شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى

ئورنى Wikipedia

شىركەت ھەققىدە[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى 2000-يىلى ئۈرۈمچى قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرىدا قۇرۇلغان، ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغى بەش مىليون يۈەن.شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى Android يان تېلېفون، iPhoneيان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، كومپيۇتېر، ئەقلىي تېلېۋىزور قاتارلىق ئەقلىي ئۈسكۈنىلەردە تەڭلا ئىشلەيدىغان سۇپىلارنى تەتقىق قىلىپ قۇرۇش،Android ،iOS ،Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ھەرخىل كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ( يانفون، تاختا كومپيۇتېر) گە كۆپ تىللىق ئەپلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، كۆپ تىللىق كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئاساس، ھەر قايسى كەسپىي ئورۇنلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى، تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ھەم ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن باشقۇرۇش سىستېمىسى تۈزۈپ بېرىشنى بىر گەۋدە قىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسپىي كارخانا. شىركەت كەسىپتە پىشقان، بىلىمى مول، مۇلازىمەتتە قىزغىن، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇرلىشىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلالايدىغان، غەيرەت جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئىگە؛ ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن ئىشەنچلىك ئورۇن. شىركەتنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش بۆلۈمى شىنجاڭنىڭ يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىش بازىسى بەيخۇاسۈن خەلقئارا ئۇچۇر سارىيى 26 -قەۋەتكە تەسسس قىلىنغان، كۆپ تىللىق يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىدىغان بىردىنبىر مىللى كارخانا ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى نوپۇزلۇق يۇمشاق دېتال ئېچىش شىركەتلىرى بىلەن قوشنىدارلىق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان.

ئەۋزەللىكىمىز[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى سىرتتىن ئېسىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تۇنجى بولۇپ Android مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش؛ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگلىزچە، رۇسچە قاتارلىق يېزىقلارنى ئارىلاش كۆرسىتىش؛ ئۇيغۇرچە ۋە باشقا يېزىقلارنى ئارىلاش كىرگۈزۈش تېخنىكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ بولاق يېڭىدىن ياسالغان ھەرقانداق ئەپكە سىڭدۈرمە قىلىنسا، شۇ ئەپ Android 2.2 نەشرىدىن يۇقىرى ھەرقانداق تىل- يېزىق، ماركا، نەشىر، تىپتىكى يان تېلېفون سىستېمىسىنى قايتا قاچىلىماي، تېلېفون سىستېمىسىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش قىلمىغان ئەھۋالدىمۇ، ئۇيغۇر يېزىقىنى نورمال كىرگۈزۈشنى، تەھرىرلەشنى، كۆرسىتىشنى، ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن باشقا يېزىقنى ئارىلاش كۆرسىتىشنى نورمال قوللايدۇ. بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئوموملىشىشى ئازسانلىق مىللەت ئەقلىي يان تېلېفون ئەپلىرىنىڭ تۈركۈملەپ ياسىلىشىغا تۈرتكە بولغۇسى ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە يېزىقىمىزنىڭ ئومۇملىشىشغا ئاساس سالغۇسى.

تەتقىقات ئوبىكتى[تەھرىرلەش]

Android يان تېلېفون، iPhone يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، كومپيۇتېر، ئەقلىي تېلېۋىزور قاتارلىق ئەقلىي ئۈسكۈنىلەردە تەڭلا ئىشلەيدىغان سۇپىلارنى تەتقىق قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خەلقىمىزنى مول مەزمۇنلار بىلەن تېز ھەم توسالغۇسىز تەمىنلەيدۇ. Android ،iOS ، Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ھەرخىل كۆچمە ئۈسكۈنىلەر (يانفون، تاختا كومپيۇتېر) گە كۆپ تىللىق ئەپلەرنى تەتقىق قىلىپ ئاچىدۇ؛ كۆپ تىللىق كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئاچىدۇ؛ ھەر قايسى كەسپىي ئورۇنلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى، تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ ؛ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن باشقۇرۇش سىستېمىسى تۈزۈپ بېرىدۇ.

شىركەتنىڭ شۇئارى[تەھرىرلەش]

تېخنىكا _ ئاساسىمىز ، مۇكەممەلىك _ نىشانىمىز شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى ئىشلەپ چىققان مەھسۇلاتلار ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ خەلقىمىزنىڭ ماددى ، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقانلىقى ۋە قولايلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولدى. شىركىتىمىز ئىلغار تېخنىكا، ئەلا مۇلازىمەت ۋە ئۈلگە تۈر ئارقىلىق خېرىدارلىرىمىزنى ئاكتىپلىق بىلەن كۆپەيىتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ساھەلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىشىشنى لايىھە، تېخنىكا، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇچۇرلىشىش ئىشلىرىنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىركەتنىڭ كەسپى ئوبرازىنى تىكلىدۇق.

كارخانا ئىدىيىسى[تەھرىرلەش]

1. شىركەت مەۋجۇتلىقىنىىڭ مەقسىدى : ئىلىم – پەن تارقىتىش ، خەلقىمىزنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كۆپ تىللىق يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىدىكى مۇھىم ھەم قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ھەل قىلىش. 2. خىزمەتچى خادىملار شىركەتنىڭ مۇھىم بايلىقى : يۇقىرى پەن-تېخنىكا يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىدە خادىملارنىڭ ئىقتىدارى، ئىجادچانلىقى، تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقى، شىركەتنىڭ ھاياتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقىنى بەلگىلەيدۇ. خادىملارنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى شۇ خادىمنىڭ خىزمەت نەتىجىسى ۋە سادىقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئۇنىڭ مىللىتى، جىنسى، دىنى ئېتىقادى، جىسمانىي ئاجىزلىقى، مىجەز-خاراكتېرى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتسىز. 3. كوللېكتىپ روھى بولسا شىركەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ كاپالىتى : ئۆز ئارزۇسى ۋە مەنپەئەتىنى كوللېكتىپ مەنپەئەتىدىن يۇقىرى قويىدىغانلار شىركەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. 4. ئابونتلار ھەممىدىن ئەلا: ئابونتلارنىڭ پىكرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم بارلىق خىزمەتلەردە ئابونتلارنىڭ ھەرخىل تەلەپلىرىنى ئۈزلۈكسىز قانائەتلەندۈرىدۇ. ئابونتلارغا ئىزچىل سەمىمىي خىزمەت قىلىش شىركىتىمىز ئۈچۈن بىر بۈيۈك مەنزىل. 5. ماركىنىڭ قىممىتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ : زىيانغا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق بايلىقلار ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەڭ تەس بولىدىغىنى ماركا . شۇڭا بىز تىجارەت داۋامىدا ماركىنى قوغداش ۋە ماركا ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويىمىز. 6. ھەمكارلاشقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىىپ، ھەمكارلىقنى قەدىرلەيمىز : ھەمكارلىق بولسا رىقابەتتىنمۇ مۇھىم تۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەت ئامىلى، شۇڭا ئىناۋەتلىك كارخانىلار بىلەن ئۈزلۈكسىز ھەمكارلىق ئورنىتىش - بىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس پىرىنسىپىمىز. 7. ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ھالدا ئۈستىمىزگە ئالىمىز: ئىلغار كارخانىلار جەمئىيەتتە مۇقەررەر ھالدا ئىلغار كارخانا پۇقراسى بولىدۇ. شۇڭا ئىنسانىيەت ئورتاق ئەخلاقىغا ۋە مەزكۈر دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈمىگە رىئايە قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئاڭلىق ھالدا ئۆتەش « 100يىللىق شىركەت» بولالىشىمىزنىڭ ئاساسىي كاپالىتى. 8. شىركەت ئۇچۇرىنى توغرا يەتكۈزۈش : كارخانا ئۇچۇرلىرىمىزنى بىزگە دىققەت قىلىۋاتقان بارلىق ئادەملەرگە ئۈنۈملۈك، تېز ھالدا يەتكۈزىمىز. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تەشۋىقاتلارنى قىلمايمىز.[1]