شانلىق ئەجداد روھىدىن بىر كۆرۈنۈش: تەڭرىم! تاجاۋۇزچىلارنى تارمار قىلمىغۇچە جېنىمنى ئالما!
شانلىق ئەجداد روھىدىن بىر كۆرۈنۈش: تەڭرىم! تاجاۋۇزچىلارنى تارمار قىلمىغۇچە جېنىمنى ئالما!
«...شۇنداق قىلىپ ھىجرىيە 408 - يىلىمۇ كىرىپ كەلدى. بۇ يىلى تۈركىستان سۇلتانى قاراخان ئالەمدىن ئۆتتى. بەزى تارىخچىلار قاراخاننىڭ ھىجرىيە 406 - يىلى تۈركىستان دىيارى بولمىش كاشغەردە ۋاپات بولغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ. ئەسلىدە قاراخان شۇ يىلى بىتاپ بولۇپ يېتىپ قالغانىدى. بەزى تۈرك قەبىلىلىرى ۋە قاراخىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور كۆلەملىك چىن قوشۇنى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۇنىڭ يۇرتىغا بېسىپ كەلمەكچى بولدى. قاراخان ئۇلارغا قارشى ئاتلىنىش ئۈچۈن ئاللاھقا مۇناجات قىلىپ ئۆزىگە شىپالىق بېرىشىنى، خىتاي قوشۇنىنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەندىن كېيىن باشقا نېمە كەلسە مەيلى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ دۇئا قىلدى. دېگەندەك سۇلتاننىڭ كېسىلى ساقايدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان دەرھال پۈتكۈل قوشۇننى توپلاپ چىن قوشۇنىنى تارمار قىلىشقا ئاتلاندى. چىن قوشۇنى شۇ ۋاقىتتا ئۈچ يۈزمىڭ چېدىرلىق قوشۇنغا ئىگە بولۇپ، سۇلتان ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربىسى بىلەن ئىككى يۈز مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى ئۆلتۈردى، يۈز مىڭچە كىشىنى ئەسىر ئېلىپ سان - ساناقسىز غەنىيمەتلەر بىلەن بالاساغۇنغا قايتىپ كەلدى. قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇلتان ئالەمدىن ئۆتتى. سۇلتان قاراخان ھەقىقەتەن دىنى مۇستەھكەم، ئادالەتپەرۋەر سۇلتان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىسى ساھابىلەردىن سەئد ئىبنى مۇئاز ئەلئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سەرگۈزەشتىسىگە نەقەدەر ئوخشىغان - ھە! مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ (خەندەك غازىتى مەزگىلىدە) ئاللاھتىن ئۆزىنى تاكى بەنى قۇرەيزە غازىتىغا قاتناشقانغا قەدەر قەبزى روھ قىلماي تۇرۇشىنى تىلىگەن ئىدى. دېگەندەك ئۇنىڭ جەڭدىكى يارىسى تاكى رەسۇلۇللاھ بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنى جازالاپ ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىكىنى ئۆلتۈرۈپ، سۈرگۈن قىلىشقا تېگىشلىكىنى سۈرگۈن قىلىپ توختىغانغا قەدەر ئەدىمەي تۇردى. ئىشلار ئاخىرلىشىشى بىلەن بىردىنلا سەئدنىڭ يارىسى قاناشقا باشلىدى ۋە بۇ ئالەمدىن خوشلاشتى. سۇلتان قاراخانمۇ خۇددى شۇ ساھابىغا ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. سۇلتاننىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ نەسر ئەھمەد ئىبنى ئەلى تۇغانخان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قېرىندىشى ئەبۇلمۇزەپپەر ئارسلان خان تەختكە ئولتۇرغانىدى».
مەشھۇر تارىخچى ئەبۇلفىدا (ھ. 672 – 732 / م. 1273 – 1331) نىڭ «المختصر في تاريخ البشر» ناملىق كىتابىدىن ئۈزۈندە.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى