شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ‹‹ئات مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئىگەر››توغرىسىدا

ئورنى Wikipedia

      ئات ئەڭ بۇرۇن كۆندۈرۈلگەن ئەڭ ئەقىللىق ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزگىچە ئات مەدەنىيىتىگە ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئات مەدەنىيىتى ئاتقا مىنىشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىگەرنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن روشەن پەرىققە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئات مىنىشتە ئىشلىتىدىغان ئىگەر باشقا مىللەت كىشىلىرى ئىشلىتىدىغان ئىگەرگە ئوخشىمايدۇ. مەيلى ياسىلىش تەرتىپى، شەكلى ياكى ماتېرىيالى جەھەتتىن بولسۇن روشەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە. ئىگەر ئىگەر ئۇيغۇر سەرراپچىلىقى ۋە ياغاچ قىرمىچىلىق سەنئىتىنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ.

     ئىگەرنى سەرراپچىلىق ۋە قىرمىچىلىق سەنئىتىنىڭ مۇرەككەپ تۈرلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن مەخسۇس ئۇستىلار ياسايدۇ. ئالدى بىلەن ياغاچنى نېپىز، پارچە – پارچە تىلىپ ئاندىن ئۇنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن بىر – بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ توقۇلما شەكلىگە كەلتۈرۈپ، يەر يىلىمى بىلەن بىر – بىرىگە يەملەپ جىپىسلاشتۇرۇپ شەكىل چىقىرىلىدۇ. ئىگەرنىڭ ئالدى تەرىپى، ئىككى يان تەرىپى، كەينى يۆلەنچۈك تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي پارچە تاختايلارنى يەر يىلىمى ئارقىلىق چاپلاپ قاتۇرۇپ ياسىلىدۇ. ئىگەر مۇقىم شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ھۆل توپىغا كۆمۈپ تازا يۇمشىغاندىن كېيىن، تۈكلىرىنى پاكىز قىرىۋىتىپ ھۆل تېرە بىلەن ئىگەر قاپلىنىدۇ. ئاندىن بىر نەچچە كۈن ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇغاندىن كېيىن، ئىشلەتسە ناھايىتى مۇستەھكەم بولىدۇ. بۇنداق قاتۇرۇپ ياسالغان ئىگەرنى نەچچە ئون يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىگەرگە تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە توغرا كەلسە مەخسۇس توقۇلغان خوتەن گېلىمى بىلەن قاپلىسا تېخىمۇ كۆركەم، ھەيۋەتلىك، چىداملىق بولىدۇ. ئىگەرنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە مەخسۇس تۇچ ياكى مىستىن ئىشلەنگەن ئىزەنگۈ ئورنىتىلىدۇ. ئىزەنگۈنىڭ رولى ئاتقا مىنىش ھەم ئات ئۈستىدە مەھكەم ئولتۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم. ئىگەرگە يەنە مەخسۇس تەييارلانغان خرۇمدىن ئىشلەنگەن تۆش تارتقۇ ئورنىتىلىدۇ.

     ئۇيغۇرلار ياسىغان ئىگەرنىڭ شەكلى ئۆزگىچە، كۆركەم، چىرايلىق، چىداملىق، نەپىس بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پىشقان ھۆنەر – سەنئىتىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۇپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدىمۇ ئۇيغۇرلار ياسىغان ئىگەرگە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. شۇ دەۋرلەردىمۇ ئۇيغۇرلار ئىگەرنى خوتەن گىلىمى بىلەن نەپىس، چىرايلىق قاپلاپ تۇچ ياكى مىستىن ياسالغان ئىزەنگۈ ئورنىتىپ ئىشلەتكەن.

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگەر ياساش ماھارىتى ئاتنىڭ شەكلىگە ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئات ئاسان يېغىر بولۇپ قالمايدۇ. ئاتقا مىنگەن كىشىگىمۇ ئالاھىدە سۆلەت، قامەت بېغىشلايدۇ، ئېغىرلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىمۇ ئات ۋە ئىگەر مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ئىگەر ھازىرقى دەۋىردىمۇ ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.[1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ؛ۋاقىت:2008- 09- 10 11:38 ؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-09/10/content_111003.htm؛