شاكراماتال

ئورنى Wikipedia

بۇددا ئالىمى---شاكراماتال

شاكراماتال قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەشھۇر بۇددا ئالىمى، تىلشۇناس.ئۇ ئۆزىنىڭ بىرقاتار ئىلمىي پائالىيەتلىرى ۋە ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت غەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ ، تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەربابى. شاكراماتالنىڭ مۇپەسسەل تەرجىمىھالى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە دائىر تەپسىلى مەلۇماتلار يېتەرلىك ئەمەس.شۇنداقتىمۇ قولىمىزدىكى ئازغىنە مەنبەلەرگە تايىنىپ ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە يورۇتۇپ بېرىشكە پۈتۈنلەي ھەقلىقمىز.

شاكراماتال مىلادى 736-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋە ياشىغان دەۋرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋىرگە توغرا كېلىدۇ. شۇ چاغدىكى خەنزۇچە مەنبەلەردە قەشقەر << سۇلىگو( 疏 勒国 )دەپ ئاتىلاتتى.شۇڭا شاكراماتالغا ئائىت خەنزۇچە مەنبەلەردە << شاكراماتال سۇلىگودىن، فامىلىسى پېي(裴 氏) >>دەپ قەيىت قىلىنغان.

شاكراماتال دەسلەپ << ئۈچ يۈرۈش نوملار توپلىمى >>دىكى نوم -ئەھكاملارنى پىششىق ئىگىلەش بېلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇددا دىنىنىڭ ھەر قايسى مەزھەپلىرىدىكى بۇددا كالاملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۈگەنگەن ۋە ئۇنى تەتقىق قىلغان. ئۇ نۇرغۇن قەدىمىي قول يازمىلار بۇددا پۈتۈكلىرى ۋە بۇددا كالاملىرىنى ئەتراپلىق توپلىغان ۋە شۇ ئاساستا << بارلىق نوم ئىبارىلىرىغا شەرھى>>(<< 一切经音义>>)ناملىق 100جىلىدلىق مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ چىقىپ 1مىڭ300قسىم ، 7مىڭ500جىلىددىن ئارتۇق بۇددا نوملىرىدىكى سۆز _ئىبارىلەرگە شەرھى يازغان.بۇ ئەسەرلەر كېيىن <<ماتال شەرھىلىرى >>(<< 慧綝经音义>>) دەپ ئاتىلىپ ناھايتى كەڭ دائىرىدە تارقالغان.

ماتېرىياللاردا خاتىرلىنىشە، ئۇ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرىنى جىنيۈەننىڭ 4-يىلى (788-يىلى)دىن يۈەنخېنىڭ 5-يىلى (810-يىلى)غىچە چاڭئەندىكى شىمىڭ ئىبادەتخانىسىدا يازغانلىقى مەلۇم.شاكراماتال 84ياش ئۆمۈر كۆرۈپ مىلادى 820-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.

يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شاكراماتال ئۆز زامانىسىدا ئانا تىلىدىن باشقا تابغاچ(خەنزۇ)، سانسىكرىت تىللىرىنى ناھايتى پىششىق ئىگىلىگەن.ئەنەتكەك(ھىندىستان)، كاپكا(كەشمىر)دىن تارتىپ ئۇدۇن، كۈسەن، قۇجۇغىچە ھەتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە كەڭ تارقالغان نۇرغۇن بۇددا نوم-سوترىلىرىنى توپلاپ ، ئۇنى ئەستايىدىل مۇتائىلە قىلىپ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئەشۇ بۇددا نوم-سوترىلىرىنىڭ تەلەپپۇز ۋە مەنالىرىنى مۇپەسسەل يوسۇندا شەرھىلىگەن يىتۈك تىلشۇناس ۋە ئالىم.ئۇ يازغان << بارلىق نوم ئىبارىلىرىغا شەرھى>> ناملىق ئەسەر ئۆز زامانىسىدا كەڭ تارقالغان بارلىق نوم ئىبارىلىرىنىڭ تەلەپپۇز ۋە مەنىلىرىنى يېشىپ شەرھىلەشتە ناھايتى موھىم رول ئويناپ << ئىزاھلىق لۇغەت>> بولۇشتەك رولىنى توللۇق جارىي قىلدۇرغان.

ئەپسۇسلىنارلىقى ،ئۇيغۇر بۇددىزىم مەدەنىيتىدە موھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۇ بۈيۈك نامايەندە ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى ئەۋلادلار ئالدىدا قايتا نامايان قىلىش ئىشى يېتەرلىك ئىشلەنمىدى. ئەدناسى، بۇ ئالىمنىڭ <<شاكراماتال >> دېگەن ئىسمىمۇ ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا تا ھازىرغىچە << پىر خۇيلان>> دېگەن خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئېلىنىۋاتىدۇ.