شامچىلىقىمىز

ئورنى Wikipedia

     خەلقىمىزدە شامچىلىق ئۇزاق تارىخ ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە. زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن شامچىلىق كەسپىدە، خەلقىمىز شامنى كالا، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ تاشلاندۇق ياغلىرى بىلەن شاخار ۋە يىپنى خۇرۇچ قىلىپ ياسايدۇ.

    ياغ تەييارلاش ئۇسۇلى: شامچىلار كۆيۈك دېگەن ئۆسۈملۈكنى ھۆل ۋاقتىدا كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن شاخار تەييارلايدۇ، شاخارنى تالقانلاپ، سۇ قوشۇپ كالا، ئۆچكە يېغى ۋە باشقا تاشلاندۇق ياغلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىدۇ. شاخار ياغنىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىدۇ ۋە دۇغلىرىنى تارىتىپ قازان تېگىگە چۆكتۈرىدۇ. ئاندىن ئېرىگەن ياغ سۈزۈۋېلىنىپ، قازاندىكى شاخار دۇغى تازىلىنىدۇ. شۇ ئۇسۇلدا ياغنى بىر قانچە قېتىم  شاخار بىلەن قايناتقاندا، ياغ  قولغا يېپىشمايدىغان بولىدۇ، ئاندىن ياغنى سۈزۈك سۇ بىلەن بىر قېتىم قاينىتىپ، چايقاپ، شاخار دۇغلىرىنى تامامەن چىقىرىۋېتىپ، ساپ ياغ سۈزۈۋېلىنىدۇ.

    شام تۈرى ۋە قېلىپ ياساش: شام ئاق، قىزىل ئىككى خىل بولىدۇ. شامنىڭ ئەڭ چوڭلىرى 40 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، توملىقى ھەرخىل ئۆلچەمدە بولىدۇ،  پانۇس، پوۋىسكا(پوچتا) شاملىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ شاملار تاۋار سۈپىتىدە قىزىل ياسىلىدۇ. ئادەتتىكى شاملار 20 – 25 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ، رەڭگى تاللانمايدۇ. ياسىلىدىغان قېلىپ يۇقىرىقى ئۆلچەمگە لايىق بولۇپ، بىر ئۇچى ئۇچلۇق، يەنە بىر ئۇچى دۈگىلەك  شەكىلدە بولىدۇ.

    شام قۇيۇش ئۇسۇلى: قېلىپقا ئۆلچەپ تۆشۈك تېشىلگەن تاختايغا قېلىپنىڭ ئۇچلۇق ئۇچىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرغۇزۇپ، قېلىپ ئوتتۇرىسىغا پىلىك يىپى تارتىپ، تەييارلانغان ساپ ياغ ئېرىتىپ قۇيۇلىدۇ. قۇيۇلغان ياغ قىشتا ئون مىنۇتتا، يازدا 20 مىنۇتتا قاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شام تەييار بولىدۇ.[1]

  1. ئاپتۇر: بۇمەريەم شېرىپ خۇشتار؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:8- 05- 23 12:32 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-05/23/content_74294.htm؛