Jump to content

شارلوت (كارتون)

ئورنى Wikipedia

«شارلوت» P.A تەرىپىدىن ئىشلەنگەن 2015-يىللىق ياپون كارتون تېلېۋىزىيە تىياتىرى. يوشىيۇكى ئاساي (قېلىپ:Lang-ja) ئىشلىگەن ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان.

فىلىم ۋەقەلىكى

[تەھرىر]

«شارلوت» ناملىق بۇ كارتون فىلىمىدە ئوتوساكا يۇ (乙坂 有宇, Otosaka Yuu) تۇيۇقسىز ئۆزىدە بىر خىل غەلىتە ئىقتىدار پەيدا بولۇپ قالغىنىنى ھېس قىلىدىغانلىقى، بىراق ئۇ بۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەنلىكى، لېكىن ئۇ مەكتەپكە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تومورى ئىسىملىك بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكنى بىر قىسىم ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنغان.

تومورى ئىسىملىك بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان شۇ چاغدىلا ئۇ بۇ سىرلىق ئىقتىدارنى چۈشىنىپ يىتىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ تومورى ئىسىملىك قىز بىلەن بىللە ئۆزىگە ئوخشاش ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ ۋە باشقا ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەجرىبە ئوبيىكتى بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.

ئىشلىگەن ئورۇن

[تەھرىر]

Key ستودىيەسى، بۇ ستودىيە ياپونىيەدىكى ئاتاقلىق ئويۇن شېركىتى، كىشىنىڭ كۆڭلىنى چېكىدىغان، كۆزگە ياش ئالدۇرىدىغان كارتون ۋە ئويۇنلارنى ئىشلەپ داڭ چىقارغان. بۇ شېركەتنىڭ Clannad، Air، Kanon لاردىن ئىبارەت ئۈچ ئەسىرى ئۈچ چوڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ.

ئارتىس-خىزمەتچىلەر

[تەھرىر]