Jump to content

شائىر ئىمىن ئەھمىدى يەتمىش سەككىز ياشتا

ئورنى Wikipedia

شائىر ئىمىن ئەھمىدى يەتمىش سەككىز ياشتا

ئابدۇللا تۇرسۇن بىخلانى

ئاخپارات ۋاسىتىلىرىدا «بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر» دېگەن سۆزنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. پېشقەدەم شائىر، تۆھپىكار تەرجىمان، مائارىپچى، ئەدەبىيات- سەنئەت تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور، ئۇستاز ئىمىن ئەھمىدى ئاكا دەل «بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر» ئەدىب. ئۇ 1942-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيەسىنىڭ ياندۇرما يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «ئوتقا تۇغۇلغان بالا»، «سۆيۈلگەن يىللار»، «بەخت ناخشىسى»، «گۈلگۈن دالالار» قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى، «بۆرە تۇتىمى»، «پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى»، «غەربىي يۇرت شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق ئۆلمەس تەرجىمە ئەسەرلىرى، «مەدەنىيەت ۋە تەپەككۇر» قاتارلىق ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ يوقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن سىرت، ئىمىن ئەھمىدى ئاكا تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئىلىم سورۇنلىرىمىزنى تېرەن پىكىرلىرى بىلەن جۇلالاندۇرۇپ كەلدى. ئۇ شېئىرىيەت، پىروزا، مەدەنىيەت، سەنئەت، تەرجىمە قاتارلىق ساھەلەردە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەل قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالدى. مانا مۇشۇنداق تۆھپىكار ئۇستازلارنى قەدىرلەش، ئۇلارغا تون كىيگۈزۈش، ئۇلار توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىش ھەر بىر قەلەمكەشنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەم شۇنداقلا ئىپتىخارىدۇر.

ئۇنتۇلماس دەملەر

2015-يىلى ئانا مەكتىپىم مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. چۈنكى ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم قەلب تۆرۈمدىن ئورۇن ئالغان، يېزىقچىلىقتىكى غايىبانە ئۇستازلاردىن ئىمىن ئەھمىدى ئاكا قاتارلىق ئەدىب، تەتقىقاتچىلىرىمىز بىلەن دىدارلىشىپ، بۇ مۆھتەرەملەر قاتارى يىغىندا ئاددىيغىنە ماقالەمنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇستازلارنىڭ تېرەن پىكىرلىرىنى، ئىلمىي كۆزقاراشلىرىنى ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ ئاڭلاش پۇرسىتىگە تۇنجى قېتىم ئېرىشتىم. نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ بۇ مۆھتەرەملىرىمىز بىلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇش ئەمەس، ئۆمرىدە بىرەر قېتىم دىدارلىشىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ، ئەمما مەن ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىپ، سۆھبەتتە بولۇش شەرىپىگە نائىل بولۇپ، چەكسىز ئىپتىخارلاندىم. شۇ يىغىندا ئوقۇغان ماقالەم ئاددىي بولسىمۇ، ئۇستازلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتىم. ئىمىن ئەھمىدى ئاكا، غەيرەت ئاسىم ئاكىلار مېنى ئايرىم چاقىرىپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى. شۇ قېتىمقى يىغىن خۇلاسىسىدە ئىمىن ئەھمىدى ئاكا ئالايىتەن: «ساۋاقداش ئابدۇللانىڭ ماقالىسىنى يەنە داۋاملىق پىششىقلاش زۆرۈر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەمدىلا تولۇق كۇرۇس ئىككىنچى يىللىقتا تۇرۇپ مۇشۇنداق چوڭ يىغىندا تەمتىرىمەي ماقالە ئوقۇشى مەندە چوڭقۇر تەسر قالدۇردى. ياشلار تېخىمۇ تىرىشىشى، نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى تېخىمۇ پۇختىلىشى كېرەك. مۇشۇ يولدا تىرىشسىلا چوقۇم ياخشى نەتىجە چىقىدۇ، سېنىڭ ماقالە ئوقۇۋاتقان ھالىتىڭنى، ئىشەنچ بىلەن سۆزلەشلىرىڭدىن رەھمەتلىك مۇتەللىپ سېيىتنى كۆرگەندەك بولدۇم» دېگەن. بۇ سۆزلەر ماڭا زور ئىلھام بەرگەن. ماقالەم شۇنچىلىك ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما ئۇستازلارنىڭ رىغبىتى مېنىڭ ئەدەبىيات قوينىغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىشىمگە، داۋاملىق ئىزدىنىشىمگە، جۈملىدىن قايتىدىن ئۆزۈمنى رۇسلىشىمغا مۇھىم تۈرتكە بولغان.

كېيىن ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ پېشقەدەم ئۇستاز ئىمىن ئەھمىدى ئاكا بىلەن تۆت سائەتتەك سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى، تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ قەلبىمدىكى ھۆرمەت ئۇچقۇنلىرى تېخىمۇ يالقۇنجاپ لاۋىلدىدى... ئىمىن ئەھمىدى ئاكا شېئىرىيەتنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك قەلەم تەۋرىتىپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك شېئىرىي تالانتىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ھەر پارچە شېئىرىدىن يىراق ئۆتمۈش، رېئال ھايات، كەلگۈسى مەنزىل چىرماشقان ھالدىكى ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ كارتىنىسىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئانا تۇپراقنىڭ ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ناھايىتى تېتىملىق بولۇپ، شوئارۋازلىق، قەسىدىچىلىك، شەكىلۋازلىقتىن خالى، پەند-نەسىھەتتىن يىراق. ئۇ تۇيغۇ ئىزدەپ ياشايدۇ، ئۇنىڭ تۇيغۇسى مۇھەببەتتۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن «مۇھەببەت، سۆيگۈ» دېگەندەك قېلىپلىشىپ كەتكەن ئىبارىلەرنى ئاز ئۇچراتساقمۇ، يەنىلا قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى سادىقلىق، يالقۇنجاپ تۇرغان مۇھەببەت تىۋىشلىرىنى ئاڭلىيالايمىز. قىسقىسى، ئىمىن ئەھمىدى ئاكىدەك پۈتۈن ئۆمرىدە شېئىر، ئەدەبىيات-سەنئەت دەپلا ياشىغان، يەنە كېلىپ، مەسىلىلەرگە كەڭ دائىرىدىن سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئىلمىي يوسۇندا يەكۈن چىقىرىدىغان، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنالىغان، تەرجىمە ساھەسىدىمۇ بىر ئۈلۈش تۆھپە قوشۇپ، جەمئىيىتىمىزگە زۆرۈر بولغان تېمىدىكى ئەسەرلەرنى خەلققە سۇنغان ھەم رەھبەرلىك سەھنىسىدە تۇرۇپ زىيالىيلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ بەجاندىللىق بىلەن خىزمەت قىلغان كۆپ قىرلىق زاتنىڭ قەلب تۆرىمىزدىن ئورۇن ئېلىشى مۇقەررەر ئىشتۇر.

مەن ئاخىرىدا، پىشقەدەم شائىر، تۆھپىكار تەرجىمان، مائارىپچى، ئەدەبىيات-سەنئەت تەتقىقاتچىسى، جامائەت ئەربابى، پروفېسسور، ئۇستاز ئىمىن ئەھمىدى ئاكىنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەش بىلەن بىرگە بۇ مۆھتىرەمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، ئەسەرلىرىنىڭ تېخىمۇ تېتىملىق بولۇشىنى تىلەيمەن.

(بۇ تېمىدىكى مەزمۇن ۋە سۈرەتلەر «جەۋھەر» سالونىدىن پايدىلىنىپ تەييارلاندى)