شاتۇتى

ئورنى Wikipedia

تۇتىقۇش تۈرلىرى ئاساسلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلباغ ۋە تىروپىك بەلباغنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىرى، مېۋىلىك باغ، ئېتىز - ئېرىق ۋە بىپايان ئوتلاق قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :شاتۇتى


ئىنگلىزچە نامى :Parrots

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :قۇشلار سىنىپى

تۈركۈمى :تۇتىسىمانلار ئەترىتى شاتۇتى تۈركۇمى

ئائىلىسى :قۇش ئائىلىسىدىكىلەر ۋە پۆپۈچەكلىك تۇتىقۇشى ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :82 ئۇرۇقدىشى بار

تۈرى :358 خىل تۈرى بار

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى

لاتىنچە نامى :Paittacide

باشقا نامى :تۇتىقۇش

سىرتقى شەكىلى[تەھرىرلەش]

6پارچەشاتۇتىشاتۇتى تۇتىقۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭ بېشى يۇمىلاق ، پەيلىرى ھەم كۆركەم ، ھەم چىرايلىق ، تۇمشۇقى قاتتىق ، ئەگمەچ،  ناھايىتى چىۋەر ، ھەرىكەتچان .

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • سىرتقى شەكىلى
  • ياشاش قانۇنىيىتى
  • ئالاھىدىلىكى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ياشاش قانۇنىيىتى[تەھرىرلەش]

14پارچەشاتۇتىتۇتىقۇش تۈرلىرى ئاساسلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلباغ ۋە تىروپىك بەلباغنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىرى،  مېۋىلىك باغ، ئېتىز - ئېرىق ۋە بىپايان ئوتلاق قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ. تاغلىقلاردا شاتۇتىنىڭ تۈرى بىر قەدەر ئاز، مەسىلەن ، پاپۇئا بالخور تۇتى، جون جەمەتى بالخور تۇتى، جۇڭگونىڭ يېشىل تۇتى قاتارلىقلار بار. ئۇلار ئادەتتە جورىسى ۋە جەمەت شەكىللەنگەن كىچىك توپ بولۇپ، ئورمانلىقتا دەرەخ ئۈستىدە ئاساسلىق دەرەخ كامىرىنى ئۇۋا ياساپ  چېكەتكە، يۇمران يوپۇرماق قاتارلىقلارنى ئۇزۇقلۇق قىلىپ ياشايدۇ. شاتۇتىنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل پەيلىرى ، ئادەم تىلىنى ئۈگۈنەلەيدىغان ئالاھىدىلىكى بولغاچقا ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن زوقلۇنىدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ . شاتۇتى « قۇشلار گۈزىلى » دېيىلىشكە مۇناسىپ . ئۇلارنىڭ ئۇچلۇق تۇمشۇقى ۋە ئۆتكۈر پۇت تىرناقلىرى بولۇپ ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ پوستىنى ئاجرىتىپ يىيەلەيدۇ . چىشى ۋە ئەركەك شاتۇتىلار جۈپ بولۇپ بىرگە ياشاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئايرىلمايدۇ .

ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

18پارچەشاتۇتىشاتۇتىنىڭ تەقلىدىي ئاۋاز چىقىرىش تالانتى بولۇپ ، ئۇ ئاڭلىغان ئاۋازنى دورىيالايدۇ . مەسلەن، تېلىفۇن سېگنالى، ئادمنىڭ سۆزلىگەن سۆزى ، ئېيىتقان ناخشىنىڭ ئاۋازى ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ ئاۋازى قاتارلىقلار. ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدە مەشىق قىلدۇرۇشى ئارقىلىق شاتۇتى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلىپلا قالماي، يەنە تېخى ئادەملەرنى دوراپ گەپ قىلالايدۇ. ئەسلىدە شاتۇتىنىڭ كېكىردىكىدىكى ئاۋازنى كونترول قىلىدىغان مۇسكۇلىلرى ئاھالىدە تەرەققىي قىلغاچقا ،ئاۋازنى ئوچۇق چىقىرالايدۇ. شاتۇتىنىڭ تىلى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە. يۇمشاق ھەمدە ھەرىكەتچان بولغاچقا ،ئاجايىپ-غارايىپ ئاۋازلارنى چىقىرالايدۇ. شاتۇتنىڭ ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى ياخشى، ئادەملەرنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىنى ئەينەن دورالايدۇ. شاتۇتىغا سۆزلەشنى مەشىق قىلدۇرغاندا، ئادەتتە تاڭ سەھەر ۋاقتىنى ياكى تىنىچراق مۇھىتنى تاللاش كېرەك. دەسلىپىدە <<ياخشۇمۇ>>، <<قارشى>> دېگەنگە ئوخشاش ئاددي ، قىسقا جۈملىلەردىن باشلاش كېرەك. ھەر كۈنى ئوخشاش بىر سۆزنى ياكى تەكرار ئۆگىتىۋەرگەندە، ئۇ بىر جۈملە سۆزنى بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئۆگىنىپ بولالايدۇ.