Jump to content

سەپسەتە ۋە تۆرەلمە سالاچىلىق

ئورنى Wikipedia

سەپسەتە ۋە تۆرەلمە سالاچىلىق

ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ بولۇشى بىر بايلىق. بايلىقنى تونۇماسلىق كۆزى ئوچۇق قارىغۇلۇق. بىزدە قىممىتى ئۈستۈن نېمە بولسا ئۇنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپ بازارغا سېلىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان بولغاچقا، پىكىرنىڭ قىممىتىمۇ ئۆز لايىقىدا ئەتىۋارلىنىپ كەتمەيدۇ. كۆپىنچە گۆھەر قىممەتلىك پىكىرلەر تاشتىن قىممەتسىز قالىدۇ، سەل قارىلىدۇ ياكى چۈشىنىلمەي خىرىدارسىز قالىدۇ. بۇ مۇنداق ئىككى نەرسىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىرى، زېھىننى ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ بېسىپ كېتىشى، يەنە بىرى ھىسسىيلىققا تولغان ئاددىي بولغان پەردازلىق گەپلەرنىڭ بازار تېپىپ كېتىشى. بۇ ئىككى نەرسىنىڭ يۈز بېرىشى مۇنداق ئۈچ نەرسىگە ئىشارەت قىلىدۇ:

1. جامائەتچىلىكنىڭ ئومۇم كۆپسانلىقىنىڭ ئاق كۆڭۈل ئەمما ساددىلىقى.

2. پەردازلانغان سۈنئى پىكىرلەرنى ۋاختىدا بايقاپ توغرا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئويغاقلارنىڭ ئازلىقى.

3. جامائەتچىلىكتە ئاشۇنداق تۇتامسىز گەپلەر بىلەن خەلق كۆڭلىنى ئېلىۋاتقانلارنىڭ كۆپلەپ ئالقىشلىنىشى ياكى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىنىشى.

بىرىنچى مەسىلىنى، ساپانى ئۆستۈرىدىغان خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش، دۇرۇست يېتەكچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك ئۇسلۇبىنى يېڭىلاش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ.

ئىككىنچى مەسىلە، ئويغاقلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشى بىلەن ھەل بولۇپ كېتىدۇ.

ئۈچىنچى مەسىلە، ساغلام ۋە مەزمۇت پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ئوتتۇرىدا كېزىپ يۈرىۋاتقان سۈنئىيلىكلەرنى پاش قىلىپ تۇرۇش. سۈنئىيلىك تەشەببۇسچىلىرىنىڭ بازىرىنى كاساتلاشتۇرۇپ، ئورنىغا ساغلام ۋە مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى چىقىرىشقا ئۇلارنى قىستاپ ئاپىرىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ.

مۇشۇ ئۈچ مەسىلە ھەل بولماي تۇرۇپ «پىكىر بايلىقى»، «پىكىر ئەركىنلىكى» دېگەنلەردىن سۆز ئېچىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئەگەر سۆز ئېچىلىۋاتقان بولسا، چوقۇم ئۇ يەردە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» سىياسىتىنىڭ «پەلسەپىۋى» روھى ئىزچىللىشىۋاتىدۇ، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇخىل مەسىلىلەرنى بازار تاپقۇزۇش، ئالقىشلاش نىشانغا يېتىدىغان يولنىڭ يېراقلىشىپ كېتىشىگە، جەمئىيەتنى چېچىلاڭغۇلۇقتا بارسا چىقماس كوچىغا سۆرەپ كىرىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ ئۈچ مەسىلە ھەل بولمىغان شارائىتتا توغرا بىلەن خاتا، ھەق بىلەن سەپسەتە سەزدۇرمەستىن ئورۇن ئالماشتۇرۇشى مۇمكىن. بۇنى ئايرىيالايدىغان دەرىجىدە لاياقەت ئىگىسى بولمىغانلارنىڭ مەسىلىلەرگە باھا بەرگۈچى بولۇپ قېلىشى بولسا، يەنە بىر 4-مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ سەپسەتە بىلەن ھەق ئوتتۇرسىدا ماداراچىلىق، سالاچىلىقتىن ئىبارەت. ھەقىقەت ۋە سەپسەتە ئوتتۇرىدىكى سالاچىلىق-ئىنسانلىق تارىخىدىكى نۇمۇسسىزلىقلارنىڭ، كېلىش ئالدىدىكى بالايىئاپەتنىڭ كۆرۈنمەس يۈزى، ئالدىن بېشارىتى، كۆز بويامچى ئەلچىسىدۇر. سالاچىلىق پەقەتلا ئاداۋەت يۇمشىتىدىغان تاكتىكا بولۇشقا يارايدىغان نەرسە. ئۇنىڭ ئىجابىيلىق رولى چۈشىنىكسىزلىكتىن كېلىپ چىققان بىھۇدە ئاداۋەتلەردە كۆرۈلىشى مۇمكىن. بىراق ئۆنىڭ «پىكىر» «ھەق-ناھەق» مەسىلىلىرىدە ئورنى يوق. سالاچىلىقنىڭ پىكىر ۋە ھەق ناھەق سورۇنىغا داخىل بولۇشى يا سەپسەتىگە يانتاياق بولۇش ئۈچۈن، ياكى بولمىسا ھەقنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ ئىككىلى خىل ئەھۋالدا سالاچىلىق نەيرەڭنىڭ، كۆز بويامچىلىقنىڭ مەھسۇلىدىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. قىسقارتىپ ئېيتقاندا، پىكىر بايلىقى بولمىغان توپتا سەپسەتە بىلەن ھەقىقەت ئوتتۇرسىدا چوقۇم توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. ھەقىقەت غالىب كەلسە سەپسەتە يوقايدۇ. ئەگەر ئىككىسى ئوتتۇرسىدا مادارا شەكىللىنىپ قالغۇدەك بولسا، ئىشنىڭ ئوخشىغىنى شۇ. بىلىمىزكى، قارمۇ قارشى قۇتۇپلار توقۇنۇشقاندا مۇتلەقا ئۈچىنچى بىر جىسىم زەرەتلىنىدۇ ياكى ھامىلە قالىدۇ. سالاچىلىق بولسا ئەنە شۇ ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئوتتۇرسىدا قالغان مادارادىن كېلىپ چىققان مەۋقەسىز تۆرەلمىدۇر.

پىكىر ئوخشاشماسلىققا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى دەل مۇشۇنداق سالاچىلار قولىدا پايخان بولۇپ تۈگەيدۇ. پىكىر ئوخشاشماسلىقى تەپەككۇر ئەربابلىرى، كىتاپخۇمار بىلىم ئىگىلىرى، كەسپىي ئىزدەنگۈچىلەر ئوتتۇرسىدا كۈچكە ئىگە نەرسە. بۇ چاغدىكى ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش ئالغا سىلجىشنىڭ ئاساسى. بۇنداق توقۇنۇشتىن سالاچىلىق تۆرەلمەيدۇ. بۇنداق توقۇنۇشنىڭ دەللالغا، سالاچىغا ھاجىتى بولمايدۇ. ئەگەر بىر دېئالوگدا پاكىتتىن، ئېلىمدىن سۆز ئېچىلماي داستىخاندىن، كېلىشۋېلىشتىن سۆز ئىچىلىۋاتقان بولسا، ئېنىقكى بۇ بىر سالاچىنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىنىڭ سېگىنالى، پىكىر ئورنىغا غەرەزنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. ئەگەر بۇ دېئالوگدا ئىلىمدىن، پاكىتتىن، ئورتاقلىلىشىشتىن سۆز ئېچىلىۋاتقان بولسا، ئېنىقكى بۇنىڭدا ئوخشىمىغان پىكىرلەر تونۇشىۋاتىدۇ، چۈشىنىشىۋاتىدۇ، ھەقىقەتنى ئىزدەشتىن ئىبارەت بىر غايە يولىدا بەسلىشىۋاتىدۇ. بۇنداق بەسلىشىشتىن بەھىس (تەتقىقات، ئىزدىنىش) سىمالىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مانا بۇنىڭ ئىسمى بەھس-مۇنازىرە.(ھازىرقى گاچا تىلىمىزدا بەس مۇنازىرە).

پىكىر يوق، لېكىن «پىكىر ئەربابلىرى» ئۇچۇپ يۈرىيدىغان، تەتقىقات نەتىجىلىرى يوق، ئەمما «تەتقىقاتچىلار» يورغىلاپ يۈرىدىغان، تۇرقى بار، ئىدداسى بار، ئەمما ئىچى قاپاق «يەكتەكلىكلەر» بوي كۆرسىتىپ يۈرىدىغان، ھەق ناھەق، ساختىلىق ۋە رېئاللىق «ئۇقۇشماسلىق» چاپىنى بىلەن يۆگىلىپ، ئەكسىچە تۆرەلمە سالاچىلىق ئالقىشلىنىدىغان بىر كوللىكتىپ ئارىسىدا بەھس مۇنازىرىدىن، تەتقىقاتچىلىقتىن قانچىلىك سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟!

ھاياتىنى مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن باش قاتۇرۇشقا ئاتىغان، تەتقىقات بىلەن، ئىزدىنىش بىلەن ئىزچىل جەمئىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان، بىر ئۆمۈر يەكلىنىپ ياشىسىمۇ، تۆھمەتكە ئۇچرىسىمۇ، كامپانىيالار ئارقىلىق سېسىتىلماقچى بولسىمۇ، ئويغىنىشتىن، سىلكىنىشتىن، چەك-چېگرانى ئېنىق قىلىشتىن دەرس سۆزلەپ، يېزىپ ئىچۈرۈپ تۇرۇۋاتقان، مېنىڭلا توغرا دەۋالماستىن، مەندىنمۇ ياخشى پىكىر، مۇلاھىزە بولسا ئوتتۇرىغا تاشلاڭلار، مېنىڭ خاتا بولسا، توغرىسىنى دەپ تۈزلەڭلار، دەپ تۇرىدىغان كىشىلەر يولنىڭ بىر ياقىسىغا ئىتتىرلىپ كىتىدىغان جەمئىيەتتىن يەنە نېمىمۇ كۈتكىلى بولسۇن! مەنچە بۇ توپلۇمدا ئورنىدا ئىشلىتىلمەيدىغان سالاچىلىققا، قايسى بىر ئىزدەنگۈچىنىڭ ئېيتقىنىدەك "لامزەللە" دىپلوماتچىلىققا خاتىمە بېرىلمەيدىكەن، ھەر قاچان غەۋغانىڭ، سالاچىلىقنىڭ، ساپاسىزلىقنىڭ سىموۋوللىرى ماڭدامدا بىر قەدەملىرىمىزگە پۇتلىشىپ تۇرماي مۇمكىن بولمايدىغانلىقىغا، تۈز يولنىڭ داۋاملىق بۇزۇۋېتىشكە ئۇچراپ تۇرۇدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىۋىرىدۇ.

يازار: بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى