شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى(1)

ئورنى Wikipedia

شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى(1)

ئەركىن سىدىق


مەن ئەسلىدە كېيىنكى يازمام ئۈچۈن باشقا بىر مەزمۇننى ئويلاشقان ئىدىم. لېكىن، «شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟» دېگەن يازمام تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بەزى تورداشلار ھازىر ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئېغىر مەسىلىنىڭ بىرسى، قانداق قىلىپ قۇرۇلۇپ بولغان شىركەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەسلىدىكى پىلانىمنى ئۆزگەرتىپ، ئالدى بىلەن مۇشۇ مەزمۇن ئۈستىدە توختىلىشنى قارار قىلدىم. مەن باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆز ئالدىمىزغا شىركەت قۇرۇشقا 4 قېتىم ئۇرۇنۇپ باقتىم. لېكىن ئۇ شىركەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە رەسمىي قۇرۇلۇپ باقمىدى. شۇڭلاشقا مېنىڭ تۆۋەندە يازىدىغىنىم بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرگە ھازىرچە «موللامنىڭ قىلغىنىنى قىلما، دېگىنىنى قىل» دېگەندەك بىر نەرسە بولۇپ تۇيۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. بىز ھېلىقى شىركەتلەرنى خۇسۇسى كاپىتالىستلاردىن مەبلەغ پۇلى ئېلىپ قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇ شىركەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق قۇرۇلماسلىقى مەبلەغ پۇلى ھەل بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرماقچى بولغان بىلىملەرنىڭ ئاساسىي قىسمى ئامېرىكىدىكى بىر مۇتەخەسسىسنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. بۇ مۇتەخەسسىس خانىمنىڭ ئىسمى «Deborah Cole Micek» بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ كەسپىي كىنىشكىسىغا ئېرىشكەن «كەسپىي كىشىلىك ھەرىكەت ئانالىزچىسى» ۋە «ئىگىلىك ئىستراتېگىيىچىسى» ئىكەن. بۇ خانىم ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق قىمار شەھىرى لاس ۋىگاس قا جايلاشقان «RPM مۇۋەپپەقىيەت گۇرۇپپىسى» دېگەن شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيادىكى نۇرغۇن شىركەت ئىگىلىرى ۋە زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن شەخسلەر ئۈچۈن ئىشلەپ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ تور بەت ئادرېسى:

http://www. rpmsuccess. com

مەن بۇ يەردە مۇنداق بىر ئىش توغرىسىدا ئالدىن ئىزاھات بېرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مەن بۇ قېتىمقى مەزمۇن توغرىسىدا تاپقان ئىنگلىزچە ماتېرىياللار مەزمۇن جەھەتتە بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، مەن ئەسلىدىكى مەنىسىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۇلارنى ئۇيغۇرچىدا ئاددىيلاشتۇرۇپ يېزىشقا خېلى تىرىشتىم. شۇنداقتىمۇ بۇ يازمىنىڭ بەزى يەرلىرى يەنىلا دېگەندەك راۋان بولمىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. شۇڭا ئوقۇرمەنلەردىن ئۇنداق يەرلىرىنى تۈزىتىپ ئوقۇپ كېتىشىنى سورايمەن.


1. شىركەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان كىشىلىك سۈپەتلەر


زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن كارخانىچىلارنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بىر قىسىم كىشىلىك سۈپەتلەر بار. Deborah خانىم دۇنيادىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان شىركەت ئىگىلىرى بىلەن ئىگىلىك لېدىرلىرىنىڭ ھاياتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان پەرقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تۆۋەندە چۈشەندۈرۈلىدىغان كىشىلىك سۈپەتلەرنى يەكۈنلەپ چىقىپتۇ. ئۇ خانىم ئۆز تەتقىقاتى ئاساسىدا مۇنداق خۇلاسىگە كېلىپتۇ: ئىگىلىك لېدىرلىرى ئاشۇنداق بولۇپ تۇغۇلغان ئەمەس. ئۇلار تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاشۇنداق بولۇپ تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىققان. تۆۋەندىكىسى Deborah خانىم يەكۈنلەپ چىقارغان 10 كىشىلىك سۈپەتلەردىن ئىبارەت:


(1) ئارزۇ بىلەن ئىرادە، ۋە قاتتىق تىرىشىش روھى («ambition and drive»)


بۇنى Deborah خانىم ئىنگلىزچىدا «ambition and drive» دەپ ئالغان بولۇپ، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە ئىنتېرنېت لۇغىتىدە «ambition» دېگەن سۆزنى «ئارزۇ» دەپ ئېلىپتۇ. لېكىن مېنىڭچە ئۇ سۆزنى «ئارزۇ» دېسە بەك ئاددىي بولۇپ قالىدۇ. «ambition» دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى ئىزاھاتى مۇنداق ئىكەن: «ھوقۇق، شان-شەرەپ، نام ياكى بايلىققا ئوخشاش مەلۇم بىر ئالاھىدە نەتىجە ياكى ئورۇنغا ئېرىشىشكە بولغان سەمىمىي ئارزۇ، ھەمدە ئاشۇ ئارزۇغا يېتىش يولىدا قاتتىق ئىشلەش ئىرادىسى». شۇڭلاشقا مەن بۇ سۆزنى يۇقىرىدا «ئارزۇ بىلەن ئىرادە» دەپ ئالدىم. ئەڭ ياخشىسى سىز بۇ سۆزنىڭ ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى ئىزاھاتىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىڭ. ئىنگلىزچە لۇغەتتە «drive» دېگەن سۆزنىڭ بۇ يەردىكى مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان مەنىسى مۇنداق ئىكەن: «مەلۇم بىر نىشانغا يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن قاتتىق تىرىشىش، پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە قاتتىق ئىرادە بىلەن ئىشلەش». شۇڭا مەن ئۇنى يۇقىرىدا «قاتتىق تىرىشىش روھى» دەپلا ئالدىم. بۇ كىشىلىك سۈپەت سىزنى ھەر خىل توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قىلىش مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنگەن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا زۆرۈر بولغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەۋرەنمەس ئىرادە سىز ھەممە ئۈمىدلەردىن ئايرىلىپ قالغان ناچار ۋاقىتلاردىمۇ سىزنى يەنىلا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىتىدۇ. سىزنى ئۆز ھاياتىڭىز ۋە شىركىتىڭىزنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە مەركىزىي قىممىتىدە ئىزچىل تۈردە چىڭ تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. سىزنى ھەر بىر ئەھۋال ئۈستىدە ئوبيېكتىپ ھالدا ھۆكۈم چىقىرىش ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە سىزنى ھەر دائىم توغرا يۆنىلىشكە باشلايدۇ.


(2) تۈزۈملەشكەن خىزمەت ئىستىلى ۋە سۈپەتكە بولغان يۇقىرى ئۆلچەم


بۇ كىشىلىك سۈپەتنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنى Deborah خانىم ئىنگلىزچىدا «disciplined work ethic» دەپ ئالغان. ئىنگلىزچىدىكى «discipline» دېگەن سۆز غەرب ئەللىرىدە ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مەن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە ئىپادىلەشتە ئەڭ قىينىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭمۇ بىرسى. ئۇنىڭ پېئىل بولۇپ ئىشلىتىلگەندىكى ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى مەنىسى «چېنىقتۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ئارقىلىق مەلۇم بىر تەرتىپ ۋە بوي سۇنۇش ھالىتىدە ئەكېلىش» ئىكەن. يۇقىرىدا بۇ سۆز سۈپەت شەكلىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مەن باشقا مۇۋاپىق سۆز تاپالماي ئۇنى «تۈزۈملەشكەن» دەپ ئالدىم.


بۇ سۈپەت ھەر بىر كىشىگە خاس بولغان سەمىمىيلىك، پۈتۈنلۈك («integrity») ۋە كىشىلەرگە كۆڭۈل بولۇش قاتارلىق سۈپەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ سۈپىتىگە بېغىشلىسىڭىز، ماھىيەتتە ئۆز مەھسۇلاتىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ سۈپەت جەھەتتە باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان ئېسىللىق تامغىسىنى باسقان بولىسىز. ئۆز مەھسۇلاتىڭىزنى يۇقىرى سۈپەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش جەريانىدا ئىش ئۈنۈمىڭىزنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز سىز توغرا ئىش قىلىۋاتقان، ھەمدە ئۆز كۈچىڭىزنى توغرا يۆنىلىشكە مەركەزلەشتۈرۈۋاتقان بولىسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ %80 تىن ئارتۇق ۋاقتىنى «ئىگىلىكنى باشقۇرۇش» قا ئىشلىتىشىڭىز، ھەرگىزمۇ ئىگىلىك سىزنى باشقۇرىدىغان ھالەتكە كىرىپ قالماسلىقىڭىز كېرەك.


(3) جۈرئەت ۋە ئەمەلىي ئىشنى مەركەز قىلىش خىسلىتى («Courage and action-orientation»)


سىز يېتەرلىك دەرىجىدە ئۈمىدۋار بولۇپ، باشقىلار سىناپ بېقىشنى خالىمىغان تەۋەككۈلچىلىكىنى قىلىپ باقماقچى بولغاندا، ئۆزىڭىزنى ناھايىتى چوڭ پايدىغا توغرىلىغان بولىسىز. سىز چوقۇم ئەھۋالنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئوبدان دەڭسەپ كۆرۈپ، تەربىيە ۋە بىلىم ئاساسىغا قۇرۇلغان تەۋەككۈلچىلىكىنى قىلىپ بېقىڭ. بۇ تەۋەككۈلچىلىك ناھايىتى مۇھىم. بۇنىڭغا يۇقىرى دەرىجىلىك جۈرئەت كېتىدۇ. ئۇنداق بولمىغان بولسا ئۇنى ھەممە ئادەم قىلغان بولاتتى. جۈرئەت بىر خىل ھېسسىيات ئەمەس. ئۇ بىر قارار. گەرچە ئالدىنقى قېتىم سىز بىر يېڭى ئىشنى سىناپ بېقىپ مەغلۇپ بولغان بولسىڭىزمۇ، ھەقىقىي جاسارەت سىزنى داۋاملىق ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ. ئەگەر مەغلۇپ بولۇشتىن قورقمىسىڭىز، سىز توختىماي تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولۇپ، سىز قىلغان تەۋەككۈلچىلىكنىڭ بىرسى سىزنى زور ئۇتۇققا ئېرىشتۈرىدۇ.


(4) ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ («Self confidence»)


بۇ سۈپەت بەزىدە سىزنىڭ ئىگىلىكىڭىز ۋە تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھەممە جەھەتلىرىدىكى «توغرا پوزىتسىيە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ ھالقىلىق كىشىلىك سۈپەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىزدە مۇشۇ سۈپەت بولغاندىلا، سىز ئۆزىڭىز كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىپ، ھەر بىر كۈندىكى ھەر بىر مىنۇتتا ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا چىڭ تۇرالايسىز. ھەقىقىي ئىجابىي پوزىتسىيەلىك ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان كېلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ھەرگىزمۇ جاۋابكارلىقنى باشقىلارغا ئىتتەرمەيدۇ. ئىجابىي پوزىتسىيەلىك كىشىلەر ئۆزى قىلىدىغان ھەر بىر ئىشتا تەشەببۇسكار بولىدۇ (Kowey ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى ئىچىدىكى 1-ئادەتكە قاراڭ). ئۇلار سەۋەبنى جەمئىيەت ئىقتىسادىغا، تەلەيسىزلىككە، ناچار مۇناسىۋەتكە، ھاۋا كىلىماتىغا، بىتەلەي ئەھۋاللارغا، بازار ئەھۋالىغا ياكى ئۆز خىزمەتچىلىرىگە دۆڭگىمەيدۇ. تەشەببۇسكار كىشىلەر ئۆز زېھنىنى قانداق قىلىپ باشقىلارنى ئۆزگەرتىشكە مەركەزلەشتۈرمەي، ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە قارىتىدۇ. تۇرمۇش ۋە ئىگىلىككە قارىتا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتىدىغان كىشىلەر ھەر بىر ياخشى ۋە يامان سەرگۈزەشتلىرىدىن تەجرىبە-ساۋاق ئالىدۇ. كەلگۈسىدە ناچار نەتىجە چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئامالىنى تېپىپ چىقالايدۇ.


(5) خىزمەتچى لېدىرلىق («Servant leadership»)


بۇ سۆز ئۆزىنى بىر ئادەتتىكى خىزمەتچى بىلەن ئوخشاش تۇتىدىغان، قول ئاستىدىكى كىشىلەر بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان باشلىقلارغا قارىتىلغان. بۇ سىزنىڭ باشقىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقى ۋە تەشۋىقاتنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقى بىلەن كارىڭىز بولماي، ئۆزىڭىزنىڭ ئىگىلىك پىلانى بويىچە ئۆز ئالدىڭىزغا قارار چىقىرىش، ھەمدە ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنى ئۆزىڭىز بەلگىلىگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ مېڭىش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ناھايىتى ياخشى قارار چىقىرالايدىغان كىشىلەر قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان بولىدۇ (Kowey ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان 7 ئادەت ئىچىدىكى 2-ئادەتكە قاراڭ). ھەمدە ئاخىرقى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋاقىتتىكى ھاياجانلىقنىمۇ كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدۇ. خىزمەتچى لېدىرلار ئۆز قوشۇنى قەيەردە بولسا ئۆزىمۇ يەردە بولۇپ، خىزمەتچىلىرىگە خۇددى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنى كۆز ئالدىغا ئەكىلەلەيدىغان بولۇشنى، ھەمدە ئاخىرقى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەندىكى خۇشاللىق ۋە ھاياجانلىقتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىتىدۇ.


(6) تەپەككۇرغا باي كۆڭۈل («A creative mind»)


ئەگەر سىز بىر يۇقىرى دەرىجىلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشكە بەل باغلىغان بولسىڭىز، ساغلام ھالەتتە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىڭىز ناھايىتى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. زۆرۈر بولغاندا ئۆزگىرەلەيدىغان قابىلىيەت بىلەن ماسلىشىشچانلىقمۇ مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەردۇر. شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى دەسلەپتە باشلىغاندىن تارتىپلا بىر مۇنتىزىم قۇرۇلما ۋە سىستېمىنى ئورنىتىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىز شىركەتنىڭ ئىشلىرى ئۆزلۈكىدىن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ يۈرۈشۈپ ماڭىدۇ، ھەمدە سىز نوقۇل ئۆزگىرىش ئۈچۈنلا بىر نەرسىنى ئۆزگەرتىپ ئولتۇرمايسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىگىلىك پىلانىنى قارارلىق ھالدا قايتا تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ، ئۇنىڭدىكى سىز دەسلەپتە تۇرغۇزغان شىركەت پىلانى ۋە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن ماسلاشمايدىغان قىسمىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىسىز. مانا بۇ ئورۇنلۇق ۋە ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىشنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، سىزدە چوقۇم بىر ئىگىلىك پىلانى بولۇشى، سىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئىگىلىك پىلانىدا بەلگىلەنگەن ئىشلار بولۇشى كېرەك.


(7) ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، تالانتى ۋە ئىش بېجىرىش ئادىتىنى مۇكەممەل چۈشىنىش


سىز ئۆزىڭىزنى باشقا ھەر قانداق ئادەمدىن ياخشىراق چۈشەنگەندە، ئۆزىڭىز پېتىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللارنى ياخشىراق كونترول قىلالايسىز. سىز باشقىلارنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارىغاندا ياخشىراق چۈشەنسىڭىز، ئۇلار بىلەن بىرگە ئىش قىلغاندا توغرا ئۇسۇلنى تاللىيالايسىز. بۇنىڭ سىزگە زور پايدىسى بار. چۈنكى سىز ھازىر مول بىلىمگە ئىگە بولۇپ، بارلىق ئىگىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشنى بىلىسىز. ئەگەر باشقا بىرسى سىزنى ئۆزىڭىزدىن ياخشىراق چۈشەنسە، سىز داۋاملىق بىر قالايمىقان ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىسىز.

داۋامى بار



ئالدىنقى: شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى(2)

كـىيىنكى: مەكتەپ ھاياتىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش توغرىسىدا قىسقىچە تەۋىسىيە