شاھىمەردان ئىمىن

ئورنى Wikipedia

شاھىمەردان ئىمىن  1985-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سانجى دا تۇغۇلغان. 2000-يىلى 9-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، تولۇق ئوتتۇرىنى گۇاڭجۇ دا ئوقۇغان. گىتتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىش، مودېل چولپىنى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شاھىمەردان ئىمىن
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1985-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى جۇڭنەن مالىيە-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى سانجى
كەسپى گىتتار، ناخشىىچى، مودېل, تۈرمە ساقچىسى

ھايات شەجەرىسى[تەھرىرلەش]

شاھىمەردان ئىمىن، 1985-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سانجى دا تۇغۇلغان. 2000-يىلى 9-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، تولۇق ئوتتۇرىنى گۇاڭجۇ دا ئوقۇغان.

2004-يىلى 9-ئايدا جۇڭنەن مالىيە-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، ۋۇخەندە تولۇق كۇرسنى ئوقۇپ، 2008-يىلى 7-ئايدا پۈتتۈرگەن.

ئالاھىدىلىكى: گىتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىش، مودېللىق، پۇتبول قاتارلىقلار .....

2005-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋۇخەن شەھەرنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلق ناخشىلىرى» مۇسابىقىسىدىن باشلاپ سەنئەت ساھەسىگە كىرىپ كەتكەن.

ئۇتۇقلىرى، سەنەت ھاياتى[تەھرىرلەش]

شاھىمەردان ئىمىن 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋۇخەن شەھەرنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلق ناخشىلىرى» مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇزىكا ئەترىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى خۇبېي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار 4-ماي مەدەنىيەت بايرىمىدا، ئىجادىي ناخشىسى «كىرورەن» بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىجادىي ناخشا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى «تۇڭيى قىزىل چېيى ناخشا مۇسابىقىسى»دە خۇڭجۇڭ رايونىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2005-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى 2005-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «ۋۇخەن ھازىرقى زامان مۇزىكا بايرىمى» غا قاتناشقان.

2005-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلگەن «قايتا ئېيتىش ئورۇنلۇق ناخشا كېچىلىكى»گە قاتناشقان.

2006-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى خۇبېي ئۆلكىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك گىتار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مۇزىكا ئەترىتى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2006-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتىدا ۋۇخەن ئىجادىيەت مۇزىكا بايرىمىغا قاتناشقان.

2006-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ۋۇخەندىكى «سول كۆز مەيخانىسى»دا تېڭشۈن مۇزىكا سەھىپىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

2006-يىلى 6-ئايدا ۋەنجۇڭ "e" يۇلتۇزى ئىنتېرنېت تور مۇزىكا تالانتلىقلار مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ، ئىنتېرنېت توردىكى دەرىجسى بىرىنچى بولۇپ، "كىرورەن" ناملىق ناخشىسى 2006-يىللىق 10 مۇنەۋۋەر تور ناخشىسى بولۇپ باھالانغان.

2006-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك تېلېۋىزىيە مودېل مۇسابىقىسىنىڭ خۇبېي مۇسابىقە رايونىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ۋە تەشۋىقات فىلىمىنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىغا قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، شاھىمەردان 2006-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن خۇڭجىنداداڭ CCTV تېلېۋىزىيە مودېلى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت مۇسابىقە رايونى بويىچە ئون مۇنەۋۋەر مودېل ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر تالانت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا توختاملىشىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ توختاملىق سەنئەتكار بولغان

ئوبراز ۋەكىلى[تەھرىرلەش]

2007-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو-ئامېرىكا بىرلىكتە مەبلەغ سالغان «ئوۋمەيشىپۇ سافا» غا ئوبراز ۋەكىلى بولغان ھەمدە ئېلانىنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىغا قاتناشقان.

2007-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ (ئېلچى) كىيىمىگە ئوبراز ۋەكىلى بولغان ھەمدە كۈزلۈك كىيىمى ئېلانىنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىغا قاتناشقان.

2008-يىلى 2-ئايدا (ئوۋمەيشىپۇ سافا) ئېلانىنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىغا قاتناشقان.

2006-يىلى 10-ئايلىق «MODEL» ژۇرنىلى، 2006-يىلى 11-ئايلىق «جەلپكار ئەپەندى» ژۇرنىلى، 2007-يىلى 4-ئايلىق «ئالدىنقى سەپ» ژۇرنىلى قاتارلىقلار.

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئىزدە قامۇسى http://wiki.izda.com/?a=show&id=7883