شىرزات نۇر

ئورنى Wikipedia

ھۆججەت:Shirzatnur.jpg


شىرزات نۇر، 18 ياش، 1990-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى توغۇلغان. بەش يېرىم ياشتا ئۈرۈمچى جىچېڭ سېلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە خەنزۇچىدا ئوقۇپ، 1999-يىلى شۇ مەكتەپنىڭ ئۇيۇشتۇرغان ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىككە ئېرىشكەن.


2001-يىلدىن 2002-يىلغىچە بېيجىڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىلى قوش تىل كۇرسىدا «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» مۇنەۋۋەر پېئونېر بولۇپ باھالانغان. 2003-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو بېيجىڭ ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇپ، 2008-يىلى 6-ئايدا ئۇسسۇل كۇرسىنى پۈتتۈردى. قىزىقىشى ۋە ئارتۇقچىلىقى: ئۇسسۇل ئويناش، گىتتار چېلىش، رويال چېلىش، ناخشا ئېيتىش، ساياھەت قىلىش، فىلىم ئىشلەش، مودېل مېڭىش، مۇشۇ يېقىنقى يىلاردىن بۇيان 1999-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ كىچىك ئۆسمۈرلەر ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە 2-بولۇپ باھالانغان. 2003-يىلىدىن 2007-يىلغىچە تەيۋەنلىك ناخشا چولپىنى چىچىنىڭ چوڭ تىپتىكى ناخشا كېچىلىكىنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولۇپ قاتناشقان. 2006-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ 100 قىسىملىق «پەن-تېخنىكا سارىيىدىكى ھېكايە» دېگەن فىلىمىنىڭ 20 قىسىمىدا ئاساسلىق رول ئالغان. 2006-يىلى سىملىق تېلېۋىزيە ئىستانىسىسى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغان. 2007-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە نومۇردا ئىككى ناخشا ئېيتقان. 2007-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ بالىلار مەشرىپىدە «بىلىم» دېگەن ناخشىنى ئېيتقان. 2008-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ بالىلار بايرىمىلىق ۋە يەر تەۋرەشكە ئالاھىدە نومۇر «مۇھەببەتكە تولسۇن كەڭ دۇنيا» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىغان.