Jump to content

شىنجاڭ-تىبەت تۆمۈريولى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر - تىبەت تۆمۈر يولى (ئاددىي خەنچە: 新藏铁路؛ ئېنگلىزچە: Xinjiang–Tibet railway) پىلان باسقۇچىدىكى تۆمۈريول قۇرلۇشى تۈرى بولۇپ، 2025 - يىلى 7- ئاۋغۇستتا شىنجاڭ - تىبەت تۆمۈر يولى شىركىتى قۇرۇلغان.

ھەققىدە

[تەھرىر]

ئۇيغۇر - تىبەت تۆمۈر يولى خوتەن - رىكازې تۆمۈر يولى ۋە لاسا - شىگاتسە تۆمۈر يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش يولى بولۇپ، شىمالدا ئۇيغۇر خوتەن شەھىرىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا تىبەتنىڭ شىگاتسە شەھىرى ۋە لىخاسا شەھىرىگىچە بارىدۇ. 2022 - يىل 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «<14 - بەش يىل> لىق زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىيات يىرىك پىلانى»دا، ئۇيغۇر - تىبەت تۆمۈريولىنىڭ خوتەن - شىگاتسە بۆلىكىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2022 - يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت تۆمۈريول ماددىي ئەشيا چەكلىك شىركىتى ئۇيغۇر - تىبەت تۆمۈريولىنىڭ خوتەن - شىگاتسە بۆلىكىنى تەكشۈرۈش - لايىھەلەشكە خېرىدار چاقىرىش ئېلانى چىقاردى[1].

ئەھمىيىتى

[تەھرىر]

ئۇيغۇر-تىبەت تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈشى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن تىبەتنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇب رايونىدىكى تۆمۈريول غول لىنىيەسىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر بىلەن تىبەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئۇلىنىش-مەنبە

[تەھرىر]
  1. بۇ يىل شىنجاڭ-شىزاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ--خەلق تورى--人民网