سەپكۈن
يۈز تېرىسىنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان چوڭ-كىچىكلىكى، شەكلى ۋە رەڭگى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تېرە ئەسۋىسىدىن ئىبارەت.بۇ كېسەل ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «نەمەش» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
[تەھرىر]غەرب تېبابىتى نامى :سەپكۈن
كېسەللىك سەۋەبى :قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن بولىدۇ.
تەۋە بۆلۈم :تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى :يۈز قىسمى
سەۋەبى
[تەھرىر]1. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن بولىدۇ.
ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قان خىلىتى ئوفۇنەتلەنسە، چىرىگەن ماددىلارنىڭ قاندىكى مىقدارى ئارتىپ كېتىپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلمىلىرىدا چۆكمىگە چۈشۈپ ئۈزلۈكسىز غىدىقلاش، قويۇقلىشىش نەتىجىسىدە بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
2. موزا تەملىك بەلغەمدىن بولىدۇ.
ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە سەۋدا خىلىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۇنىڭ قىيامى قويۇلۇپ، موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى ھاسىل بولسا، نورمال بەلغەم خىلىتىنىڭ تەبىئىي خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تېرە توقۇلما سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ نورمال ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلمىلىرىغا كىرگەن ماددىلار ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قىلىپ تەدرىجىي قۇيۇلۇپ، چۆكمىگە چۈشۈش نەتىجىسىدە بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.
3. سەۋدا خىلىتى مىقدارىنىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندە سەۋدا خىلىتىنىڭ مىقدارى ئارتىپ كەتسە، بەدەندە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئاستىلىتىدۇ ۋە خىلىتلارنىڭ لەتف سۇيۇق تەركىبلىرىنى قۇرۇتۇپ قويۇلۇش پەيدا قىلىدۇ، بۇ نورمالسىز سەۋدا خىلىتى تېرە توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا يىغىلىپ، تەدرىجىي قويۇلۇپ، چۆكمىگە چۈشۈپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇندەرىجە
[تەھرىر]- قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
- ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
- سەۋەبى
- ئالامىتى
- دىئاگنوزى
- داۋالاش پىرىنسىپى
- سېلىشتۇرما دىئاگنوزى
- داۋالاش ئۇسۇلى
- سۈرەتلەر
- قامۇس باشبېتى
ئالامىتى
[تەھرىر]سەپكۈن كىچىك-كىچىك چېكىتسىمان ھالەتتە بولۇپ، كۆپىنچە بۇرۇن ئەتراپى، كۆز جىيىكى، پېشانە قاتارلىق ئورۇنلاردا پەيدا بولىدۇ. رەڭگى سۇس سارغۇچ ياكى قوڭۇر رەڭدە، شەكلى يۇمىلاق ياكى سۇقىچاق، نورمالنى تېرە بىلەن بىر تەكشىلىكتە ھە، چېگرىسى ئېنىق بولىدۇ. ياز كۈنلىرى قېنىقلىشىپ قالىدۇ.
دىئاگنوزى
[تەھرىر]سەپكۈننىڭ رەڭگى، شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى قاتارلىق تىپىك بولغان كلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى
[تەھرىر]1. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن بولغان بولسا، قاننىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىش، قان تازىلاش چارىسى قوللىنىلىدۇ.
2. موزا تەملىك بەلغەمدىن بولغان بولسا، بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ بېرىپ، بەدەندە ماددا پىشقانلىق بەلگە-ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلىغا سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىلىنى قوشۇپ بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ.
3. سەۋدا خىلىتىنىڭ مىقدارى ئارتىپ كېتىشتىن بولسا، سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى بېرىلىپ، بەدەندە ماددا پىشقانلىق بەلگە-ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى بېرىلىپ ماددا تازىلىنىدۇ.
سېلىشتۇرما دىئاگنوزى
[تەھرىر]قارا داغ كېسىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
بۇ كېسەلمۇ يۈز تېرىسىدە بولىدۇ. نورمالنى تېرىدىن چېگرىسى ئېنىق بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. كېپەكلىشىدۇ، ئېغىرلىرىدا قۇتۇردەك قېلىنلىشىپ قىچىشىش بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى
[تەھرىر]قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن بولغان بولسا، قان تازىلاش مەقسىتىدە ئىترىفىل چۆبچىن 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، ئىترىفىل شەھتەررە 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، شەربىتى مۇسەفاى خۇن 30 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ تاللاپ بېرىلىدۇ.
موزا تەملىك بەلغەمدىن بولغان بولسا، بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ بېرىپ، ماددا پىشقانلىق بەلگە-ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن مەتبۇخى مائۇلجەبەن 30 مىللىتىردىن ئۈچ ۋاخ بېرىلىپ ماددا تازىلىنىدۇ. سەۋدا خىلىتىنىڭ مىقدارى ئارتىپ كېتىىدىن بولغان بولسا، سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى بېرىلىپ، بەدەندە ماددا پىشقانلىق بەلگە-ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، مەتبۇخى ئەفتىمۇن 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ بېرىلىپ ماددا تازىلىنىدۇ.
ئاندىن يۇقىرىقى سەۋەبلەرنىڭ قايسى بىرىدە كېلىپ چىققان بولسا، ئاساسىي دالغۇچى دورىلاردىن ئىترىفىل شاھتەررە 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، ئامىلە نۇشدارى لوئلوۋى 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، ئىترىفىل كەبىر 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ تاللاپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى نۇسخىلارنىڭ بىر خىلى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
1. 15گرام گۈرۈچنى سۈتتە قاينىتىپ، سىرتتىن چېپىش، مەدەستاننى ئەرقى شاھتەررىگە سۈرۈپ چېپىش لازىم.
2. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىسسىق سۇ بىلەن يۈزىنى پاكىزە يۇيۇپ، مەلۇم مىقداردىكى ھەسەلنى چېپىش ياكى مائۇلھەسەلدە يۇيۇش لازىم.
3. تەرخەمەك ئۇرۇقى سىرتتىن چېپىلىدۇ.
4. موزا 30 گرام، ئاقىرقەرھە 15 گرام، نۇشۇدور 10 گرام، قىزىل زەمچە 10 گرام ئېلىپ، ھەممىسىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قايماق بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ كەچتە يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.
5. 10 گرام نىشاستىنى تۇخۇم ئېقىغا ئارىلاشتۇرۇپ چېپىلىدۇ.
6. ھۆل ياڭاق مېغىزىنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ چېپىلىدۇ.
7. 10گرام سەۋسەن يىلتىزىنى ئەرقى شاھتەررىگە سۈرۈپ، 15 گرام گۈل يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ چېپىلىدۇ.
8. سەدەپ ئىككى گرام، مەرۋايىت ئىككى گرام، ئىسپىغۇل 10 گرام، مەرۋايىت بىلەن سەدەپنى يۇمشاق سوقۇپ، ئۇنىڭغا ئىسپىغۇلنىڭ لوئابىنى چىقىرىپ ئارىلاشتۇرۇپ چېپىلىدۇ.
9. بەش گرام تاباشىر بىلەن بەش گرام سەدەپنى يۇمشاق سوقۇپ، ئۇنىڭغا بەش گرام بېھى ئۇرۇقىنىڭ لۇئابىنى ۋە تۇخۇم ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ چېپىلىدۇ.