋاپنىڭ ھىدى

بىر يەردە تاتلىق-تۇرۇم، پىشۇرۇق ئەتكەن.

پالما دەرەخلىرىنىڭ بويى سۇۋادان تېرەك

دېڭىزدىن ئۇرۇۋاتقان غۇر-غۇر شامال

قىزلارنىڭ چېچىغا قونغان، مەڭزىگە تەگكەن،

يولنىڭ بويىدا قەشقەرلىك ياش بىر چوكان

كۆكسىنى بالىسىنىڭ ئاغزىغا كەپلەپ قويۇپ،

ئولتۇرىدۇ، بەلكىم ھاردۇق يەتكەن!

ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بامبۇك ئورۇندۇق،

شىرەدە چىنە-چەينەك، ناۋات سالغان چاي

خوتەنلىك ئىككى بوۋاي موخۇركا چەككەن.

تۇرپانلىق ئايالنىڭ سومكىسى مەرۋايىتقا لىق

كۆتۈرۈپ ماڭالماي بېلىنى ئەگكەن...

ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!


ئۈن يېتىم يەردىكى ساھىلدىن شاۋقۇن،

بىز تەشتەكتە باقىدىغان رەڭگارەڭ گۈللەر

بۇ يەردە بوي تارتىپ ئۆسكەن باراقسان.

چۈش مەھەل، ئىسسىق بەلباغدىن كەلگەن يالقۇن

ئالۋۇندەك جۇلالايدۇ قوشۇپ جانغا-جان.

مەجنۇنتال سايىسىدا غۇژژىدە ئادەم،

ئېھتىمال ئىسسىقتىن قېچىپ توپلاشقان.

يولنىڭ بۇ چېتىدىكى شىنجاڭلىق لاۋجاڭنىڭ

ئۇ تەرەپتىكى مەمەتنى توۋلاشلىرى شۇنچىلىك ئەركىن،

ھەر ئىككىسىنىڭ پۇتىدا ساپما كەش،

قولىدا بانان.

خۇيخۇيسۈن كەنتىدىن يالۇڭۋەنگە

سۇ ئۈزۈپ كېلىمىز دەپ ماڭغان يانمۇيان.

بۇلغانمىغان ھاۋا تەننىڭ داۋاسى،

يۇيغان چىنىدەك پاكىز كۆك ئاسمان.

خەنزۇ دەمسەن، ئۇيغۇر دەمسەن، خۇيزۇ دەمسەن...ھەممىسى

ئەسلىدىنلا بىر ئائىلە، قېرىنداش-تۇغقان!

ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!


بۇ يەر كېلىدىغانلارغا قوغۇنلۇقنىڭ يولى،

قارامايدا ھەپتە-ئاي ئۇچراشمىغانلار،

ساناتورىيەدە بولۇشىدۇ جەم.

ئالتاي يايلاقلىرىدا كۆرۈشەمىگەنلەر،

كورلىدا كۆرۈشۈپ سۆزلىشەمىگەنلەر

دۇكان-رەستىلەردە تېپىشىپ قېلىپ،

بىر-بىرىنىڭ قولىنى سىقىدۇ مەھكەم.

بۇ يەر ھەممەيلەنگە ئۆز، ھايات سەھنىسى

ئوخشاشمىغان مېۋىلەردە بىرلا تاتلىق تەم.

بىنالار بىر قارىساڭ ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى،

كىرىپ قالغاندەك بولىسەن كەچلىك بازارغا؛

بىر قارىساڭ چوڭ بازاردىكى قاينام-تاشقىنلىق،

ماڭامسەن، تۇرامسەن ئۆزۈڭدىكى پەم!

دېڭىزنىڭ كەڭلىكىگە ئاسمان پاتىدۇ؛

يانچۇقتىكى پۇلۇڭغا جاھان پاتىدۇ؛

كۆڭۈلنىڭ كەڭلىكىگە دېڭىز پاتىدۇ؛

سۇدىن چىقىپ قۇمدا ياتقانلار،

قۇمدىن چىقىپ سۇدا ياتقانلار،

قۇم بىلەن سۇنى مەھەللىسىدىكى ئۆستەڭ چاغلاپ،

ئوڭدا-دۈم ئېغىناپ ئەركىن ياتىدۇ.

قىلچە يېتىرقاش يوق، ھېيىقىشمۇ ھەم،

بولمىسا قۇرۇق پونى قانداق ئاتىدۇ؟

ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!


دادۇڭخەيدىكى ئورمانلىقتا ئۇسسۇل سەيناسى

رىتىملىق قەدەملەردە ئەزگۈ ھاياجان،

جىلۋىلىك كۈزلەردە ھاياتنىڭ شەۋقى!

ئاھاڭلار مىللەتتىن، ئىرقتىن مۇستەسنا،

ئوخشاشلا لاۋۇلدايدۇ مۇھەببەت زەۋقى.

كىيىملەر گۇگۇمدىكى شەپەققە زىننەت،

يىراقتىكى شاۋ-شۇۋ ناخشىغا تەڭكەش،

تۈگىگەن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى.

نىيەت-ئىقبالدا ئالەمچە بىرلىك،

،ئاستىڭدىكى تۇپراق شۇنچىلىك ئۇلۇغ

بىز ياشاۋاتقان جاھاننىڭ شەرقى.

ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!...