Jump to content

شامالباغ بازىرى

ئورنى Wikipedia
شامالباغ بازىرى

夏马勒巴格镇.Shamalbagh town

قەشقەر شەھىرى (قىزىل) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
شەھەر قەشقەر شەھىرى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 14 دانە
نوپۇس 68 مىڭ
يەر مەيدانى 15 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
شەھەر باشلىقى يالقۇن ماخمۇت
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q
تور بېكەت قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

شامالباغ بازىرى قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى قارمىقىدىكى بازارلىق بولۇپ، ئۇنىڭ قارمىقىدا 122 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. قەشقەر شەھەر رايونىنىڭ غەربىي شىمالغا جايلاشقان. شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ. تۈمەن دەرياسى ۋە قىزىل دەريا ئوتتۇرىسىدىن ھالقىغان كۆلىمى 15 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

مەمۇرىي رايونلىرى

[تەھرىر]

شامالباغ بازىرىنىڭ تۆۋەنكى قارمىقىدا ئۇنىڭغا 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنى :

  • ئاياغ پاختەكلە كەنتى (​阿亚格帕合太克里村)،
  • ئەسكىسار كەنتى (​艾斯克萨村)،
  • ئۈجمىلىك كەنتى (​玉吉米力克村)،
  • تورغاي لەڭگەر كەنتى (​吐尕依兰干村)،
  • توغراقلىق مازار كەنتى (شەھەرنىڭ غەربى كەنتى) (​托格拉克力克麻扎村) (城西村)،
  • جالامەھەللىسى كەنتى (​加拉买里斯村)،
  • سوقا كۆلبېشى كەنتى (​索喀库勒贝希村)،
  • سۈزۈكبۇلاق كەنتى (苏孜克布拉克村)
  • سىركىچى كەنتى (斯尔克其村)،
  • شامالباغ كەنتى (夏马勒巴格村)،
  • قۇرۇقتېرەك كەنتى (​库如克铁热克村)،
  • قىزىلدۆۋە كەنتى (​克孜勒都维村)،
  • كۆكئېرىق ھويلا كەنتى (​科克艾日克霍依拉村)،
  • يالغۇزقەبرە كەنتى (​亚勒古孜开比日村)،

قاتارلىقلار.

ئىقتىسادى

[تەھرىر]

شامالباغ بازىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىقى بۇغداي،قوناق , شال، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قوشۇمچە كەسىپتە كۆپرەك ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. يېزا-بازار كارخانىلىرىدا قەغەز، بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، مىللىي بۇيۇملار، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، ياغاچ جاھازىلار، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

مەدەنىيىتى

[تەھرىر]

شامالباغ بازار پارتكومىدىكىلەر ئۆزلىرى ئىتوت، ناخشا ئۇسسۇل قاتارلىق ئۇيۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. كىمنىڭ سەنئەت ماھارىتى بولسا جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇنداقتاق بولغاندا كەنتتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىگە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدۇ. شامالباغ بازار پارتكوم رەھبەرلىكى ھەر يۈرۈش پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەزمۇن قىلىنغان بىر ئايدا بىر قېتىم مەركەزلىك تەشۋىقات قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەپ، لېكسىيە ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئارقىدىن ھەر كىم ئۆز ماھارىتى كۆرسىتىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىر]